You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (34)

مەسئۇت ئەپەندى (34)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەسئۇت ئەپەندى قوشاقنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بولۇپ،  ئۇلۇغ بىر تىندى. ئۇ بۇ ئۇزۇن تارىخىي ھېكايىنى باشتىن ئاخىرغىچە ھېچ ئۈزۈپ قويماي سۆزلىگەچكىمىكىن، گاللىرى قۇرۇپ، پىشاينىلىرى تەرلەپ كەتكەن ئىدى.

ئۇ ئالدىدا تۇرغان پىيالىدىكى مۇزدەك سوغۇق چاينى بىر ئوتلاپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى چىقىرىپ، پېشانىسىدىكى مونچاق – مونچاق تەرلەرنى ئالدىرىماي سۈرتىۋەتتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ بەش بارمىقى بىلەن چاچلىرىنى ئارقىسىغا بىر تاراۋېتىپ، كۆپچىلىكنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ قانداق دېگەندەك قىلىپ، سورۇن ئەھلىگە بىر قۇر كۆز ئاتتى. ئەمما كۆپچىلىك خۇددى ئولتۇرۇشتا ئەمەس، بەلكى جىددىي رەۋىشتە ئېچىلىۋاتقان يىغىندا ئولتۇرغاندەك شۇنچىلىك دىققەت بىلەن مەسئۇت ئەپەندىگە قاراپ ئولتۇرۇشاتتى. بۇ ھالنى كۆرگەن مەسئۇت ئەپەندى سەل خاتىرجەم بولغاندەك بولۇپ، دىمىقىنى بىر قېرىپ قويغاندىن كېيىن، ئالدىرىماي يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:

–  ئەزىز قېرىنداشلىرىم مېنىڭ بۇ تارىخنى مۇنداق بىر سورۇندا سۆزلىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئىلىنىڭ شەرقىي بەش ئايمىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى شۇ چاغدىكى قەشقەر ۋە ئۇچتۇرپاندىن سۈرگۈن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل قىلىنغان. ئاشۇ كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن ئائىلىلەرنى 100 تۈتۈندىن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان جايلارنىڭ نامى شۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاۋامنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ۋە ياكى تۇنجى يۈز بېشى بولغان كىشىنىڭ ئىسمى ۋە لەقىمى بىلەن ئاتىلىدىغان «يۈزلۈك» يېزىلار ۋە مەھەللەر مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن پولات يۈزى بولسا مېنىڭ بوۋامنىڭ دادىسى تۆمۈرنىڭ دادىسى پولاتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئۇندىن باشقا روزىمەت يۈزى، كېپەك يۈزى، تۇرپان يۈزى، جېلىل يۈزى، خۇدىيار يۈزى، سادىق يۈزى، موللا توختى يۈزى، ساقى يۈزى، تۇردى يۈزى، قادىر يۈزى، بەختىيار يۈزى، سۇلتان يۈزى، ئىبراھىم يۈزى، مەمتىمىن يۈزى، خوتەن مەھەللە، يەكەن مەھەللە، قاغىلىق مەھەللە، قۇمۇل مەھەللە، ئاقسۇ مەھەللە قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان يېزا ۋە مەھەللىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ھېلى ھەم قەشقەردىن تاغ ئاتلاپ كۆچۈپ چىقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى يوق. چۈنكى قەشقەردىكى ما تىتەي «قۇشقاچ ئالۋىنى» دەپ، مەجبۇرى «موم سېتىۋالىسىلەر» دەپ ۋە ئۆزىگە كاتتا ساراي – قەلئە سالغۇزۇپ، قەشقەر خەلقنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم – خورلۇقنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. باج – سېلىق، غەللە – پاراقنىڭ ئېغىرلىقىدىن ياشاشقا تاقىتى قالمىغان خەلق ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بولماقتا.

مانا مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا بىر-بىرىمىزگە يار- يۆلەك بولۇپ، ياقا – يۇرتلاردىن مۇساپىر بولۇپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ يۈرەك يارىلىرىغا مەلھەم بولۇشنىڭ ئورنىغا، قەدىمى رىملىق قۇلدارلارنىڭ گىلادىياتورلارنى سوقۇشتۇرۇپ تاماشا كۆرىدىغان قىلمىشلىرىدەك رەزىل قىلمىشلارنى قىلىپ يۈرۈشكە يۈرىكىمىز قانداقمۇ چىدايدۇ؟ ئەگەر راستتىنلا ئىككى يېنىمدا ئولتۇرغان باھادىر ئەزىمەتلەرنى بىر- بىرىگە سوقۇشتۇرۇشنى ئويلاپ، بۇ سورۇننى قۇراشتۇرغان بولساڭلار، ۋادەرىخا! سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا، ۋادەرىخا!، «يەتتە قىزلىرىم»نىڭ روھى ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئەركەك چاغلاپ قىلىۋاتقان قىلمىشىڭلارغا. ئاغىنىلەر دوپپاڭلارنى ئالدىڭلارغا قويۇپ، ئويلاپ بېقىڭلار، بۇنى قانداقمۇ دوستلۇق – ۋاپادارلىق، قېرىنداشلىق سۆيگۈسى دېگىلى بولسۇن؟ سىلەر نە قېرىنداشلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، نە ئادىمىيلىكنى؛ نە مېھماننىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىشنى بىلمەيسىلەر، نە كۆڭۈل ئېلىشنى؛ نە مۇساپىرچىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، نە ۋەتەنسىزلىكنى؛ نە نوچىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، نە نوچىلارنى ھۆرمەتلەشنى.

ئىنسان ئۇلۇغ تەڭرى تەرىپىدىن مۇكەممەل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىپ يارىتىلغان كائىناتتىكى ئەڭ شەرەپلىك بىر مەۋجۇداتتۇر. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ روھى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىدىن سۈپەت جەھەتتە پەرقلىنىدۇ، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ. ئۇلۇغ تەڭرى ئىنساننى مۇشۇ تەبىئەتكە مۇھەببەت بىلەن باغلانغان قىلىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئادەمنىڭ لېيىغا ئۆز سۆيگۈسىنى قوشۇپ تۇرۇپ ئەتكەن ۋە ئاشۇ سۆيگۈگە تولغان مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر پارچىسىنى يۇلۇپ ئىلىپ، بۇنىڭدىن ھاۋا ئانىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان. ئاندىن ئىككىسىنىڭ كۆڭلىنى سۆيگۈ بىلەن بىرلەشتۈرگەن. مانا بۇ ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەزرىتى ھاۋا ئانىنىڭ ساپ سۆيگۈسىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسى ۋۇجۇدقا كەلگەن. شۇڭا بۇ ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ مەنبەسى سۆيگۈ – مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى «ئى مۇھەممەد! سېنى بىز پۈتۈن جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى 107-ئايەت) دەپ خىتاب قىلىپ، ئىنسانلارغا مەرھەمەت، ياخشىلىق، سۆيگۈنىڭ ئەلچىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆڭلى ئۆچمەنلىك، نەپرەت بىلەن تولغان ئىنسانلار بىلەن تەشكىللەنگەن جەمئىيەت، رەزىللىككە ۋە زوراۋانلىققا تولغان بىر جەمئىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتىن پەزىلەتسىز ئىنسانلار يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ئىستىقبالى ئاخىرى ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بىر قوۋمنىڭ قۇتۇلۇشىمۇ يەنىلا سۆيگۈ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. سۆيگۈ بولغان يەردە ئۆز ئارا ياردەم بولىدۇ. خاتالىقلار ئۆز ئارا ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر قوۋمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغان مىللەتنىڭ ئەرك يۇلتۇزلىرى ھەر ۋاقىت سۆيگۈ بىلەن بىر – بىرىگە چىڭ باغلانغان بولۇش لازىم. ئەگەر ئۇلارنىڭ قەلبى بىر- بىرىگە بولغان نەپرەت، ھەسەت ۋە كىبىرلىك، شۆھرەت ۋە نەپسانىيەتچىلىك بىلەن تولغان بولسا، بۇنداق ئەرك يۇلتۇزلار زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىكاردىن بىكارغا ئېقىپ تۈگەيدۇ. ئۇ قوۋمنى ئەمەس ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىمۇ قۇتۇلدۇرالماي، ئۇلۇغ ئىشقا دەخلى يەتكۈزىدۇ. قەلبىنى كەۋسەر بىلەن ئەمەس، نەپرەت بىلەن سۇغارغان ئادەملەر ھەر ۋاقىت خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىگە بولغان نەپرىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قېرىنداشلىرىغا، دوست – يارەنلىرىگە ھەتتا سەپداشلىرىغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. بۇنداق بىر قوۋم، جەمئىيەت ۋە ئائىلە مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قاشغەرى ئۆزىنىڭ مەشھۇر «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى بەگ تىركەشسە، ئوتتۇرىدا ئاجىزلار ھالاك بولىدۇ». بۇ تەمسىلنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىساق، ئەگەر ئىككى نوچى سوقۇشسا، ئوتتۇرىدا خەلقىمىز ھالاك بولىدۇ. بۇنداق بەختسىزلىككە ئۇچرىشىمىزنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھەممىمىز ئوبدان ئويلاپ بېقىشىمىز كېرەك. بۇنداق پاسىقلاردەك ھەرىكەتتە بولۇشتىن نومۇس قىلىشىمز لازىم. بىر قوۋمنى گۈللەندۈرۈش سەپىرىدە، ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىدىكى نەپرەتنى تۈگىتىپ، بىر – بىرى بىلەن سۆيگۈگە تولغان ساپ بىر قەلب بىلەن يولغا چىقسا، خاتالىقلارنى توغرىغا يۈزلەندۈرگىلى، ئۆز ئارا ئىشەنچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بىر ئىدىيە، مەنپەئەت بىلەن ئەمەس، بىر روھ بىلەن بىرلەشكىلى بولىدۇ. روھىي بىرلەشكەن قوۋم مەڭگۈ ھالاك بولمايدۇ. ساپ روھقا ئىگە قىلىدىغان ئابى ھاياتنىڭ مەنبەسى سۆيگۈدىن ئىبارەت. سۆيگۈ بىلەن تولغان ئىنسانلاردىن قۇرۇلغان بىر جەمئىيەت ياكى بىر قوۋم بۇ ھاياتتا ياشاشقا ئەرزىيدىغان ئىنسانلىق ھۇزۇرىدىن ئۆز ئۆلۈشىنى چوقۇم ئالىدۇ. سۆيگۈ بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئەڭ ئالىي سۈپەت بىلەن ئىجرا قىلىدىغان جەمئىيەت پەزىلەتلىك جەمئىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ئاھالىلىرىمۇ پەزىلەتلىك ئاھالە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پەيلاسوپ فارابى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كىشى نەزەرىيەۋى ئىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى گۈزەللىك ھەققىدىكى ئومۇمىي چۈشەنچىلەرگە ماسلاشمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئادەتلەنگەن خۇلق – مىجەزىنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ «بارلىق ياخشىلىقلار ھەربىر كىشىنى بەختلىك قىلىشتىن ھالقىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ» دېمەك ھەققى بەخت ياخشىلىق، ھەقىقەت ۋە بىلىمدىن كېلىدۇ. ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بىلىم ۋە سەنئەت. گەرچە سۆيگۈ ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان بىر تۇيغۇ بولسىمۇ بۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، تەربىيەلەش  ۋە ئىجرا قىلىش ئىنساننىڭ ئۆز قابىلىيىتى ۋە كۆڭلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆڭۈل دېگەنلىك ئىنساننىڭ يۈرىكىدىكى سۆيگۈ، ئارزۇ، چۈشەنچە، ئوي ۋە نەپرەت قاتارلىقلارغا ئوخشاش تۇيغۇلارغا ئىگە بولغان بىر خىل روھىي خۇسۇسىيەتتىن ئىبارەت.

ئادەم قەلبىدەك ئاشۇ تۇيغۇ ئارقىلىق بىر شەيئىگە نىسبەتەن يېقىنلىقىنى ۋە شۇنىڭغا نىسبەتەن سۆيگۈسىنى ياكى نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆڭۈل ئىنساننىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزدە «كۆڭۈل ئازارىدىن تەڭرى بىزار» ۋە «تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، كۆڭۈل يارىسى ساقايمايدۇ» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بار. بىز بۇ يەردە سورۇن قۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنىڭ ئورنىغا بىر- بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، بىر- بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلساق ھەممىمىز ئۈچۈن نەقەدەر خۇشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ ھە!؟ ئىلى خەلقى بىلەن ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى، سۆيگۈسىنى ۋە كۆڭۈل رىشتىسىنى ساز- ناخشىلىرىمىز بىلەن كۈيلىسەك، چاقچاق – يۇمۇرلىرىمىز بىلەن ئىپادىلىسەك قانچىلىك ياخشى بولىدۇ ھە!؟ مۇبادا بۈگۈنكى سورۇن راستتىنلا ئاشۇنداق گۈزەل بىر سورۇن بولىدىغان بولسا، بىزلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ جىمجىت ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى ۋە يىراقلاردا ئۇيقۇدا ياتقان تەكلىماكان قۇملۇقىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسىمۇ چوقۇم جۇشقۇنلىنىپ، مەۋج ئۇرۇپ ئاقىدۇ.

ئىلى خەلقى بىلەن ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ رىشتىسى شۇ ئىككى دەريادەك مەڭگۈ ئۈزۈلمەي، داۋام ئېتىدۇ. سىيىت نوچىدەك ئەزىمەتلەرنىڭ بېشىغا چۈشكەن پاجىئە ھەممىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن پاجىئە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ قېنىمىز، جېنىمىز، روھىمىز بىر. كېلىش مەنبەيىمىز، بارىدىغان نىشانىمىز بىر.  بىزنى ھېچكىم بىر- بىرىمىزگە قارشى سوقۇشتۇرالمايدۇ. بىز بىر تەن، بىر روھ!، -مەسئۇت ئەپەندى سۆزىنى تۈگىتىپ، جايىدا ئولتۇرغاندا، قوللىرى ھاياجاندىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ راستتىنلا بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن نالە قىلىۋاتقان ئىدى. قوللىرىلا ئەمەس يۈرىكىمۇ، روھىمۇ تىترىگەن ئىدى. دەرۋەقە، بۈگۈن ئۇ، ئىككى نوچىنىڭ بىر- بىرىگە رەقىب بولۇپ مۇشتلىشىشنى توسۇپ قىلىشقا ئىشەنچىسى كامىل بولسىمۇ، ھالبۇكى، ئۆزى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۇسۇلى جەدىد ھەرىكىتى ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئاڭ، يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىگە قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، ھەققى ئەركىنلىككە ئىگە بولۇش يولىدا قىلىۋاتقان ئىش- ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن خاۋاتىرلىناتتى.

يېڭى بىر بالا – قازا ۋە سۇيىقەستلەرنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك ئېقىن ۋە قايناملارغا ئوخشاش باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تۇيۇۋاتاتتى.ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئادىلبەگ بولسا، باشتىن – ئاياق مەسئۇت ئەپەندىگە نەپرەتلىك كۆزلىرىنى تىكىپ، خۇددى»سۆزۈڭنى توختات! بولمىسا، ئاقىۋىتىڭنىڭ قانداق بولۇشىغا ئۆزۈڭ جاۋابكار» دەۋاتقاندەك ھۆمىيىپ ئولتۇراتتى. ئادىلبەگ قانچە ھۆمەيگەنسېرى، مەسئۇت ئەپەندى شۇنچە كۈچەپ سۆزلىگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ جاراڭلىق نۇتۇقى قانچە ئۇزارغانسېرى ئادىلبەگنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى ئۆچۈپ، گويا شېشىسى ئىستا قارىداپ، نۇرى خىرەلەشكەن كىرسىن لامپىسىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىچىدە،  مەسئۇت ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ شان – شەرىپىگە، ئابرۇيىغا ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان يەنە بىر قارا بۇلۇت دەپ جەزملەشتۈردى. شۇ دەقىقىلەردە ئادىلبەگنىڭ پۈتۈن ئەقلىنىڭ يېرىمى غەزىپى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنى ئورنىدىن چاچراپ قوپۇشقا كۈشكۈرتسە، يەنە قالغان يېرىم ئەقلى ئۇنىڭ بۇ قارارىغا پۈتۈنلەي قارشى ھالدا ئورنىدىن قوپماي، ئاچچىقىنى ئوغىنى يۇتقاندەك مەجبۇر يۇتۇشقا ئۈندەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ پۈتۈن ئەقلى مەسئۇت ئەپەندىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى كاللىسىغا سوقماقتا ئىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىلىك تەس ئىش ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلاۋاتقان ئاچچىقى ئاستا – ئاستا پەسلىدى. ئۇنىڭ ھەسەت ۋە ئىنتىقام ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئەقلى، بۇ سۇيىقەستنى ما داخۇانىڭ قولى ئارقىلىق ئېلىپ بارسا تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە پىچىرلىدى.

ئادىلبەگدىن باشقا سورۇندىكى ھەممىسىنىڭ چىرايىدا مەسئۇت ئەپەندىگە بولغان ھۆرمەت ۋە قايىل بولۇش ئىپادىلىرى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، ئادىلبەگنىڭ بۇ تاۋكادا ھوشۇقى ئالچۇ چۈشمىگەن ئىدى، ھەم باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن «چۇ» ئېتىپ بەرمىگەن ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۆزىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك شۇنچىلىك خور كۆردى. بېشى ساڭگىلاپ، ھەيۋىسى چۈشۈپ، تەختىدىن ئايرىلغان خانلاردەك كەيپىياتقا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ قەلبىگە شۇنچىلىك بىر ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چېچىلدىكى، بۇ ئاخىرى كۆكلەپ ئىنتىقام مايسىسى بولۇپ ئۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. دېمەككى ئارىستوتېل ئېيتقاندەك«ئەڭ چوڭ جىنايەتلەر ئېھتىياجى بولغان نەرسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىغا ئېرىشىش يولىدا سادىر بولىدۇ.«دەرۋەقە، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ سورۇن ئەھلىگە ئېيتقان ھېكايىسى ۋە نىدا – نالىسىنى ئاڭلىغان بەزىلەرنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئەقلى – ھوشى جايىدا بەزىلەر بەئەينى قاراڭغۇ كېچىدە چاقنىغان چاقماقتىن ئالدىدىكى قاراڭغۇ نەرسىنى ئىلغا قىلغاندەك ۋە يەنە ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرقى كۈنىنى ئايرىپ تۇرغان پەردە يىرتىپ تاشلىنىپ، كەچمىشتىكى ئەجدادلىرىنىڭ ئىش – ئىزلىرى كۆز ئالدىغا كەلگەندەك بولدى. ئاھ، نېمە دېگەن دەھشەت؟ ئاھ، رەھىمسىز ھايات! مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ۋەزىنى ئېغىر گەپلىرى بەزىلەرنىڭ مۇز تۇتقان كۆڭلىنىڭ ئۈستىگە بازغاندەك ئۇرۇلۇپ، ئەينەكتەك پارە – پارە بولۇپ كەتكەندەك ئىدى. ئەسلى ھەقىقىي ئىقتىدار ھەممە ئادەم بىلىدىغان گەپلەرنى چوڭقۇر بىر ھېسسىيات بىلەن مەدداھلاردەك سۆزلەش ئەمەس، بەلكى ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر تارىخىي ۋەقەلەرنى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئىبارىلەپ، كىشىلەرنى قايىل قىلىش ۋە تەسىرلەندۈرۈشتۇر، مانا بۇ سوقراتقا خاس ناتىقلىقتۇر.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top