You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇقتۇرۇش » ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىدىن ئىنگىلىزچە كۇرسلىرى

ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىدىن ئىنگىلىزچە كۇرسلىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئامېرىكا، ياۋرۇپا ياكى تۈركىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇشتىكى ئىنگلىزچە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنگلىزچە باشلانغۇچ A2، A1 ۋە ئوتتۇرا B2، B1 سەۋىيەلەردە ھەم شۇنداقلا IELTS ۋە TOEFL تەييارلىق كۇرسلىرىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

بۇ كۇرستا، ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىنگلىزچە ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرى نىشان قىلغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئالالايدۇ.

تىل ئۆگىنىش قېيىن ئىشلاردىن بىرى. ئاكادېمىيە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگىلىزچە دەرس بېرىدىغان تەجىرىبىلىك ئاناتىلى ئېنگىلىزچە ئوقۇتقۇچى دەرسكە تەكلىپ قىلىپ، ئىنگلىزچە كۇرسنىڭ سۈپەتلىك ۋە غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان ئىنگلىزچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 10-قارارلىق كۇرسى بولۇپ، تەجرىبىلىك ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ.

ئىنگلىزچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەرىپىدىن ئىنگلىزچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت ئىنگلىزچە تىل كېنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىزچە ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنگلىزچە كۇرسلار ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكادېمىيەدە ئۆگەنگەن ئىنگلىزچىسى بىلەن ئامېرىكا، ياۋرۇپا ياكى تۈركىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇش ھاياتىنى تېخىمۇ غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى

ئىنگلىزچە كۇرس تەپسىلاتى

ئىنگلىزچە كۇرس ھەپتىدە ئىككى كۈن ۋە كۈندە 2 سائەت شەكلىدە بولۇپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق سىنىپلار 4 ئاي، نورمال ئىنگلىزچە تىل سىنىپلىرى 6 ئاي داۋام قىلىدۇ

سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سان چەكلىمىسى: 12 ئوقۇغۇچى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2025-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى دۈشەنبە

كۇرس ھەققى: ئىنگلىزچە كۇرسى ئۈچۈن مۇۋاپىق باھادا ھەق ئېلىنىدۇ

تىزىملىتىش ۋاقتى: 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 غىچە
تىزىملىغۇچى: ئامىنە ئىسمائىل تېلفۇن: 05467295212
ئەسكەرتىش: ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىش ۋاقتى ھەپتە ئىچى چۈشتىن بورۇن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 كىچە)
دەرس ئۆتىلىدىغان ئورۇن: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسى

ئىشخانا ئادرىسى Uygur Akademisi Vakfı :Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top