ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى رەقەملىك نازارەت
دوتسېنت خالدۇن نارمانلىئوغلى (Doç. Dr. Haldun Narmanlıoğlu, Marmara Üniversitesi)
تۇغچە ئىيىگۈنگۆر (Arş. Gör. Tuğçe İyigüngör, Bolu Abant İzzet Baysal Üniversitesi)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئىسمائىل
تەھرىر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن رازىيە مەتتۇرسۇن
قىسقىچە مەزمۇنى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلىرىدىن بىرى رەقەملىك نازارەت تېخنولوگىيىسىدۇر. بۇ تەتقىقات خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان رەقەملىك نازارىتىنى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى پەلسەپىۋىي ھەم ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسلارنى تەتقىق قىلىدۇ. تەتقىقاتتا خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان «باشقىلار»غا تۇتقان پوزىتسىيەسى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە خىتايچە ئاپتونومىيە چۈشەنچىسى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئىجتىمائىي تەرتىپ، دۆلەتكە بويسۇنۇش ۋە كونترول قىلىش پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان كوڭزى ئىدىيىسى بويىچە قۇرۇلغان رەقەملىك نازارەت سىستېمىسى ئىنچىكە تەھلىل قىلىنغان. تەتقىقات مېتودى سۈپىتىدە خىتاينىڭ نازارەت تېخنولوگىيەسى ساھەسىدىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتلار، پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي باياناتلىرى ۋە مېدىيا ماتېرىياللىرى تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەن. تەتقىقات نەتىجىسى كۆرسەتكەندەك، رەقەملىك نازارەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم قوراللارنىڭ بىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستان رەقەملىك نازارەت ئارقىلىق بىر ئوچۇق ھاۋا تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئەركىن ياشىيالىشى ئۈچۈن ھېچقانداق مەيدان قالدۇرۇلمىغان.
كىرىش
نازارەت، تارىخ بويىچە ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ جەمئىيەتلىك تەرتىپنى ساقلاش ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم قورالى بولۇپ كەلگەن. نازارەت ئىجتىمائىي پەنلەردە «پانوپتىكون» چۈشەنچىسى دائىرىسىدە تەتقىق قىلىنماقتا. پانوپتىكون چۈشەنچىسىدە، نازارەت قىلغۇچى ھاكىمىيەت كۆرۈنۈشتە مەۋجۇت بولمىسىمۇ، شەخسلەردە دائىملىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىق ھېسسىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. زامانىۋى دۆلەت ھاكىمىيىتى بۇ خىل نازارەت ئارقىلىق پۇقرالارنى پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن كونترول قىلماقتا. تەرەققىي قىلغان رەقەملىك تېخنولوگىيەلەرنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، باستۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پانوپتىكون ئۇسۇللىرىمۇ تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى.
رەقەملىك نازارەت ئارقىلىق قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ كەسكىن مىساللىرىدىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىدۇر. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيەلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان رەقەملىك نازارىتىنى تەھلىل قىلىشتۇر. تەتقىقات نازارەتنىڭ قوللىنىلىش ئۇسۇللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ تەكشۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، نازارەتنىڭ ئارقىسىدىكى پەلسەپەۋىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئامىللارمۇ تەتقىقاتنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ رايون خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرغۇچى نازارىتىنى پەقەت تېخنولوگىيەلىك ئامىللار بىلەنلا چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. خىتاينىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مەركەزچىلىكى شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى نازارەتنىڭ تارىخىي ئاساسىنى تەشكىل قىلماقتا.
بۇ تەتقىقاتتا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ باشقىلارغا بولغان كۆز قارىشى، خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ھازىرقى زاماندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن كوڭزى پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىنكى قىسىمدا خىتاينىڭ رەقەملىك نازارەت كۈچى تەھلىل قىلىنىپ، 2014-يىلى يولغا قويۇلغان ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى تەتقىق قىلىنغان. تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي قىسمىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى باستۇرغۇچى سىياسەتلىرىنىڭ رەقەملىك تېخنولوگىيەلەر بىلەن بىرلىكتە يەتكەن دەرىجىسى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەتقىقات مېتودى
بۇ تەتقىقات تەنقىدىي تەتقىقات شەكلىدە لايىھەلەنگەن. تەنقىدىي تەتقىقاتتا بىر سىستېما تەشكىللەنگەندە كىمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىنغانلىقى سوئالى مەركەزگە ئېلىنىدۇ. مېررىئامنىڭ «تەنقىدىي سۈپەت تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، «بۇ تەتقىقات يۆنىلىشى كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بىر گۇرۇپپىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاشۇرغان ھالدا باشقىلارنىڭكىنى باستۇرۇشقا ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ». بۇ يۆنىلىشتە خىتايدىكى تېخنولوگىيە ئاساسلىق كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ باستۇرغۇچى دۆلەتنىڭ پايدىسىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا ئىشلىگەنلىكى تەكشۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى رەقەملىك نازارەت قوللىنىشلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئېنىقلىغۇچى/تەسۋىرلىگۈچى تەتقىقات مېتودى قوللىنىلغان. بۇ مېتود بىر ۋەزىيەتنى، شارائىتنى ياكى تەشكىللىك پائالىيەتنى تەسۋىرلەش ۋە تەرىپلەشكە قارىتىلغان. ئەردوغاننىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلگەندەك، تەرىپلىنىدىغان ۋەزىيەتنى ئېنىقلايدىغان ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلانغان ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ. خىتايدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا مەيدان تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك. تاقىلىۋەتكەن باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، نازارەت ھادىسىسىنى بىۋاسىتە تەتقىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ تەتقىقات ھۆججەت تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك نازارىتى ھەققىدىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتلار, پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرى ۋە رەسمىي بايانات-خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلانغان.
نازارەت ئىدېئولوگىيەسى سۈپىتىدە پانوپتىكون
پانوپتىكون سامۇئېل بېنتام تەرىپىدىن 1786-يىلى لايىھەلەنگەن تۈرمە/تۈزىتىش ئۆيى مودېلىدۇر. بۇ چۈشەنچىنىڭ بىر نازارەت ئىدېئولوگىيەسى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ئىنىسى جېرېمى بېنتام تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ لايىھە دەسلەپتە ئىشقا يارىمايدىغان ئىشچىلارنى تەرتىپ ئاستىدا ئىشلىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تۈزىتىش سىستېمىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پانوپتىكون مەركىزىي كۆزىتىش مۇنارىسى ۋە ئۇنى ئورىۋالغان كامېرلاردىن تەشكىل تاپقان چەمبەرسىمان قۇرۇلما بولۇپ، بارلىق مەھبۇسلارنى بىرلا ۋاقىتتا كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. مەھبۇسلار مۇنارىدىكى قاراۋۇللار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىنىدۇ. مۇنارىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، گەرچە قاراۋۇللار كۆرۈنمىسىمۇ، نازارەت قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
پانوپتىكون ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نازارەتنىڭ شەخسلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. بۇ سىستېما ئىنسانلاردا رازىلىق مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشقا خىزمەت قىلىدۇ. بېنتامغا كۆرە بۇ مېخانىزم ئارقىلىق ئەخلاقسىزلىق جازالىنالايدۇ، گۇمانلىقلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنالايدۇ ۋە ھورۇنلارغا ئىش قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
پانوپتىكوننى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ كۈن تەرتىپىگە تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگەن مىشېل فۇكو بولۇپ، ئۇ بۇنى ئومۇمىي بىر ئىدېئولوگىيە ۋە باشقۇرۇش چۈشەنچىسى سۈپىتىدە تەھلىل قىلغان. فۇكوغا كۆرە پانوپتىكون ھاكىمىيەتلەرگە جەمئىيەت ئۈستىدىن ئاسانلىقچە ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. داۋاملىق كۆزىتىلىۋاتقانلىق ئېڭىدا بولغان ئىنسانلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ مېخانىزمدا روھ تەننىڭ تۈرمىسىگە ئايلىنىدۇ. ھاكىمىيەتلەر بۇ يول بىلەن ئۆزى خەتەرلىك دەپ قارىغان ئىنسانلارنى «پايدىلىق پۇقرالار»غا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
نازارەتنىڭ ئېقىشچانلىشىشى
نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارنىڭ قارىشىچە، فۇكونىڭ زامانىۋى نازارەتنى تەتقىق قىلىشتا قوللانغان پانوپتىكون نەزەرىيىسى ھازىرقى ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈشتە يېتەرسىز قالماقتا. باۋمان ۋە لىيون بۇ نۇقتىدا يېڭى بىر چۈشەنچىنى ئىلمىي ساھەگە قوشتى: ئېقىشچان نازارەت. ھازىرقى زاماندىكى تېخنولوگىيەلىك ئىمكانىيەتلەر تۈپەيلىدىن، نازارەت قىلىنىدىغان كىشىلەرنى مەلۇم جايلارغا قاماش زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىدىن كۆتۈرۈلمەكتە.
نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە تەسىرى
بۈگۈنكى رەقەملىك دەۋردە نازارەت سىستېمىلىرى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە ئۇچرىدى. باۋمان ۋە لىيوننىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، نازارەت قىلغۇچى كۈچلەر كۆرۈنمەس ھالغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇ نازارەت ئاساسلىقى كامېرا سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر «جەمئىيەت بىخەتەرلىكى» دېگەن باھانە بىلەن بۇ نازارەت سىستېمىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوللانماقتا.
ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي مېدىيا ئېقىشچان نازارەتنىڭ ئاساسلىق مەيدانىغا ئايلاندى. ئىنسانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش، سودا-سېتىق قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مېدىيادا پروفىل تۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ خەۋەر قىلمىغان ھالدا نازارەت سىستېمىسىغا مەلۇمات تەمىنلىمەكتە. بۇ جەرياندا ئامازون، فېيسبۇك ۋە گۇگۇلغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كرېدىت كارتا ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا شەخسىي مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى ماركېتىڭ ۋە سودا ئىستراتېگىيەلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.
رەقەملىك نازارەتنىڭ كۈچىيىشى ئىككى مۇھىم مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى: بىرىنچىسى، شەخسىي مەخپىيەتلىكنىڭ يوقىلىشى؛ ئىككىنچىسى، جەمئىيەتتە كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ كۈچىيىشى. خىتاي دۆلىتى بۇ تېخنولوگىيەلەرنى ئەڭ ئاكتىپ قوللانغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا رەقەملىك نازارەت بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا كلاسسىك پانوپتىكون نازارىتىنىمۇ قوللانماقتا.
بۇ ماقالە باۋمان ۋە لىيوننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغان بولۇپ، زامانىۋى نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرىنى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغان.
خىتايدىكى باستۇرغۇچى نازارەتنىڭ پەلسەپەۋىي ئاساسلىرى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان باستۇرغۇچى رەقەملىك نازارەتنىڭ يىلتىزلىرى خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مەۋجۇت. خىتاي مەدەنىيىتىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنى كەمسىتىش چۈشەنچىسى خىتاي تارىخىنىڭ ھەر باسقۇچىدا كۆرۈلگەن. مەدەنىيەت پەرقلىرىگە چىداشسىزلىق ۋە خەنزۇ-ياۋايى ئايرىمىسى ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي قاراشلىرىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىدۇر.
باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش خىتاي تارىخىدىكى ئاساسىي سىياسەتتۇر. تارىختا خىتايلار سىياسىي جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشكەندىمۇ، ئوخشاش سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغان. موڭغۇللارنىڭ خىتايلىشىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. خىتايدىكى يەھۇدىي جامائىتىمۇ شۇنداق – خىتايلاشقان يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوشقا گۆشى يېمەسلىك ئەنئەنىسى پەقەت خاتىرىدىلا ساقلىنىپ قالغان. تەتقىقاتچى دىكۆتتېرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيا قارىشى «مەدەنىيەتلىك مەركەز» ۋە «ياۋايى چەت-ئەتراپ» دېگەن تار چۈشەنچىگە ئاساسلانغان.
مەدەنىي خىلمۇخىللىق ۋە مىللىي پەرقلەر خىتاي چۈشەنچىسىدە ھېچقاچان قوبۇل قىلىنمىغان. خىتاي جەمئىيىتىنىڭ پەرقلىقلارنى رەت قىلىش، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يول قويماسلىق ۋە پەرقلىق بولغانلارغا گۇمان بىلەن قاراش خۇسۇسىيىتى، بۈگۈنكى خىتايدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خىتاينىڭ باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسى ئۇنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش پەلسەپىسىدىمۇ ئېنىق ئىپادىلەنگەن. كارلۇكنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىرقى زاماندا خىتاي ئەمەس خەلقلەرگە قارىتىلغان سىياسەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، خىتايچە رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى چۈشىنىش زۆرۈر. بۇ باشقۇرۇش پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى «جىمى» دەپ ئاتىلىدىغان نازارەت سىستېمىسىدۇر.
جىمى سىستېمىسى – خىتاي بولمىغان مىللەت ۋە جامائەتلەرنى بويسۇندۇرۇش، قارام قىلىش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىدۇر. خىتاي بولمىغان مىللەت ۋە جامائەتلەر بىر تەرەپتىن توختاۋسىز نازارەت قىلىنىپ كونترول ئاستىدا تۇتۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە مەجبۇرلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان جىمى پەلسەپىسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە زامانىۋى تېخنولوگىيەلەر ئارقىلىق داۋاملىق نازارەت ۋە كۆزىتىش ئاستىدا تۇتۇلماقتا. شۇنداقلا، رايون خەلقى جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنماقتا.
گلادنېينىڭ (19) پىكرىچە، ئاپتونومىيە سۆزى خىتايچە باشقۇرۇشتا پۈتۈنلەي باشقىچە مەنىگە ئىگە. نورمال ئاپتونومىيە چۈشەنچىسىدە باج-سېلىق، تۇغۇت كونتروللۇقى، مائارىپ، سوت-ھوقۇق ۋە دىنىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىراق خىتايدا بۇنداق كونتروللار ئاپتونوم ھۆكۈمەتلەرنىڭ قولىدا ئەمەس. ھەقىقىي كۈچ رايوننى ئاكتىپ ھالدا كۆزىتىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قولىدا. مۇخېرجىنىڭ (423) قارىشىچە، خىتايدىكى ئاپتونومىيە چۈشەنچىسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە پەقەت مەلۇم مەدەنىيەت ساھەلىرىدىلا ئۈستۈنكى-قارا ھوقۇقلار بېرىلگەن.
خىتاينىڭ باشقىلارنى باشقۇرۇش پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىدا خىتاي بولمىغان رايونلارنى خىتايغا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن بېقىندى قىلىش پىكرى ياتماقتا (كارلۇك، «خىتايلىق» 44). بۇ مەنىدە خىتاينىڭ باشقۇرۇش پەلسەپىسى پانوپتىكون ئىدىيەسى بىلەن ماسلاشماقتا. ھەر ئىككى چۈشەنچىدە ئىنسانلار كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ئارقىلىق پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىققا بېقىندى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا.
رەقەملىك كۆزىتىشتىكى كوڭزىچىلىق چۈشەنچىسى
خىتايچە رەقەملىك كۆزىتىشنىڭ يەنە بىر پەلسەپەۋى ئاساسى كوڭزىچىلىق چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خىتاي بولمىغان خەلقلەرنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىرخىللاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش كوڭزىچىلىق ياكى يېڭى-كوڭزىچىلىق پىكرىگە ئاساسلانماقتا (گلادنېي، 2). كارلۇكنىڭ (2014) كۆزقارىشىچە، «ئەمەلىيەتتە كوڭزىچىلىق قىممەت-قاراشلىرى بىلەن تەرەققىي قىلغان ياكى كۈچەيتىلگەن بويسۇنۇش مەدەنىيىتى ۋە پەرقلىقلاردىن ساقلىنىش ياكى پەرقنى تەھدىت دەپ قاراش مەيلى، مەدەنىي خىلمۇخىللىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ قېلىشىنى دېگۈدەك مۇمكىن بولمايدىغان قىلىپ قويغان.»
1980-يىللاردىن باشلاپ كوڭزىچىلىق پىكرىنىڭ خىتايدا، مەيلى ئاكادېمىك مەيلى سىياسىي ساھەدە، قايتىدىن مۇھىم ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. كوڭزى بۇ مەزگىلدىن باشلاپ يەنە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قارالغان. كوڭزىچىلىق پىكرىنىڭ قايتا جانلىنىشى بىر قانچە سەۋەبكە باغلىنىدۇ: 1. ماركسىزم-لېنىنىزم-مائوچىلىق دۆلەت ئىدىيەسىنىڭ يىمىرىلىش تەندېنسىيەسىگە قارشى، خىتاي سىياسەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ يېڭى بىر ئىدىيەۋى مەنبە ئىزدىشى؛ 2. خىتاي خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش پىكرى؛ 3. كوڭزىچىلىق پىكرىنىڭ خىتاي سىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن دۇنيا گلوباللاشقان مۇھىتتا ھېرارخىيەلىك ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە سىياسىي كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كۈرەش قورالى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى (لى، 5-6).
مەسىلىگە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتايدا كوڭزىچىلىق پىكرىنىڭ تەسىرى كلاسسىك مەتبۇئات دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ. كوڭزىچىلىق كوللېكتىۋىزم ۋە جەمئىيەت قىممەتلىرى خىتاي مەتبۇئات چۈشەنچىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دۆلەت، كونترول ئاستىدىكى مەتبۇئات ئارقىلىق كوڭزىچىلىق ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ داۋاملىشىشىنى مەقسەت قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن خىتايدا مەتبۇئات، مەركىزىي ھېرارخىيەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان. مۇخبىرلار ئۈچۈن شەخسىي پىكىر بىلدۈرۈش ياكى غەرب چۈشەنچىسىدىكىدەك مۇستەقىل بىر كۈچ بولۇپ يېتىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى شەخسىي پىكىر كوڭزىچىلىق ئىجتىمائىي تەرتىپكە تەھدىت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. خىتايدا مەتبۇئاتقا يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. خىتاي مەتبۇئاتىدا كۆپ خىل ھەقىقەت ئەمەس، پەقەت بىرلا ھەقىقەت بار: دۆلەتنىڭ ئېيتقان ياكى قوللىغان ھەقىقىتى (ۋىنفىلد قاتارلىقلار 346-347).
كوڭزىچىلىق چۈشەنچىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۈگۈنكى رەقەملىك كۆزىتىش سىياسەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا. كوڭزىچىلىق پىكرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدىكى سانزۇر ۋە نازارەتنى قانۇنلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان بىر ستراتېگىيەسىگە ئايلانغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان كوڭزىچىلىق پرىنسىپلىرىنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي تەرتىپ، مۇقىملىق، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، سادىقلىق، ھېرارخىيەنى قوبۇل قىلىش، ئائىلە ۋە دۆلەتكە بېغىشلانغانلىق كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش نامىدا ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشى مۇشۇ پىكىرگە ئاساسلانماقتا. دۆلەت مەركەزلىك نۇرغۇن خۇسۇسىي كاپىتالىستىك تېخنولوگىيە شىركەتلىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە ئاساسىي قۇرۇلما جەھەتتىن ياردەم بەرمەكتە. بۇ پەلسەپەۋى ئاساسلار تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئىنتېرنېت سىياسىتى كاپىتالىستىك، مۇستەبىت ۋە كوڭزىچىلىق دەپ سۈپەتلىنەلەيدۇ (جياڭ 71-80).
خىتايدىكى كۆزىتىش تېخنولوگىيەلىرى
خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش، تەرتىپكە سېلىش ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە خىتاي سىبېر بوشلۇقى ئىدارىسىنى (The Cyberspace Administration of China-CAC) قۇرغان (روبېرتس 106-107). گەرچە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ئاددىي تەنقىدلەر مەلۇم دەرىجىدە قوبۇل قىلىنسىمۇ (ماككىننون 33)، ئىنتېرنېتتا ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بىلدۈرگەن قارشى پىكىردىكىلەر ۋە ئاكتىۋىستلار تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدا ۋېيبو ۋە ۋېيچات قاتارلىق مەشھۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ پروگراممىلىرىنىڭ توختاۋسىز كۆزىتىلىشى مۇھىم رول ئوينايدۇ (بى بى سى خىتاي تور ئىشلەتكۈچىلىرى).
خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا قارشى پىكىردىكى گۇرۇپپىلارنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە خىزمەتچىلەرنى تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق داۋاملىق كۆزىتىش ئاستىدا تۇتماقتا (خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى 9). خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت ۋە كۆزىتىش سىياسىتىگە ماسلاشمىغان تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ۋە ئورگانلار بېسىمغا ئۇچرىماقتا. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىغىچە دۆلەت ئىچىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن شىركەتكە تەۋە 700 دىن ئارتۇق تور بېكەتنى ۋە 9,000 دىن ئارتۇق كۆچمە پروگراممىنى تۈزۈم ئىدىيەسىگە ماس كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن چەكلىگەن (بلۇمبېرگ).
خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كامېرالىرىغا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئاي ئېچ ئېس ماركىت تېخنولوگىيەسىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا كۆرە، خىتايدا 2015-يىلى 210 مىليون دانە بولغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ سانى 2018-يىلى 349 مىليونغا كۆپەيگەن (فىلىپپوۋ). 2020-يىلىغا كەلگەندە دۇنيادا ئەڭ كۆپ بىخەتەرلىك كامېراسى بار 10 شەھەرنىڭ 9 ى خىتايدا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 770 مىليون دانە بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ 54 پىرسەنتى خىتايدا بار دەپ مۆلچەرلەنمەكتە (بىسچوفف).
دۇنيادا ئەڭ كۆپ بىخەتەرلىك كامېراسى بار 10 شەھەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە (بىسچوفف):
1- تەيىۋەن (خىتاي) – 3,891,127 كىشىگە 465,255 كامېرا / مىڭ كىشىگە 119.57 كامېرا
2- ۋۇشى (خىتاي) – 3,256,020 كىشىگە 300,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 92.14 كامېرا
3- لوندون (ئەنگلىيە) – 9,304,016 كىشىگە 627,727 كامېرا / مىڭ كىشىگە 67.47 كامېرا
4- چاڭشا (خىتاي) – 4,577,723 كىشىگە 260,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 56.80 كامېرا
5- بېيجىڭ (خىتاي) – 20,462,610 كىشىگە 1,150,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 56.20 كامېرا
6- خاڭجۇ (خىتاي) – 7,642,147 كىشىگە 400,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 52.34 كامېرا
7- كۇنمىڭ (خىتاي) – 4,443,186 كىشىگە 200,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 45.01 كامېرا
8- چىڭداۋ (خىتاي) – 5,619,977 كىشىگە 250,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 44.48 كامېرا
9- شيامېن (خىتاي) – 3,720,141 كىشىگە 150,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 40.32 كامېرا
10- خاربىن (خىتاي) – 6,387,195 كىشىگە 250,000 كامېرا / مىڭ كىشىگە 39.14 كامېرا
خىتاي ھۆكۈمىتى، پۇقرالارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي كۆزىتەلەيدىغان ئىلغار يۈز تونۇش تېخنولوگىيەلىرىدىن پايدىلانماقتا. يۈز تونۇش تېخنولوگىيەلىرى بىخەتەرلىك ۋە ساقچى كۈچلىرى خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ياردەمچى ئېلېمېنتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. خىتايدا ئىشلىتىلىۋاتقان سكاينېت كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ يۈز تونۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىنسان كۆزىدىنمۇ يۇقىرى توغرىلىق نىسبىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. سىستېمىنىڭ تەكشۈرۈپ تونۇش توغرىلىق نىسبىتى 99.8 پىرسەنتكىچە يېتىپ بارىدۇ (يۇشا).
دۆلەت كۆزىتىش تېخنولوگىيىلىرى ساھەسىدە ئىختىساسلاشقان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئۈسكۈنىلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كۆرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساھەدىكى يېڭى تەشەببۇسلارغا چوڭ مەبلەغ ياردىمى بەرمەكتە (ۋۇ ۋە جۇ). تېخنولوگىيىلىك كۆزىتىش قوراللىرى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى بىلەن داۋاملىق ماسلاشتۇرۇلماقتا. خىتايدا كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈنمۇ داۋاملىق يېڭى مەبلەغلەر سېلىنماقتا. سانلىق مەلۇماتلارنى تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرالايدىغان بولۇش مەقسىتىدە شىركەتلەرمۇ توختاۋسىز يېڭى پروگراممىلارنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. مەسىلەن خۇاۋېي، CCTV سىنلىرى ۋە باشقا كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ساقلاش مەقسىتىدە «بىخەتەر شەھەر» (Safe City) سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئىناۋەتلىك پۇقرا ۋە ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زور كۆزىتىش ۋە خاتىرىلەش ئۇل قۇرۇلمىسىنى جەمئىيەتتىكى جىنايەت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە قۇرغانلىقىنى جاكارلىماقتا (لام 2018). بۇ جەھەتتە خىتاي دۆلەت كېڭىشى (گۇوۋۇيۈەن) ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى (ئى ئى س) دەپ ئاتالغان يېڭى كۆزىتىش نىشانلىق تېخنولوگىيەلىك قوللىنىشنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلدى.
ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى ئىناۋىتىنىڭ رەقەملىك كۆزىتىش قوراللىرى بىلەن بەلگىلىنىدىغان بىر سىستېما شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسىنىڭ دىققەت مەركىزى پۇقرانىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەشتۇر. سىستېما پۇقرالارنىڭ ھەم ئاممىۋى سورۇنلاردىكى قىلمىشلىرىنى ھەم ئىنتېرنېت مۇھىتىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدۇ. سىستېمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسىنى ئۆز رايونلىرىدا قوللىنىپ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلدى. 2018-يىلى 7-ئايغا كەلگەندە 40 تىن ئارتۇق شەھەر ۋە ئۆلكە باشقۇرۇش تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى يولغا قويۇلدى.
ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى قائىدىلەرگە بويسۇنىدىغان پۇقرالارنىڭ مۇكاپاتلىنىشىغا ۋە بويسۇنمايدىغان پۇقرالارنىڭ جازالىنىشىغا ئاساسلانماقتا. بۇ مەقسەتتە سىستېما دائىرىسىدە قارا تىزىملىك ۋە قىزىل تىزىملىك تۈزۈلگەن. يۇقىرى نومۇرغا ئىگە ئۈلگىلىك پۇقرالار قىزىل تىزىملىككە ئېلىنغان بولسا، تۆۋەن نومۇرغا ئىگە بولغانلار قارا تىزىملىككە قوشۇلۇپ ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا.
جازالاشنىڭ مەنتىقىسى ئەگەر ئىشەنچ ھەر قانداق يەردە بۇزۇلسا، چەكلىمىلەر ھەر يەردە قوللىنىلىدۇ پىرىنسىپىغا ئاساسلانماقتا. مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسىدا نومۇرى تۆۋەن پۇقرا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىمۇ ياخشى مەكتەپلەرگە تىزىملىتالمايدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قائىدىلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەت قىلغانلىقى بايقالغان كىشىلەرنىڭ مېھمانخانىلاردا تۇرۇشى چەكلىنەلەيدۇ. ھەتتا تۆۋەن نومۇرلۇق پۇقرالارنىڭ ئۆيدە باققان ھايۋانلىرىغا بولغان ھوقۇقىنى يوقاتقانلىقىمۇ كۆرۈلمەكتە. بارلىق جازالار كىشىلەر بىلەن بىرگە بالىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشەنچ نومۇرى تۆۋەن پۇقرانىڭ بالىسىنى خالىغان مەكتەپكە ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس.
سكس سىستېمىسىغا قوشۇلىدىغان يېڭى لايىھە تەرەققىياتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، 2016-يىلى «دۈرۈس شاڭخەي» (Honest Shanghai) ناملىق بىر ئەپنى موبىل تېلېفونلار ئارقىلىق ئىشقا قويۇلغان. بۇ ئەپنى ئىشلەتكۈچى پۇخرالار 24 سائەت ئىچىدە توپلانغان دۆلەت ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە (بەك ياخشى/ياخشى/ناچار) بۆلۈنمەكتە.
شەندوڭ ۋىلايىتىنىڭ روڭچېڭ شەھىرىدە بولسا ئىجتىمائىي كرېدىت سىستېمىسىغا باغلانغان بىر شەھەر ئاھالىسىگە دەسلەپتە 1000 نومۇر بېرىلمەكتە. پۇخرالار كۆرسەتكەن دۈرۈس ھەرىكەتلىرى بىلەن نومۇرلىرىنى ئاشۇرالايدۇ. نامۇۋاپىق ھەرىكەت كۆرسەتكەن پۇخرالار بولسا قولىدىكى نومۇرلىرىنى يوقىتىدۇ. پۇخرالارغا A+++ بىلەن D نومۇر ئارىلىقىدا باھالار بېرىلمەكتە. A+++ نومۇرى دۈرۈستلۈكنىڭ رول مودېلى دەپ تونۇشتۇلسا، D نومۇرلۇق پۇخرالار ساختىپەز دەپ كاتېگورىيىلەنگەن. C نومۇر سەۋىيىسى بولسا كرىتىك چەك ھېسابلىنىدۇ. نومۇرىنى C سەۋىيىسىگە چۈشۈرگەن پۇخرالارغا ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.
شەندۇڭ ۋىلايىتىنىڭ رۇڭچېڭ شەھىرىدە بولسا ئىجتىمائىي كرېدىت سىستېمىسىغا باغلانغان بىر شەھەر ئاھالىسىگە دەسلەپتە 1000 نومۇر بېرىلمەكتە. پۇخرالار كۆرسەتكەن دۈرۈس ھەرىكەتلىرى بىلەن نومۇرلىرىنى ئاشۇرالايدۇ. نامۇۋاپىق ھەرىكەت كۆرسەتكەن پۇخرالار بولسا قولىدىكى نومۇرلىرىنى يوقىتىدۇ. پۇخرالارغا A+++ بىلەن D نومۇر ئارىلىقىدا باھالار بېرىلمەكتە. A+++ نومۇرى دۈرۈستلۈكنىڭ رول مودېلى دەپ تونۇشتۇلسا، D نومۇرلۇق پۇخرالار ساختىپەز دەپ كاتېگورىيىلەنگەن. C نومۇر سەۋىيىسى بولسا كرىتىك چەك ھېسابلىنىدۇ. نومۇرىنى C سەۋىيىسىگە چۈشۈرگەن پۇخرالارغا ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىكى رەقەملىك نازارەت
شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك نازارەت خىتاينىڭ تارىخىي دۆلەت بېسىمىنىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ داۋامىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىمچى كونترول مېخانىزملىرىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان تېخنولوگىيەلەرنى خىتاينىڭ مۇسۇلمان غەربىي ئۆلكىلىرىدە تېخىمۇ سىستېمىلىق شەكىلدە قوللانماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا رەقەملىك نازارەت، جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنتى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە، كىشىلەر ھۆكۈمەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ سىزىقىدا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا.
2009-يىلى ئۇيغۇر پۇقرالىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدا چىققان قالايمىقانچىلىق، 2014-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پۇقرا ئۆلۈملىرى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە چىققان ۋەقەلەردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلاتقان «تېررورىست زوراۋانلىققا زەربە بېرىش» ناملىق ھەركەتلىرىگە باھانە بولغان.
مەزكۇر ھەركەت بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق، ناچار مۇئامىلە ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلاردا چوڭ دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ 2016-يىلى رايوننىڭ باشقۇرۇشىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن تېخنولوگىيەلىك نازارەت ۋە كونترول كەڭ تارقىلىپ سىستېمىلىق ھالغا كەلگەن. ئىدارە چۈشەنچىسى بىلەن رايون خەلقىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي ھاياتى پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنغان.
جامائەت سورۇنلىرىنى كۆزىتىش
خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى CCTV كامېرالارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. يەنە سانى كۆپەيتىلگەن بىخەتەرلىك ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئاساس قۇرۇلمىسى ياخشىلانماقتا. بولۇپمۇ مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت، ئەڭ چەت-چەت كوچىلارغىچە بارلىق جامائەت سورۇنلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشماقتا. شەھەرلەردىكى جامائەت سورۇنلىرىنى كۆزىتىش بىلەنلا قانائەتلەنمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، «ئۆتكۈر كۆزلەر» (Xueliang- Sharp Eyes) سىستېمىسىنى يولغا قويدى. نامى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «خەلقنىڭ كۆزى ئۆتكۈر» شوئارىدىن ئىلھام ئېلىنغان بۇ تۈر (Denyer) بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەرنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، نەگە بارىدىغانلىقى قەدەممۇ-قەدەم نازارەت قىلىنماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى يۇمشاق دېتال پروگراممىلىرىنى پۇقرالارنىڭ ئىشلىتىشى مەجبۇرىي قىلىنغان. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دەپ قارالغان بەيدوۋ (كېمە يولداش يول باشلاش سىستېمىسى-BDS) بىلەن ئىشلەيدىغان بىر يول باشلاش سىستېمىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئاپتوموبىللارغا قاچىلاش مەجبۇرىي قىلىنغان (Phillips).
جامائەت سورۇنلىرىدا كۆزىتىشتىن سىرت كۆزدىن قاچقان نۇقتا قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي سېكتور ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن يېڭى تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا كىرىشمەكتە. بۇ ھەمكارلىق دائىرىسىدە CCTV كامېرالار بىلەن نازارەت قىلغىلى بولمايدىغان رايونلار ئۈچۈن «جاسۇس قۇشلار» (Spy Birds) دەپ ئاتالغان كىچىك كامېرا سىستېمىلىرى ئىشلەپ چىقىرىلغان (Cuthbertson). بايقاش ناھايىتى تەس بولغان جاسۇس قۇشلار، شىمالى-غەربىي پولىتېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىنى پۈتۈنلەي كۆزىتىش ئېھتىياجى بويىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان.
جامائەت سورۇنلىرىدا يالغۇز رەقەملىك كۆزىتىش بىلەنلا قانائەتلەنمىگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، بەزى ئۇيغۇر رايونلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىلەن توسۇپ، خۇددى ئوچۇق ھاۋا تۈرمىسىگە ئايلاندۇرماقتا. مەھەللىلەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا قۇرۇلغان بىخەتەرلىك دەرۋازىلىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى چەكلىمەكتە. كارت بىلەن ئۆتۈش سىستېمىسىغا ئىگە بىخەتەرلىك دەرۋازىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى زۆرۈر دەپ قارىغان مەھەللىلەرنى پېچەتلىمەكتە (Leibold ۋە Deng 143). بۇ ئۇسۇل بىلەن بىر مەھەللىدىكى كىشىلەر سانى، كىملىكى، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىش-چىقىش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلەنمەكتە.
فىزىئولوگىيەلىك پەرقلەرنى بايقاش
شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش سىياسەتلىرىدە «پەرق=تەھدىت» (Karluk، خەنزۇلۇق 26) چۈشەنچىسىنىڭ چوڭ تەسىرى بار. شۇ سەۋەبتىن فىزىئولوگىيەلىك كۆرۈنۈشى پەرقلىق بولغان (Karluk، خەنزۇلۇق 54) شەرقىي تۈركىستان خەلقى جۇڭگو تەرىپىدىن ئالدى بىلەن يۈز تونۇش سىستېمىلىرى ئارقىلىق بايقىلىپ، خاتىرىلىنىشكە تىرىشىلماقتا.
Newlines ئىنستىتۇتى (NLI) تەرىپىدىن 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىلگەن يۈز تونۇش سىستېمىلىرىغا قىلىنغان مەبلەغ سېلىنمىلىرى خاتىرىلەنگەن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يۈز تونۇش سىستېمىسىغا ئىگە سىن كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ھەر شەھەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 46 مىليون دوللار خەجلەنگەن. يۈز تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە سىن سىستېمىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى يەنە دوكلاتتىكى مۇھىم بايقاشلار ئارىسىدىدۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئاۋاز، يۈز ۋە ھەتتا مېڭىش ئۇسلۇبىنىمۇ تونۇيالايدىغان كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى تەمىنلەيدىغان 1,400 دىن ئارتۇق شىركەت بار (Millward ۋە Peterson 1).
ئامېرىكا مەركەزلىك سىن كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ (IPMV) 2021-يىللىق دوكلاتىدا جۇڭگو مەركەزلىك داخۇا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەپچىققان بىر يۇمشاق دېتالى ئاشكارىلانغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، شىركەتنىڭ «ئەقىللىق ساقچى» ناملىق رەقەملىك پروگراممىسىنىڭ ئىچىدە «رېئال ۋاقىتلىق ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى» بار. سىستېما كۆزىتىش كامېرالىرىدىن كەلگەن كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يۈز ئالاھىدىلىكلىرىنى سېلىشتۇرىدۇ. سىستېما بىر ئۇيغۇرنى بايقىغاندا «ئەقىللىق ساقچى» پروگراممىسىغا دوكلات يوللايدۇ. سىستېما يەنە بىر ئۇيغۇر تۇرالغۇسىدىن باشقا بىر يەردە كامېرالارغا چۈشۈپ قالسا رايون ساقچىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ساقچى ئارخىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئىشلەيدىغان سىستېما مەخپىي تېررورلۇققا مەيلى بار ئۇيغۇر سۈپىتى بىلەن ئۇچراشقاندا يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ خاتىرىلەشكە تىرىشماقتا. ئۇيغۇر پۇقرالارنىڭ DNA ياكى ئاۋاز ئۈلگىلىرى قاتارلىق بىئومېتىرىك سانلىق مەلۇماتلىرى بېسىم ۋە زوراۋانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق توپلانماقتا. بىر تەرەپ قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ قارالغان مەلۇم تىپ ۋە ھەرىكەتكە ئىگە پۇقرالارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە (Wang 3).
شەخسىي ئالاقىنىڭ كۆزىتىلىشى
كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش قوللىنىشلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل يانفون پروگراممىلىرىنى ئىشلىتىشنى مەجبۇرىي قىلماقتا. ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا كىشىلەرنىڭ يانفون ئىشلىتىشنى توختىتىشىمۇ قولغا ئېلىنىشقا سەۋەب بولالايدۇ. ھۆكۈمەت رايون خەلقىنىڭ بارلىق شەخسىي ئالاقە قاتنىشىنى نازارەت قىلىپ، خالىغان بارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. شەخسىي ئالاقىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل جاسۇسلۇق پروگراممىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىلماقتا (HRW، دۇنيا دوكلاتى 142).
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە توپلانغان ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ، پوتېنسىيال تەھدىت پەيدا قىلالايدىغان كىشىلەرنى بەلگىلەيدىغان پروگرامما بولغان بىرلەشمە بىرلىكتە ھەرىكەت سۇپىسىنى (Integrated Joint Operations Platform – IJOP) ئاشكارىلىغان. رايوندا IJOP نى قوللىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىلمەكتە:
* شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش
* سىستېما مەسىلىسى بار دەپ بەلگىلىگەن شەخسلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلاش
* گۇمانلىق دەپ قارالغان ئەھۋال ياكى پائالىيەتلەرنىڭ مەلۇم قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش
شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بوي ئۆلچەملىرىدىن، سىياسىي قاراشلىرىغا، دىنىي ئېتىقادلىرىدىن، ماشىنا رەڭلىرىگىچە بولغان بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى توپلىنىپ IJOP نىڭ مەركىزىي سىستېمىسىغا يۈكلەنمەكتە. كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۇلارنىڭ دۆلەتلىك كىملىك نومۇرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلماقتا. IJOP سىستېمىسى بەلگىلىگەن تەھدىت دەرىجىسى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى چەكلىنەلەيدۇ (HRW، دۇنيا دوكلاتى).
خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ئۈچۈن Allen-Ebrahimian تەرىپىدىن 2019-يىلى تەييارلانغان دوكلاتتا IJOP سىستېمىسىنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. 2017-يىلى ئىيۇن ئېيىدا IJOP ئىشلىتىلىپ پەقەت 7 كۈنلۈك مەزگىل ئىچىدە بايقالغان 15,683 كىشى لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەن، 706 كىشى بولسا قولغا ئېلىنغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچىۋالا كۆپ كىشىنىڭ بايقىلالىشى پۈتۈنلەي IJOP سىستېمىسىنىڭ كىملىك ئېنىقلىيالايدىغان ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشقان (Allen-Ebrahimian).
Salutin (20) تەرىپىدىن IJOP سىستېمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا شەرقىي تۈركىستاندا پوتېنسىيال جىنايەت دەپ قارالغان ئەھۋال ۋە ھەرىكەتلەردىن بەزىلىرى مۇنداق تىزىلغان: تۇتقۇن قىلىنغان بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش، ئىشەنچسىز بىر شەخس بولۇش، قانۇنسىز ئىبادەت ئۈچۈن جاي تەمىنلەش، ئۆيدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن دىنىي ماتېرىياللارنى ئېلىش، جۇڭگو تەرىپىدىن چەكلەنگەن تور بەتلىرىگە كىرىش ئۈچۈن مەخپىي ئۇلىنىش ئىشلىتىش، ساقال قويۇش، 16 ياشتىن كىچىك بالىلارغا دىنىي دەرس بېرىش، جامائەت سورۇنلىرىدا ئىبادەت قىلىش، چەتئەلدىكى كىشىلەرگە تېلېفون قىلىش.
دىنىي ھايات ئۈستىدىكى كۆزىتىش
خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا مەركەزلەشمەكتە. رايون خەلقى دىنىي تۇرمۇشىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەلەپلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلانماقتا. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن سىزىلغان دىنىي چەكلىمىلەر ھەر تۈرلۈك خالىغانچە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەجگە بېرىش مۇسۇلمان خەلققە جازا قوللىنىش ئۈچۈن باھانە سۈپىتىدە ئىشلىتىلەلەيدۇ (Jörg 17).
خىتاينىڭ كۆزىتىش ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىك ساھەلىرىنى قانداق قورشىۋالغانلىقى Dominic J. Nardi (2-4) تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى دۆلەت كومىتېتى ئۈچۈن 2019-يىلى تەييارلانغان دوكلاتتا مۇھاكىمە قىلىنغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆزىتىلىشىدە يەنە IJOP سىستېمىسىدىن پايدىلىنىلغانلىقى چۈشىنىلمەكتە. سىستېما، دىنىي ھايات دائىرىسىدە جەمئىي 36 كىشى تىپىنى نىشان قىلماقتا. نىشان تىپلار ئارىسىدا مەسچىتلەر ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن پۇل ياكى نەرسە توپلايدىغان كىشىلەر، ھۆكۈمەت رۇخسىتىسىز ۋەز ئېيتىدىغان كىشىلەر، قارا تىزىملىكتىكى دىن ئەربابلىرىغا ئەگىشىدىغانلار بار.
يەنە دىنىي ئەركىنلىكلەر دائىرىسىدە Greer تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەر خىل پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلىرى جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن باھانە قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە. Greer نىڭ ھەر خىل دوكلاتلاردىن ئالغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھاراق ئىچمەسلىك، ياغلىق ئارتىش، ساقال قويۇش، ئەرەبچە يېزىقلىق كىيىم كىيىش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبتۇر.
شەخسىي تۇرمۇشنىڭ قورشىۋېلىنىشى
Newlines ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ناملىق دوكلاتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى تېخنىكىغا تايانغان كۆزىتىش قوراللىرى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يېرىم ھەربىي كۈچلىرى بىلەنمۇ كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي 2014-يىلىدىن باشلاپ يېرىم ھەربىي كادىرلىرىدىن مىڭلىغان كىشىنى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا تەشكىللىگەن. بۇ گۇرۇپپىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە زىيارەتكە بېرىپ ئۇچۇر توپلاش تەلەپ قىلىنغان. خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇسۇلمان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلەۋاتقان-تەربىيىلىمەيۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاشتۇر (NLI 19).
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىدە كۆزىتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە دوستلۇق نامى ئاستىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى «خەلققە بېرىش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش ۋە قەلبلەرنى بىرلەشتۈرۈش» دەپ ئاتالغان تۈردۇر. بۇ تۈرنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەلقنى ئاڭلاش ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە زىيارەتكە بارغان 200 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئائىلە ئىچىدىكى ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەشتۇر.
2016-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكى ئوخشاش قىلمىشنى بۇ قېتىم يېڭى بىر ئىسىم بىلەن كېڭەيتىپ يولغا قويغان. «ئائىلە بولۇش» دەپ ئاتالغان بۇ تۈرنىڭ مەقسىتى مىللىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ جاكارلانغان. تۈر باشلانغاندا رەسمىي خادىملارنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم زىيارەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بىر يىلدىن كېيىن پروگراممىنى كېڭەيتكەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلەر يېنىدا بىر ھەپتىگىچە قونۇپ مېھمان بولۇشىغا قارار قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە خادىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى مەجبۇرىي مېھمانلىق جەريانىدا پەقەت كۆزىتىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، دۆلەت ئىدىئولوگىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنىمۇ قىلماقتا. پارتىيە ئەزالىرى مېھمانلىق جەريانىدا ئائىلىلەرگە پان-ئىسلامىزم ۋە پان-تۈركىزم پىكىرلىرىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە.
دوكلاتتىكى ئۇچۇرلارنى قوللايدىغان مۇھىم بىر بايقاش Leibold نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرۈلمەكتە Leibold نىڭ قارىشىچە، پارتىيەگە تەۋە كادىرلار ئۇيغۇرلارنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىن يىراقتىن كۆزىتىش بىلەنلا مەسئۇل ئەمەس. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بولۇشى رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە. پارتىيە كادىرلىرى كۈندىلىك قوشنا زىيارەتلىرى ئارقىلىق ئىستىخباراتقا ئۇچۇر يەتكۈزمەكتە.
جازا لاگېرلىرى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار باشتا بولۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق قىرغىز ۋە قازاق پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان مۇسۇلماننى، خىتاي كىملىكىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشۋىقاتلارغا دۇچار قىلىنىدىغان «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دەپ ئاتالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا نەزەربەند قىلماقتا. تۈرمىگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىدە كۆزىتىلىدىغان بۇ لاگېرلاردا تەخمىنەن 3-5 مىليون كىشى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتايدا قانچە لاگېرنىڭ بارلىقى ئېنىق بىلىنمەيدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2020-يىلى قولغا كەلتۈرگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن رايوندا 380 تەربىيەلەش لاگېرى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان (BBC تۈركچە).
ئىچكى ماھىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇلغان لاگېرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى چەكلىك. تەتقىقاتلارنىڭ بەزىلىرى لاگېرلاردا بىر مەزگىل تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلانماقتا. ئەمما مۇستەبىت بىر مۇھىتتا گۇۋاھچىلارغا يېتىشىپ ئۇلارنى سۆزلىتىش مەيلى ئاكادېمىيە دۇنياسى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن بولسۇن ناھايىتى قىيىن بىر ئەھۋالدۇر. چەكلىك بولسىمۇ لاگېرلاردىكى ھايات ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارىسىدا Newlines ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلات بار. گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق ئەركىن جاي قالدۇرۇلمىغان. بارلىق لاگېر بىنالىرى ۋە مۇھىت قۇرۇلمىسى ھەر دائىم كۆزىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. قاراۋۇللار تەرىپىدىن 24 سائەت نازارەت قىلىنىدىغان ياتاقلار يەنە سىن كۆزىتىش سىستېمىلىرى بىلەنمۇ كۆزىتىلمەكتە. دوكلاتقا كۆرە، لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ مەخپىي پەيتلىرىمۇ خاتىرىلەنمەكتە. قىستاڭچىلىق كامېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرگە پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت كۆزىتىش كامېرالىرى ئاستىدا مۇنچا قىلىش ئىمكانىيىتى بېرىلمەكتە (NLI 19-40).
خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) تەرىپىدىن 2019-يىلى قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان بىر ھۆكۈمەت ھۆججىتى لاگېرلارنىڭ قايسى مەقسەتلەر بىلەن لايىھەلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئاپتونوم رايون پارتىيە سىياسىتى ۋە قانۇنىي ئىشلار كومىتېتى (ARPPLAC) تەرىپىدىن تەييارلانغان ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكى ئوچۇق كۆرۈلمەكتە. ھۆججەتتە تەكىتلەنگەن ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بېشىدا قېچىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن لاگېرلارنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئايرىۋېتىلىشى كېرەك. ھۆججەتتە سىن كۆزىتىش قوراللىرىنىڭ، ھۇجۇملارغا قارشى مۇداپىئە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ داۋاملىق ئىشلەيدىغان ھالەتتە تۇرۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ھۆججەتتىكى تەرىپكە كۆرە، ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرى تۈرمىدىن پەرقسىزدۇر. لاگېر بىنالىرىدىكى قەۋەتلەر، كارىدورلار ۋە ياتاقلار قۇلۇپلۇق ئىشىكلەر بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلغان. باشقۇرغۇچىلار بارلىق ئىشىكلەرنىڭ چوقۇم ئىككى قۇلۇپ بىلەن تاقىلىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلماقتا.
لاگېردىكى ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس جەريانىدا، تاماق ئارىلىقىدا، ھاجەتخانا ۋاقتىدا ۋە ئائىلە زىيارەتلىرى جەريانىدا قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق نازارەت قىلىنىشى كېرەكلىكى يەنە ھۆججەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار ئارىسىدا. تەربىيەلىنىۋاتقانلار پەقەت سىرتقا چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەرىجىدە كېسەل بولسىلا لاگېردىن ئايرىلالايدۇ. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم نازارەت ۋە كونترول قىلىدىغان ئالاھىدە ھەمراھچىلار بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىشى كېرەك.
ھۆججەتكە كۆرە، لاگېر باشقۇرغۇچىلىرى كۈندىلىك خەۋپ-خەتەر باھالىشى ئېلىپ بېرىشى، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەرگە قارشى دائىملىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى، لاگېر ئەتراپىدىكى ساقچى پونكىتلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا خىزمەت قىلىشى كېرەك.
ھۆججەتتىكى تەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەقسەتنى ئاشكارىلاپ قويماقتا. ئىدېئولوگىيەلىك تەربىيە ناملىق بۆلەكتە ئوقۇغۇچىلارغا ئىدېئولوگىيەلىك دىنامىكىلارنى چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە. باشقۇرغۇچىلاردىن ئىدېئولوگىيەلىك زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنماقتا. ھۆججەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنسىز، جىنايى ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. خەتەرلىك دەپ قارالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسى ئارقىلىق تۈزىتىلىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا.
ھۆججەت پۈتۈنلەي تەھلىل قىلىنغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەقسىتى بىلەن پانوپتىكون غايىلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ماس كېلىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. چۈنكى پانوپتىكون ئۇسلۇبىدىكى كۆزىتىشنىڭ غايىلىرى ئارىسىدا خۇددى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكىگە ئوخشاش تەرتىپ ۋە كونترول ئارقىلىق بويسۇنىدىغان ئىنسانلار ۋە سىياسىي قونچاقلارنى يارىتىش بار.
كۆزىتىشنىڭ پىسخولوگىيەلىك تەسىرلىرى
ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى قورشىۋالغان خىتاي تىپىدىكى پانوپتىكون قوللىنىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخولوگىيەسىگە مۇھىم تەسىرلىرى بار. رايون خەلقىنىڭ ئۇچرىغان پىسخولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاز بولسىمۇ ھەر خىل تەتقىقاتلاردا ئۇچراشقىلى بولىدۇ. قېچىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلغان كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بېسىمچى كۆزىتىشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇ ھالىتىدە مۇھىم بۇزۇلۇشلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مەسىلەن، Finley (12) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا تېخنىكىلىق كۆزىتىش، سىستېمىلىق كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. Finley تەتقىقات دائىرىسىدە كۆرۈشكەن بەزى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە بۇزۇقلۇقى بايقىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئاستىدا ياشاۋاتقاندا ئاۋاز ئاڭلاش قىلىنىۋاتقان دېگەن ئەندىشە بىلەن ئۆز ئۆيلىرىدە سۆزلەشكەندىمۇ تەپ تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئارىسىدا بولغان بىر گۇرۇپپا بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆزىتىلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ئىشەنچ ۋە ماسلىشىش مەسىلىسى دەپ مەلۇم قىلىنغان. بۇنىڭغا كۆرە، كۆزىتىش يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى بۇزماقتا، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ئازايتماقتا ۋە قورقۇنچ مۇھىتى يارىتىماقتا (Caitlin ۋە Tynen 48). ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان بايقاشلىرى ئالدىنقى بۆلەكلەردە مۇھاكىمە قىلىنغان پانوپتىكون پىكرى بىلەن ماس كېلىدۇ. چۈنكى پانوپتىكون ئىدېئولوگىيەسىدە ئاساسلىقى كىشىلەرگە داۋاملىق كۆزىتىلىۋاتقانلىق قورقۇنچىنى بېرىشتۇر. كىشىلەرنىڭ بۇ قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇشى، قائىدىلەرنى قوبۇل قىلىپ نورمال دەپ قارىشى كۈتۈلمەكتە.
Leibold (1) خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا قوللىنىلغان كۆلەملىك كۆزىتىشنى مۇرەككەپ بىر ئۇسۇل دەپ تەرىپلىمەكتە. ھەقىقەتەنمۇ سەرپ قىلىنغان ماددىي مەنبەلەر، قوللىنىلغان تېخنىكىلىق قوراللار، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار ۋە سەپەرۋەر قىلىنغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە كادىرلىرى ئويلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا قوللىنىلغان بېسىمچى كۆزىتىشكە دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە ئۇچراش مۇمكىن ئەمەس.
خۇلاسە
بۈگۈنكى كۈندە كۆزىتىشكە ئاساسلانغان پانوپتىكون ئىدېئولوگىيەسى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە قوللىنىلماقتا. خىتاينىڭ رەقەملىك نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان گۇرۇپپا شۈبھىسىزكى ئۇيغۇرلاردۇر.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئاممىۋى سورۇنلاردۇر. ھاكىمىيەتنىڭ رەقەملىك كۆزىتىش تورى چوڭ مەيدانلاردىن تارتىپ ئەڭ چەت كوچىلارغىچە بولغان ھەممە جاينى قاپلىغۇدەك شەكىلدە لايىھەلەنگەن. يالغۇز شەھەرلەرلا ئەمەس، يېزا-كەنتلەرمۇ كۆچمە نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق داۋاملىق كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنماقتا. ئاممىۋى سورۇنلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تېخنولوگىيەلەر جەھەتتە، بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ھۆكۈمەت، ھاجەت تۇغۇلغاندا ھەممىگە ئوچۇق بولغان ئاممىۋى سورۇنلارنى جىسمانىي توسالغۇلار بىلەن تۈرمىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
ئاممىۋى جايلارنى نازارەت قىلىشتا رايون خەلقىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە تۈرگە ئايرىش مۇھىم ئورۇن تۇتماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەرەپتىن DNA ۋە ئاۋاز ئۆرنەكلىرىدەك بىئومېتىرىك ئۇچۇرلىرى توپلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى خەنزۇلاردىن پەرقلەندۈرەلەيدىغان يۈز تونۇش سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق سۈپىتىدىكى ئالاقە ئەركىنلىكىمۇ رايوندا ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا. مەلۇم يانفون پروگراممىلىرىنى مەجبۇرىي قوللاندۇرۇش ۋە جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق، رايون خەلقىنىڭ شەخسىي ئالاقە-ئاۋارىچىلىقى كۆزىتىلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەقەملىك نازارەت قىلىشتىكى نىشانلىق ساھەلىرىنىڭ بىرى رايون خەلقىنىڭ دىنىي تۇرمۇشىدۇر. تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاممىۋى جايلارنى كۆزىتىدىغان كامېرالار ئەڭ كۆپ ئىبادەتخانىلار ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەلگىلەنگەن جاي ۋە شەرتلەردىن سىرتتا يۈز بېرىدىغان بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىنماقتا.
ئىلغار تېخنولوگىيەلىك نازارەت ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ماۋ دەۋرىدىن قالغان كونا نازارەت ئۇسۇللىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەنزۇلار، دۆلەت خادىملىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى رەقەملىك نازارەت سىستېمىسىغا ياردەمچى رول ئوينىماقتا. يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇ نازارەت كۈچى رايون خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، رەقەملىك نازارەت تېخنولوگىيەسىنىڭ يېتەلمەيدىغان نۇقتىلىرىنى تولدۇرماقتا.
كۆزىتىشنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق شەكلى شۈبھىسىزكى خىتاي كومپارتىيەسى قوللانغان كلاسسىك پانوپتىكون ئۇسۇلىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن لاگېرلار ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قامالغان ئۇيغۇرلار «تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنماقتا. كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدە پەيدا قىلغان روھىي بۇزغۇنچىلىقىمۇ جىددىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان روھىي بۇزغۇنچىلىق، پانوپتىكون ئىدىئولوگىيەسىنىڭ نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چۈنكى پانوپتىكوندىكى ئاساسىي مەقسەت روھنى بويسۇندۇرۇشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى تەنلىرىگە قاماشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تېخنىكىلىق كۆزىتىشكە تايانغان بېسىم دۆلىتى قۇرۇپ، «تەھدىت ئۇنسۇرى» دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشماقتا. ئەمما بۇ بېسىم ۋە كۆزىتىش سىستېمىسى پەقەت ھازىرقى زامانغىلا خاس ئەمەس ۋە يالغۇز سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى بىلەنلا چۈشەندۈرۈلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى بېسىم ۋە كۆزىتىش، خىتاينىڭ تارىخىي جەھەتتىن باشقىلارغا بولغان كۆز-قارىشى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان باشقىلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىم قارالماسلىقى كېرەك.
خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە باشقىلارنىڭ «ياۋايى» دەپ كەمسىتىلىشى بىر نەچچە مىڭ يىللىق خىتاي تارىخىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بولۇپ كەلگەن. مەدەنىيەت پەرقىگە چىداشسىزلىق ۋە پەرقلىق بولغاننى داۋاملىق تەھدىت دەپ قاراش، خىتاينىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. خىتاي يات مىللەت ۋە جامائەتلەرنى تارىخ بويى ئۆزىگە بېقىندۇرۇشقا ۋە داۋاملىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشقان. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتىدىكى غايىسى خىتايلاشتۇرۇشتۇر. موڭغۇل ياكى يەھۇدىي جامائەتلىرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى مىسالىدا كۆرۈلگىنىدەك، خىتاي ئۆز مەدەنىي مەۋجۇتلۇقىنى باشقىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى باستۇرغۇچى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم پەلسەپىۋى ئاساسى كۇڭزىچىلىق قارىشىدىن تېپىلىدۇ. باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق خىتاي دۆلەت كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش كوڭزىچىلىق پىكرى بىلەن ماسلىشىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىدېئولوگىيەلىك نىشانلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تەرتىپ، مۇقۇملىق، سادىقلىق، دەرىجىلىك تۈزۈمنى قوبۇل قىلىش ۋە دۆلەتكە بېغىشلاش قاتارلىق كوڭزىچىلىق پىرىنسىپلىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلغان. دۆلەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنتېرنېت كوڭزىچىلىق پىرىنسىپلىرى بىلەن ماسلاشقان سىياسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلماقتا.
خىتاي چوڭ تېخنىكا سانائىتىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى رەقەملىك يول بىلەن بېسىم ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغان. قولىدىكى ئىنژېنېرلىق زېھنىنى رەقەملىك كۆزىتىشنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. كۆزىتىش ئارقىلىق ئورنىتىلغان بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇللار ئاسترونومىيەلىك رەقەملەرگە يەتمەكتە. ئۇيغۇرلار تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى قاپلىغان كۆزىتىش ئۇسۇلى، ئۇلارنى فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئايرىلماقتا ۋە خاتىرىلىمەكتە.
رەقەملىك كۆزىتىش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم قورالى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان رەقەملىك كۆزىتىش ئارقىلىق بىر ئوچۇق ھاۋا تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارغا ئۆز كىملىكىنى ياشىيالايدىغان ئەركىن بىر ساھە قالدۇرۇلمىغان.
خىتايدا ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەقەملىك كۆزىتىش ئارقىلىق چەكسىز سانلىق مەلۇمات توپلاش پائالىيەتلىرىنى كۈنسېرى ئاشۇرماقتا. يېڭى ئىجاد قىلىنغان ئۈسكۈنە ۋە پروگراممىلار بىلەن كۆزىتىش ئەمەلىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆزگەرمەكتە. شۇ سەۋەبتىن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئائىت يېڭىلانغان بارلىق دوكلاتلار ۋە تەتقىقاتلار داۋاملىق كۆزىتىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قوللىنىلغان بېسىمچى رەقەملىك كۆزىتىشنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن ۋە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە ئۇيغۇرلار بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتكە ئوخشاش ساھە تەتقىقاتلىرىنىڭ كۆپىيىشى كېرەك.
تۈركچە ئەسلىي مەنبەسى: https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/2579837