You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » چۈش ۋە تەسەۋۋۇر

چۈش ۋە تەسەۋۋۇر

چۈش ۋە تەسەۋۋۇر

(ھېكايە)

ئاپتور:ھەبىبۇللا ئابلىمىت

قۇياش خېلىلا كۆتۈرۈلگەن مەھەل ئىدى. ھاۋا شۇنچىلىك ئوچۇق بولغانلىقتىن بىزگە ئائىت بولغان ئاسماننىڭ كۆپكۆك يۈزى يەر  بىلەن دېڭىزغا بېقىپ تۇراتتى. يىراقتىن ئاسمان بىلەن دېڭىزنى تۇتاشتۇرغان ئۇپۇق سىزىقچىلىرى ماۋى يالتىراق يىپلاردەك پال-پال پاقىراپ كۆرۈنۈۋاتاتتى. مەن دېڭىز ساھىلىگە پاراللىل ئاسفالىت يولدا ئالدىراپ كېتىۋاتاتتىم.  توساتتىن يول ياقىسىدىكى بىر دۇكاننىڭ ئىشىكىنىڭ قىيا ئېچىغلىق تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى ۋە ئىچىدە تونۇش چىراي ئادەملەرنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم.  گەرچە مەن دائىم چۆمۈلەيدىغان ساھىلدىكى ئورنۇمغا بېرىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقان بولساممۇ، نېمىشقىدۇر قەدەملىرىمنى ئېختىيارسىز توختۇتۇپ، دۇكاننىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئىشىكنى قايرىدىم، ئىچىگە كىردىم، ئىشىكنى ياپتىم. ئۆينىڭ ئىچىدە ئۈچ تونۇش چىراي ئادەم ئۆرە تۇراتتى، بۇلارنىڭ چىرايى ماڭا ئوخشاپ كېتەتتى. يېشى خېلىلى چوڭ بىر ياشانغان ئادەم بولسا، بىر بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ئېچىش بىلەن ئاۋارە ئىدى، بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ماڭا يات ئىدى، كۆزلىرى  كىچىك، قاپاقلىرى سۈزمە، بۇرۇنلىرى پاناق، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى جىددىچىلىكتىن كىرىلىپ كەتكەن ئىدى. چاچلىرى يېرىك ۋە بويۇۋالغانلىقى بىلىنىپلا قالغان بۇ جاۋاھىرپۇرۇش چىراي ياشانغان ئادەم يۇقۇرى گېرادۇسلۇق دۇگىلەك كۆز ئەينىكىنى بۇرۇنىغا قوندۇرۋېلىپ بېشىنى چۆكۈرۈپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ قۇلۇپىنى ئىشتىكرەك ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. بۇ ياشانغان يات ئادەمنىڭ يېنىدا چاچلىرىنى چىرايلىق ياسىتىۋالغان، تولغان  يات چىراي بىر يىگىت ئۆرە تۇراتتى ۋە بىر قولىدا قىڭغىراق بار ئىدى، قىڭغىراقنىڭ ئۆتكۈر بىسلىرى ئۆيدىكى چىراغنىڭ نۇرىدا يالتىراپ كۆرۈنۈۋاتاتتى.  بۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئادەم بىر ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولىدىكى تاختايغا قادالغان بىر پارچە ئاق قەغەزنىڭ يۈزىگە قىرىنداش بىلەن رەسىم سىزاۋاتاتاتتى، سىزغاندىمۇ  گويا ماشىنا ئادەمدەك شۇنچىلىك تېز بىر سۈرئەت بىلەن سىزاۋاتاتتى. بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەتلىرى خۇددىي ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايتتى. چىراي شەكلىمۇ ئادەم چىرايىغا ياد  غەلىتە بىر چىراي بولۇپ، ماشىنا ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۆيدىكى ماڭا تونۇش كەلگەن ئادەملەرنىڭ بىرلىرىنىڭ چىرايى مۇلايىم كۆرۈنسە يەنە بىرلىرىنىڭ چىرايىدىن ۋەھشىلىك يېغىپ تۇراتاتتى، يەنە بىرسىنىڭ بولسا ناھايىتىمۇ سىرلىق ئىدى . بۇ ئادەملەرنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئىدى. ئۇلار ماڭا ھىچنېمە دېمەي، پۈتۈن دىققىتىنى بىخەتەرلىك ساندۇقىغا يىغىپ تۇرۇشتى. مەنمۇ ئۇلار كۆزىنى ئۇزمەي قاراپ تۇرغان تەرەپكە قاراپ تۇردۇم. نىھايەت بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ قۇلۇبى ئېچىلدى،  ئىچىدىن قەدىمقىي ئورخۇن دەريا بويلىرىدىكى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىغا ئائىت بولغان بىر تال مەڭگۈ تاش ئابىدىسى چىقتى، ئۈستۈدە قەدىمقى ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقلىرى روشەن رەۋىشتە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ بىر پارچە مەڭگۈ تاش ئابىدىسىنى ئاشۇ يات چىراي ياشانغان ئادەم قولىغا ئېلىپ، مۇغەمبەرلىك بىلەن سېلىدى. بىخەتەرلىك ساندۇقنىڭ ئىچىدە يەنە باشقا جاۋاھىراتلارمۇ بار ئىدى. مەن يات يۈز ياشانغان ئادەمنىڭ قولىدىكى مەڭگۈ تاش ئابىدىسىگە بىر پەس دىققەت بىلەن قاراپ تۇردۇم، دەل مۇشۇ چاغدا يېنىمغا  رەسسام يانداپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى تاختايغا قادالغان ئاق قەغەز يۈزىدە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باش سۈرىتى تۇراتتى، پەقەت ئوتتۇرىسىدا بىر باش باتقۇدەك ئاپئاق بوشلۇق بار ئىدى. رەسسام ماڭا باش سۈرىتىمنى سېزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋالغان ھالدا، يۈزۈمنى پەرۋاسىزلارچە ئىشىك تەرەپكە بۇرۇدۇم. بۇ چاغدا سىرلىق تونۇش چىراي ئادەم ماڭا قاراپ تۇرۇپ – بۇ ئادەم سېنىڭ رەسىمىڭنى سېزايدۇ،- دېدى. مەن دەرھال قارشىلىق بىلدۇرۇپ – ياق، بولمايدۇ، مەن رەسىمىمنى سىزدۇرۇشنى خالىمايمەن،- دېدىم. يەنە بىر  ۋەھشى تونۇش چىراي ئادەم،– ئۇنداقتا بۇ ئۆيگە نېمىگە كىردىڭ؟،- دەپ ئىچىگە قان تۆكۈۋەتكەندەك قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ماڭا مىلتىقنىڭ ئىستوۋۇلدەك قاراتتى. بۇ چاغدا چىرايىدىن مۇلايىملىق يېغىپ تۇرغان تونۇش چىراي ئادەممۇ سۆزگە ئارلىشىپ – ھە… باش سۈرىتىڭىزنى سېزىپ قويسا ياخشى ئەمەسمۇ، بۇ ئۆيگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باش سۈرىتىنى سىزىپ خاتىرە قالدۇرىدۇ. خاتىرە بولسۇن دەپ سىزىدۇ شۇ. بۇنىڭغا ئۇنىچىلىك قارشىلىق كۆرسىتىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى، قېنى سىزسۇن!،- دېدى.  مەن بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىغىم تېخىمۇ كەلدى – ياق بولمايدۇ دېدىم، بولمايدۇ. ئۇنداقتا مەن چىقىپ كېتىمەن،- دېدىم كەسكىن قىلىپ ۋە ئىشىك تەرەپكە قاراپ بىر قەدەم ئالدىم. دەل مۇشۇ چاغدا ھېلىقى بىر قولىدا قىڭغىراق تۇتقان تولغان  يات چىراي يىگىت دەرھال كېلىپ ئالدىمنى تورىدۇ ۋە ماڭا ھۆرپىيىپ قاراپ تۇردى. مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ قولىدىكى قىڭغىراقققا چۈشتى، قىڭغىراقنىڭ پاقىراپ تۇرغاپ بېسىدىن قىپقىزىل قان، جۈمەكتىن سۇ تامچىغاندەك تامچىپ ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈندۇ. مەن دەل مۇشۇ چاغدا خۇددىي چۈش كۆرگەندەك، زېھنىمدا ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم:

«يېنىمدا تۇرغان سىرلىق تونۇش چىراي ئادەم ماڭا قاراپ – ئەگەر باش سۈرىتىڭنى سىزدۇرمىساڭ، قەلەم تۇتقان قولۇڭنى كېسىپ تاشلايمىز، بۇنىڭغا ھەرگىز رازى بومايدىغانسەن،- دەپ تەھدىت بىر چىراي بىلەن ماڭا قارىدى. مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كەتتىم ۋە دەرھال ھوشۇمنى يېغىپ، يالۋارغان تەلەپپۇزدا – مەن يازمىسام بولمايدۇ، يەنە يازىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار!، مەن ئېغىزىمدىن چىقىرالمىغان ئوي -خىياللىرىمنى تەسەۋۋۇرۇمدا جانلاندۇرۇپ يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن – دېدىم. بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغان مۇلايىم تونۇش چىراي ئادەم – مادامىكى يېزىشنى شۇنچىلىك ياشى كۆرگەن ئىكەنسەن، ئۇنداقتا  يېزىش ئۈچۈن بولسىمۇ باش سۈرىتىڭنى سىزدۇرۇشقا ماقۇل بول! بولمىسا قولۇڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن، ياكى بولمىسا قولۇڭدىن ئايرىلىپ يازالمىغانلىرىڭنى سۆزلىسەڭمۇ بولىدۇ، بۇ ساڭا باغلىق،- دەپ تەنە قىلدى.  مەن  بۇ سۆزلەرگە زەردە بىلەن جاۋاب بېرىپ – سۆزلىگەن نەرسىلەر خاتىرە بولۇپ قالمايدۇ، ئەمما يازغان ئەسەرلەر ئاشۇ مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدەك مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالىدۇ. سۆزلىگەن بىلەن يازغاننىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرق دەل مۇشۇ يەردە، ئۇنىڭ ئۈستىگەن مەن شېئىرىي ئەسەرلەرنى يازالمايمەن. مەن پەقەت رومان يازىمەن. رومان دېگەن بەدىئىي ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئىلمىيلىقى ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ يۈكسەك ئەقلى ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئەڭ يۈكسەك تەسەۋۋۇر قۇۋۋىتىگە  ئىگە ژانىر. مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەر پەقەت قەلەم تۇتقان قول بىلەنلا ئەمەل ئاشىدۇ! نېرى تۇرۇش! مەن بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كېتىمەن،- دېدىم. مېنىڭ تاكاللىشىپ قىلغان سۆزلىرىمدىن نېرۋىسى قىرىق گەز ئۆرلىگەن ھېلىقى ۋەھشى تونۇش چىراي ئادەم – بولدى ۋالاقلىما، دەپلا قەلەم تۇتقان قولۇمنىڭ بېلىگىدىن قاماللاپ تۇتتى ۋە تولغان يات چىراي يىگىت قولىدىكى قان تامچىپ تۇرغان قىڭغىراقنى بېغىشىمنىڭ يۇقۇرراق يېرىگە كۈچەپ تۇرۇپ ئۇردى، كېسىلگەن قولۇم يەرگە بىر بارچە ئوتۇندەك توك قىلىپلا چۈشتى، قولۇمنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن قىپقىزىل قانلار فونتاندەك ئېتىلىپ چىقتى ۋە ئۈست-بېشىمغا قىپقىزىل يامغۇردەك ياغدى. مەن دەشەتلىك ۋاقىرغىنىمچە، كېسىلگەن قولۇمنى سول قولتۇقۇمغا قىسىپ تۇرۇپ، يەردىكى قەلەم تۇتقان قانغا بويالغان قولۇمغا ئېچىنىشلىق قارىدىم، يۈرۈگۈمنىڭ قوغرۇغۇلىرىمنىڭ ئارقىسىدا سوقۇشتىن توختاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ئىچىمدە – مەن بۇندىن كېيىن يازالمايدىغان بولدۇم،  مەن يازمىسام بولمايدۇ، يەنە يازىدىغان نۇرغۇن رومانلىرىم بار، مەن ئۆلگەنگە قەدەر يېزىشنى ئويلىغان ئىدىمغۇ، ئەمدى نېمە بولدى؟ مەن يازمىسام ياشالمايمەن! بېشىمغا بۇنداق پالاكەتنىڭ كېلىشنى يەتتە ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتىغۇ، – دەپ نالە قىلدىم. مەن دەرھال روھىي بايانلاردىن قۇتۇلۇپ تەسەۋۋۇرۇمدىكى رېئاللىققا قايتىم ۋە يەنە ۋاقىردىم، پەرياد ئارىلاش ئۈزۈلۈپ چىققان ئاۋازىم جىددىيلىككە تولغان دۇكاننى ئۆرىۋەتكىدەك ياڭرىدى»

مەن بىر لەھزە ئىچىدە  ئاشۇ ئويلارنى تەۋۋۇرۇمدا جانلاندۇرۇپ ئۆلگىرىشىمگە، ھېلىقى ۋەھشى چىراي تونۇش ئادەم، ماڭا ياۋۇزلۇق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرۇپ  تەسەۋۋۇرۇمدىكى كېسىلگەن قولۇمنى قاماللاپ تۇتۇپ، ئىشىكنىڭ تۇۋىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە تارتتى. مەن راستىنلا قولۇمدىن قان تامچىۋاتقاندەك، قەلبىمنىڭ سوقۇشى بارغانسېرىنى ئاستىلاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم ۋە دەرھال ئۆزۈمنى ئوڭشاۋېلىپ، تەسەۋۋۇرۇمدىكى كېسىلگەن قولۇمنى بار كۈچۈم بىلەن تارتىپ ۋەھشى تونۇش چىراي ئادەمنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇردۇم ۋە دەرھال ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ – مېنى قويۋېتىڭلار، مەن سىلەرگە پۇل بېرەي،- دېدىم. دەل مۇشۇ چاغدا مەڭگۈ تاش ئابىدىسىنى قولىدا سېلاپ تۇرغان ياشانغان يات چىراي ئادەم – يۈئەنمۇ، تۈرك لېراسىمۇ، دوللارمۇ ۋە ياكى ياۋرومۇ؟،- دەپ ياۋايىلارچە يالتىراپ تۇرغان كۆزىنى ماڭا تىكتى.  مەن بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ يانچۇقۇمدا پۇل بارلىقى ئېنىق!  پۇل بولسا بولمىدىمۇ، پۇل دېگەن پۇل!،- دەپلا، يانچۇقۇمدىن پۇل بىرلىكى ئېنىق بولمىغان پۇللارنى چىقىرىپ يەرگە تاشلىدىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى كېسىلگەن قولۇمنىڭ قانغا بويالغان بېغىشى چۈشكەن يەرگە چۈشكەن پۇرلىشىپ كەتكەن  پۇللارنى دۇكاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى پوققا ئولاشقان چىۋىنلەردەك گۈررىدە كېلىپ تىرىشقا باشلىدى، ھەتتا رەسساممۇ قولىدىكى تاختاينى پىقىرتىپ چۆرىۋېتىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن بىربىرىدىن كىرلىشىپ كەتكەن پۇللارنى تىرىۋاتاتتى. ھېلىقى ۋەھشى تونۇش چىراي ئادەمنىڭ چىرايىدىكى ياۋۇزلۇقمۇ سۈزۈلۈپ قالغاندەك قىلاتتى. ياشانغان يات چىراي ئادەمنىڭ چىشلىرىنى بىربىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ يەنە يەرگە قارىدىم. ئويلىمىغان يەردىن پۇللار يېغىلىپ بولغان ئاق بىر پارچە يەردە ئەمدى كۆك رەڭلىك پاقىراق قەغەزگە ئورالغان بىر سېقىم كەمپۇت چېچىغلىق تۇراتتى.  كۆك رەڭلىق پاقىراق قەغەز يۈزىدىكى ئۇششاق-ئۇششاق ئاي يۇلتۇزلار جىمىرلاپ كۆرۈنۈۋاتاتتى. بۇ كۆك رەڭلىك، ئۈستىدە جىمىرلاپ تۇرغان ئاي يۇلتۇزلار بار پاقىراق قەغەزنىڭ ئىچىدە چوقۇم مەن ياخشى كۆرۈدىغان ئېرىس كەمپۇتنىڭ بارلىقى مەن ئۈچۈن كۆكتىكى قۇياشتەك ئېنىق ئىدى. مەن دەرھال يەرگە ئېڭىشىپ تۇرۇپ، تەسەۋۋۇرۇمدىكى كېسىلگەن، رېئاللىقتىكى كېسىلمىگەن قولۇم بىلەن ئۇششاق- ئۇششاق جىمىرلاپ تۇرغان ئاي يۇلتۇزلار بار كۆك رەڭلىك يالتىراق قەغەزگە ئورالغان ئېرىس كەمپۇتلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىپ ئېلىپ، كىرلىشىپ، پۇرلىشىپ كەتكەن پۇل بىرلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان پۇللارنى ئالغان يانچۇقۇمغا تولدۇرۇپ سالدىم ۋە ئالدى-ئارقامغا قاراپمۇ قويماي دۇكاندىن سىرتقا چىقتىم، ھەرنېمە بولسا قۇتۇلغان ئىدىم ۋە لېكىن تالادا دېڭىز ۋە ساھىل يولى يوق ئىدى. ئالدىمدا  قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان چەكسىز كەتكەن قۇملۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى. دېمىغىمغا دېڭىزنىڭ نەم ھاۋاسىنىڭ ئورنىغا چۆلنىڭ قۇرغاق ھاۋاسى ئۇرۇلىۋاتاتتى. قۇلىقىمغا دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ئاۋازى ئورنىدا چۆل بورانلىرىنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن توغراق شاخلىرىدىن چىققان ئاجايىپ غەلىتە  ئاۋازلار ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئاۋازلار كۈچەيدى، كۈچەيدى، بارغاسېرى كۈچىيىپ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مەن بۇ دەھشەتلىك ئاۋازدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم، جاھان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تېخى ئۇيقۇدا ئىدى.

گېرمانىيە

07.12.2024

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top