ئۇيغۇر ياشلىرى لېدىرلىق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر ياشلىرىنى لېدىرلىق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» 13-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش رەئىسى ۋە تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ كۇرسنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، ئىككى ھەپتىلىك ئۇ كۇرستا كۆرۈنەرلىك نەتىجىدە قازانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى شۇنداقلا مىللىي كىملىكنى قانداق قوغداپ قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياشلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە تەربىيەلەش ئۈچۈن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئىنوس (Olivia Enos) خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنى بۇ پىروگراممىغا تەكلىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنچىۋالا جىددىي بىر مەسىلىگە قېتىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىش مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن چوڭ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرىجىدىن تاشقىرى جىددىي بىر مەسىلە. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەت داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش، ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر ئىش. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇيغۇرلار قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاش ۋە ياردەم بېرىشكە ئەرزىيدۇ. پۈتۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تاقالغۇچە بىزمۇ تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ مەسىلە ھەر بىر مەھبۇس ئەركىنلىككە چىققۇچە، ھەر بىر ئائىلە بىرلىشىپ ئۆزئارا جەم بولغۇچە پۈتۈن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئالاقىدار قىلىدىغان بىر مەسىلىدۇر. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتى، تىرىشچانلىقى ۋە زېھنىنى بېغىشلىغان شەخسلەر ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈن مانا مۇشۇ زالدا ئولتۇرۇپتۇ، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتلار، لېكسىيەلەر ۋە نۇتۇقلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم».
ئولۋىيا ئىنوس خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ كۇرستىن تولۇق پايدىلىنىشىنى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قانداق قىلغاندا ئۆزلىرىنى ئەڭ ياخشى يېتىشتۈرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەردىن تارتىنماستىن سوئال سورىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ سۆزى ئاخىرىدا: «بۇ پروگراممىغا قاتنىشالمىغان، ئۆزىنىڭ نامىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى مۇشۇ پىروگرامما تۈگىگىچە قەلبىمىزدە ۋە ئەقلىمىزدە ساقلايلى»، دېدى.
يىغىندا يەنە ئامېرىكا تېنىچلىق ئېنستىتۇتى پروگرام مەسئۇللىرىدىن رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت خانىم سۆز قىلىپ، ئامېرىكا تېنچلىق ئېنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش تۈرلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، تۈر باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ياشلارنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئوخشاش تۈرلەرگە ياردەمدە بولۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ تۈر خىزمەتلەرنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئۈچ تۈرلۈك ساھە بويىچە ئۆگىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتى، مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇلاردىن باشقا يەنە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىملەر ئۈچۈنمۇ مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
بۇ قېتىملىق «ئۇيغۇر ياشلىرىنى لېدىرلىق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» 13-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە 10 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ كۇرسقا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 42 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشتى.
يىغىندا دوكتور مەغپىرەت خانىم بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى كۆزلىگەن مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ھازىر ناھايىتى چوڭ قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ بۇرچى، بىز ئۆزىمىز مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتىمىز، مىللىي مەدەنىيەتنى ۋەتىنىمىزدە ناھايىتى ياخشى ياشىغان، شۇ مەدەنىيەتنىڭ مۇھىتىدا چوڭ بولۇپ ئۈسۈپ يېتىلگەن بىزلەر بولساق ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىپلا قالماستىن بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىز-باسارلىرىمىز بولغان ياشلىرىمىزنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىمىز كېرەك، ياشلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھاياتىدىكى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن لېكسىيە سۆزلەپ ھەم ئۆزىنىڭ ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىدىغان ھەم ئۇيغۇرلۇقىنى، مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك رول ئوينىيالايدىغان دەرىجىدە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلدۇق».
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ كۇرسنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتايغا قارشى كۈرەش سېپىدە كەلگۈسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش جەھەتتە ياشلارنى تەربىيەلەپ ئىز باسار يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ۋە بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن بۇ كۇرسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ كۇرسقا قاتناشقان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ماھىدە ئابدۇلھەمىد، بۇ كۇرسقا قاتناشقان تەسىراتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىيەلىگەن بولسىمۇ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى ھەپتىلىك كۇرسقا قاتنىشىپ ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى كۇرسقا يەنە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ياپونىيەدىن كېلىپ كۇرسقا قاتناشقان ياشلاردىن مەردان باييۈز ئۆزىنىڭ ياپونىيەدە خەلقئارا ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇ كۇرسقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىن كەلگەن ئۇيغۇر ياش زەپەر مەمەت ئۆزى بىلەن ئۈچ ئوقۇغۇچى كېلىپ بۇ كۇرسقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكادىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
ر ف ئا ئۇيغۇرچە خەۋىرىنى ئۆزگەرتىپ تەييارلاندى.
مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-yashlar-medeniyet-senet-07152024130214.html?fbclid=IwZXh0bgNhZW0CMTEAAR125ODRGtqDt37GXXArqaTZk5as0dJG7RYuDD4fLvGi3TEk4kXgBNqr60w_aem_sIGis-zFXIJF7vVPp2a-6w
كۇرستىن بىر قىسم كۆرۈنۈشلەر: