You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر رەسىم كۆرگەزمىسى ئ‍ېچىلدى ۋە قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلدى

ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر رەسىم كۆرگەزمىسى ئ‍ېچىلدى ۋە قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 2024-يىلى 4-دېكابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش» تېمىسىدىكى يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر قىرغىنلىچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ  ئورتاق ھەمكارلاشتى.

تۆت كۈن داۋاملاشقان  بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان مۇھىم تېمىلاردا ئىلمىي دوكلاتلار، گۇۋاھلىق سۆھبەتلىرى، رەسىم كۆرگەزمىلىرى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار قاتناشتى .​​​​​​​​​​​​​​​​

پائالىيەت 4-دېكابىر ئەتىگەندە ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ۋەخپى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە  تونۇلغان شەخسلىرى سۆز قىلدى. كۈنتەرتىپ بويىچە، 4-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ھوقۇقلىرىنى، كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

ۋاشىڭتوندا 2024-يىلى 4-دېكابىردا باشلانغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش» تېمىلىق  يىغىن دائىرىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مەزمۇن قىلغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.​​​​​​​​​​​​​​​​

پائالىيەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى  گۈلنار ئەزىز، ئۇيغۇر دىيارىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ كۆرگەزمە مەيدانىنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ بۇ مەنزىرىلەر ئۈستىگە ئېغىر قارا پەردە تارتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ قارىشىچە، بۇ رەسىم ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەنىۋى دۇنياسىنى نامايان قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا بۇ رېئاللىقنى چۈشىنىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى كەلگۈسى  ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

رەسسام ئەخمەتجان ئەخەت، مەمەتجان جۈمە ۋە گۈلناز تۇرسۇن ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، ئۆز رەسىملىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇنلار ھەققىدە يىغىن قاتناشچىلىرىغا چۈشەنچە بەردى.

پائالىيەتتە ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر، ئۇيغۇر جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە پائالىيەتچىلەر داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى، بۇ كىملىكنى قوغداش كۈرىشى ۋە بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئېلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى ۋە مۇزاكىرىلەردە بولدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top