You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى

تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تارماقلىرى، قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى، ئۇيغۇر ئالىي مائارىپ كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىب ۋە مۇدىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان 20 دىن ئارتۇق دائىمى ھەيئەت كومىتىت ئەزالىرى توردا يىغىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.

بۈگۈنكى بۇ سايلامدا، ئالدى بىلەن تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى  2021 – يىلىدىن بۇيانقى 3 يىللىق خىزمەتلەرنىڭ دوكىلاتىنى سۇندى. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىلىي تۈزۈمىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش، ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن ئۇيغۇر ئانا تىل دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ تەييارلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە قىلىغان خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى مەسئۇللىرى ھەممىسى دىگۈدەك رەئىس دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى نەتىجىسىدە ئاكادېمىيەنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىگە رەھمەت ئېيىتتى.

ئاندىن كىيىن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى كېيىنكى 3 يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە يەنە بىر نۆۋەت قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئاكادېمىيە نىزامنامىسىغا ئاساسەن ئاكادېمىيە رەئىسلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت رەئىس بولالايدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى مەسئۇللىرى ھەممىسى دىگۈدەك رەئىس دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تەكرار ئاكادېمىيەگە رەئىس بولغانلىقىنى يۈرىكىدىن تەبرىكلەپ، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرىغا چىقىرىشىغا بولغان ئىشەنچلىرىنى ئىپادىلەپ، ئاكادېمىيەنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشى ئۈچۈن گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى، 2010-يىلىدىن بىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مىللىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى خەلقئارادا تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە يول باشلاپ ئېلىپ مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەسىرى كۈچىنىڭ زورىيىشىدا نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2015-يىلى 24-ئاۋغۇستتىن 2021-يىلى 11-دېكابىرغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پەخىرى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2017-يىلى 08-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2018-يىلى 25-مايدا جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاكادېمىيەنى تۈركىيەدىن ئامېرىكاغا كېڭەيىتىشكە زور تۆھپە قوشتى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيەدىكى تارماقلىرى قۇرۇلدى.

 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيەدىن ھالقىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كېڭىيىش باسقۇچى تاماملانغاندىن كېيىنكى ھەل قىلغۇچ دەۋىردە، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى پىداكارلىق بىلەن 2021-يىلى 11-دېكابىردىن 2024-يىلى 21-دېكابىرغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك ئۆتەپ، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى قوغداپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

 

ئەزەلدىن ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي بۇرچى ۋە ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئۆز ئانىسىغا قىلغان خىزمىتى دەپ تونۇپ كەلگەن دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ئىشغالىيەتتىكى ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېيىشنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى دەپ بىلدى.

ئۇ بۇ يولدا ئۈن-تۈنسىز ئېلىپ بارغان ۋە ھەر ۋاقىت ۋەتەن داۋاسىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى ياراتقان خىزمەتلىرىنى ھېچ قاچان ۋە ھېچ يەردە سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق ئېنستىتۇت ۋە كومىتېتلار نامىدىن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە سىڭدۈرگەن مىھنەتسىز ئەجرى ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى

2024-يىلى 21-دېكابىر

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top