You Are Here: Home » ئومۇمى » ئوسمان ئىمپىرىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى

ئوسمان ئىمپىرىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئىسمائىل

ئاناتولىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىنمۇ بۇرۇن باشلىغان. ئۇيغۇرلار موڭغۇللار بىلەن ئاناتولىيەگە كەلگەن، ھەتتا قەيسەرى ، كونيا ۋە قارامان قاتارلىق رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان. ئوسمان ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئۇيغۇرچە پەرمان يازدۇرغانلىقى ۋە فاتىھنىڭ سارىيىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىلگەنلىكى بىلىنىدۇ. ماقالىدە ئۆتمۇشكە قايىتماي، مەۋجۇت ھۆججەتلەرگە ئاساسەن 19-ۋە 20-ئەسىرلەردە داۋاملاشقان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. ئوسمان ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى

ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىغاندا غەربكە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىر پاكىت. ئەمما، بۇ ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلچە قىزىقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. دوكتور خالىل ئېنالجىكنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىككى چوڭ غايىسى بار: بىرسى، تۈركلەرنى دۇنيانىڭ ھۆكۈمران مىللىتى قىلىش، يەنە بىرى، ھەق دەپ بىلىدىغان ئىسلام ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، تەڭرى بۇيرۇغان ۋەزىپىلىرىنى ئۇرۇنداشتىن ئىبارەت. ئوسمان ئىمپېرىيەسى يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەمىر تۆمۈر قۇرغان كۈچلۈك بىر دۆلەت بار ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ تۈركلەشتۈرۈلگەن موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى تەرپىدىن باشقۇرىلاتتى. 17-ۋە 18-ئەسىرلەردە بولسا سەيىد دەپ تونۇلغان خوجىلارنىڭ ئىلكىدە ئىدى. يەنى، 19-ئەسىردە، غەربىي تۈركىستاننى رۇسلار، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلار ئىشغال قىلغۇچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى روسىيە ۋە خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ئوسمان ئىمپىرىيەسى قانداش ۋە دىنداشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان.

ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ قەشقەر ھۆكۈمدارى ئاتالىق غازى ياقۇپ بەگكە قىلغان ياردەملىرى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك ، 1864-يىلدىن 1869-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ياقۇپ بەگ خوتەن، كۇچا، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى بەگلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. بۇ دۆلەتنى قۇرغان ياقۇپ بەگ دۆلەتنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن 1870-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيەسى سۇلتانى ۋە شۇ زاماننىڭ ئىسلام خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلئەزىز خانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى سۈپىتىدە تونۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇنىڭدىن بەك مەمنۇن بولغان سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان ياقۇپ بەيگە «ئەمىرۇل مۇسلىمىن» ئۇنۋانىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياقۇپ بەگ خەلىپە سۇلتان ئابدۇلئەزىزخاننىڭ نامىدا مەسچىتلەردە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، پۇلنىمۇ سۇلتان ئابدۇلئەزىز خاننىڭ نامى بىلەن چىقارغانىدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسى ھىندىستان ئارقىلىق ياقۇپ بەگكە زەمبىرەك، مىلتىق بىلەن پىيادە ۋە زەمبىرەك كوماندىرىلىرىدىن چەرەكەز يۈسۈپ ۋە ئىسمائىل ھەققى ئەپەندى ۋە زامان بەگنى ئەۋەتكەنىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئوسمان ئىمپىرىيەسى، ئىرانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز تەسىر ئاستىغا ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. بۇ توغرىسىدا مۇنداق بىر خاتىرە بار: 18-ئەسىردىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مۇسۇلمانلار (تۇڭگانلار) سۈننىي (ئىمام شافى) مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىدى. 1780-يىلى ئىرانلىق ماگرۇپ شاھ ئىسىملىك بىر كىشى يەركەنتكە كېلىپ ، شەھەردىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىيشا يېزىسىغا ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەردە بەش مو يەر سېتىۋېلىپ، بىر تۇرالغۇ، مەدرىس ۋە مەسچىت سالغان. بۇ زات شۇ يەردە نۇرغۇن خىتاي مۇسۇلمانلارنى مۇرىت سۇپىتىدە قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى مەخپىي ھالدا شىئەلەر مەزھىپىگە يېتەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە 1861-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن گۇلام مەسۇم (مەھسۇم) خان ئىسىملىك كىشى يەركەنت شەھىرىگە كېلىپ، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تىرباغ گۈزە دېگەن جايدا بىر تەككە سالدۇرغان، خىتاي مۇسۇلمانلارنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى مەزھەپلىرىگە قايتىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

شۇ دەۋردە بۇ كىشىنىڭ تەسىر دائىرىسى بەك كەڭ ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى ، سانجى، فۇكاڭ ۋە نىڭشيا قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن خىتاي مۇسۇلمانلار بۇ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۇرتى بولغان . گۇلام مەسۇم خان خوجا 1911-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئوغلى ئۆمەر خان خوجا داۋاملاشتۇرغان. بۈگۈنگىچە خىتاي مۇسۇلمانلىرى بۇ كىشىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا داۋام قىلماقتا. ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرگە بولغان ياردىمى بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، 1914-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيەسى پاشالىرىدىن تالات پاشا رودوسلۇق ھەبىبزادە ئەخمەت كامال ئىلقۇلنى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن. ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە قەشقەرگە كەلگەن ئىلقۇل بۇ يەردە دارۇلمۇئۇللىمىن-ئىتتىھات ناملىق بىر ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش مەكتىپى ئاچقان ۋە شۇ سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. 1920-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئەخمەت كامال ئىلقۇل تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان مائارىپ ئىنقىلابىي ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ تارىخىدا يېڭى بەتلەرنى ئاچقان.

ئەخمەت كامال ئىلقۇلنى تۈركىستانغا ئەۋەتىشتىن ئىلگىرىمۇ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر بايلار تەرپىدىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت قىلىپ كەلگەن. 1880-ۋە 1910-يىللىرى ئىككى قېتىم ئاتۇشتا، ھۈسەيىن ۋە باۋۇدۇن مۇسابايوفلار تەرىپىدىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئاچقان ۋە بۇ مەكتەپتە تىل ، ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، تارىخ ۋە جۇغراپىيە دەرسلىرى ئۆگۈتۈلگەن ئونىڭدىن سىرت مەكتەپتە گىمناستىكا، پۇتبول قاتارلىق تەنھەرىكەتلەر ۋە ھەربىي مەشىقىمۇ تەمىنلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئوسمان ئىمپىرىيىسدىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرگە، بالىلىرىنىمۇ ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. مەسىلەن، 1900- يىللارنىڭ بېشىدا غۇلجىدا بەزى بايلار بالىلىرىنى ۋە يېقىنلىرنى ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ ياشلار ئىستانبۇلدا ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، غۇلجىدا مەكتەپ ئېچىپ 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلىگەن. دوكتور ئىلكىل قۇربان تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنغان بۇرھان شەھىدىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياڭ زىڭشىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىلىدا نۇرغۇن تۈركىيەلىكلەر ياشايتتى. مەسۇت سەبىرى بايقۇزى بۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئاچقان ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈرك ناخشىلىرىنى ئۆگەتكەن. مەلۇم بولغىنىدەك سەبىرى بايقۇزى، 1904-يىلدىن 1915-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىستانبۇلدا ئوقۇغان ۋە 1947-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پرېزىدېنتى بولغان. يەنى، ئوسمان ئىمپىرىيەسى شەرقىي تۈركىستان مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رولى بولغان.

ئوسمان ئىمپىرىيەسى پاشالىرىنىڭ بىرى بولغان ئەنۋەر پاشا تەرىپىدىن قۇرۇلغان Umur-ı Şarkiye (شەرقىي ئىشلار) تەشكىلاتى 1914-يىلى، ئادىل ھېكمەت بەگ، قۇشچىبېشى سېلىم سامى بەگ، ھۈسەيىن ئەمرۇللا باركان بەگ، ھۈسەيىن بەگ ۋە ئىبراھىم ھەقلىئەر بەگ قاتارلىق بەش كىشىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنى تەربىيىلەش ۋە تەشكىللەش ئۈچۈن ئەۋەتىشى تېخىمۇ بەك دىققەتكە سازاۋەردۇر . بۇ كىشىلەر ھىندىستان ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە پالىيەت كۆرسەتكەن.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ ئوسمان ئىمپىرىيەسى كۆڭۈل بۆلۈشىگە پەرۋاسىز قالمىغان. ئوسمان ئىمپېرىيەسى بالقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندا، ئىستانبۇل يارىلانغان ئەسكەرلەر ۋە بالقان رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئوسمان ئ‍ىمپىرىيىسى بۇ قىيىن كۈنلىرىدە ئۆزلىرى ئىشغال ئاستىدا بولۇشىغا قارىماي ئىستانبۇلغا ياردەم ئەۋەتكەن. تاتار مۇخبىرى فاتىھ كېرىم يازغان ۋە 1913-يىلى ئورېنبۇرگدا نەشر قىلىنغان «ئىستانبۇل مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابتا دېيىلىشىچە غۇلجىلىق بىر مۇسۇلمان مەكلەبى-سۇلتانى بىناسىدىكى گېرمان «سالىب-ئاھمېر» (قىزىل كرېست) دوختۇرخانىسىدا يارىلانغانلارغا مۇلازىمەت قىلغان. يەنە شۇ كىتاپتا دېيىلىشىچە، قەشقەر مۇسۇلمانلىرى قىزىلئاي ئۈچۈن بەش مىڭ سوم پۇل ياردەم كەلگەن.

بۇلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆڭلىنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە بولغان مەنىۋىي باغلىرىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر.

2. جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى

ئانادولۇ تۈركلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىمۇ داۋاملاشقان. مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلانغان قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نامى بىلەن بىر دۆلەت قۇرۇلغان. بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە قوشۇننىڭ تەشكىللىنىشىدە تۈركىيەدىن كەلگەن ئىزمىرلىق دوختۇر مۇستافا كەنتلى ئەلى بەگ ۋە ئەسكىرىي مەكتەپتىن مەھمۇد نەدىم بەيلەر مۇھىم رول ئوينىغان.

بۇ كىشىلەر، 1933-يىلى نويابىردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن. بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللا بىلەن ھەمكارلىشىپ ، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۇلار، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن سېتىۋالدىجان، سۇلتانبەگ، بەھرام ئەپەندى ۋە سوفىزادە بەيلەر بىلەن بىرلىكتا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە قوشۇن تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىشقا ياردەملەشكەن.

يېڭى قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ھۆكۈمەتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىم ھاجىنى دۆلەت خېتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە باشقا ئافغانىستان، ئىران، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، بۇ دۆلەتلەردىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ياردەم قىلىشنى سورىغان.

شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان بۇ يېڭى دۆلەت توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تۈركىيە مەتبۇئاتىدا قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، سەھىپىلەردە كەڭ يەر بېرىلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىن دەۋرنىڭ ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن بىر خېتىدە يېڭى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىدىن قىممەتلىك تۈركىيەنىڭ قىزىل بايرىقىغا سالام بولسۇن، دېگەن ئىپادە ئىشلىتىلگەن. ئەمما رۇسىيەنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى تۈركىيە شەرقىي تۈركىستانغا ماددىي ياردەم بېرەلمىگەن.

تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئىزمىرلىق دوكتور مۇستاپا كەنتلى ئەلى بەگ ۋە مەھمۇد نەدىم بەگ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، ئۈرۈمچىدە ئىككى ئىستانبۇللۇق تۈرك بار ئىدى . بۇ كىشىلەر 1931-يىلى كەڭسۇغا بېرىپ، خىتاي مۇسۇلمان قوماندانى ما جوڭيىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارنىڭ بىرى كامال قايا بولۇپ، ما زوڭيىڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. ما جوڭيىڭ كامال قايانىڭ تەۋسىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن. كامال قايانىڭ ما جوڭيىڭنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشكە قىزىقتۇرۇشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئىدى. ئەمما بۇنداق مەقسەت بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈلگەن ما جوڭيىڭنىڭ قوشۇنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە چوڭ بىر باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇرلار دىكتاتور شېڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ ئورنىغا ماجوڭيىڭنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولغان. كامال قايا ئەپەندىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت. ئەندرىۋ فوربېسنىڭ كىتابىغا ئاساسلانغاندا، كامال قايانىڭ سوۋېت جاسۇسى ئىكەنلىكى ھەققىدە گەپ سۆزلەر بار. لېكىن ئۇنىڭ 1934-يىلى سوۋېت تەرەپتارى قوشۇنلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇمات، يۇقىرىقى قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كامال قايا تۈركىيەدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ياپونىيەگە قاچقان. ياپونىيە ئۇنى ما جوڭيىڭغا ھەربىي مەسلىھەتچى قىلىپ ئەۋەتكەن. يەنى، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، كامال قايا ياپونىيەنىڭ جاسۇسى ئىدى. كېيىنچە، ئۇ شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ، زىنداندا ۋاپات بولغان. كامال قايا ئەپەندىنىڭ ما جوڭيىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى مائارىپ ساھەسىدە داۋام قىلغان. 1934-يىلى شېڭ شىسىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خوجا نىياز ھاجىنىڭ مەشھۇر قوماندانى ماھمۇت سىجاڭ مەجىدىن ئەپەندى باشچىلىقىدا تۈركىيەدىن كەلگەن 12 كىشى بىلەن مائارىپ سەپەرۋەرلىكنى باشلىغان. بۇ كىشىلەرنىڭ زامانىۋى ئۇيغۇر مائارىپىدىكى رولى بۈگۈنمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەمتېلى تەۋپىق ئەسلىدە ئۇيغۇر بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئىلىم- پەنگە بولغان مۇھەببىتى بىلەن تاشكەنتكە بېرىپ، خىزمەت قىلغاچ ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇقىرى ئىلىم تەھسىل كۆرۈشنى خالىسىمۇ تىرىكچىلىك مۇشەقىتى تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. كېيىن قارا دېڭىزغا بېرىپ، بىر تۈرك دېڭىزچىسى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۈركىيىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە جىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان، ئەمما كېيىن بىر رېستوران خوجايىنى ئۇنىڭ تەمبۇر چېلىشىنى كۆرۈپ، رېستوراندا تەمبۇر چېلىشقا دەۋەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەمتېلى تەۋفىق بىر رېستۇراندا قەشقەردىن ئېلىپ كەلگەن تەمبۇرنى چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىغان. بۇ ئەسنادا ، ئاستا-ئاستا تۈرك سەنئەتچىلىرى بىلەنمۇ تونۇشقان. بىر يىلدىن كېيىن، خوجايىن ئۇنى بىر باشلىق بىلەن تونۇشتۇرغان ۋە ئۇ باشلىقنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مەكتەپكە كىرگەن. مەمتېلى تەۋفىق مەكتەپتە بەك ياخشى ئوقۇپ، كېيىن «ياشلار بىرلىكى» تەشكىلاتىغا پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تونۇش بىلىشلىرى كۆپەيگەن. بىر كۈنى ئۇ بىر يىغىندا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان، بىراق ئۇ سۆزلەش ئورنىغا تەمبۇر چېلىپ ناخشا ئېيتىپ خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن تەۋفىق ئەپەندى «ئۇيغۇر سەنئەتچىسى» دەپ تونۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا قوزغىلاڭلار باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ ۋەتەنگە قايتماقچى بولىدۇ. ياشلار بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇنى بىر قانچە كىشى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىدۇ. مەمتېلى تەۋفىق ئەپەندى شەرقىي تۈركىستانغا قايتقاندىن كېيىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، زامانىۋى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ باشلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ 6 ئاي ئىچىدە دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن 60 نەپەر ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ، 24 يېزادا 24 مەكتەپ ئاچقان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بىر ئىزچىلار گۇرۇپپىسى قۇرغان. بۇ ئىزچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىنىشى تۈركىيەدىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. نەتىجىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە بولغىنىدەك، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ قىزغىن ھالدا داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۇ مۇناسىۋەتلەر ئاتاتۈرك دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دوكتور مۇستافا كەنتلى ئەلى ۋە مەھمۇد نەدىم ئەپەندىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئاتاتۈركتىن خەۋەرسىز بارغان بولىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ، ئاتاتۈركنىڭ نە قەدەر يىراقنى كۆرەر بۈيۈك داھى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تۈركچە ئەسلىي مەنبە ئۇلىنىشىhttps://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/406169

 

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top