ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 4-قارارى تاماملاندى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە پىلانلانغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تۆتىنچى قارار لېكسىيەلىرى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 25- ۋە 26- كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا تەشكىللەندى.
ئىككى كۈنلۈك لېكسىيەدە دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر، دوتسېنت ئالىمجان بۇغدا، دوكتورانت ئابدۇللاھ ئوغۇز، شەمسىقەمەر ئارتۇش ۋە مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇرلارغا ۋە ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىدى. تەربىيەلەش كۇرسىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 15- 20 ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.
دۆلەت ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتى
ئىككى كۈنلۈك تەربىەلەشنىڭ تۈنجى كۈنىدە، ئىستانبۇل گەلىشىم ئۈنۋېرسىىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر ئەپەندى «دۆلەت ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە دۆلەت باشقۇرۇش پەلسەپىسى ھەققىدە توختۇلۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئارىستوتېل ۋە رۇسسونىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىدىيەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىنمۇ مىساللارنى كەلتۈردى. ئۇ، لوبىچىلىق ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈپ، «لوبىچىلىق – پارلامېنتتا مەلۇم گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇر قانۇنلارنى چىقىرىش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىنى قايىل قىلىش ھەرىكىتىدۇر» دېدى.

دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر يەنە، تارىخىي جەريانلاردا ئوسمانلى دەۋرىدىكى رۇم ۋە ئەرمەن لوبىچىلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختولۇپ، يېقىنقى زامان تۈرك لوبىچىلىق ھەرىكىتىنى 1924-يىلدىكى نيۇيورك تۈرك تەئاۋۇن جەمىيىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان لوبىچىلىق ھەرىكىتى بىلەن باغلىدى. ئۇ يەنە، «لوبىچىلىق ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە قانۇنىي بىر ھەرىكەتتۇر» دەپ، لوبىچىلىقنىڭ ئاساسلىقى پارلامېنت، ھۆكۈمەت، سوت ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ناھايىتى مۇھىم ساھەلەردە كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە لوبىچىلىقنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنىڭ سىياسەت بېكىتىش، قانۇن چىقىرىش، ئىدېئولوگىيەلىك ۋە مادىدىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ لېكسىيەسىدە، يەھۇدىي لوبىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، «لوبىچىلىق زامانىۋىي دېموكراتىك دۆلەتلەردە لوبى گوروھىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش ئۇسۇلىدۇر. لوبىچىلار چوڭ مالىيە كۈچىنى ئىشلىتىپ كۈندىلىك ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسىتەلايدۇ» دېدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق بولغان مىللىي كۆرىشىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈشتە لوبىچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قىلىش ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشى ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتدە سېخىلىق بىلەن پۇل سەرىپ قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى ئېرىشىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ قېيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ئاخىرىدا، لوبىچىلىقتا ئاساسلىق نىشان ئاسان قوللاشقا ئېرىشكىلى بولىدىغان كۈچلەرنى تېپىش ۋە سىياسىي تەشۋىقات مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالدى.
ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى ئىسلام ئېقىملىرى
ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۈنۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى «ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى ئىسلام ئېقىملىرى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا لېكسىيە سۆزلىدى. دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بوغدا لېكسىيەسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىش تارىخى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئەنئەنىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ لېكسىيەسىدە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىسلام بىلەن تونۇشۇش سەرگۈزەشتىسىدىن ھازىرقى زاماندىكى دىنىي ئەقىدە چۈشەنچىلىرىگىچە كەڭ دائىرىدە مەلۇمات بەردى.

دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بوغدا يەنە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىسلام بىلەن دەسلەپكى ئۇچرىشىشىنىڭ 751-يىلىدىكى ئەرەب ۋە خىتايلار ئارىسىدىكى تالاس ئۇرۇشى دەۋىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، دۆلەت سۈپىتىدە قاراخانىيلار دۆلىتى رەسمىي ھالدا 940-يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 751-يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرى تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ تۈرك-ئەرەب يېقىنلىشىشىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىغا دىققەت تارتتى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئالدىدىكى مانىخېيىزم ۋە بۇددىزم قاتارلىق دىنلاردىن كەلگەن ئەنئەنىلىرىنى ئىسلام بىلەن ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، دىنىي ئەقىدىگە زىت بولمىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قوغدىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ لېكسىيەسىدە يەنە «ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى رەت قىلماي، ئىسلامىي قىممەتلەر بىلەن ئۇيغۇنلۇقىنى كۆزەتكەن ھالدا ساقلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بوغدا يەنە، ئىسلامدىكى بەزى ھۆكۈملەردە تالاش تارتىشلارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى، بۇلارنى شەرھىيلەشتە ھەر خىل يوللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوتتۇرا ئېقىم» نى قوبۇل قىلىشىنىڭ ھەر زامان پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ئىسلامدىكى ئوتتۇرا ئېقىم كۆز قارشى «دۇنيا مەسىلىلىرىدە ئەقىلنى ئىشلىتىش، لېكىن قۇرئان ۋە سۈننەتكە ماسلىشىدىغان – ماسلاشمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش» دەپ تەرىپلىدى ۋە ئىسلامدىكى بۇ ئوتتۇرا ئېقىمنىڭ ھازىرقىي زاماندا دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن يۇغۇرلۇنۇپ، ھازىرقىي زاماندىكى دىنىي ئەقىدەلەرنى چۈشىنىشتە رولىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان دېپلۇماتىك مۇناسىۋەتلىرى
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى باش كاتىبى دوكتورانت ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى «قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان دېپلۇماتىك مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا لېكسىيە سۆزلىدى. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشى ھەققىدە سۆزلەپ، 250 يىللىق مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەش تارىخىي ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى ئىشغال قىلىپ ئىمپېراتورلۇق زىمىنىنى كېڭەيتىپ ئەڭ كەڭ چېگراغا ئېرىشىۋالدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيەت كۈنىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان رايۇنى داۋاملىق ئاسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دۇچ كەلدى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىزچىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 250 يىللىق چىڭ ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا 30 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى يۈز بەردى. ياقۇپ بەگ دەۋرىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى پارچىلىنىش ئېغىرلىشىپ ۋە مىللىي بىرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ دۈشمەنگە پايدىلىق مۇھىم بىر ئامىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. يېقىنقىي زاماندىكى قۇمۇل ۋە تۇرپان قوزغىلاڭلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قارشىلىق روھىنى سىمىۋوللاشتۇردى.

ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى لېكسىيەسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ئۇ يەنە چىڭ سۇلالىسى 1840-يىللاردىن باشلاپ ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستان ئىنگلىزلەرنىڭ سىياسىي تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە رۇسلار بىلەن ئىنگلىزلار ئارىسىدىكى سىياسىي رىقابەت ئەسلىدىنلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ھەددىدىن زىياردە ئاشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، ياقۇپ بەگ ئەلچىسىنىڭ سۇلتان ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشۈپ ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخانغا بەيئەت قىلغانلىقى، 1873-1878-يىللاردا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ لېكسىيەسىدە، ھازىرقى زامان دۇنيا سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، چوڭ كۈچلەرنىڭ كۆرۈنگەن رىقابىتىنىڭ ئەسلىدىن ئورتاق مەنپەئەت ئەتراپىدا شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىللەردە رەقىپتەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە ئەمەلىيەتتە بەزى نوقتىلاردا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ لىكسىيەسىدە يەنە، يېقىنقى زاماندىكى خىتاينىڭ ئېتنىك سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، 56 مىللەتتىن پەقەت ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرلا خىتاي ئاسىمىلياتسىيەسىگە قارشىلىق ئۆزىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ خىتايلارغا ئېرىپ كەتكەنلىكىنى دېدى.
ئابدۇللا ئوغۇز لېكسىيەسىنىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەش تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق كۈچىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشنىڭ ھەرىكەت پىرىنسىپى سۈپىتىدە، ئالدى بىلەن مىللىي كۆرەشنىڭ مەقسىدى ۋە نىشانىنى ئېنىق قېلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە يېڭى ئىستىراتېگىيەلەر
تۈركىيە بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن سابىق دېپلومات شەمسىقەمەر ئارتۇش خانىم «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە يېڭى ئىستىراتېگىيەلەر» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا لېكسىيە سۆزلىدى. تەجرىبىلىك ئۇيغۇر دىپلومات شەمسقەمەر ئارتۇش خانىم، لېكسىيەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئويلىغان ئوي پىكىرلىرىنى ياشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئامېرىكادا ئوقۇغان ۋە تۈركىيەدە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە ئىقتىساد مېنىستىرلىكىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا دېپلومات بولۇپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن شەمسىقەمەر ئارتۇش خانىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

شەمسىقەمەر ئارتۇش خانىم لېكسىيەسىدە، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىدىن يىراقلاشقانلىقىنى ۋە تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى يىتەرلىك يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىشىدە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن باغلاپ پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەۋقۇلاددە خرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىكى رەھبەرلەر باغانسىرى شەخسىي مەنپەئەتىنى مىللىي مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە قويۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىچە خەلقئارا سەھنىلەردە تەسىرى كۇچلۇك لىدەرلەرنى يېتىشتۈرەلمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مالىيە مەنبەلىرىنىڭ تەشكىلاتلار ئارىسىدا تەڭپۇڭسۇز ۋە ئۈنۈمسۈز ئىشلىتىلىشى چوڭ بىر قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يۇقارقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ لوبىچىلىق ھەركىتى ئارقىلىق دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات ساھەسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، سۆزدە قۇرۇلغان 7-8 سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىشى ۋە ياش ئەۋلاتلارنىڭ خىتايغا قارشى مىللىي كۆرەشكە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىدە، تارىخىي ھۆججەتلەرگە تايانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاكادېمىك دوكلاتلارنىڭ تەييارلىنىشى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى تېز سۈرئەتتە ئاخىرلاشتۇرۇپ، قىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر نۇپۇسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ يەر شارى رىقابەت ئىستىراتېگىيەسى
خىتاي مەسىللىرى تەتقىقاتچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا «خىتاينىڭ يەر شارى رىقابەت ئىستىراتېگىيەسى» تېمىسىدا لېكىسيە سۆزلىدى. مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى لېكسىيەسىدە، يېقىندىكى خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى رىقابەت ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، خىتاينىڭ 1980-يىلدىكى سىرتقا ئېچىۋىتىش سىياسىتىدىن كېيىن، ئىقتىسادىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئىچكىي سىياسەتتە قاتتىق نازارەت مېخانىزىمىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، خىتاينىڭ خەلقئارادا رىقابەت ئستراتېگىيەسىنى تۆت ئاساسىي نوقتىدا چۈشەندۈرۈپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تارىخى يىپەك يولىنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە يىپەك يولىغا جايلاشقان ئاسىيا-ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش، ھەم شۇنداقلا، خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدا يۈەننىڭ قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىش ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىنى مونوپۇل قىلىشقا ئورۇنۇش قاتارلىق تېمىلاردا تەپسىلىي توختالدى.

مەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ھەربىي چىقىملىرىنى 120 پىرسەنت ئاشۇرۇپ دىپلوماتىيلىق ۋە ھەربىي ساھەسىدە «چوڭ كۈچ» دىپلوماتىيەسىنى قوللاندى. كەمبەغەل دۆلەتلەرگە بەرگەن قەرزلىرى بەدىلىگە بىر قىسىم دۆلەتلەردە پورتلارنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىپ «قەرز تۇزاق» ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك قوللاندى. خىتاي خەلقئارادا مەدەنىيەت ۋە تېخنولوگىيە رىقابىتىدە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، سۈنئىي ئەقىل، ئالەم قاتنىشى ۋە ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى تۈرلىرىگە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ كۆپ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالدى، ئەمما خىتاي يەنىلا 1980-يىللاردىكى ئىسلاھات سىياسىتىدىن چەتنەپ، داۋاملىق مۇستەبىتلىك بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تۆتىنچى قارارلىق ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش پروگىراممىسى باشتىن-ئاخىرى ياشلارنىڭ لېكسىيەلەرگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى ۋە لېكسىيەلەردىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. بۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرى ھەر ئايدا 2 كۈندىن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدۇ.