You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۈمىد مەكتەپ – مەسئۇت ئەپەندى (37)

ئۈمىد مەكتەپ – مەسئۇت ئەپەندى (37)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئۈچدەرۋازدىكى ئۈمىد مەكتىپىنىڭ  قورۇسىدا ئاستى – ئۈستى تاختايلىق ئالتە ئېغىزلىق سىنىپ ۋە ئىككى ئېغىزلىق دوختۇرخانىدىن تەركىب تاپقان يىپيېڭى بىناسى قەھرىتان قىشنىڭ ئادەمنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننى توڭلىتىۋېتىدىغاندەك سوغۇقىدا بەھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كىرپىكلىرى قىروۋ باغلاپ، ئىككى مەڭزى بويىۋالغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئۈمىد مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە مۇخالىپ كېلىدىغان بارلىق ئويلىرىنى سىرتقا تاشلاپ قويغان ئىدى. خىش ياتقۇزۇلغان يوللاردىكى قارلار پاكىز ئادالىۋېتىلگەن بولۇپ، مەكتەپ قورۇسىنىڭ باغچىسى، يېڭى تىكىلگەن ئاق چېدىرلاردەك دۆۋە  – دۆۋە قارلار بىلەن تولغان ئىدى. ئۈستىگە ياغقان قارلارنى كۆتۈرەلمەي شاھلىرى ئېگىلىپ، غوللىرى قارغا كۆمۈلۈپ كەتكەن سېرىق تاشئالما كۆچەتلىرى بولسا، گويا دەرۋازىدىن كىرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىپ، ئاپئاق قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ سالام بېرىۋاتقان پەرىشتىلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.

كارىدورنىڭ ئىچى ھۈپپىدە ئىسسىپ كەتكەن بولۇپ، سىرتتىن مۇزلاپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزىگە كېلىپ ئۇرۇلغان ئىسسىق ئېقىم، بالىلارنىڭ مۇزلاپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن ۋۇجۇدىغا جان قېتىۋاتاتتى. كارىدوردىكى رەتلىك كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى ۋە بېغىررەڭ سىرلىرى پارقىراپ تۇرغان پولنىڭ غىچىرلاشلىرى تام مەشلەردە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئاۋازلىرىغا قوشۇلۇپ، بۇ يەردە يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان مەكتەپ بالىلىرى، مۇئەللىملەرنىڭ يېقىملىق قاراشلىرى ۋە بەزى بالىلارنىڭ ئۆزئارا قايسىبىر ئاجايىباتلار ھەققىدە پىچىرلىشىۋاتقانلىقى، كېيىن بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلۈشلىرى كارىدورنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتكەن ئىدى. مانا ئەمدى دەرسكە قوڭغۇراق چېلىش بىلەن تەڭ، بالىلارنىڭ ھەممىسى گويا يىراقتىكى چېچىلغان داننى كۆرۈپ، گۈررىدە شۇياققا ئۇچقان قۇشقاچلاردەك، ئۆز سىنىپلىرىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ كېتىشتى. ئەمدى كارىدوردا تاممەشتە گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان كۆمۈرنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز قالمىغان ئىدى.

مەسئۇت ئەپەندى ئۈچۈن بۈگۈن ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر كۈن ئىدى. مۇشۇ كۈن ئۈچۈن قانچىلىك يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانلىقى پۈتۈن ئىلى خەلقىگە ئايان ئىدى. ئۇ، سىنىپقا كىرگەندە تۇخۇم سېرىقىدا سىرلانغان يىپيېڭى ياغاچ پارتىلاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، پارتىنىڭ شانۇرلۇق قاپقىنى قايرىپ تۇرۇپ، ئورۇنلىرىدىن دەس تۇردى ۋە «سالام مۇئەللىم» دەپ، ھەممىسى بىردەك سالام بەردى. بوي – تۇرقى قىرقىپ قويغاندەك تەكشى بالىلارنىڭ سالىمىغا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ جاۋاب قايتۇرغان مەسئۇت ئەپەندى، بالىلارنى ئولتۇرۇشقا ئىما قىلدى. پارتىنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن مەسئۇت ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى دەرسىنىڭ تېمىسىنىڭ «مەرىپەت» توغرىسىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ دەرسنى باشلاپ كەتتى. ئۇ سۆزلىرىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلىدى:

-ئەسلىدە دەرس جەدۋىلى بويىچە ھازىرقى دەرس سائىتى ئەدەبىيات دەرسىگە ئائىت ئىدى. ئەمما بۈگۈن مەكتىپىمىز پۈتۈپ، ئوقۇش باشلىغان بىرىنچى مەۋسۇمنىڭ بىرىنچى دەرس بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سائەتلىك دەرسنى نوقۇل ئەدەبىيات ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن مەرىپەت توغرىسىدا ئازراق سۆزلەشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. «مەرىپەت» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى «كىشىلەرنىڭ ئاڭ – سېزىمىنى، بىلىمىنى، مەدەنىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم – تەربىيە، ئوقۇ – ئوقۇتۇش؛ مائارىپ» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ دۇنيادا مەرىپەتكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان خەلق بىز. ئىنسان پەقەت مەرىپەت ئارقىلىق يەنى تەلىم – تەربىيە، مائارىپ ئارقىلىقلا ئۆزىدىكى تۇغما ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەپەككۇر كۈچىنىڭ قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ دۇنيانىڭ قاتمۇ- قات سىرلىرىنى يېشىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە شۇ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بولۇپمۇ بىزدەك ئارقىدا قالغان مىللەتلەر ئۈچۈن مەرىپەتچىلىك ھەممىدىن مۇھىم. بىز پەقەت ئىلغار مائارىپ ئارقىلىقلا ھازىرقى زامان لايىق كېلىدىغان بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى رېئال دۇنياسىنى ئۆزگەرتىش قابىلىيىتى ئىگە بولالايمىز. مەرىپەتچىلىك بىزنى ساددىلىقتىن، نادانلىقتىن، دۆتلۈكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەۋجۇت ئىجتىمائىي جەمئىيىتىمىزنى ئۆزگەرتىش يولىغا باشلايدۇ.

گېرمانىيەنىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى، گېرمان مىللىتىنىڭ ھازىرقى زامان ئىلغار مائارىپىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغۇچىسى ئىممانۇئەل كانت (1724 – 1804) مۇنداق خىتاب قىلىدۇ «بىلىشكە جۈرئەت قىل! ۋە ئۆزۈڭدە ئەقلىڭنى ئىشقا سالىدىغان جاسارەت بولسۇن!». سىلەردىمۇ گېرمانلاردەك بىلىشكە، ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە ئىنتىلىدىغان جۈرئەت بولسۇن! ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشكە جاسارىتىڭلار بولسۇن! سىلەردە جۈرئەت ۋە جاسارەت بولسىلا مانا مۇشۇ ئانا مەكتىپىڭلار سىلەرنىڭ بىلىم ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە ئەقىل – ئىدراكىڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن شەرت – شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ. ئۈمىد مەكتىپى سىلەردەك جۈرئەتكار بالىلارنى مەرىپەتچىلىكنىڭ يولىغا باشلاش ئارقىلىق، ساددىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ يەنى باشقىلارنىڭ قولىغا قارىمايمۇ، ئۆز تەپەككۇر كۈچۈڭلارغا تايىنىپ بىر ئىشنى باشقا ئەچىقالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ. ئىككى ئەسىردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز مەرىپەتچىلىككە سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن، تەپەككۇر قىلىشتىن قورقىدىغان توخۇ يۈرەكلەردىن بولۇپ قالدى ۋە بۇ سەۋەبتىن باشقىلار يول كۆرسەتمىسە، ئۆز يولىمىزنى تېپىپ ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى تەپەككۇر ھۇرۇنلۇقىدۇر. تەپەككۇر ھۇرۇنلۇقى ھۆكۈم سۈرگەن جەمئىيەتتە، جىسمانىي ھۇرۇنلۇق تەبىئىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

نەتىجىدە پۈتۈن بىر مىللەت ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بوھران ئىچىدە قالىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ئاۋام – خەلق داۋاملىق ئۆزىگە بىر «قۇتقۇزغۇچى» ئىزدەيدۇ. بۇنداق ئاتالمىش «قۇتقۇزغۇچى» لار كېلىپ ئاشۇ تەپەككۇر ھۇرۇنلۇقىغا پاتقان مىللەتنى مەڭگۈ قۇل قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق قۇل قىلىنغان مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان مەرىپەتپەرۋەرلەر مەرىپەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقنى مەرىپەتچىلىك يولىغا باشلىسا، چوقۇم شۇ جەمئىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «قۇتقۇزغۇچى »لار ۋە ئۇلارنىڭ قول – چوماقچىلىرى ئۇلارغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئەمما، بىز مەرىپەتپەرۋەرلەر بۇنداق تەھدىت ۋە زۇلۇمغا باش ئىگىپ قالمايمىز، چۈنكى ئارقىمىزدا سىلەردەك مەرىپەتنى ياقلىغۇچى، كۆزلىرىنىڭ ئىچى ئۈمىد بىلەن تولغان يېڭى بىر نەسىل يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. سىلەر پەقەت مەنىۋى جەھەتتىن ساغلام روھقا ئىگە بولۇپ تەربىيەلىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە جىسمانىي جەھەتتىنمۇ ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشۇڭلار كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ  ئاناتومىيەلىك قۇرۇلمىسىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئادەم بەدىنىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدىغان ئۇستىخاندىن 200، مۇسكۇلدىن 400 بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇرتقىنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشقان. ھەتتا كاللىمىزنى ئىشلىتىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان 20 مۇسكۇل بار. ئومۇرتقىنىڭ ئىشلىشى بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان 144 مۇسكۇل بار. ئۇستىخان ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىش نەتىجىسىدە بىز تىك تۇرۇمىز ۋە نورمال ھەرىكەت قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇستىخان ۋە مۇسكۇللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاسراش ئۈچۈن تەنتەربىيە دەرسلىرىنى تەسىس قىلدۇق.

تەنتەربىيە دەرسلىرىدە يالغۇز گىمناستىكا دەرسلىرىلا ئۆتۈلۈپ قالماي يەنە ھەربىي تەلىم – تەربىيە دەرسلىرىمۇ ئۆتىلىدۇ. چۈنكى ھەربىي تەلىم  -تەربىيە سىلەردەك ياشلارنى ئىنتىزامچان، رەتلىك، بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىرادىلىك، جەسۇر قىلىپ تەربىيەلەش بىلەن بىرگە يەنە ئادەتتىكى قوراللارنى ئېتىشنىمۇ ئۆگىتىدۇ. ياش چاغلىرىڭلاردىن تارتىپ ئۆزۈڭلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئەڭ مۇھىمى روھىڭلارنى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈسىلەر. سىلەر ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، ساغلام روھقىمۇ ئىگە بولۇشۇڭلار لازىم.  ساغلام تەنگە تەنتەربىيە ۋە ھەربىي تەلىم  -تەربىيە بىلىملىرى ئارقىلىق ئېرىشسەڭلار، ساغلام روھقا ئەدەبىيات، تارىخ ۋە پەلسەپە دەرسلىرى ئارقىلىق ئېرىشىسىلەر. بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئىنسان روھىنىڭ ئوزۇقى. چۈنكى ئەدەبىيات ھەم بىر پەن ھەم بىر سەنئەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزنى ساغلام روھقا ئىگە قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ. مىللىي ئەدەبىيات شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەدەبىي تىل بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ روھىغا خىتاب قىلىپ، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، پىسخىكىسىنى، قىممەت قارىشى، پەلسەپەسىنى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى، ئومۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېستېتىك بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان پەن ۋە سەنئەت. بولۇپمۇ بىزدەك ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن مىللىي ئەدەبىيات قاراڭغۇ تۈندىكى بىباھا چولپان.

بىز پەقەت مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۆز خەلقىمىزنى ئويغىتالايمىز، ئۆزىگە ئۆزىنى تونۇتالايمىز، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا خىتاب قىلىپ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە مىللىي روھىنى تىرىلدۈرۈلمەيمىز. ئەدەبىيات ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈن بىر قوۋمنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ. ئەدەبىيات مەتىنلىرى ئۇدۇل ئىنساننىڭ تىلى ۋە روھىغا خىتاب قىلىدۇ. ئەدەبىياتى كۈچلۈك تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تىلى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە يەنە پەلسەپەسىمۇ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. پەلسەپە ئەدەبىياتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. ئەدەبىياتى كۈچلۈك بولمىغان مىللەت پەلسەپە بولمايدۇ. پەلسەپەسى بولمىغان مىللەت تەرەققىي قىلالمايدۇ. بۇنداق مىللەت زور بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. پەلسەپىسى يوق مىللەت مەنتىقلىق تەپەككۇردىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ، ئەقىلنىڭ كۈچىنى توغرا، يېتەرلىك جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى پەلسەپەسى بولمىغان بىر مىللەت دۆلەت قۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات دۆلەت قۇرۇش ئاساسى ئۇلى سالغۇچى پەن. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ئۇلى بولغان كۈلتۈرنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى. بىر پۈتۈن كۈلتۈر بولمىغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مىللەت بولمىسا يەنە دۆلەت بولمايدۇ. يەنە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك پەلسەپە بولمىسا كۈچلۈك مىللەت بولمايدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا ئەدەبىيات دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى بىردىنبىر پەن. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەدەبىيات بۇ ئالەمنىڭ گۈزەل بىر ئالەم ئىكەنلىكىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەقىل كۆزىمىزدىكى پەردىلەرنى قايرىۋېتىپ ھەقىقىي ماھىيەتنى بىزگە ئېچىپ بىرىدۇ. ئۇ بىزگە دوستنى سۆيۈشنى، دۈشمەنگە نەپرەتلىنىش ئۆگىتىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى دىيالوگنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشنى، كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىزدىنىش يولىغا باشلاپ، ئىجادچانلىق روھىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. ئۇ بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى، دۇنيانى قانداق تونۇشنى ۋە قانداق سۆيۈشنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنى قانداق بىلىشىنى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەدەبىيات يەنە بىزدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئويغىتىپ، ئۈستىمىزگە مىللەتنىڭ يۈكىنى ئالالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ ۋە روھىمىزغا، ئېڭىمىزغا خىتاب قىلىپ ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆگىتىدۇ. مەن ئۆزۈم تەبىئىي پەن ئوقۇغان بىر زىيالىي بولساممۇ، نېمىشقىدۇر ئۆز مىللىتىمنىڭ رېئال دۇنياسىغا قاراپ، ئۆزۈمدە ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىش قوزغالغان. بولۇپمۇ ئىستانبۇلدىكى چاغلىرىمدىن تارتىپلا دۇنيادىكى مەشھۇر رومانلارنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم.

ھازىر ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سىلەرگە ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان، فىرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئالېكساندر ديۇمانىڭ دۇنياغا مەشھۇر«گىراف مونتىي- كرىستو»ناملىق رومانى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي. مەن ئالدى بىلەن «رومان»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا  قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلى تېمىنى داۋاملاشتۇراي. مېنىڭ پەرىزىمچە بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز تېخى رومان يېزىپ باقمىدى. رومان بولسا ھەجىمى ناھايىتى چوڭ، مۇرەككەپ ۋەقەلىكلەرنى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىپ يازىدىغان ئەدەبىي ئەسەردۇر. روماندا ۋەقەلىك، پېرسوناژ، ماكان ۋە زامان بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن بىزنىڭ داستانلىرىمىزغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن قەلىمى پىشقان قەلەمكەشلا رومان يازالايدۇ. ياۋروپا ئەدەبىياتىدا بىر قەلەمكەش رومان يازغاندىلا ئاندى يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى كونكرېت ئادەم ۋە كونكرېت ۋەقەنى ئاساس قىلىپ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرنى يارىتىدۇ ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ روماندىكى قەھرىمانلىرىنى تىپىكلەشتۈرۈپ، تىرىك ۋە جانلىق قىلىپ ئىپادىلەش ئارقىلىق بەلگىلىك ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئۆز رومانىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

روماندا ھاياتتا يۈز بەرگەن ۋە ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنى يازغۇچى توقۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرى قانچىلىك كۈچلۈك، قانچىلىك كەڭ ۋە قانچىلىك مول بولسا، روماننىڭ مەزمۇنى مول، بەدىئىيلىكى شۇنچىلىك يۇقىرى بولىدۇ. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، مەن «گىراف مونتىي – كرىستو»ناملىق روماننىڭ فىرانسۇز تىلىدىكى ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمنىڭ يالغۇز كۈچ بولۇپ قالماي بەلكى ئۇنىڭ ئىنسانغا ئەركىنلىك ئەكىلىدىغان بىردىنبىر قورال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. بۇ روماننىڭ باش قەھرىمانى ئېگىز بويلۇق، قامەتلىك، چىرايلىق، قارا كۆزلۈك ۋە قۇندۇزدەك قارا چاچلىق 19 ياخشىلىق يىگىت ئېدمون دانتېس بولۇپ، ئۇ «فىراۋن» ناملىق يۈك توشۇغۇچى كېمىنىڭ ئورۇن باسار كاپىتانى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەپتى – تۇرقىدىن، بالىلىق دەۋردىن باشلاپلا خەۋپ – خەتەر بىلەن كۈرەش قىلىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەرگە خاس خاتىرجەملىك ۋە جەسۇرلۇقتىن دالالەت بېرىپ تۇرىدىغان ئالامەتلەر بالقىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇ ناھايىتىمۇ ئاق كۆڭۈل، ساددا يىگىت. ھەمدە ئۇ، بارلىق يىگىتلەرگە خاس بولغان ئىشق-مۇھەببەت ئوتىدا كۆيگەن سۆيگۈسىنىڭ ۋىسالىغا يېتىشكە ئالدىرايدۇ.

ناھايەت قاپقارا مەخمەلدەك كۆزلەرگە ئىگە، گۈزەللەر گۈزىلى 17 ياشلاردىكى سۆيگۈسى مېرسېدېس بىلەن 1815- يىلى 28- فېۋرال كۈنى نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ۋەھالەنكى، مۇشۇنداق  بەختلىك بىر كۈندە، بەختسىزلىك بۇ ئىككى ياشنىڭ تەقدىرىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئۇشبۇ بەختسىزلىك بولسا، نىكاھ مۇراسىمىدا يىگىتنى ساقچى ئەمەلدارى قولغا ئالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ «فىراۋن» ناملىق كېمىسىنىڭ كاپىتانى بولۇشىنى كۆرەلمىگەن كېمىنىڭ بوغالتىرى 25 ياشلاردىكى كۆرۈنۈشى خېلىلا سۆرۈن، ئۆزىدىن ئۈستۈنلەرگە خۇشامەت، قول ئاستىدىكىلەرگە قوپاللىق قىلىدىغان دانگلار بىلەن مېرسېدېسنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ پۇچۇلىنىپ يۈرگەن قارا كۆزلۈك، قىزىل يۈزلۈك، قارا چاچلىق، ئاچچىقى يامان، قاۋۇل 21 ياشلاردىكى فېرنانىڭ چېقىمچىلىق قىلىشىدىن ئىبارەت يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچرايدۇ. يەنى ئېدمون، «پادىشاھقا ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغان ئېلبا ئارىلىغا پالانغان ناپالېئوننىڭ خەت ئالاقىچىسى» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ. ژاندارمىلار ئېدموننىڭ ئىككى قولتۇقىدىن تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغاندا، سۆيگۈسى مېرسېدېسنىڭ  كۆزلىرىدىن ئوق تەگكەن كېيىكنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشتەك تارام – تارام ياشلار تۆكۈلىدۇ ۋە نالە قىلىپ نىدا قىلىدۇ.

يىگىت گوياكى ئۆز نىگارىنىڭ يۈرەك –  باغرىنى يېرىپ چىققان بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاھۇ- زار ساداسىنى ئاڭلاپ، پەيتوننىڭ پەنجىرىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ «خەيرى – خۇش مېرسېدېس» دەپ، ۋاقىرىغان پېتى كېتىپ قالىدۇ. ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پەيتوننىڭ ئارقىسىدىن قىز: «خەيرى – خۇش، داستېس! خەيرى – خۇش ئېدمون!» دەپ، نالە قىلىپ قالىدۇ. ئېدمون سوراق خانىدا، تەپتىش ئەمەلدارى ۋىلفورنىڭ ئالدام – خالتىسىغا چۈشىدۇ. چۈنكى ئېدمونغا چاپلانغان جىنايەتكە، ئۇنىڭ دادىسىمۇ چېتىلىپ قالغان ئىدى. مانا بۇ تاسادىپىيلىقتىن ئۈركۈپ كەتكەن تەپتىش ئەمەلدارى ئاقكۆڭۈل يىگىتنى ئالداپ، ئۇنى ئەڭ ئېغىر سىياسىي جىنايەتچىلەرنى پالايدىغان، كەتسە كەلمەيدىغان سىرلىق ئارالدىكى ئىف قەلئەسىگە مەھكۇم قىلىدۇ. ئېدمون بۇ مۇستەھكەم سېپىللار بىلەن قورشالغان سىرلىق قەلئەدىكى قاراڭغۇ زىنداندا 14 يىل ياتىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئوتلۇق سېغىنىش بىلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، ئازابلىق ئىڭراپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە خىرقىرىغان ئاۋازى بىلەن قايتا – قايتا قىزنىڭ نامىنى تىلغا ئالىدۇ. قىش كۈنلىرى سوغۇقتىن تىترەپ گۇندىخانىدىكى  پاخال ئۈستىدە تۈگۈلۈپ يېتىپ،«مېرسېدېس!» دەپ، قىزنىڭ ئىسمىنى تەكرارلايدۇ.

ياز كۈنلىرىدىكى تىنچىق ئىسسىقلاردا ھالىدىن كېتەي دەپ تۇرۇپمۇ، گۇندىخانىنىڭ تاشلىق يېرىدە ئېغىناپ تۇرۇپ، بۇ ئىسىمنى ياد ئېيتىدۇ. «ھەر بىر يامان ئىشتا، بىر ياخشىلىق بار» دېگەندەك، بۇ زىنداندىن قىچىشنى پىلانلاپ، يەر ئاستى تونېل قازغان «ساراڭ» لەقەملىك بوۋاي ھەزرەت بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. چۈنكى ھەزرەتنىڭ قازغان تونېلىنىڭ ئۇچى ئېدموننىڭ گۇندىخانىسىدىن چىقىدۇ. يالغۇزلۇقنىڭ دەستىدىن ئەقلىدىن كېتەي دەپ قالغان ئېدمون بوۋاينى كۆرۈپ، قۇتقۇزغۇچى پەرىشتىنى كۆرگەندەك خوش بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر- بىرلەپ بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا رىم كاردىنالىغا كاتىپ بولغان بىلىملىك ھەزرەت، ئېدموننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدانغانلىقىنى، بىر يوشۇرۇن سۇيىقەستنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى روشەن رەۋىشتە تونۇپ يېتىدۇ. ئەقىل – پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن ھەزرەت، ئېدموننىڭ ئەركىنلىككە شۇنچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق ھېكمەتكە باي بىر سوئالنى سورايدۇ: «يىگىت، ئەركىنلىكنى ئىستەمسەن ياكى بىلىمنىمۇ؟» بۇ سوئالدىن تەئەججۈپلەنگەن ئېدمون، ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا:«ئەركىنلىك!» دەپ، جاۋاب بېرىدۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان ھەزرەت، بىر ئاز مەيۈسلەنگەن قىياپەت بىلەن قەتئىي رەۋىشتە مۇنداق دەيدۇ: «گېپىمگە قۇلاق سال ئەي يىگىت! بىلىمسىزلىك ھەر ئىنساننى قايتا مەھكۇملۇققا مۇپتىلا قىلىدۇ.

سەن ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشمەكچى بولساڭ بۈگۈندىن باشلاپ، مېنىڭدىن بىلىم ئېلىشقا باشلا!». بۇنىڭ بىلەن ئېدمون ھەر كۈنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، ئۇ باشتا ئاددىي ھېسابلاشتىن باشلاپ، ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە ۋە فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئاندىن پەلسەپە ۋە گىرېك تىلى، نېمىس تىلى، ئېنگلىز تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۆز ئۇستازى ۋاپات بولغاندا، جەسەتنى سالغان تاغارنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى يوشۇرۇۋېلىپ، ناھايىتى ئاقىلانە چارە ئارقىلىق قەلئەدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇستازى ئېيتىپ بەرگەن گىراف مونتىي – كرىستو ئارىلىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئۆز ۋاقتىدا تىقىپ قويغان مىسلى ھېسابسىز خەزىنىنى ئۆز بىلىمىنى ۋە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ قولغا چۈشۈرىدۇ ۋە ئاخىرىدا يەنىلا شۇ بىلىمنىڭ كۈچى بىلەن قولغا چۈشۈرگەن بايلىققا تايىنىپ تۇرۇپ، ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆز دۈشمەنلىرىدىن بىر – بىرلەپ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ.ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنسان ئۆزى ئىلىم – مەرىپەتنى سۆيىدىغان، كىتاب ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان بولۇشى كېرەك ۋە ئۆزىدە يېڭىچە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك،- دەرسى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، دەرس ۋاقتى توشقان ئىدى. يەنى تەنەپپۇسقا قوڭغۇراق چېلىندى. مەسئۇت ئەپەندى چېچىلىپ كەتكەن دەرس تېمىسىنى خۇلاسىلەش ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:«ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەجدادلىرىمىز بىلىم توغرىسىدا مۇنداق قوشاقلارنى قاتقان:

بىلىم بىلىڭ ئەي بېگىم،

بىلىم سىزگە يار بولۇر.

بىلىم بىلگەن ئول ئەرگە،

بىر كۈن دۆلەت بار بولۇر.

بىلىملىك ئەر بېلىگە،

تاش قىستۇرسا قاش بولۇر.

بىلىمسىزنىڭ يېنىغا،

ئالتۇن قويسا تاش بولۇر.

ساۋاقداشلار شۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلاركى بىلىم يالغۇز كۈچ بولۇپ قالماستىن بەلكى ئەركىنلىك بېغىشلىغۇچى مېھرىبان ئاتىدۇر.«!

مەسئۇت ئەپەندى دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سىنىپنىڭ دېرىزىسى تەرەپكە قارىدى. مەكتەپ قورۇسى بولسا، قانداقتۇر بىر ئىشقا ئالدىرىغاندەك شامال ئارىلاش لەپشىپ يېغىۋاتقان قارلار بىلەن پۈركەنمەكتە ئىدى. ئاق داستىخاندەك يېيىلغان قېلىن قار بىلەن ئورالغان ئۇدۇلدىكى تەن – تەربىيە مەيدانىنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈلمەي چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، مەرىپەتچىلىك يولىنى ئاقارتىۋەتكەندەك تۇيغۇ بېغىشلىماقتا ئىدى. ئاپئاق قارنىڭ يورۇقىدا سىنىپنىڭ ئىچى يورۇپ كەتكەن ئىدى. دېرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى:«كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىدىغان زور بىر زىيالىيلار قوشۇنى بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىدىن بارلىققا كېلىدۇ ۋە كەلگۈسىدە شەكىللىنىدىغان بىر مەپكۇرىمۇ سىلەردەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك قېنىنىڭ سەرپ قىلىنىشىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دەپ پىچىرلىماقتا ئىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top