You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سىيىت نوچى (35)

سىيىت نوچى (35)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سىيىت نوچى بولسا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يېنىدا ناھايىتى سالماقلىق ئولتۇراتتى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ھەيرانلىق، بىئاراملىق ۋە چۆچۈش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە سەرگۈزەشتى ئۇنىڭغا مانا مۇشۇنداق قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدى. ئۇ كۈچەپ قارشى تۇرغان ھەرقانداق ئىش ۋە ئۇنىڭغا زورلاپ تېڭىلغان ھەرقانداق ئارزۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغان رېئاللىققا ئايلانغان چاغدىمۇ، بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېگەن گەپنى ھەرگىز ئېغىزىغا ئالمايتتى. بۇرۇن ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، چاپىنى يېشىپ تاشلاپ، ئىككى يېڭىنى تۇرۇپ، مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپ، رەقىبىگە مۇش بىلەن پەشۋا ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن بولسا، ياش ئەللىككە يەتكەندە مېيىقىدا كۈلۈپ،  ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى ئۆگەنگەن ئىدى.

بولۇپمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ خاتالىقلىرى ئالدىدا سەۋر قىلىشنى، ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى ئۆگەنگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى «جىگدە يېغىلىقى» ھەققىدىكى جەڭلەرنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەۋاتقاندا، سىيىت نوچىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇچتۇرپان كەلگەن ئىدى ۋە ئۇ يەردە قالغان ئايالى ھۆسنەرىخان بىلەن مەرھۇم دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويغان ئوغلى توختىنى ئېسىگە ئېلىپ، پەرىشان ئىلكىدە، قۇياشنىڭ نۇرلىرىدا جىمىر-جىمىر قىلىپ چاقناپ تۇرغان دەريا سۈيىگە قاراپ ئولتۇرغان ئىدى. ھازىر يېنىدا ئولتۇرغان مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تەبەسسۇمى ۋە مېھىرلىك بېقىشلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخىرىقى سۆزلىرى ھىجران ئازابىدا شىكەستىلەنگەن يۈرىكىگە تەسەللى بولغان ئىدى.

مەسئۇت ئەپەندىنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان نودەر گاڭگۇڭ بولسا، ئەسلىدە سورۇن باشلانماي تۇرۇپ، سىيىت نوچىنى ئېلىپ كېتىشنى ئويلىغان ئىدى. يەنى سورۇننىڭ بارلىق چىقىملىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەمما، ئۆزىنىڭ ۋە سىيىت نوچىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، سىيىت نوچى بىلەن ئۆزى داڭلىق بىر ئاشپۇزۇلدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىدى. لېكىن، سورۇنغا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن پۈتۈن ئىش ئۆزگىرىپ كەتتى. بولۇپمۇ، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قايىل قىلارلىق ئىبارىلەر بىلەن قىلغان سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن نودەر گاڭگۇڭ مەسئۇت ئەپەندىگە قايىل بولغان ئىدى ۋە سورۇندىن سىيىت نوچىنى ئېلىپ قوپۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلغان ئىدى. مانا شۇ دەمدە  يۈزىگە چۈشۈپ تۇرغان قۇياشنىڭ نۇرلىرىدا نۇرلىنىپ كەتكەن يوغان كۆزلىرىدە، قانائەتلىنىش، سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

نودەر گاڭگۇڭ ياش جەھەتتىن سىيىت نوچى دېمەتلىك بولۇپ، بوي – پوستىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. ئەمما ئۆڭى سىيىت نوچىنىڭكىدەك ئاقسېرىق بولماستىن بەلكى بۇغداي ئۆڭ ئىدى. سىيىت نوچى راۋاب چېلىپ، قوشاق قېتىم ناخشا ئېيتىدىغان ئەلنەغمىچى بولغىنىدەك، نودەر گاڭگۇڭمۇ دۇتار ۋە تەمبۇر چېلىپ، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان داڭلىق سازەندە – ناخشىچى ئىدى. ئۇ، ئىلى خەلقىنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئېيتىپ كېلىۋاتقان ناخشىلىرى ئېيتىپ، خەلق ناخشىلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان خۇش ئاۋازلىق ناخشىچىلاردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ھەممىگە قادىر ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلاتتى. ئېيتقان ناخشىلىرىدا مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ خاسلىقى بار ئىدى، ئۇنىڭ كۈيلىرىدە غۇلجا قورۇلىرىدىكى ئەتىرگۈلنىڭ خۇشپۇراق ھىدى بار ئىدى. ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىدە شەرەپلىك ۋە تىراگېدىيەلىك تارىخىمىزنىڭ ئىزنالىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى ئىلى خەلقىگە مەنىۋى ئوزۇق ۋە مىللىي روھنىڭ شەجەرىسى ئىدى. تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئېيتقان ناخشىلار بولسا، ئىلى خەلقىنىڭ پاجىئەلىك سەرگۈزەشتلىرىدىن پۈتۈلگەن قەسىدە ئىدى.

مەسئۇت ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، نېرىراقتا ئولتۇرغان سەدىردىن پورەك، ئادىلبەگنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي سەل – پەل گاڭگىراپ قالغان ئىدى.

دەرۋەقە، سورۇننى كۆپ كۆرۈپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتكەن، ئويۇن تاماشا دېسە جاندىن كېچىدىغان ۋە قىلغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئانچە ئويلاپ كەتمەيدىغان «پورەك»، دەرھال ھوشىنى تېپىپ، سورۇن ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سورۇننى قىزىتىشنى ئويلىدى – دە، يېنىدا ئولتۇرغان ئۆزى ۋىجىك كەلگەن پەيتارى ۋە يېشىغا باققاندا كۆزلىرىنىڭ چاناقلىرىغا ۋاقىتسىز چوڭقۇر قورۇقلار چۈشكەن چاقچاقچى ھېكىم قورۇققا قاراپ قويۇپ:

– ئاغىنىلەر، زاتەن مەسئۇت ئەپەندىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھەممىڭلار ئوبدان چۈشەندىڭلار. ئۇنداق بولسا، يىراقلاردىن تاغ ئاتلاپ كەلگەن ئەزىز مېھمىنىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۈگۈن سورۇننى قىزىتىپ چاڭ چىقىرىۋېتەيلى. سىيىتاخۇن ئاكىمىز «ئىلىخونىڭ سورۇنى مۇنداق بولىدىكەندە» دەپ، ئاغزىنى ئېچىپ داڭ قېتىپ قالسۇن. قېنى ئۇنداق بولسا، سازەندىلىرىمىز سازلىرىنى سازلىغۇچە، بىردەم – يېرىمدەم ئاغىنىمىز ھېكىمدىن بىرە ئىككى يۇمۇر- لەتىپە ئاڭلىساق،- سەدىردىن پورەكنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ، ھېكىم قورۇق، جايىدىن قوزغىلىپ، يەك تىز ئولتۇرغاندىن كېيىن يۇمۇرىنى باشلىدى:

– غۇلجىلىق بىر ئاداش ئالمۇتاغا چىقىپ ئالتۇن چىش سالدۇرماقچى بولۇپ، چىش دوختۇرغا بېرىپتۇ. دوختۇر، بىمارنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىمارنىڭ چىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇت يەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ،- :«ئەپەندىم، چىشلىرىڭىز پۈتۈنلەي كاردىن چىقىپتۇ، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىڭىز، ياخشى بولاتتىكەنتۇق، ياكى، سىلەرنىڭ ئۇ يەرلەردە چىش دوختۇرى يوقمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. غۇلجىلىق ئاداشمۇ قىزىقچى نېمىكەن، بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:« چىش دوختۇرى يوق ئەمەس، بار. ئەمما، ئۇ يەردىكى سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىغا يول قويمايدۇ.«

چاقچاق – يۇمۇرغا شۇنچىلىك ھېرىسمەن سورۇن ئەھلى، يۇمۇرنىڭ ئاخىرى چۈشە – چۈشمەيلا، ھەممىسى تەڭلا،- پاراققىدە كۈلۈشتى. كۈلكىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەي تۇرۇپ، كۈلكىدىن مۇسكۇلسىز يۈزىنىڭ تېرىلىرى پۇرلىشىپ كەتكەن ھېكىم قورۇق يەنە بىر يۇمۇرنى باشلىدى:

–   نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى، ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولغىنى كەلسە، ئىشىكى

قۇلۇپلاقلىق ئىكەن، بۇنىڭدىن تېرىككەن ئاغىنىسى، ئەپەندىمنىڭ دەرۋازىسىغا «ئېشەك» دەپ، يېزىپ قويۇپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەپەندىم ئاغىنىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ئاغىنىسى:« مەن ئۆيۈڭگە بارغان، لېكىن سەن يوق ئىكەنسەن» دەپتۇ. ئاندىن ئەپەندىم مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:«ھە، مەن بىلدىم، ئىسمىڭنى دەرۋازىغا يېزىپ قويۇپتىكەنسەن». لەتىپە تۈگەش بىلەن تەڭ سورۇندىن «ۋەيت!» دېگەن سادا تەڭلا كۆتۈرۈلدى. ئەتراپقا دەھشەتلىك يېيىلغان كۈلكە ساداسىدىن ئاباياتىن بېرى جىمجىت تۇرغان دەرەخنىڭ ياپراقلىرىمۇ «ۋەيت!»دەپ كۈلۈۋاتقاندەك بىر لەھزە شىلدىرلاپ يەنە جىمىپ كەتتى. بەزىلەرنىڭ تېلىقىپ كۈلگەن كۈلكىسى تېخى توختىماي تۇرۇپ، ھېكىم قورۇق ھوشيارلىقى چىقىپ تۇرغان كۆزىنى ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، بىر چەتتىن كۈلۈپ، بىر چەتتىن ئىشتىھا بىلەن كاۋاپ يەۋاتقان، ئۆزى ئاغمىخاندەك سەمرىپ كەتكەن ۋە «ئېشەك»دەپ لەقىمى بار، تۇڭگان قاپاق ئابلانى ئىما قىلىپ، –  ئاداش ئابلا، ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە قاچان بارغانتىڭلا ؟ دېيىشىگە، سورۇندىن بىراقلا «ۋەيت!» دېگەن سادا يەنە تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ، سورۇندىن قىقاس چىقىپ كەتتى.  ئارقىدىنلا:

–  ئاداش ئابلا، ئەپەندىمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى توپا يۇمشاق بولغاچقا، شۇ توپىنى دەپ

بارغانمىتىڭلا يا.

– ۋەيت!

جېلىل يۈزىدىن كەلگەن، بويۇنلىرى قاقىرنىڭ بويۇنلىرىدەك ئۇزۇن چاقچاقچى:

– نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ھۇي، ھازىر شە – شەدە تۇڭگانلار مەنسەپ تۇتقاندىن بۇيان،

ئابلاغا ھال كىرىپ، داق يەردە ئەمەس، تىكىمەتنىڭ ئۈستىدە ئېغىنايدىغان بولدى.

ۋەيت…

ھېكىم قورۇق:

– توغرا ئېيتىڭلا ئاداش، ھازىر ئابلا ئاداپنىڭ ئورنىغا پىنتاڭ ئىچىدىغان بولۇپ كەتتى.

ۋەيت…

– ئېغىلدا ئەمەس، يامۇلغا بېرىپ ھاڭرايدىغان بولۇپ كەتتى.

– ۋەيت…

كەينى – كەينىدىن كەلگەن چاقچاقنىڭ نەتىجىسىدىن كۆتۈرۈلگەن «ۋەيت!» دېگەن سادالار، دەريا بويىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئەتراپتىكى دەرەخ تاللىرى، قىرلاردىكى ئوت – چۆپلەر كۈلۈپ تېلىقىپ قالغاندەك توختىماي شىلدىرلاۋاتاتتى. ھەتتا «ۋەيت» دېگەن سادادىن قورقۇپ قاچقان كەسلەنچۈكنىڭ ئارقىسىغا تاشلاپ قويغان قۇيرۇقىمۇ كۈلۈپ تېلىقىپ قىلىۋاتقاندەك، بىر ھازاغىچە جايىدا توختىماي سەكرەپ، كىچىك بىر دائىرىدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى. نېرىراقتا كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ قاق ئېتىپ كۈلگەن كۈلكىسىدىن كاۋاپدانلاردىكى ئوتلارنىڭ كۈللىرى توزۇپ، چوغلارنىڭ يۈزلىرى پەرەڭدەك قىزىرىپ لاۋۇلداپ كەتكەن ئىدى. بېشىدا شۇنچە غەم، شۇنچە ئوت كۆيۈۋاتسىمۇ بىر «ۋەيت!» بىلەن تەڭ، ھەممىنى بىراقلا ئۇنتۇپ كېتىدىغان بۇ خەلق، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم ئادەملەردەك خۇش – كەيپىيات ئىچىدە توختىماي پاراقلاپ قايناۋاتقان داش قازاندەك پۇخادىن چىققىچە كۈلۈۋاتقان ئىدى.

بۇ سورۇننى كۆرگەن ھەرقانداق بىر سىرتتىن كەلگەن يوچۇن ئادەم، بۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك قوۋم دەپ قارىشى مۇتلەق ئىدى. سورۇن ئەھلىنىڭ قاتارىدا سىيىت نوچىمۇ «ۋەيت» دەپ كۈلۈپ، ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتۈپ، ھەسرەتلىك خىيال قاينىمىدىم بىراقلا قۇتۇلغان ئىدى. قۇتۇلۇشنىڭ «قېچىش»تىن باشقا چارىسىنى تاپالماي، يۇرتمۇيۇرت قېچىپ يۈرگەن مۇساپىرچىلىق ھاياتىدا، بىرىنچى قېتىم كۆڭلى مۇشۇنچىلىك ئېچىلىپ يايرىغان ئىدى. ئەتراپتا چېپىپ يۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ياش يىگىتلەردىن تارتىپ كۈلكىدىن مۈكچەيمىگەن بىرسىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ زوڭزايغىنىچە كۈلۈپ «ۋاي ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان بولدى» دەپ، تولغانسا، بەزىلىرى كۈلكىسىگە ھاي بېرىپ، كاۋاپدانغا توختىماي كاۋاپ بېسىۋاتاتتى. پەقەت مەسئۇت ئەپەندىلا ئۆزىنى سالماق تۇتۇپ، ھەربىر يۇمۇر- لەتىپىگە ۋە ئارقىسىدىن ئۇلاپ كەلگەن چاقچاقلارغا پەقەت تەبەسسۇم بىلەنلا جاۋاب قايتۇرۇپ ئولتۇراتتى. مانا مۇشۇنداق بىر مەيدان قىقاس – چۇقاندىن كېيىن سازەندىلەر سازلىرىنى قولغا ئېلىپ، مۇقام كۈيىگە شاھ مەشرەپ غەزەللىرىدىن ئارىيە توۋلىدى. مۇقامنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدىن مەستخۇش بولغان سىيىت نوچىمۇ راۋابىنى قولىغا ئېلىپ، زىل تارىلىرىغا زەخمەكنى ماھىرلىق بىلەن ئۇردى ۋە مۇقام ئېيتىپ، دۇتار چېلىۋاتقان نودەر گاڭگۇڭغا تەڭكەش قىلدى.

ساتارىم تارىغە رىشتەسىدىن تار ئېتىپ سالسام،

ئانىڭكىم نالەسىدىن بىنەۋانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.

مۇقام ئالىپ مۇقام ئىچرە مەقامنى دىلغە جا قىلسام،

مۇھەببەت كويىغە سالسە ئانىڭ ئالدىدا مەن چالسام.

مەقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۇسەيىنىيۇ، ئەجەم دەرلەر،

بۇلاردىن يۇقىرىسى پەردەئى باياتىنى چالسام.

يېتىپ ۋەسلىگە ھىممەتنىڭ جۇدالىق تاغىدىن ئۆتسەم،

ئىچىپ ۋەسلىڭ شەرابىدىن قىلىپ تەڭكەش سىگاھ چالسام.

كەل، ئەي مەشرەپ، قەدەھ سۇنغىل بۇلايىن مەستۇ مۇستەغرەق،

بىر ئېلگە كاسەئى تەنبۇر، بىرگە جامى مەي ئالسام.

مۇقامنىڭ ئارقاسىدىن سازەندىلەر دەرھال پەدىنى يۆتكەپ، چالغۇلىرىنىڭ تارىلىرىغا ناخۇن ۋە زەخمەكلىرىنى شۇنچىلىك ئىتتىك ئۇرۇشقا باشلىدى. نودەر گاڭگۇڭ دەم ئېلىۋالغاندەك بولدى – دە، ئاندىن نەغمىگە كەلتۈرۈپ ئىلى خەلقىنىڭ بىغۇبار شائىرى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىسى بىلال نازىمنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىشقا باشلىدى:

دىلرابا، مەن زارىنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلىگىن،

يۈزتۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلىگىن.

كۆپ رەقىب تەنە ئېتىپ خۇنابە يۇتتۇردى ماڭا،

ئادىل ئولساڭ ئول دۈشمەننى قەتلى جاللات ئەيلىگىن.

بادە بەرگىل، سېغارۇر قويماي بىلالى قەترەئى،

ھەم بۇزۇلغان كۆڭلىنى مەي بىرلە ئاباد ئەيلىگىن.

نودەر گاڭگۇڭ دۇتار چېلىپ ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ ساز چالغان سىيىت نوچى بىلەن بىرگە 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت تەمبۇرىنىڭ تارىغا ناخۇننى شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن چېكىۋاتاتتى. مانا بۇ تەمبۇرچى بولسا، ئىلىدىن يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ھۈسەيىن تەمبۇر ئىدى. ئۇ ياش تۇرۇپلا ناخۇننى چېكىپ چېلىش، ئەركىلىتىپ چېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆز ئۇستازلىرىنى تاڭ قالدۇرۇۋاتقان ياش تەمبۇرچى ئىدى. ئۇنىڭ تەمبۇرنى بۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىشلىرى ھەركىمنىڭ تاڭ قالدۇراتتى. تەمبۇر، راۋاب ۋە دۇتارلارنىڭ ساداسى، نودەر گاڭگۇڭنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنى زىلزىلىگە سالدى. مۇڭلۇق كۈي – غەزەللەر بىلەن سۇنۇق كۆڭۈللەر شاد بولدى ۋە پۈتۈن تەبىئەتكە جانغا جان قاتتى.

جىمجىت ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى جۇشقۇنلاپ، مەۋج ئۇردى، دىلمۇك تاغلىرىدىن ئەسكە شامال دەرەخزارلىقنى جانلاندۇردى. تېرەك شاخلىرىغا قونغان بۇلبۇللار، سازلارنىڭ كۈيىگە جۇر بولۇپ، خەندان ئۇرۇپ سايرىدى.مۇقام، داستان ۋە مەرغۇللىرىغىچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالغان سازەندىلەر ئاخىرى توختىدى. لېكىن، سەدىردىن پورەك، ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، تەكەللۇپ بىلەن، سىيىت نوچىنى نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا قوشاق توقۇپ، راۋاب چېلىپ، يەككە پەيزى قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە كۆپچىلىكمۇ بىردەك چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. شە – شەدە راۋاب چېلىپ، قوشاق قېتىپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتكەن سىيىت نوچى، ھال تارتىپ ئولتۇرمايلا، گاچچىدە قۇچىقىدىكى راۋابىنى قولىغا ئېلىپ مەيدىسىگە تىرەپ، تارغا زەخمەك ئۇردى. راۋابنىڭ تارىسىدىن چىقىۋاتقان ئەزگۈ كۈي سورۇن ئەھلىنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالدى. نېرىدىكى سۈپ – سۈزۈك بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاۋاتقىنىدەك شوخ – يېقىملىق، تاڭ ساباسىدەك ئەركىن ئاۋازى بىلەن قوشاق قاتتى:

سورۇن قىپتۇ بەگ-غوجاملار،

دەريا بويىدا.

خالايىقمۇ توپلىشىپتۇ،

ياداڭ باغرىغا.

نودەر بىلەن سىناشماققا،

مېنى چىللىدى.

قايداق قىلاي؟ چارەسىزلىك،

يۈرەك تىلغىدى.

شۇ تەۋەررۈك راۋابىمنى،

باغرىمغا باستىم.

ئەزىم ئىلى دەرياسىغا،

مۇڭلىنىپ باقتىم.

شۇ ئەسنادا مەسئۇت ئەپەندى،

خىزىردەك كەلدى.

ئەل ھۆرمىتى – ئالقىشلاردا،

كۆڭۈللەر كۈلدى.

ناۋاتتەك شۇ بەلەن سۆزلەر،

يۈرەككە ياقتى.

قېرىنداشلىق مېھرى خۇددى،

سەل بولۇپ ئاقتى.

خۇشاللىقتا راۋابىمنى،

قولۇمغا ئالدىم.

كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى،

قوشاققا قاتتىم:

ئالتە شە(ھەر)لىك، ئىلىخولۇق،

ھەممىسى تۇغقان.

بۇزالمايدۇ بۇ رىشتىنى،

ھىيلىگەر شەيتان.

راۋابنىڭ ياڭراق ساداسى بىلەن سىيىت نوچىنىڭ يۈرەككە داۋا ئاۋازى تېرەكلىكتىن كۆتۈرۈلۈپ، كۆك قەرىگە شۇڭغۇۋاتقان چاغدا، يىراقتىكى يارنىڭ باغرىدىكى «كولوسسېئۇم»نىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر بارا – بارا شالاڭلىشىپ، ئازلاپ كەتكەن ئىدى. پەقەت ئويۇننىڭ مېھرىدىن كېچەلمەيدىغان بىرقانچە كىشى پىژ-پىژ ئاپتاپتا قاق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا باقماي، «كولوسسېئۇم»نىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپ يۈرەتتى. چۈنكى ئۇلار ئۈمىدىنى يوقاتمىغانلاردىن ھېسابلىناتتى. گەرچە تېرەكلىكتىن كەلگەن خەۋەرچى قۇشلار ئۇلارغا، ئىككى نوچىنىڭ مۇشتلاشمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقاندەك بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، مەشرەپ ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، پۈتۈن پىكىر- خىيالى پەقەت شۇ مۇشتلىشىشنى كۆرۈشتىلا بولغاچقا، بۇ قاقاس ئويمانلىقتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆزىنىڭ خۇنى قالمىغان، مۈكچىيىپ دوك بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي بۇ «ئويۇن» نى كۆرۈشكە كەلگەن ئاقساقاللىق بوۋاي، قولىدىكى تولا سىلاۋېرىپ يۈزى سىلىقلىنىپ، پارقىراپ كەتكەن ھاسىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ جىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغاندەك چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: – «باي باينىڭ قۇياشى، مۇساپىرنىڭ غېرىب ئاداشى» دېگەن دەل مۇشۇدە.

بۇ نودەر دېگەننىڭ ھېچنېمىسى يوق بىر يېتىم. ئۇنداق بولغاندىكىن سىيىت نوچىدەك بىر مۇساپىر بىلەن، بىردەمدىلا چىقىشىپ ئاغىنە بولۇپ كەتكەن گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزىق ئويۇننى بۇزۇۋەتكەن مەسئۇت دوختۇرمۇ بىر باي، بۇنداق بولغاندىكىن سورۇندىكى باي – غوجاملارمۇ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۈستىگە سۆز قىلالماي جىم ئولتۇرغان گەپ. ھەي، شۇنچە ئۇزاق يەردىن ئاۋارە بولۇپ، بۇ تاماشانى كۆرەمىزمىكىن دېسەك، بۇ ئويۇنمۇ بىزگە نېسىپ بولماپتۇ. بولغۇلۇق يەنە بىزدەك گادايلارغا بولدىدە،- بوۋاي مۇشۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا قىزىق ئاپتاپتا كۆيۈپ كۆسەيگىلا ئوخشاپ قالغان، ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر شاپ بۇرۇت ئادەم، بوۋاينىڭ چىشلىرى چۈشۈپ كالاچتەك ماكچىيىپ كەتكەن ئاغزىغا قانداقتۇر بىرنەرسىنى يېگۈزۈپ، يەنە بىر نەرسىنى چىقىرىۋالىدىغاندەك دىققەت بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.

شۇ ئارىدا، بېشىغا مايلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپىسىنى باستۇرۇپ كىيىۋالغان تاز چىراي، 20 ياشلاردىكى ئوتتۇرا بوي بىر بالا، پۇتىنى پۇراپ تۇرغان ئىتنىڭ بېقىنىغا «چاخە قانجۇق» دەپ، زەردە بىلەن بىر تېپىك تىپىپ، ئىتنى كاڭشىتېۋەتكەندىن كېيىن، بوۋاي بىلەن شاپ بۇرۇت ئادەمنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنى تېخىمۇ سالماق، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك كۆرسەتمەكچى بولغان بىر كىشىدەك، ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرۇپ، تەمكىن قىياپەتتە،- ئادىلبەگنىڭ ھالىغا ئېچىنىمەن. ئۆزى يامۇلنىڭ مەنسەپدارى تۇرۇقلۇق مۇشۇنچىلىك بىر ئىشنى باشقا ئاچىقىشقا قۇدرىتى يەتمەپتۇ. يەنى گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام، كەمبەغەللەرنىڭ  بالىلىرى ئۈچۈن ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويىمەن دەپ، ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن مەسئۇت دوختۇرغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بولغۇلۇق يەنە بىزدەك گادايلارغا بولدى. ئويۇن كۆرىمىز دەپ، شۇنچە يەردىن ئاۋارە بولۇپ، بۇ دوزاختەك قىزىپ كەتكەن يار باغرىغا كېلىپ، ھېچنېمىدىن – ھېچنېمە يوق ئاپتاپتا كۆسەيدەك كۆيۈپ كەتتۇق. ئەمما، ئەزبىرايى خۇدا، مەن سىلەرگە دەپ قوياي، بۇ ئىش مۇنداق ئاسان تۈگىمەيدۇ. ئىككى گاڭگۇڭ مۇشتلاشمىغىنى بىلەن بەگ بىلەن دوختۇر مۇھەققەق مۇشتلىشىدۇ.

جېنىمىز مۇشۇ ئاجىز تېنىمىزدىلا بولسا، تېخى ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇشتلاشقىنىنى مۇشۇ يەردە كۆرىمىز. دوختۇر جىم تۇرسىمۇ، ئادىلبەگ جىم تۇرمايدۇ. ئۇ چوقۇم دوختۇردىن بۇ سەتچىلىكنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ،- دېدى. ئىككى كۆزى خۇنۈك ئاقساقال بوۋاي بىردىنلا ئەقلىگە كەلگەندەك قىلىپ، سۆز قاتتى – گېپىڭنىڭ ئۇرانىدىن قارىغاندا، جېدەلنىڭ چوڭى ئالدىمىزدىكەندە. بوپتۇ، بېشىمىز ئامان بولسىلا، مۇشتلاشنى بۈگۈن كۆرەلمىسەك، باشقا كۈنى كۆرەرمىز. مەيۈسلەنمەڭلار ئوغۇللىرىم. بۇ يەردە تۇرۇۋەرمەي، كېتەيلى،- دەپ، ھاسىسىنى يەردىكى شورلۇق توپىغا كۈچەپ تىرەپ تۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ئىزى بىلەن تولۇپ كەتكەن تۇپىلىق يولغا قاراپ كېتىپ قالدى.

شۇ ئەسنادا تاز چىراي بالا، شاپ بۇرۇت ئادەمگە قاراپ – بىزنى ھەقاچان تېرەكلىكتىكى سورۇنغا يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. شۇڭا ئۇدۇل يارداڭلىقنىڭ تۇمشۇقىغا بارساق، بولۇق ئېگىز ئۆسكەن چۆپلۈكنىڭ ئارىسىدا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر بۇلاق بار. شۇ يەرگە بېرىپ راسا پىلەكچىلەپ ئىككىنى ئۇراپ چېكىپ، ئۆزىمىزنى ئەرشئەلانىڭ قەرىدە كۆرمەمدۇق، تېخى مۇشتلاشنىڭ چوڭى شۇ يەردىمۇ،- دەپ گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنى كۈلكىگە زورلاپ ھىجايدى. ئۇلار تۇپىلىق يولدا كېتىۋاتقاندا، ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئىت تىللىرىنى ئىككى غېرىچ ساڭگىلىتىپ، ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ، ئاتەشتەك ئاپتاپنىڭ ئەپتىدىن قىزىپ ئوت يېنىپ تۇرغان تۇپىنىڭ ئۈستىدە تىكاكلاپ ئاران مېڭىپ كېتىۋاتاتتى. تۇپىلىق يولدا ئادەملەر بىلەن ئىتلارنىڭ ئىزلىرى بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىن بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ياڭراق ساداسى بارا – بارا ئۆچۈشكە باشلىدى.

قاپقارا قوي كۆزلۈگۈم،

جېنىم پىدا بولسۇن ساڭا.

جېنىدىن كەچكەن سەتەڭلەر،

ئاشنا بولسۇن ۋاي ساڭا.

قاپقارا قوي كۆزلۈگۈم،

ئەگمە قېشىڭنى ئاي قىلىپ.

جاننى ئالغان كۆزلىرىڭ،

يىغلاتتى يادىمغا يېتىپ.

مانا ئەمدى ساز ۋە ناخشىلارنىڭ، كۈلكە – چاقچاقلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈنلەي بېسىققان ئىدى. دەريا سۈيى بولسا، قۇياش ئوتشارىدەك بولۇپ پەسلەۋاتقان تەرەپتىكى تېرەكلىكلەر، تاقىر ئېتىزلىقلار ۋە تاشلىق سايلارنى يانداپ لەرزان ئېقىپ كېتىۋاتاتتى. كەچكى قۇياشنىڭ بەدەخشان ياقۇتىدەك قىزىرىپ تولغان يۈزىدىن چېچىلغان نۇر چەشمىلىرى دەريا سۈيىنى ئالتۇن بېلىق رەڭگىگە كىرگۈزۈۋەتكەن ئىدى. دىلمۇك تاغلىرىدىن كېلىۋاتقان سەلكىن، دەريا يۈزىدە گويا بېلىق قاسراقلىرىدەك ئۇششاق دولقۇنلارنى پەيدا قىلماقتا ئىدى ۋە دەريا لېۋىدىكى پاكار، تاقىر ئۆسكەن ئوت – چۆپلەرنى، تېرەكلەرنىڭ توپا – چاڭ باسقان ياپراقلىرىنى يەڭگىل يەلپۈۋاتاتتى. كۈندۈزى دوزاختەك قىزىپ، قىيامەت قوپقان بۇ ماكان، ئەمدىلىكتە سۈكۈنات ئىچىدە پىنھان ئۇيقۇغا پاتقانىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top