ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى 2024 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى 21-دېكابىر شەنبە كۈنى ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىدا يىغىلىپ، 2024-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى قىلدى، خۇلاسىدە مەزكۇر ۋەقىپنىڭ 2024-يىلىدا نوقتۇلۇق ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش، يۈرۈشلەشكەن ئانا تىل دەرسلىك كىتابلارنىڭ تەييارلىنىشى، تەرجىمە ۋە لوبىچىلىق خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يەكۈنلەپ، پىلانلىنىپ ئەمەلگە ئاشماي قالغان بىر قىسىم خىزمەتلەر ئۈستىدە قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى.
ئاكادېمىيە ۋەخپى ھەيئەتلىرى يەنە 2025 يېڭى يىل خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىپ، مەۋجۇت ئۈنۈملۈك بولىۋاتقان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يېڭى يىلدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ تۈركىيەدە ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆرلەپ ئوقۇشىغا ياردەمدە بولۇش ۋە ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مەۋجۇت خىزمەتلىرىنى تۈرگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئەزا سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ھەققىدە قارار ئالدى.

