You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

دوتسېنت نىلگۈن ئەلىكۈچۈك يىلدىرىم (تۈركىيە، ئاتىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئىسمائىل

تەھرىر: ئابدۇخالىق قارا

 

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ (AKP) ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئانچە دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا تۈركىيەنى ئىشەنچلىك ئورتاق دەپ قارىمايدۇ.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جۇغراپىيىلىك يېقىنلىق بولمىسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بولغاچقا، خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە دائىم يېرى بولۇپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ كۈچلىنىشى بىلەن بىرلىكتە بۇ دۆلەتكە ئەمدىلەتىن ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، تۈركىيە بۇرۇندىنلا خىتاي سىياسىتىگە قىزىقىپ كەلگەن. تۈركىيە 1950-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە بىخەتەر پاناھ جاي تەمىنلىگەنلىكتىن، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى مەنپەئەت ۋە ئىشەنچسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان.

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەر دەۋرىدىمۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2009-يىلدىكى ئۇرۇمچى ۋەقەسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ سۈپەتلىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر بوزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازى دەپ كۆرسىتىپ، ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سەھنىلەردە، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

2010-يىللاردا، تۈرك خەلقى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا بولدى. مەسىلەن 2015-يىلى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەردىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ يىگىرمە نەچچە شەھرىدە كوچا نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما 2015-يىلدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىدە بېيجىڭغا يېقىن بولۇشنى تاللىدى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچتى. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە باشلامچى بولۇپ كەلگەن مىللەتچى قاتلاممۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتلىرىنى قوللاشنى توختاتتى. گەرچە خىتاي بۇرۇنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۈركىيەنىڭ ئاغزاكى ئەيىبلىشىنى ۋاسىتىلىك چەكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ بارغانسىرى غەربتىن يىراقلىشىشىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي بۇرۇلىشىنىڭ سايىسىدا، تۈركىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش سەپكە تارتىش ئۈچۈن ئويلىمىغان بىر پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تولۇق ئەزا بولۇشنىڭ ئورنىغا ئىمتىيازلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بېرىشى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجىزلاشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2018-يىلى تۈركىيە لىراسىدىكى كرىزىس خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان يېڭى مۇھىتقا يول ئاچتى. خىتاينىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق سىياسىتى دېيىشكە بولىدۇ. غەربنىڭ دېموكراتىيەنى كۈچەپ تەكىتلىشى، تۈركىيەنىڭ باشقا تاللاشلارنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى ۋە خىتاي، روسىيە قاتارلىق تاللاش ئۇبىكتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ بۇ يېڭى يولغا ئۆتۈشنى ئاسانلاشتۇردى ۋە قوللىدى.

دۇنيادا دېموكراتىك تۈزۈم ۋە سىستېما بىلەن باشقۇرۇش كۈچىگە ئىگە بىردىنبىر مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۆلىتى تۈركىيەدۇر. قانداقلا بولمىسۇن، دۆلەتنىڭ پرېزىدېنت تۈزۈمىگە ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھوقۇقنى ئايرىش پرىنسىپى زېدىلەندى، شۇڭا يەككە پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ كۈچەيدى. گەرچە ھۆكۈمەتكە قۇۋۋەت بېرىدىغان مۇھىم تايانچلارنىڭ بىرى يەنىلا سايلىغۇچىلار بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە دېموكراتىيەسىدىكى گورىزونتال جاۋاپكارلىق بىر قەدەر ئاجىزلىدى. يېڭى ھاكىمىيەت تەنقىدىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بېسىم قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆز قولى بىلەن ھاكىمىيەتنى قوللايدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قۇردى. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئۆزبېشىمچى سىستېما تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەبىتلىشىشى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە يېڭى بىر دەۋرگە يول ئاچتى.

خىتايمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۆكتىچىلەرنى ياكى جەمئىيەتنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ بىۋاسىتە پارتىيەلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، تۈركىيەدىكى بىر پارتىيە سىستېمىسى خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان يېڭى ھەمكارلىق كەيپىياتى ئىقتىساد، سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك / تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەمكارلىقنىڭ رامكىسى ئېنىق بولمىغاچقا، بۇ باسقۇچتىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇساپىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا خىتاينىڭ سىياسىي ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنىڭ تۈركىيەدىن نېمە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئاسان ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئەردوغان ھۆكۈمىىتىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي ئۈمىتلىرى ئىككى ئاساسىي مەسىلىنى چۆرىدىگەن دېيىشكەن بولىدۇ. خىتاينىڭ تۈركىيەدىن ئاساسلىق ئۈمىدى، ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت دەپ قارالغان ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان جازا لاگېرلىرى ۋە كۆزىتىش مېخانىزمى ھەققىدە خەلقئارا سەھنىدە سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىگە چەك قويۇش. ئىككىنچىدىن، خىتاي، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يېپىش ئارقىلىق، تۈركىيە جەمئىيىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىنكاسلارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە، كۆپ دىققەت چەكمەيدىغان بىر قانچە باياناتتىن باشقا، بۇ مەسىلىدە خەلقئارا سەھنىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى تاللاپ كەلدى. يا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىمەيدۇ يا جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان باياناتلارغا ئىمزا ئاتمايدۇ. ئەمما باشقا خىتايغا دوست دۆلەتلەرگە ئوخشاش، خىتاينىڭ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى» قوللاپ يۈرمەيدۇ.

ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كېلىشىملىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان مىسالى 2017-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بولۇپ، بۇ كېلىشىم ھازىرچە تۈركىيە مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما غەيرىي رەسمىي مەنبەلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر، تۈركىيە پۇقرالىقى ياكى مەڭگۈلۈك تۇرۇش كىنىشكىسى بولمىغان ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە پەيدا قىلدى. تۈركىيە يەنە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، مەسىلەن، يېقىندا ئەنقەرەدە نامايىش تەشكىللىمەكچى بولغان ئۇيغۇرلارغا رۇخسەت بېرىلمىدى.

تۈركىيە يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا دۆلەت ئىچىدە تارقىتىلغان ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە قاتتىق سىياسەت يولغا قويدى. ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ سىياسەت خىتاي ئارزۇ قىلغان ياكى ئويلىغاندىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان تاراتقۇلارنىڭ پاكىتنى بۇرمىلاش ۋە ياكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە توغرىسىدا سەلبىي خەۋەرلەرنى جىمىقتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىتنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە جازا لاگېرلىرى تېمىسى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلار ئارىسىدا ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان تاراتقۇلارلا ئەمەس، ئۆكتىچى تاراتقۇلار تەرىپىدىنمۇ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىندى. ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان تاراتقۇلار ئا ك پ نىڭ ئىسلامچى-مىللەتچى سايلىغۇچىلىرىنى كۈشكۈرتمەسلىك مەقسىتىدە بۇنداق يول تۇتقان بولسىمۇ، ئۆكتىچى تاراتقۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى پەقەت ئاڭسىزلىق ياكى پەرۋاسىزلىق بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئا ك پ بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە 2018-يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق قوغدىغۇچىلاردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى (MHP)، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ خىتتاينى رەنجىتمەسلىك سىياسىتى بىلەن پاراللېل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن چېكىنگەندەك كۆرىنىۋاتىدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى سەۋەبىدىن، تۈركىيە سىياسىتىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى ۋەقە يۈز بەردى. 2016-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئىسلامچى-مىللىيەتچى ھۆكۈمەت تۈركىيەنىڭ غەربتىن يىراقلىشىپ ياۋرۇ-ئاسىياغا يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چەتكە ئىتىلىشى ھەققىدە، دوغۇ پەرىنچەكنىڭ ئايدىنلىق گۇرۇھىغا ئوخشاش ئاشقۇن سولچى دەپ قارىلىدىغان گۇرۇپپىلار بىلەن يېقىنلاشتى. ئىككىنچى ئاز كۆرۈلىدىغان ۋەقە بولسا، 2019-يىلى ئىيى پارتىيىسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى تەكشۈرۈش» ئۈچۈن سۇنۇلغان مەجلىس تەشەببۇسى ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەر ئارىسىدا بىرلىك شەكىللەندردى. ئىيى پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيىسى (CHP) ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيىسى (HDP) تەتقىقات تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان بولسىمۇ ئا ك پ بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى ۋە م خ پ ۋاز كەچتى. خ د پ مىللەت ۋەكىلى ئەردوغاننىڭ 2019-يىلى خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ يارىشىشىغا يول ئاچقان خىتاي زىيارىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئا ك پ ۋە م خ پ نىڭ ئۇيغۇرلارنى 50 مىليارد دوللارغا سېتىۋەتكەنلىكىنى ۋە ئا ك پ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىدە تۈنجى قېتىم بۇ شەكىلدە تىلغا ئېلىنىشى ئىدى. گەرچە خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىملىقىدا ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئاساس ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما شۇنى تەكىتلەش كېرەككى،خىتاي نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ياكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئەھمىيىتىدىن باشقا، ئا ك پ ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدىغان ئامىللاردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئا ك پ سىياسەتنىڭ بارلىق يوللىرىنى مۇتلەق كونترول قىلىش ۋە ھەر خىل ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسەتتىكى بىردىنبىر مەسئۇل رولغا ئايلاندى. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي تۈركىيەدىكى يەككە پارتىيە ھاكىمىيىتى ۋە جۇمھۇررەئىسلىك سىستېمىسىنى پۇرسەت دەپ قاراپ، ئىقتىسادىي تەسىردىن پايدىلىنىپ بۇ يەككە رولنىڭ ھەرىكىتىنى ئاسانلا چەكلىيەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۈچلۈك سايلىغۇچى ئاساسى بولمىغان ئاشقۇن سولچىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭىدىن قۇرۇلغان پارتىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئا ك پ نىڭ خىتتاي سىياسىتىگە قارشى بىرلىشەلىدى. ئىسلامچى – كونسېرۋاتىف مىللەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇسۇلمان-تۈرك ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە كۈچلۈك سەزگۈرلۈككە ئىگە بىردىنبىر قاتلام (ئا ك پ بۇ قاتالامدىن قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشقا تېرىشىدۇ) ئەمەسلىكى، لائىك ۋە مىللىيەتچى قاتلامنىڭمۇ (ئىيى پارتىيىسى ۋە ج خ پ سايلىغۇچىلىرى) بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق كېرەك. ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئا ك پ نىڭ ئۇيغۇرلاردىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە خىتتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە بولغان تەنقىدى بۇ سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىققان. ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن باشقا، كېلەچەك (Gelecek) پارتىيىسى ۋە دېموكراتىيە ۋە ئىلگىرىلەش (DEVA) پارتىيىسىمۇ ئا ك پ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ۋە غەربكە قارشى يولغا يۈزلىنىشىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيە قوللاندى. كېلەچەك پارتىسى ئا ك پ نىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتىنىڭ ئەخلاقى كەمتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەۋا پارتىيىسى بولسا خىتتاي قوللىغان ئورگانلارغا سېلىشتۇرغاندا غەربكە يېقىن ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئا ك پ نىڭ بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئانچە دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىككى سەۋەب بىلەن تۈركىيەنى ئىشەنچلىك ئورتاق دەپ قارىمايدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئا ك پ نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسدە بېيجىڭغا يېقىن سىياسەت يۈرگۈزۈشى سەۋەبىدىن ئۆكتىچى پارتىيەلەردە كۆرۈلگەن نارازىلىق ۋە سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالمىشىش مۇمكىنچىلىكى، تۈركىيە بىلەن مەڭگۈلۈك ئىشەنچ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب بولسا، ئا ك پ نىڭ تاشقى سىياسىتىدە توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇشى تۈپەيلى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۈچەيگەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەتۈرىگە بۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ خىتايدا پەيدا قىلغان ئەندىشىسى.

ماقالەنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبە ئۇلىنىشى: https://tr.boell.org/tr/2024/04/05/turkiye-cin-iliskilerinde-uygur-meselesi

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top