You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇيغۇر پروفېسسور ئەركىن ئەمەت «تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر پروفېسسور ئەركىن ئەمەت «تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مۇسا ئارسلان تاش

27 – دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى «ئازافلى ئىجتىمائى ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار»نى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر شەخسلەردىن 35 كىشىگە مۇكاپات بېرىلدى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئازافلى ئىجتىمائى ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى رەئىسى ئادۋۇكات ئارزۇمان ئازافلى ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك – باراۋەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭدا تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ رول ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچى ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ دۇنيادىن ئۆتكەن ئىسمائىل غاسپىرالى قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم شەخسلەرنى خاتىرلەپ ئۆتتى ۋە مۇنداق دېدى: «مەن 15-16 ياش ۋاقتىمدا، تىلدا، پىكىردە، ئىش – ھەرىكەتتە بىرلىك دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھاياتىنى تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە بېغىشلىغان بوۋىمىز ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ئىدىيە قاراشلىرىغا مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ ئىدىيەنى رۇياپقا چىقىرىش بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ ئۇلۇغ غايىسى بولۇپ كەلدى، ئۆمرۈمىزنىڭ ئاخىرغىچە بۇ ئىدىيە چۈشەنچىنى ئەمەلىيەتكە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىمەن. مېنى مۇشۇنداق شەرەپلىك مۇكاپاتقا مۇناسىپ دەپ قارىغان ئازافلى ئىجتىمائى ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارزۇمان ئازافلى ئەپەندىگە ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن».

يالچىن توپچى ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇستافا چوقاينى ئەسلەپ: «1941 – يىلى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ۋاپات بولغان ۋە سۈرگۈندىكى ھەر بىر تۈركنىڭ ئىككى ۋەتىنى بولىدۇ، بىرىنجىسى ئۆزى توغۇلغان زېمىن، ئىككىنجىسى تۈركىيەدۇر، دېگەن سۆزنىڭ ئىگىسى تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدەرى قازاق مۇستافا چوقاينى، تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈن شېھىتلىرىنى، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان دۆلەت ئەربابلىرىنى ۋە پۈتۈن مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز. روھلىرى شات ياتقان يەرلىرى جەننەتتە بولسۇن»، دېدى.

يىغىن رىياسەتچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيىسى پروفېسسور دوكتۇر ئەركىن ئەمەتنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار 8 كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالە يازغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ مۇكاپاتنى تەقدىم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئازاپلى ئىجتىمائىي ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارزۇمان ئازافلى ئەپەندى بۇ مۇكاپات توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئازافلى ئىجتىمائىي ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت قىلىشنى ۋە تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. جەمئىيىتىمىز تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلار ئۇيۇشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە ، بىز تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت قىلغان ۋە تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە سەل قارالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ، ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقىنى قەدىرلەش ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلالمىساقمۇ بۇ مۇكاپاتلاش يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئەلۋەتتە، پروفېسسۇر ئەركىن ئەمەت ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىز ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە خىزمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز».

ئارزۇمان ئازافلى ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەسلى ئەزەربەيجاندىن بولىمەن، ئەزەربەيجاندا نۇرغۇن كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇماتقا ئىگە. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى ئوبدان بىلىمىز. بەختكە قارشى ، بۇ مەسىلە تۈركىيەدە بىر ئاز نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ئەھۋالدا بولۇپ، ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە كۆپ ئايدىڭلاشتۇرۇلمايۋاتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، تۈرك دۇنياسى بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللايدۇ».

ئارزۇمان ئازافلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن ئاڭلىغاندىن باشلاپ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئوقۇش چاغلىرىمىزدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى پروگراممىلىرىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. مەن 17 – 18 ياشتىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم. كېيىن ئۆزۈم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى قايغۇ بىلەن كۈزىتىپ كېلىۋاتىمەن. بىز شەرقىي تۈركىستاننى بالدۇرراق مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى يوقىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمىز. ئاللاھنىڭ ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوغدىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
بىز بۇ ھەقتە پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر مۇپاكات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مىركامىل قەشقەرلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پروفېسسۇر دوكتۇر ئەركىن ئەمەتكە مۇكاپات بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ سەھنىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىرى توغرىسىدا توختالغان ۋە تۈرك دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقرىق قىلغان.

مىركامىل قەشقەرلى مۇنداق دېدى: بۇ مۇھىم بىر مۇكاپاتلاش يىغىنى بولدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، تۆھپە قوشقان ئاكادېمىيىك زىيالىيلار، ئەلچىلەر، گېنېراللار ۋە باش دانىشمەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. شۇ قاتاردا بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندىمۇ تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت مۇكاپاتى ئالغان بولدى، مېدالىيوننى ئۇنىڭ مەيدىسىگە تاقىدى. بۇ ھەقىقەتەن ھەممىمىزگە نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش، چۈنكى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەنلەر بار ئىدى، بۇ مۇكاپات شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتە ھەم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىدا تونۇشتۇرۇشتا ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش جەھەتتىنمۇ مۇھىم ۋە خۇشاللىق بىر ئىش دەپ ئويلايمەن. بۇ نۇقتىدىن مەن پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق مۇكاپاتلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز».

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top