You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە «09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنقەرەدە «09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئەنقەرەدە «09-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا كۆپ ساندا ئادۋوكاتلار، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا، تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى تۈركىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق تارمىقىنىڭ رەئىسى ئەخمەت دەمىرچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ۋە ئەنقەرە 2-نومۇرلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى باش كاتىپى ئۆزبەرك ئوسمانئاغائوغلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى يېتەرلىك قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئەركىن ئەمەت ئەپەندى مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنىدا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات سۇندى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيىلىك رايون قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارىتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قانۇن ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن، ئەنقەرەدىكى 2-ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى تۈرك دۇنياسى كومىتېتى رەئىسى ئادۋۇكات فارۇق كەلەشتىمۇر «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئاساسى» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى سۇندى. ئو سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان سىياسىتىنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ كەڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا، تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى تۈركىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق تارمىقىنىڭ رەئىسى ئەخمەت دەمىرچى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان قارىشى» تېمىسىدا دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى يەرلىك تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top