ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 3-قارارى تاماملاندى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە پىلانلانغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئۈچىنچى قارار لېكسىيەلىرى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 21- ۋە 22- كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا تەشكىللەندى.
ئىككى كۈنلۈك لېكسىيەدە پروفېسور سۇلايمان دوغان، ئابدۇرېشىت ئابدۇلھېمىد، ئابدۇلھەمىد قاراخان، تاھىر ھامۇت ئىزگىل، مەمتىمىن بەكتىمۇر، مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ۋە مۇھەممەت ئىمىن بەكتۇر قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇرلارغا ۋە ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىدى. تەربىيەلەش كۇرسىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.
«يۆتكىلىشچان روبوتلار» تېمىسىدا لېكسىيە
بۇ قارارلىق تەربىيەلەش، Uyghur STEM قۇرغۇچىسى مۇھەممەت ئىمىن بەكتۇر ئەپەندىنىڭ «يۆتكىلىشچان روبوتلار» تېمىسىدىكى لېكسىيەسى بىلەن باشلىدى. لېكىسىيەدە روبوتلار ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچە بېرىلگەن بولۇپ، قاتناشقۇچىلارغا يۆتكىلىشچان روبوتلارنىڭ تۈرلىرى، روبوتلارنى تەشكىل قىلغۇچى قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىشلەش پرېنسىپلىرى، كېنىماتىكىلىق ھەرىكەت تەڭلىمىلىرى، ماتېماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق پرېنسىپلىرى، روبوتلارنىڭ سىرتقى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنى سېزىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىدىكى «سېزىش (بىلىش) – ئويلاش – ھەرىكەتكە ئۆتۈش» (see-think-act) ئايلانما ھالقىسىدا سۈنئىي ئەقىلنىڭ جۈملىدىن ماشىنا ئۆگىشىنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، يېقىنقى يىللاردا مودا بولۇۋاتقان يۆتكىلىشچان روبوتلار ۋە قوللىنىش ساھەلىرى، بۇ ساھەدىكى ئاساسلىق تەرەققىياتلار، يۈزلىنىۋاتقان خىيىم-خەتەر، تەھدىتلەر ۋە شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتلەر جانلىق ئەمەلىي مىساللار بىلەن تونۇشتۇرۇلدى.
لېكىسيەدە يەنە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار تىلغا ئېلىندى:
سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى روبوتلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، ھازىرقى روبوتلار ئىلگىرىكىدەك پەقەت ئالدىن پروگراممىلانغان چەكلىك ۋەزىپىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى ئەھۋاللارغا ماسلىشىپ، مۇستەقىل ھالدا يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. بۇ خىل قابىلىيەت، روبوتلارنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل بىلەن قوراللىنىپ، دۇنيانى ئىدراك قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيگەن روبوتلار تېببىي داۋالاش، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئوكيان تەتقىقاتى ۋە مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.
مول ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بۇ لېكسىيەنى ئوقۇغۇچىلار ھەۋەس ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاڭلىدى. سۇئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.
يەھۇدىلارنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرى
بۇ قارارلىق تەبىيەلەشنىڭ ئىككىنچى دەرسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىبى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «يەھۇدىلارنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. لېكسىيە باشلاشتىن ئاۋۋال ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2009-يىلىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەپلىرى، قۇرۇلۇش قەدەم باسقۇچلىرى، ئاكادېمىيەنىڭ نىشانى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى لېكىسىيەسىدە، ئالدى بىلەن يەھۇدىلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاپلاردا جىق تىلغا ئېلىنغان قەدىمقى مىللەت ئىكەنلىكىنى ۋە 1800 يىل ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە سەرگەردان بولۇپ ياشىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا 1947-يىلى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى خاتىرىلاتقاندىن كېيىن، 130 يىلدىن ئارتۇق خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، ئۇلاردەك كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئېغىر كۈنلەردىن بېشىدىن كەچۈرگەن مىللەتلەرنىڭ كۈرەش يولىدىكى تەجرىبە ۋە ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى لېكسىيەسىدە يەنە قاراخان «بىز قانچىلىك ۋاقت پۇت تېرەپ تۇرالايمىز؟» دەپ ئوقۇغۇچىلارغا سۇئال قويغاندىن كېيىن، تىلىمىز ۋە دىنىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا زىت ھالدا تامامەن چەكلەنگەنلىكىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭمۇ بەزىلىرىنىڭ ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ، باشقا مىللەتلەرگە ئاسمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكە سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ جىددىيلىكىگە دىققەت تارتتى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى لېكىسيەسىدە يەھۇدىلەرنىڭ 1800 يىللىق كۈرەش تارىخى قىسقىچە بايان قىلىپ، يەھۇدىلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن سۈرگەن زۇلۇم ۋە ئېغىر كۈنلەرگە قارىماي ئۆزلىرىنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭغا تەسىر قىلغان شۇ ئامىللار تېزىپ چىقتى.
1. ئېزىلىش: بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە زۇلۇم قىلغاندا، ئېزىلگۈچى مىللەتتە ئەزگۈچى مىللەتكە قارشى ئۆزى قوغداش، ئايرىش كۈچى شەكىللىنىدۇ.
2. يەھۇدىي دىنى: يەھۇدى ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، تەۋراتتىكى بارلىق قانۇن تەلىماتلار، مۇسا ئارقىلىق يەھۇدىلەرگە چۈشۈرۈلگەن. يەھۇدىي دىنى پەقەت ھاھاملارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن خەلىقنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ۋە بۇنىڭلىق بىلەن يەھۇدى دىننى چۈشىنىدىغانلارنىڭ سانلىرى ئېشىپ، ھاھاملارنىڭ دىنىي ھۆكۈمدارلىقى ئاجىزلىغان.
3. مائارىپ بىلەن دىن ئاساسىدا قۇرۇلغان ئۆزى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ئىقتىدارلار: پۈتۈن يەھۇدى خەلقىنىڭ زىيالىي بولۇشى- يەھۇدىي مىللىي مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى بولغان. يەھۇدىلار ئارىسىدا ھەم دىندار ھەم زىيالىي بولۇش تەكىتلەنگەن. بارغانلا يېرىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان ساھەلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن.
4. ئەقىللىقلىق: ئەقىللىق ۋە مىللىي كىملىكىنى سۆيىدىغان يەھۇدىلارلا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلياتسىيەسىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي سۈپىتىدە ساقلاپ قالالىغان.
يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، يەھۇدىلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە سادىق بولۇشى، ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىشى، 1492-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىسپانىيەدىن قوغلانغان يەھۇدىلارغا قۇچاق ئېچىشى، يەھۇدىلارنىڭ ئۈستۈنلۈك چۈشەنچىسى، ئىمكانقەدەر يۇقىرى ھۇقۇقنى ئىگەللەشكە تېرىشىشى ۋە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئامىللار ئۈستىدىمۇ توخىتىلدى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يەنە، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس سالغان سىئونىزىم ۋە يەھۇدى مىللىيەتچىلىك ئىدىئولوگىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، 1800 يىل سەرگەردان بولۇپ ياشىغان يەھۇدىلارنىڭ 1862- يىلىغا كەلگەندە دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر نەچچە تەشەببۇستىن كېيىن، تىئودېر خېرزىلنىڭ 1896- يىلىدا 2000 يىل بۇرۇنقى دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئەتراپلىق ئوتتورىغا قويغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىچە چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدى جەمئىيىتىدە كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنىپ، 50 يىللىق مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش نەتىجىسىدە يەھۇدىلارنىڭ سۆزى بويىچە مۇقەددەس تۇپراق دەپ ئاتالغان ھازىرقى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ 1947-يىلدا قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يەھۇدىلارنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە كۆرۈلگەن كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئىختىيارىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلار قىزغىن پىكىر قاتناشتۇردى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى خۇلاسە سۈپىتىدە، ياشلارغا، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا تەربىيىۋىي پىكىرلەر بەردى ۋە «قىسقا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولالايدىغان بىر ئۈمىت ئىچىدە بولۇش بىلەن بىرگە، ئەگەر خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئىبارەت ئېغىر پاجىئەلىك كۈنلەر ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋام قىلىدىغان ئەھۋالنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي ئۇزۇنغا سۈرىدىغان بىر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش تەييارلىقى بىلەن ياشىشىمىز» كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
نوتۇق ۋە خىتاب ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات
بۇ قارارلىق تەبىيەلەشنىڭ ئىككىنچى دەرسىدە ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا «نوتۇق ۋە خىتاب ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىنىڭ داۋامىنى سۆزلەپ بەردى. دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر ئەپەندى بۇ قېتىم لېكسىيەسىدە، تىل-ئىپادە ۋە بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ناتىقلىقتىكى مۇھىملىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختولۇپ تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلىدى:

نۇتۇق سۆزلەشتە تىل-ئىپادە ۋە بەدەن تىلى ئىنتايىن مۇھىم. ئانافورا، يەنى بىر سۆزنى نۇتۇق داۋامىدا تەكرارلاپ تەكىتلەش نوتۇقتا كۈچلۈك تەسىر يارىتىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يات مىللەتكە تونۇشتۇرغاندا ئەڭ جەلبكار بولغان نەرسە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ھېكايىمىزدۇر.
نۇتۇقنى پىلانلىق شەكىلدە بايان قىلىش زۆرۈر بولۇپ، تەپسىلاتلاردىن ئېزىپ كەتمەي ۋە تېمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، پىلانلىق ۋە تەبىئىي نۇتۇق شەكىللىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

نوقۇتتا ئالدىن تەييارلىق قىلىش، ھاياجانىنى پايدىغا ئايلاندۇرۇش، قورقۇنچنى تونۇپ يېتىش ۋە نەپەس مەشىقلىرى نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نوتۇق سۆزلىگەندە يۈز ئىپادىسى، ھەرىكەت-ئىشارەت، كۆز ئالاقىسى ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى نوتۇق دەرسىدە يەنە ھەربىر ئوقۇغۇچىغا خالىغانچە بىر تېما تاللىتىپ، بەلگىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەش مەشىقى ئېلىپ باردى، ئۇ ھەر بىر ياشنىڭ نوتۇق سۆزلىگەندىكى ياخشى بولغان تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يىتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ تۈزىتىش ۋە تەۋسىيەلەرنى بەردى.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
22- چىسلا يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلىرىدە تونۇلغان شائىر، رېژىسسور ۋە يازغۇچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

تاھىر ھامۇت سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەكلىكىنى. تارىخىمىزنى ياخشى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن ساۋاق ئالمىسا، بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا-قايتا داۋاملىشىدۇ» دېدى. ئۇ تارىخنى توغرا چۈشىنىش، تارىخىي ساۋاقلاردىن دەرس ئېلىش، ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنى تەكرارلىماسلىقنىڭ مىللىي كىملىكنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تاھىر ھامۇت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشخالىيىتىگە قارشى مىللىي كۈرەشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بىز، بۇ زېمىن قانداق سېنىڭ؟، دېگەن سوئالنى چۈشەندۈرەلىشىمىز كېرەك، تارىخىمىزنى بىلەيلى ۋە چۈشەندۈرەيلى، تارىختىن ساۋاق ئالالايلى، نېمە ئۈچۈن دەلەتسىز قالغانلىقىمىزنى بىلىپ، ئۇنىڭغا خاتىمە بىرەيلى» دېدى.
تاھىر ھامۇت ئەپەندى يەنە «بىر مىللەتنى مىللەت قىلىدىغان نەرسە، ئۇنىڭ تارىخىدىكى سىياسىي شەخسلەردۇر. «ئۇيغۇر» دېگەن نام بولمىسا تۈرك تارىخىدىن سۆز قىلغىلى بولمايدۇ. تارىخىي شەخسلىرىمىزگە ئىگە چىقايلى، باشقا دۆلەتلەر ئىگە چىقىۋالمىسۇن» دېدى. ئۇ، سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مىللىي شەخسلىرىمىزنى رەت قىلىشنىڭ تارىخىي جەھەتتىن توغرا بولمايدىغانلىقىنى، بىر دەۋرنىڭ شارائىتلىرىنى كۆزدىن ساقىت قىلىپ كىشىلەرنى سوتلىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي مىراسلىرى بىلەن تونۇلىدىغانلىقىنى ۋە تارىخىمىزنى ئۆگىنىۋاتقاندا سوئال قويۇپ ئۆز پىكرىمىزنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلىدى.

ياشلىرىمىزدىن نېمە ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىز بىلەن ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن ئاتاتۈركتەك ھەممە قوبۇل قىلىدىغان بىر رەھبىرىمىزنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا سوئاللار كەلدى.
تاھىر ھامۇت ئەپەندى بۇ سوئاللارغا قارىتا قەھرىمانلار ۋە لېدىرلار كۈرەش مەيدانىدا مەيدانغا چىقىدىغانلىقى، نىمە قىلساق قىلىپ ئۆز دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ چىقمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

شائىر ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندىنى ياشلىرىمىز ھەۋەس ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاڭلىدى. لېكىسيە سۇئال-جاۋاب ھەم ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈستىدە بولغان مۇنازىرىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.
دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى
22- چىسلا يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا «دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى» دېگەن تېمىدا لېكىسيە بەردى. لېكسىيەدە 1920-1930-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلىقى ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىنىڭ تارىخى ۋە جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى لېكسىيەسىدە تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالدى:
1920 ۋە 1930-يىللاردا مۇستەقىللىق ئۈچۈن باشلانغان قوزغىلاڭلار، 1933 ۋە 1944-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ يىللاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر بولدى ۋە 1850 كىشى تۈركىيەگە مۇھاجىر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. 1962-يىلى قازاقىستان ۋەقەسى جەريانىدا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئۇيغۇر قازاقىستانغا كۆچتى. مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا، مەسئۇت سەبرى بايقۇزى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىلەر تۈركىيەگە كەلگەن تۇنجى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنى تەشكىللىك ھالدا باشلىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە كۆردى. تۈركىيەدە ھەربىي تەربىيە ئالغان ئۇيغۇر گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن تۈركىيە دۆلىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ ئوقۇتۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشتى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، ئەينى چاغدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ، ئىستانبۇلدا قاتناشقان پائالىيەتتە ئادەم كۆپلىكىدىن زالغا پاتماي قالغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك ياشلىرىنىڭ «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان!» شوئارىنى توۋلىغان چاغدىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى سۆزلەپ بەردى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچلىرىنى، قىلغان خىزمەتلىرىنى ۋە نۆۋەتتىكى قۇرۇلتاي تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى يېڭىلىقلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
1992-يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى، 1954-يىلىدىكى 1-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ مەركىزى تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە يۆتكىلىپ 2004-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىئاسپورادىكى 17 ئۇيغۇر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مىيۇنخىندا قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن نۆۋەتتە، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، بىر قىسىم ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ياپونىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورۇن ئېلىشى، تونۇلۇشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلتاينى قوللاۋاتقان بىر چوڭ تەشكىلات، قۇرۇلتاي ئاكادېمىيەدىن كۈچ ئالىدۇ. 2023-يىلى كانادا پارلامېنتىدا 10 مىڭ ئۇيغۇرغا رەسمىي كۆچمەن بېرىش ماقۇللاندى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:
«گېزىتلەردە ئۇيغۇرلاردىن ئاندا- ساندا سۆز ئېچىلغاندا ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئۇلارنى ئارخىپلاشتۇرىدىغان كۈنلىرىمىزدىن، ھەر يەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى سۆزلىنىدىغان، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدەك سورۇنلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇلغان كۈنلەرگە كەلدۇق. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى يولىدا، كەسپىي ساھەلەردە سىلەر ياشلىرىمىز تەربىيەلىنىپ پىشىپ يېتىلىپ ئەمدى ۋەزىپە ئېلىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىسىلەر. بۇ يولدا سەمىمىيلىك، پىداكارلىق ۋە ئىقتىدار بەك مۇھىم، سىلەر ياشلار بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، سىلەر چوقۇم ئالدىنقىلار قىلالمىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايسىلەر، سىلەرنى كۆرۈپ كەلگۈسى پارلاق كېلەچىكىمىزنى كۆرگەندەك بولدۇم».
لېكسىيە ئاخىرىدا ياشلىرىمىز نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالدى.
خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى
22- چىسلا يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن خىتاي تەتقىقاتچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا لېكىسيە سۆزلىدى. لېكىسيەنىڭ باشلىنىشىدا، مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى لېكسىيە مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىخەتەرلىك، دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە ئىسىتراتىگىيە قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئىلمىي ئىزاھاتلىرىنى ئۆرنەكلەر بىلەن چۈشەندۈردى.

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى، خىتاينىڭ تارىخىتىن بۇيانقى ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە بولغان قاراشلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ، «خىتاي تارىختىن بۇيان ئوتتورا تۈزلەڭلىكنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايتتى، پادىشاھلار ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ پادىشاھى دەپ قارايتتى. 19- ئەسىردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى ۋە ياپونىيە ۋە ياۋرۇپا قىسىملىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇشتا ئۇلارغا يېڭىلىشى بىلەن ئۆزىنى قايتا تونۇپ يەتتى» دېدى. تارىختىن بۇيان قۇرۇغلۇق تەرەپتىنلا تەھدىت ھىس قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ، غەربنىڭ كۈچىيىشى بىلەن دېڭىز تەرەپتىنمۇ خەتەر ھىس قىلىشقا باشلىغانلىنى ئېيتتى.
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى يەنە، ياۋرۇپانىڭ تىنچ ئوكياندا كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىزدىن خەۋپ ھىس قىلىشقا باشلىغان چىڭ ئىمپىرىيسىنىڭ 4-ماي ھەرىكىتى بىلەن يىمىرىلگەنلىكىنى سۆزلەپ، خىتايدا گومىنداڭ دەۋرىدە مەركىزىي بىر ھاكىمىيەتنىڭ قۇرالالمىغانلىقىنى، ئەمما كومپارتىيەنىڭ 1949-يىلى بۇنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە سوۋېت بىلەن ھەمكارلىق نەتىجىسىدە قۇرۇقلۇق تەرەپتىن تامامەن بىخەتەرلىككە ئېرىشكەنلىكى، پەقەت دېڭىز تەرەپتىنلا خەتەر ھىس قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى، ماۋنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سوۋېت بىلەن قارشىلىشىش نەتىجىسىدە قۇرۇقلۇق تەھدىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە قايتا شەكىللەنگەنلىكىنى خاتىرلىتىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشقا باشلىشى بىلەن 1971-يىلى نېكسون خىتايغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى، بۇ يېقىنلىشىشتىن كېيىن موسكۋا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ نورماللىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سۆزلىدى.
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى، خىتاينىڭ 1980-يىلىدىن كېيىنكى ئىسلاھاتى، بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلىدى:
دېڭنىڭ رەھبەرلىكنى قولغا ئېلىشى بىلەن ئىسلاھات باشلىدى، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بۇنىڭلىق بىلەن دېڭىزدىن كېلىدىغان تەھتىدلەر پەسەيدى. سوۋېتنىڭ ئاجىزلىشىشى قۇرۇقلۇق تەھدىتىنى ئازايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىردىن بىر تەھدىت ئىقتىساتنىڭ ناچار بولۇشى قالدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى ياخشىلاشنى مەركەز قىلغان ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشقا قاراپ يۈزلەندى.

ئىقتىسادنىڭ بىراز ياخشىشىلىشىغا ۋە خەلقئارادا سوسيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئەگىشىپ، دېموكراتىيە تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارىسىدىمۇ سىياسىي ئىسلاھات پىكىرلىرى تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. تىيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ باستۇرىلىشى بىلەن خىتايدا دېموكراتىيە تەلەپلىرى جىمىقتۇرۇلدى، سىياسىي ئىسلاھات پىكىرلىرى تامامەن يوققا چىقتى.
خىتاي قايتىدىن سىياسىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. بىراق ئىقتىسادىي ئېسلاھات داۋام قىلدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئەندىشەلىرىنى كۈچەيتتى. ئوخشاشلا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىمۇ پات-پات توقۇنۇشلار بولۇپ تۇردى. بىراق، خىتاينىڭ ئاساسىي دىققىتى مۇقىملىقنى ساقلىغان ئاساستا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتى.

خىتاي 2010-يىلى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياپونىيەنى بېسىپ چۈشۈپ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئايلاندى. خىتايدا «خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى» ھەققىدە شۇئارلار توۋلىنىشقا باشلىدى. خىتاي مىللەتچىلىكى قايتىدىن باش كۆتۈردى. 2013-يىلى شى جىنپىڭ تەختكە چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، خىتاي ئىچكىي سىياسەتتە تېخىمۇ مۇستەبىت، تاشقىي سىياسەتتە ھاكاۋۇر بولۇشقا ئۆتتى. شى جىنپىڭ پۈتۈن ھۇقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى.
«بىر بەلباغ بىر، بىر يول» پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشتى. خەلقئارادا دائىشنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىسلامغا قارشى كەيپىيات ياراتتى. بۇ خىل ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلۈملىك باستۇرۇشنى باشلىدى. بۇ خىل باستۇرۇش سىياستى ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختاتقۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.
ئاخىرىدا ياشلىرىمىز مەمەتتوختى ئاتاۋۇللادىن خىتاي ھەققىدە ۋە خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە سوئاللارنى سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارغا ئېرىشتى.
مەسنەۋىدىن زامانىۋى مائارىپقىچە: كىشىلىك تەرەققىيات
22- چىسلا يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمىئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلايمان دوغان ئەپەندى «مەسنەۋىدىن زامانىۋى مائارىپقىچە: كىشىلىك تەرەققىيات» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا لېكىسيە سۆزلىدى.

پروفېسسور سۇلايمان دوغان، لېكسىيەسىدە تۆۋەندىكىلەرنى تىلغان ئالدى:
مائارىپ ئاساسەن ئۈچ مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ: ئۆتمۈشنى چۈشىنىش، بۈگۈننى ياخشى ياشاش ۋە كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش. بۇ جەھەتتە، مەسنەۋى قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەر پەقەت ئەدەبىي قىممەتكىلا ئەمەس، بەلكى پېداگوگىكىلىق ۋە شىپا قىممىتىگە ئىگە مەنبەلەردۇر. ھېكايە ئېيتىش، بولۇپمۇ مەسنەۋىدىكى 300 دىن ئارتۇق شېئىرىي ھېكايە، بىبلىيوگېراپىيە (كىتاب بىلەن شىپا تېپىش) ئۈچۈن ناھايىتى باي بىر مەنبە تەمىنلەيدۇ.

زامانىۋىي دۇنيادا ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنولوگىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈچەيگەن بولسىمۇ، بۇ كۈچنى قانداق ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ ئاشماقتا. بىلىم- كۈچ بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسلىق مەسىلە بۇ كۈچنى ئەخلاقىي قىممەت بىلەن پاراللېل ئىشلىتىشتۇر. ئىنسانىي كامىل (يېتۈك ئىنسان) غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن بىلىم بىلەن ئەخلاقنىڭ بىرلىكتە مېڭىشى كېرەك. مائارىپتا بالا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرى ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش ۋە يېزىشتۇر. ئەمما زامانىۋىي مائارىپ سىستېمىسىدا بالىلارنى قېلىپلارغا سالغاندا، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويۇش خەۋپى بار. بۇ نۇقتىدا، ھېكايىلەر تەمىنلىگەن ھەر خىل ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى، مائارىپنى تۈرلەندۈرۈش ۋە بېيىتىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىدۇ.

مەۋلانانىڭ «خام ئىدىم، پىشتىم، كۆيدۈم» دېگەن سۆزى، كىشىلىك تەرەققىيات يولىدىكى باسقۇچلارنى يىغىنچاقلايدۇ. بۇ ھايات سەپىرىدە، ھەر ئادەمنىڭ ئۆز ساھەسىدە ماھىرلىشىشى، ئەخلاقلىق بولۇشى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى بىلىپ يەتكۈزەلىشى مۇھىمدۇر. نەپىس پىسخولوگىيەسى ۋە ئەينەك مېتافوراسى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى مۇھىم قوراللاردۇر.

بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ دەۋرىدە، ئۇچۇر بومباردىمانى ئاستىدا قالدۇق. مۇھىمى، بۇ ئۇچۇر ئېقىمىدىن پايدىلىق بولغىنىنى تاللىيالىشىمىزدۇر. ئەنئەنىۋى قىممەت-قاراشلىرىمىزنىڭ تەۋسىيە قىلغىنىدەك، ھەر تۈرك بالىسىنىڭ مۇزىكا ۋە سۇ ئۈزۈشكە ئوخشاش ئاساسىي ماھارەتلەرگە ئىگە بولۇشى، ئومۇمىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىمدۇر.
«مەسنەۋىدىن پېداگوگىكىلىق تېخنىكىلار» ناملىق كىتابتا تەكىتلەنگەندەك، كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى ھېكمەتلىك تەلىماتلارنى زامانىۋىي مائارىپ تېخنىكىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
جەمىئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى سۇلايمان دوغان ئەپەندىنىڭ پەلسەپىۋىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان سۆھبىتى ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنى چوڭقۇر ئويغا چۈمدۈردى، سۆھبەت تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئۈچىنچى قارارلىق ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش پروگىراممىسى باشتىن-ئاخىرى ياشلارنىڭ لېكسىيەلەرگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى ۋە لېكسىيەلەردىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. بۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرى ھەر ئايدا 2 كۈندىن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدۇ.