You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ئەنقەرەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلىدا شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ئەنقەرەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلىدا شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

 تۈركىيەدە ھەمكارلىق ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدىراتسىيەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقات ۋەخپىدىن ئىبارەت يەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىكتە، 2025- يىلى 5-فېۋرال چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئەنقەرە قىزىلئايدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقىدا تەشكىلاتلار ئارا كەلگۈسى ھەمكارلىق مىخانىزىمى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشتى.

مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىللىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل بولمايۋاتقان بىر قىسم مۇھىم مەسىلىلىرى ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش مەقسىتىدە تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقتى.

بۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدىراتسىيەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقات ۋەخپى ئەزا بولۇپ كىردى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى كۈزەتكۈچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئەزا سۈپىتىدە سىرىتتىن نازارەتچىلىك قىلىدىغان بولدى.

مۇزاكىرە نەتجىسىدە قۇرۇلغان تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى 5-فېۋرال كەچ سائەت 6:00 دە ئەنقەرەدىكى گرەند دورا مېھمانخانىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، مۇخبىرلار، تۈرك ئوچاقلىرى، ئازافلى ئەزەرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە يېڭى بىر دۇنيا ۋەخپى قاتارلىق تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنبەرگە ئەزا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلىدا شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن مەخمۇت ئېمىن داموللام 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا، ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا، تۈرك دۇنياسىدا ۋە تۈركىيەدە ۋەتىنى ئۈچۈن شېھىت بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رۇھىغا ئاتاپ قۇرئان كەرىم ئوقۇدى، ئارقىدىن ئۇلاپلا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئۆز نۆۋىتى بىلەن سۆز ئالدى.

يىغىنغا ئىيى (ياخشى) پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئاييۈجە تۈركەش خانىم بىلەن سۇتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى، ئىيى پارتىيەنىڭ ئەنقەرە ۋىلايىتىگە مەسئۇل رەئىسى دوكتور يەنەر يىلماز ئەپەندى ۋە ياردەمچىلىرى، سائادەت پارتىيەسىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا كايا ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئەمىن سەرىن ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى تۈركەر يۈرۈكچۈئوغلى ئەپەندى، يېڭى بىر دۇنيا ۋەخپى رەئىسى ئۇغۇر ئۆزجان ئەپەندى، ئازافلى ئەزەرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئادۋۇكات ئارزۇمان ئازافلى ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى رەئىسى جاھىت داك ۋە مەزكۇر ۋەقىپنىڭ ھەيئەت ئەزاسى پروفېسسور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە شۇنىڭدىن بىر قىسىم تۈرك زىيالىيلىرى قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى بولغان ئاق پارتىيەدىن پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان ئوڭچى پارتىيەلەردىن يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندىلەر 2023-يىلى 6-فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بولىۋاتقان يىغىنلار سەۋەبىدىن يىغىنغا كېلەلمىگەن بولسىمۇ تېلىگىراف يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھەقلىق كۆرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

يىغىنغا قاتناشقان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ھەممىسى دىگۈدەك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشتا تۈركىيەدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار، ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك يوللار بىلەن ئاڭلىتىش، خىتاي تەھدىتىنى تەكىتلەش ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئارقىلىق تۈرك ھۆكۈمىتىگە بېسىم ھاسىل قىلىش نەتىجىسىدە پارلامېنت ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھەقلىق مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيەگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشتا قىلىش ئىمكانى بولغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە بولدى.

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top