You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە «09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنقەرەدە «09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئەنقەرەدە «09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان، تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا ۋەتىنى ئۈچۈن شېھىت بولغان ئەزىز شېھىتلەرنىڭ خاتىرىسىگە بىر مىنۇت سۈكۈت بىلەن باشلىنىپ، ئارقىدىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى قويۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىدىن كېيىن مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئورگانلاردىن تۈرك ئوچاقلىرى رەئىسى پروفېسسور مەھمەت ئۆز ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ 1912-يىلى قۇرۇلۇشىدىن ئىتىبارەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسمىلياستسىيە ۋە قىرغىنچىلىقنى توختوتۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ۋە تۈرك سىياسىيلىرىنىڭ ئەمدى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى، يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ باشقا زالىم كۈچلەرگە ئوخشاشلا ۋەيران بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى دېدى.

يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سابىق مۇۋەققەت رەئىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ 140 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بىر ئىشخالىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، ئامېرىكا باشچىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۆرىشىگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدە تۇرۇپ، قېرىنداشلىرىغا قارشى خىتايغا يانتاياق بولۇشىنىڭ ھىچ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر قىلمىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسمى باشلاندى، بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تارىخى شەھەرلىرىنى تەپسىلىي تونۇتتى ۋە خىتاينىڭ ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خىتاينىڭ ئالاقىدار سۈرەتلىك ھۆججەتلىكلىرى پاش قىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ھەققىدە ئەتراپلىق ياخشى بىر دوكىلات بەردى.

ئىككىنجى بولۇپ، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى تىبابەت فاكولىتىتى ئوقۇتقۇچىسى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مائارىپ كومىتېتى مۇدىرى دوتسېنت نامەتجان مەمەت ئورخۇن ئەپەندى 09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى خىتاينىڭ ئاسمىلياستسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەم ب د ت نىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە باغلاپ تۇرۇپ، لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ 9-دېكابىردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىنلا تۈركىيەنىڭ مۇسكۇۋا ۋە تېھراندىكى سابىق باش ئەلچىسى ئۈمىد ياردىم ئەپەندى خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى دېگەن تېمىسدا دوكىلات بەردى. ئۇ دوكىلاتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت، خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-ماددىلىرىغا تاينىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ بىر ئىشخالىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە پەقەت دېمۇگراتىك غەرب دۆلەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئىگە باشتا چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى 9-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى  بىلەن ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇدى. ئاخىرىدا دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېپىلىش سۆزى سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنىچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، ۋە يىغىنغا ئىشتراك قىلغان تۈرك قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، قاتناشقۇچىلارنى مېزىلىك ئۇيغۇر سامساسى يېشىكە دەۋەت قىلدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top