مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى: ھىجرەت، ئادالەت ۋە تۈركىستاننىڭ مۇھىملىقى
يازغۇچى: خالىس ئۆزدەمىر (Halis Özdemir)
بسم الله الرحمن الرحيم
ئۇيغۇرلارغا، پەلەستىنلىكلەرگە ۋە بېرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا سالام بولسۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىكى پۈتۈن مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا سالام بولسۇن.
شەرقىي تۈركىستان زېمىنى، تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغاندەك، تۈركىيە زېمىنلىرىمۇ تۈركىستان زېمىنلىرىنىڭ بىر پارچىسى ۋە پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ئاناۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيانىڭ قانداق يېرىگە بارساق- بارايلى، تارىختىن بۇيان ھەممىلا يەردە، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز ھالدىكى، بىر مۇجادىلىنىڭ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇ سەۋەبتىن زۇلۇم ئاستىدا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىشى پەرز قىلىنغان.
دۇنيادىكى ئېرىقچى ئىمپىرىيالىستلەر ۋە تاجاۋۇزچى- زوراۋان كۈچلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە چوڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى، باشقىلارغا خالىغانچە زۇلۇم قىلىش ھەققىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك دەپ، چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانى خاتىرجەم ياشىغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتى. دۇنيانىڭ بىر تەرىپىدە ئىنسان ھەقلىرى نامى ئاستىدا قۇرۇغ شۇئارلار تۇۋىلاپ قويۇپ، يەنە بىر تەرىپىدە ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتىن، قىلچە خىجالەتلىك ھېس قىلىشمايدۇ.
ئەزىز مۇسۇلمان تۈرك مىللىتى، تارىختىن بۇيان ھەر ۋاقىت پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇندىن كېيىنمۇ – شۇنداق قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان سۇرىيە، يەمەن، لىبىيە ۋە ئېراق قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئورۇن ئالغان ھەرخىل زۇلۇم ۋە ئېرقى قىرغىنچىلىق جەريانىدا، تۈركىيە ئاشۇ مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇردى، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىتىنىڭ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇندى. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە ئۈسىتىگە كېلىش ئىھتىمالى بولغان بەزى خەتەرلەرگىمۇ پەرۋا قىلمىدى، چۈۈنكى تۈركىيە زېمىنى پۈتۈن تۈرك مىللەتلىرىگە ئائىت بولغاندەك، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ پاناھلىنىش زېمىنى ھېسابلىنىدۇ.
بېرما ھاكىمىيىتى، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى چوڭ-كىچىك، ياكى ئەر- ئايال دەپ ئايرىپ، ئولتاماستىن نەچچە ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى بىراقلا قىرغىن قىلدى، قېچىشقا قادىر بۇلالىغانلار، قوشنا دۆلەت بىنگالغا كېلىپ، شەرت شارائىتى ئىنتايىن ناچار ھالەتتىكى چېدىرلاردا ياشاپ، ھاياتتا قىلىشقا تېرىشماقتا. غەززە رايۇنلىرىدا خەتەر ئاستىدا ياشاۋاتقان مەزلۇم ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە قېرىلار، چارىسىز ھالەتتە ياردەم كۇتمەكتە. ئەسلىدە ئۇلارمۇ دەرھال تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى ۋە ئۇلارغىمۇ پاناھلىق بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
غەززىدە ئورۇن ئېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى فىلىم كۆرگەندەك، يېراقتىن سەيلە قىلىپ، سۇكۇت قىلىۋاتقان، ۋېجدانسىز مەسئۇللار، زالىملار بىلەن بىر سەپتە تۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىغا شىرىك بولغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى نۇمۇسسىز يەھۇدىي مىللەتچىلىرى ئاشۇلارنىڭ سەۋەبىدىن تېخىمۇ چېكىدىن ئاشماقتا ۋە زوراۋانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا جۇرئەت قىلماقتا.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەخلاقسىز- ۋېجدانسىز ۋە زالىم مەسئۇللىرى، پەلەستىن ۋە ئاراكاندا ئورۇن ئېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا قارىتا، ساداسىز سۇكۇت قىلغاندەك، زالىم خىتاي كامۇنېست ھاكىمىيىتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۇرگۈزىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگىمۇ سۇكۇت قىلىش ئارقىلىق زالىملار بىلەن ئوخشاش بىر سەپتە تۇرماقتا. خائىنلارغا ئاللاھنىڭ لەنەتلىرى ياغسۇن.
ئەمدى بۇ خىزمەتمۇ ئەزىز تۈرك مىللىتىگە ۋە ئەزىز تۈرك دۆلىتىمىزگە چۈشتى، شۇڭا بىز ھازىر نېمە قىلىۋاتىمىز؟ ۋە بۇندىن كېيىن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەنلەرنى ياخشى ئويلىشىمىز كېرەك.
تۈركىيە دۆلىتى ب.د.ت دە ۋە باشقىمۇ پۈتۈن خەلقئارا سەھنىلەردە، دۇنيادىكى مەزلۇم مىللەتلەرگە ئىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى. تۈرك مىللىتىمۇ تارىختىن بۇيان بۇ زىمىنلەرگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلەرگە قوچاق ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ يىمەك – ئىچمەكلىرىنىمۇ ئۇلار بىلەن، ھەمبەھىرلىشىپ كەلدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشقا داۋام قىلىدۇ.
مانا ھازىر، تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان سۇرىيەلىكلەرنىڭ، ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىگە قايتىش يولى ئېچىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىكلەرنىڭ ۋەتەنلىرىگە قايتىپ، ئانا ۋەتەنلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشى ۋە سۇرىيەنىڭ قايتىدىن بېنا قىلنىشىغا ۋە تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇرىيەدىن كەلگەن مىھمانلىرىمىزغا ئاق يول تىلەيمىز.
مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا كەلسەك؛ ئۇلار، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىدىمۇ ئېغىر زۇلۇم ۋە قېيىن قىستاق ئىچىدە ياشايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، نەچچە مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلار، تۈرمىلەردە، خىتايلاشتۇرۇش لاگىرلىرىدا ۋە ياكى خىتاي زالىملىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك مەركەزلىرىدە قۇللۇق ھاياتى ياشىماقتا، خىتايلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن قېچىپ-چىقىپ، چەتئەللەردە سەرسان بولۇپ، ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە ئېرىپ تۈگەش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىلىشى كېرەك؟ غەززىدىكى ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە قېرى كىشىلەرنىڭ نېمە قىلىشى كېرەك؟ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەك؟
ئەسلىدە؛ خەتەر ئىچىدە ياشاۋاتقان پۈتۈن مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىشى كېرەك. زۇلۇم ئىچىدە قالغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مەيلى ۋەتېنى ئىچىدە ياكى ۋەتىننىڭ سىرتىدا ھاياتلىرىنى قۇتقۇزىشى كېرەك، چۈنكى جان ئاللاھنىڭ ئامانىتى، ھەر بىرىمىزنىڭ ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيتىمىز بار. يەنە كېلىپ، ھايات دېگەن بەك مۇقەددەس ۋە بىباھا قىممەتكە ئىگە.
باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىش پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان يولى بولۇپ، كۆپۇنچە پەيغەمبەرلەر باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ۋە ئۇممەتلىرىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرغان.
ئاللاھ تەئەلا ئالى ئىمران سۇرىسىنىڭ» 195 ئايىتىدە، ھىجرەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان، يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئەزىيەت چەككەن، جىھاد قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىمەن، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايمەن. مۇكاپاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.
يەن ئۇ، بەقەرە سۇرىسىنىڭ: 218-ئايىتىدە: شۇبھىسىزكى، ئىمان ئېتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار- ئەنە شۇلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۇتۇشكە لايىق كىشىلەردۇر دەيدۇ.
ئاللاھتەئەلا ھىجرەت قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ھىجرەت قىلمىغانلار ھەققىدە توختۇتۇلۇپ، سۇرە نىسانىڭ: 97 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جانلىرىنى ئالماقچى بولغان، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن سورايدۇ: سىلەر بۇرۇن قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟ ئۇلار بىز يەر يۇزىدە بوزەك قىلىنغان ئىدۇق (چارىسىز ئىدۇق) دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ھىجرەت قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!. سۇرە نىسانىڭ 98-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن (ھىجرەتكە) چارىسىز قالغان، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. دېمەك: ھىجرەت قىلىشقا كۇچى يەتمىگەن ئاجىز كىشىلەر يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە كىرمەيدۇ.
سۇرە ئەنپالنىڭ 74-ئايىتىدە: ئېمان ئېتىپ ھىجرەت قىلغانلار، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار ۋە ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ ياردەم قىلغانلار، ئەنە شۇلار ھەقىقى مۇمىنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرى كېچىرىم قىلنىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز ھالدىكى كۆپ رىزىق بېرىلىدۇ.
ئەسىلدە؛ ئۆز يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىپ چىققان مەزلۇملارغا، چىگرا ئىشىكلىرىنى ئېتىۋىلىشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ سالاھىيىتى ياكى ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن زېمىن ئاللاھنىڭ بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ تىچلىق ئىچىدە ، خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان. ئەلۋەتتە ، پۈتۈن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈملەرنى يولغا قويىدۇ ۋە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدۇ. پاناھچىلارنى ئاشۇ قانۇن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشقا ئۈندەش ئارقىلىق ئۇلانىڭمۇ بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا بەزى چوڭ كۈچلەرنىڭ مەخپى پىلانلىرى ۋە يول كۆرسىتىشى بىلەن، دۆلەت ئىچى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىچكى بىخەتەرلىكىگە بوزغۇنچىلىق سېلىش ۋە دۆلەت ئىچىدە بەزى ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى ئېلىپ بېرىشتەك مەقسەتلەر ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىگە سىڭىپ كېرىشىگە تېرىشىۋاتقانلارغا قەتئى يول قويۇلماسلىقى لازىم. ئۇلارغا قارىتا ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەم دۆلەتنىڭ ھەمدە پۇخرالارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھىجرەتتە، ھەرگىزمۇ كۆچۇپ بارغان دۆلەتلەرنى چېكىندۈرۈش ياكى قېيىنچىلىق بولغان يەرلەردىن تېخىمۇ گۈللەنگەن يەرلەرگە كۆچۇپ بېرىپ- يەرلىشىش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ھىجرەتنىڭ ئاساس مەقسىدى ئەزىز جاننى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنى قوغداش مەقسەت قىلنىدۇ.
تۈركىيەدە ۋە پۈتۈن دىئاسپورادا سەرسان بولۇپ، ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئۇمۇم سانى 70 ياكى 80 مىڭدىن ئاشمايدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇمۇم مۇھاجىرلارنىڭ 50%نى ئىگەللەيدۇ. مەيلى تۈركىيەدە ياكى باشقا چەتئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىقى باشقا مىللەتلەر ئىچىدە ئېرىپ تۈگەش خەۋپىدىن ئېبارەت.
خىتايلىشىش خەۋپىدىن قۇرتۇلۇش ئۈچۈن، ئانا ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئۆزلىرىنى، باللىرىنى ۋە كېلىجەك نەسىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن، بىردىن بىر چىقىش يولى، ھەرگىزمۇ راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش ياكى بايلىق بولماستىن، بەلكى كۈندە 5 ۋاقىت ئەزان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بولۇشى كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە نىسبەتەن تۈركىيەمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتەنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى تاللىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال. تۈركىستاننىڭ مەيلى غەربى ياكى شەرقىي، شۇنداقلا تۈركىيە زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسى، تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئانا يۇرتىدۇر. بۇ بىر ئۆزگەرمەس قانۇن بولۇپ، ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق داۋام قىلىدۇ.
باشقا مىللەتلەر ئىچىدە ئېرىپ تۈگەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تارىخ بىلىملىرىنى، مىللىي روھنى، ئانا تىلنى، ئەڭ مۇھىمى دىنىمىزنى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىمىز، شۇنداقلا مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە شەرت شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىقلا مۇمكىن بۇلىدۇ.
ئۇنداق بولمىغاندا بەك خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۈيۈك ئالىم: ئالىيە ئىززەت بىگۇۋىچ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۇش دېگەن، ئۇرۇش مەيدانىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمايدۇ، بەلكى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ، دۇشمەنگە ئوخشاشقا تېرىشىشقا باشلىغىنىدا مەغلۇبىيەت بارلىققا كېلىدۇ، ئۇنداق بولغاندا بىزمۇ، ئاشۇ مەغلۇبىيەتنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن يۇزلۇشۇشكە مەجبۇر بۇلىمىز.
مەن بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئۇچۇق ئەسكەتىشىم كېرەك؛ بېرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى، غەززەدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇملارنىڭ كىچىك باللىرى، ئاياللىرى ۋە قېرى چۆرىلىرىنىڭ دەرھال تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى، ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا پاناھلىق بېرىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، تايلاند، ھىندىستان، پاكىستان، ئاپغانىستان، مىسىرگە ئوخشاش دۆلەتلەردە، شۇنداقلا ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى كېرەك.
خىتاي زىندانلىرىدا چۇرۇپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى كېرەك، مۇمكىن بولسا دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلۇشۇپ، دىفلۇماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدىن پايدىلانغان ھالدا، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ چوقۇم بىر يولى بولىشى كېرەك، چۈنكى تۈركىيە زېمىنلىرى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ خىتاي زۇلمىدىن قۇرتۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىيەدە زېمىنلىرىدە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ياشاپ تۇرىشى ۋە جانلىرىنى قۇتۇلدۇرىشى كېرەك.
تۈركىيەگە كېلىپ بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەيلى ئىقامەت ياكى نۇپۇس مەسىلىلىرى تېز سۇرئەتتە ھەلقىنىشى كېرەك. تۈركىيەگە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر تەرەپتىن تۇرمۇش دەردى يەنە بىر ئىقامەت ياكى نۇپۇس دەردى بولماسلىقى لازىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ دەيدىغىنىم، ياۋرۇپادا ۋە باشقا غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر تۈرلۈك ئاسانلىقلار يارىتىلىپ بېرىلمەكتە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغىمۇ ماددىي ياردەم بېرىلمەكتە. ئەپسۇسكى تۈركىيەدە مۇھاجىر بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقامەت ۋە نۇپۇس دەردتلىرىدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن دەرتلىرى بولغاچقا، ئۇلار ئەزانسىز غەرب دۆلەتلىرىگە بېرىپ يەرلىشىشكە مەجبۇر بولماقتا. ھازىر ئورۇن ئېلىۋاتقان بۇ ئەھۋال، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى غەرب ئەللىرىدە ئېرىپ تۈگىشى ۋە يوق بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن (چارىسىز ھالدا) يالغۇز تاشلاپ قويغانلىق بۇلىدۇ.
يەنە كېلىپ، تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتچان، ياش ۋە ئىشچان نۇپۇسقا ئېھتىياجى بار، غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئۆزلىرى ئۈچۈن راھەت تۇرمۇشنى تاللىماستىن، ئىسلامىي ھاياتنى تاللىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئەگەر، راھەت پاراغەت ئۈچۈن ياۋرۇپا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تاللاپ قالسا، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان ۋە تۇمۇر تاپان ئاستىدا ئىڭرەۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ۋە ئەجدادلىرىغا بۇلارنىڭ ھېسابىنى بېرەلمەيدۇ.
شەرقي تۈركىستان چوقۇم بىر كۈن مۇستەقىل بۇلىدۇ، ئۇ مۇستەقىللىقا ئېرىشكەن چاغدا، ياخشى ۋە كۈچلۈك ھاكىمىيەت تىكلىيەلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە تەييارلىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.
شۇمۇ ئۇنتۇلماسلىقى لازىمكى، ھازىر ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىۋاتقان غەرب ئەللىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۇلارنى غەرب ئەللىرىدە ئېرىتىش ئارقىلىق، ئۆز نۇپۇسلىرىنى كۆپەيتىشتىن ئېبارەت. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئېغىر ئېرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئېرىپ تۈگىشى يەنىلا چوڭ مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە زېمىنى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، يەنىلا ھەممىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. مېنىڭ بۇ ۋەتىنىم بەرەكەتلىك بىر زېمىن ۋە مىھرى ئىسسىق بىر ۋەتەن، مېنىڭ مىللىتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بېرى، مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرۇش ۋە ئۇلار بىلەن يىمەك ئىچمەكلىرىنىمۇ ھەمبەھىرلىشىشتىن ئېبارەت.
بىز ھەممىمىز بىرلىكتە بار بولىشىمىز لازىم، بىرلىكتە كۇچىيىپ، ئەزىز بىر مىللەت بولىشىمىزلازىم.
تۈركىستان زېمىنلىرى تۈركلەرنىڭ يۇرتى بولغاندەك، تۈركىيەمۇ تۈركىستانلىقلارنىڭ ئانا يۇرتى ۋە تۈرك يۇتى دۇر. ۋەسسالام.
تۈركچى ئەسلىي مەنبەسى: https://www.bncmedyahaber.com/yazar-mazlumlarin-sesi-hicret-adalet-ve-turkistan-in-onemi-1123.html