You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 5-قارارى تاماملاندى

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 5-قارارى تاماملاندى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە پىلانلانغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تۆتىنچى قارار لېكسىيەلىرى 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا تەشكىللەندى.

ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت نەمەتجان مەمەت ئورخۇن، پىشقەدەم ئىنقىلاپچى، يازغۇچى ۋە سىنارىست مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور پەيزۇللا ئۇيغۇر، گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمتىمىن بەكتۆمۈر قاتارلىقلار، ئۇيغۇرلارغا ۋە ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىدى. تەربىيەلەش كۇرسىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 15- 20 ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

بىئولوگىيەلىك قۇراللار

ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت نەمەتجان مەمەت ئورخۇن، ئوقۇغۇچىلارغا بىئولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە زامانىۋى تەھدىتلىرى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

بىئو-تېخنىكا ۋە گېنېتىكىلىق ساھەسىدە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان نەمەتجان مەمەت ئورخۇن، بىئولوگىيەلىك قوراللارنىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ئۇرۇشلاردا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بىئولوگىيەلىك ئۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە ھازىر بۇ تېخنىكىنىڭ گېنېتىكىلىق ئىنژېنېرلىق تېخنىكىلىىر بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوتسېنت نەمەتجان مەمەت ئورخۇن لېكسىيەسىدە، گېنېتىكىلىق قوراللارنىڭ مەلۇم ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلالايدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA  سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ گېنېتىكىلىق قوراللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇش خەتىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن دائىرىسىدە تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىئوتېخنىكىنىڭ يامان نىيەت بىلەن ئىشلىتىلىشىنىڭ، پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدىمۇ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇنداق تەھدىتلەرگە قارشى پەن-تېخنىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە قورالى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ بىئوتېخنىكا ۋە گېنېتىكىلىق ئىنژېنېرلىق ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىسلىشىپ مۇداپىئە مېخانىزمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، خەلقئارالىق قانۇننىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇرۇش تەھدىتلىرىگە قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

دوتسېنت نەمەتجان مەمەت ئورخۇن، «پەن-تېخنىكا، ئاڭ-چۈشەنچە ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق- بىئولوگىيەلىك ئۇرۇش تەھدىتلىرىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قالقاندۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن لېكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياشلارنى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا يۈزلىنىشى ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇرۇش توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئۇيغۇر تارىخىغا ئىلمىي نەزەر

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور پەيزۇللا ئۇيغۇر لېكسىيەسىدە، ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى مۇھىم ۋەقەلەرنى ۋە ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇسلاردىكى خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنى مىسال كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆتمۈشكە توغرا قاراش، تارىختىن ساۋاق ئېلىش ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇپۇقىنى ئاچىدىغان مەلۇماتلار بەردى.

دوكتور پەيزۇللا ئۇيغۇر، لېكىسيەسىدە 1860-1890 يىللىرى ئارىسىدا خوتەندە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇملار ھەققىدە توختىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ھەبىبۇللاھ خان ھاجىنىڭ رەشىد خان بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ بېسىملارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇ، تارىخ دەرسلىرىنىڭ «مەن بولسام نېمە قىلاتتىم» دېگەن سوئالنى سورىغۇزىدىغان بىر ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ «كەلگىنىدەك كېتىدۇ» دېگەن سۆزىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، تارىختىكى ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلارنىڭمۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور پەيزۇللا ئۇيغۇر، خىتاينىڭ تارىخىي جەريان ئىچىدە داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە دىققەت قاراتتى. شيا سۇلالىسى دەۋرىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ تىل بىرلىكىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، ئوخشاش پېئىل ئۈچۈن بىردىن ئارتۇق سۆز ۋە خەت ئىشلىتىلگەنلىكىنى مىسال كۆرسەتتى.

لېكسىيەسىدە تارىخىي خەرىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى مۇھىم نوقتىلار ھەققىدە توختالغان پەيزۇللار ئۇيغۇر، 744-840 يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرىشىدىكى زېمىنلارنىڭ خىتايدىنمۇ كەڭ رايونلارغا يېيىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇر جۇغراپىيەسىنىڭ تارىخ داۋامىدا كېڭىيىش ۋە تارىيىش دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور پەيزۇللا ئۇيغۇر ئاخىرىدا «خىتاينىڭ داۋاملىق ئۆتمۈشتىن يولغا چىقىپ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىگە يۆنىلىش بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ كەلگۈسىدە قايتىدىن كۈچلىنەلەيدىغانلىقىنى» تەكىتلەپ لېكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى. دوكتور يەنە «ئەتىسىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالمايدۇ» دېگەن سۆز بىلەن، كەلگۈسىگە دائىر ئەندىشىلەرنىڭ جاسارەتلىك قەدەم ئېلىشقا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىگە دىققەت قاراتتى.

ئاسارەتسىز تەپەككۇر: ئەركىنلىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش

پىشقەدەم ئىنقىلاپچى، يازغۇچى ۋە سىنارىست مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى، ياشلارغا پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەركىنلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئەركىن مۇھىت بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئەركىن مۇھىتنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئىجابىي تەسىرلىرىنى گالىلېي قاتارلىق بىرنەچچە تارىخىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ IQ ئوتتۇرىچە قىممىتى 113 بولۇشىغا قارىماي، ئالىملارنىڭ ئەركىنلىكى بوغۇلغانلىقى سەۋەبىدىن تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىنى مىسال كۆرسىتىپ، ئەركىن بولمىغان مۇھىتنىڭ تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىنى چۈشەندۈردى.

مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى دۇنيا مىقياسىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ، تەسلانىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن، ئېلون ماسكنىڭ ئافرىقىدىن، ۋاتسئاپنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئۇكرائىنادىن كۆچۈپ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىدەك ئەمىلىي ئۆرنەكلەر ئارقىلىق، تۇغۇلىشى قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، شەخسىي غايە ۋە ئىرادە ئاساسىدا ئەركىن بىر ئىجدىمائىي مۇھىتنىڭ ياردىمى بىلەن چوڭ مۇۋاقىيەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى، نوپۇس جەھەتتە بىر قەدەر يېقىن بولغان ئەمما خەلقىگە بېرىلگەن ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىك جەھەتتە چوڭ پەرقلەر بولغان ئىككى دۆلەتتىن نوبېل مۇكاپاتىغان ئېرىشكەنلەرنىڭ ھىندىستاندا 30، خىتايدا پەقەت 3 كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەركىن مۇھىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەت ۋە تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.

تەيۋەننىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتىكى خەلقئارالىق مۇھىم ئورنى، سۇرىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئوغلى بولغان ستېۋ جوبسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن جۇغراپىيەلىك شارائىتلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تۇنجى مۇسۇلمان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى فىزىكا ئالىمى مۇھەممەد ئابدۇسالامنىڭ پاكىستاندىكى ئەھۋالىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئەزىز سانجارنىڭ ئىلھام توختىنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكى ۋە دارون ئاجەمئوغلۇنىڭ تۈركىيە شارائىتىدا نوبېل مۇكاپاتىنى ئالالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانىنى ئەسلەتتى.

مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى يەنە ياپونىيەنىڭ ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تېخنىكا مەركىزىگە ئايلىنىشىنى مىسال كۆرسىتىپ، بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەخلاقىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت ۋە تەرەققىياتقا بولغان تەسىىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى. فىلىپپىندىكى ياپون ئەسكىرىنىڭ ۋەزىپە مەسئۇلىيىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«رەنانىڭ تويى» فىلىمى بىلەن تونۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى كىنو يازغۇچىسى مۇھەممەت ئىمىن ھەزرەت لېكىسيەسىدە يەنە 2016-يىلى توكيودا قاتناشقان يىغىندا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بايان قىلىدىغان بىر سېنارىيە يازغانلىقىنى، ئەمما يۇقىرى چىقىم تۈپەيلىدىن فىلىمنىڭ ئىشلەنمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى نۇتقىنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا ئۈمىد بەخش سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنى يېتەرسىز كۆرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ كەلگۈسىنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئىجاتچىلىرى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نوتۇق ۋە ناتىقلىق 

بۇلاردىن باشقا گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەمتىمىن بەگتۆمۈر ئوقۇغۇچىلارغا، تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ بېشىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان، ناتىقلىقنىڭ مۇھىملىقى ۋە نوتۇق سۆزلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى دەرسلىرىنىڭ داۋامىنى سۆزلەپ بەردى.

دوكتور مەمتىمىن بەگتۆمۈر ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن نوتۇق سۆزلەش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇ، سۆزلەش تېخنىكىلىرى، بەدەن تىلى، ئاۋازنىڭ ئاھاڭى ۋە نۇتۇق سۆزلەش ماھارىتى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك قابىيلىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۆزلەش تېخنىكىلىرى توغرىسىدا پايدىلىق ئۇچۇرلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىغان كىتابلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقاتتى.

دەرس جەريانىدا، ئالدىنقى كۈنى مۇسابىقىدە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى باھالىغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە سۆزلىگەن نوتۇقنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە تەسىرچانلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. لىكسىيە سۆزلەشنىڭ پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىش ۋە يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇننى توغرا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور مەمتىمىن بەگتۆمۈر دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش جەريانىدىكى ئىلگىرلەشلىرىنى تەقدىرلىدى، ئوقۇغۇچىلار، بەش ئوقۇتقۇچىنىڭ باھالىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بەك پايدىلىق بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ بەشىنچى قارارلىق تەربىيەلەش پروگىراممىسى باشتىن-ئاخىرى ياشلارنىڭ لېكسىيەلەرگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى ۋە لېكسىيەلەردىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. بۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرى ھەر ئايدا 2 كۈندىن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top