You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » پىداگوگ دوكتور نۇرنىسا قۇربان خانىم ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىگە مۇدىر بولۇپ سايلاندى

پىداگوگ دوكتور نۇرنىسا قۇربان خانىم ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىگە مۇدىر بولۇپ سايلاندى

ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى قۇرۇلغىنىغا 6 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئانا تىل كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ 4-نۆۋەتلىك مۇدىرىنى سايلاپ چىقتى.

دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى سانتا كىلارىتا شەھرى مەكئالستىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى پىداگوگ دوكتور نۇرنىسا قۇربان خانىم ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىگە مۇدىر بولۇپ سايلاندى. كومىتېت نىزامنامىسىغا ئاساسەن مۇدىر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت سايلامغا قاتنىشالايدۇ.

ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوكتور مەمەت ئېمىن، ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس، ئاكادېمىيە مۇئاۋىن رەئىسىلىرىدىن ئابدۇلخەمىد قاراخان ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال خانىملارمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار مەزكۇر كومىتېتنىڭ سابىق مۇدىرلىرىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ۋە دوتسېنت راھىلە قەشقىرى خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتە ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيىتتى.

پىداگوگ دوكتور نۇرنىسا قۇربان خانىم ئۆزىنىڭ مۇدىرلىق نامىزاتلىق سۆزىدە، كەلگۈسى 3 يىلدا ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ساھەلىرىدىكى تەتقىقاتچى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئالدىنقى يىلى تۈزۈپ چىقىلغان 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە يۈرۈشلەشكەن ئۆلچەملىك ئانا تىل دەرسلىك كىتابنىڭ نوقسانلىرىنى تولۇقلاش، 6- ۋە 7- يىللىقلارنىڭ ئانا تىل دەرسلىك كىتابلىرىنى، ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى ۋە ئويۇن كارتلىرىنى تۈزۈلۈپ چىقىش، مۇھاجىرەتتە كەسپىيلەشكەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ ياسىلىشى ۋە ئانا تىل كۇرسلىرى يىتەرسىز بولغان شەھەر ۋە دۆلەتلەردە ئانا تىل كۇرسلىرى بىلەن ئانا تىل تور سىنىپلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ خىزمەتلەرنى كىملەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

سايلام ئاخىرىدا كۆپچىلىك دپىداگوگ دوكتور نۇرنىسا قۇربان خانىم خانىمنى يېڭى ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشتى.

ئىلاۋە: ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە قاراشلىق بىر تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات كومىتېتى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، تىلشۇناس، تەرجىمان، ئەدىب ۋە تۈركولوگلار باش قوشۇشى بىلەن، 2019-يىلى 21-فېۋرال ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top