You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئامېرىكا مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەسەرلىرىنىڭ قوغدىلىشى مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكا مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەسەرلىرىنىڭ قوغدىلىشى مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «يازما ئەسەرلەرنى قوغداش: خىتاينىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشى» تېمىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەسەرلىرىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىندى.

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئۇيغۇر تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەسەرلىرىگە ئېغىر تەھدىت سالغان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 2024-يىلى 6-دېكابىردا بىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يازما ئەسەرلىرى، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

«يازما ئەسەرلەرنى قوغداش: خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى ۋە مەدەنىيەتنى يوق قىلىشى» تېمىسىدىكى  يىغىندا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، خىتاينىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە يوق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەسەرلىرىنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەسلىكى ۋە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تېخىمۇ كۆپ قوللاش ۋە ئىقتىسادىي مەنبەگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

دوكتور رىشات ئابباس يىغىندا: «ئەگەر بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى قانداق قوللىيالايمىز دەپ سورىسىڭىز، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم جاۋابى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پروگراممىلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم قىلىشتۇر. بۇ خىل ياردەملەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلايدۇ. بۇ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ئىنتايىن ھاياتىي مەسىلىدۇر» دېدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشقا ياردەم قىلىشنىڭ پەقەت ساپ ئادالەت تەلىپى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن رىشات ئابباس: «بۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاش مەسىلىسىلا ئەمەس، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بىز ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيانى قالدۇرۇش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەزىللىكىگە ۋە دۇنيا قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت سېلىشىغا يول قويماسلىق، باستۇرغۇچى تۈزۈملەرنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا يول قويماسلىق مەسىلىسىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت يىغىننىڭ بېشىدا خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ يازما ئەسەرلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. سىمىت يەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن كەلگۈسى مەزگىلدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشىنى ۋە بۇنى بۇلۇپمۇ خىتاينىڭ مال ئېكسپورتى بىلەن باغلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى»نىڭ رەئىسى جېيمس مەكگوۋېرن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ھەققىدە: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ‹خىتايلاشتۇرۇش› ھەرىكىتى، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ، خىتاي  مەدەنىيىتى ۋە ‹سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قاراش سىستېمىسى›نى ئاساس قىلماقتا… خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى› بارلىق  ئاز سانلىقلارنىڭ خىتاي مىللىتىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ۋە پارتىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە» دېدى.

جېيمس مەكگوۋېرن، بېيجىڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن نورمىلىرىغا خىلاپ ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەرقانداق ھۆكۈمەت ياكى دۆلەتنىڭ ئاز سانلىقلارنىڭ تىلىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ياكى ئۇلارنىڭ سىمۋوللۇق جايلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئەنئەنىلىرىنى چەكلىشى، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپتۇر» دېدى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ئۇزرا زىيا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قەتئىي ۋە ئىزچىل كۈن تەرتىپتە تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە: «بۈگۈن بىز بۇ يەردە توپلانغان مەزگىلدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ شياڭگاڭدا ئاساسىي ئەركىنلىكلەرنى يوق قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىل كىملىكىنى باستۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا…كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ  ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىغا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قەتئىي ۋە ئىزچىل قويغان» دېدى.

يىغىندا يەنە شياڭگاڭ جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى روۋېنا خې، خوفسترا ئۇنىۋېرسىتېتى ھوقۇق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇلىيەن كۇ، مونلام تىبەت ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، راھىب لوبساڭ مونلام، جەنۇبىي موڭغۇلىستانلىق ياش پائالىيەتچى تېمۇلۇن توغوچوغ قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بېرىپ، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قىلىنغان بېسىملارنى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خىتاي تارىخىغا بولغان پەرقلىق كۆز قاراشلارنى قانداق يوق قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

رىشات ئابباس، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە كىملىكىنى قوغداشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئابباس يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى ئۆگىتىش قوراللىرىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top