You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى

ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى

ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى

ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى

«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ياشلارنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلەش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىڭ!

كىملەر قاتنىشالايدۇ؟

  • تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇر ياكى ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى
  • جەمئىيەتتىكى ياشلار

مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ماھىر سۈپىتىدە ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:

پائالىيەت ۋاقتى:

  • 2025-يىلى 22-فېۋرال
  • ⏰ چۈشتىن كېيىن 2:00
  • پائالىيەت ئورنى: ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرستېتى Halkalı ئوقۇتۇش رايونى İSEFAM Abdullah Tivnikli يىغىن سالونى
  • İstanbul Sabahattin Zaim Üniversitesi İslam Ekonomisi ve Finansı Araştırma ve Uygulama Merkezi (İSEFAM) Abdullah Tivnikli Konferans Salonu, Halkalı Merkez, Halkalı, 34303 Küçükçekmece/İstanbul
  • خەرىتە ئۇلىنىشى: https://maps.app.goo.gl/VhdQt23AboJkUp929

لېكسىيە تەلەپلىرى:

  • ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
  • سۆزلەش ۋاقتى 12 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
  • قاتناشقۇچىلار ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان، چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ياكى تەجرىبە-ساۋاق توپلىغان ھەرقانداق ساھەدىن تېما تاللىسا بولىدۇ.
  • لېكسىيە ئۇسلۇبى TEDx فورماتىدا بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
  • لېكسىيەدە يېڭى ئىدىيە ياكى يېڭىچە كۆز قاراش گەۋدىلەنگەن بولۇشى كېرەك.
  • لېكىسىيە ئاممىباپ ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى، كۆرسىتىش ماتېرىياللىرى (سىيرىلما، گرافىك) ئارقىلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغان بولۇشى كېرەك.

باھالاش ئۆلچەملىرى:

  • ئىدىيەنىڭ يېڭىلىقلىقى ۋە قىممىتى
  • بايان قىلىش ماھارىتى ۋە تىلنىڭ راۋانلىقى
  • تىل ئىشلىتىش ماھارىتى، يۇرۇش-تۇرۇشى ۋە سەھنە ئىپادىسى
  • سەھنىدىكى سىيرىلما (Power Point) بىلەن بەرگەن نۇتۇقنىڭ ئۈنۈمى

مۇكاپاتلار:

  • بىرىنچى دەرىجىلىك: 5000 لىرا
  • ئىككىنچى دەرىجىلىك: 3000 لىرا
  • ئۈچىنچى دەرىجىلىك: 2000 لىرا
  • ئەڭ ئىلھاملاندۇرغۇچى لېكسىيە مۇكاپاتى: 1000 لىرا
  • ئىجادىي لېكسىيە مۇكاپاتى: 1000 لىرا

ئالاقە ئۇچۇرى

 

مىسال ئۈچۈن ئۆرنەك ۋىدىيولار:

 

✏️بۇ يەرنى بېسىپ ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرۇڭ ✏️

بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىلدا ئۆز قىزىقىشى ۋە بىلىمىنى ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە يېڭى ئىدىيەلەرنى تارقىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top