ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مۇئاۋىن مېنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىى رەئىسى ھەم شۇنداقلا تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ ھەپتە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مېنىستىرى دەفنە خەچمەن رەند خانىم (Dafna Hochman Rand) بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشخانىسىنىڭ رەسمىي تىۋىتتىر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس بىلەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلدى.
«بۇ ھەپتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مېنىستىرى دەفنە خەچمەن رەند خانىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ھارماي-تالماي قوغداپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ھەر زامان يېقىندىن قوللايدۇ.»
This week Assistant Secretary Rand was pleased to meet with human rights defenders, including Uyghur-American @DrRishatAbbas who advocates tirelessly for the rights of Uyghurs. The U.S. stands by them to support these advocacy efforts.
Recent Joint Statement:… pic.twitter.com/YVHZtJe6JV
— State Department: Democracy, Human Rights, & Labor (@StateDRL) September 27, 2024
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىنىڭ تىۋىتتىردىكى ئۇچۇرىدا يەنە 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57 – يىغىنىدا ئامېرىكا باش ئەلچىسى تەرىپىدىن ئاۋسترالىيە، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە، شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ئوقۇلغان «ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات» نىڭ ئۇلىنىشىمۇ تەمىنلەندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مېنىستىرى دەفنە خەچمەن رەند خانىمغا، ئاكادېمىيە رەئىسىمىز دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىگە ئادالەت تەلەپ قىلىشتىكى باشلامچىلىق رولىدىن مىننەتدارمىز.