تەزىيە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىمىزنىڭ سابىق رەئىسى، خىتاي مەسىللىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئىنقلابچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ ماكانى جەننەت ۋە روھى شاد بولسۇن!
ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە ئاتىغان تۈركىيەدە تونۇلغان زىيالىيلىرىمىزدىن بىرى خىتاي تەتقىقاتچىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 2023 – يىلى 8 – دېكابىر كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 61 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
جانابى ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ماكانىنى جەننەت ۋە روھىنى شاد قىلسۇن! مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىدىكى سەبداشلىرىمىزغا سەۋىر-تاقەت تىلەيمىز!
«خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيىسى: خىتاينىڭ تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى»، «خىتايدىن ئاشكارلانغان لاگېر ھۆججەتلىرى: قاراقاش تىزىملىكى»، «يېڭى خىتاي – جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن يېڭى جاھانگىر كۈچ»، «خىتاي چۈشى»، «خىتاينىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك دۇنياسى» ۋە خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارشى تەييارلانغان «كۆك تاشلىق كىتاب» ناملىق كىتاب ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ۋە مۇھاجىرەتتىكى خىتايغا قارشى كۆرەشتە تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئىنقىلابچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1984-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئېنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ۋە 1987-يىلى ئايالى گۈلزادە تەڭرىتاغلى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىققان تۇنجى ئۇيغۇرلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئايالى گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم بىلەن بىرگە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىرادىلىك، قەيسەر، تەمكىن ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن، تاكى تىنىغىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان مىللىي كۆرەش سېپىمىزنىڭ غوللۇق تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 2018 – يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىبى، 2019-يىلىدىن 2023-يىلى 8-دېكابىرغىچە خىتاي تەتقىقاتى ئېنسىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە 2021-يىلى 19-ئىيۇندىن 2023-يىلى 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھەم شۇنداقلا 2023-يىلى 5-ئايدىن بېرى مەخمۇت قەشقىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تەلىم-تەربىيە ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى بولغان. ئۆزى ئىنتايىن ئىرادىلىك، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئاق كۆڭۈل كىشى ئىدى.
مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مىللىتىمىز ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولدى. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى زىيالىيلار مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنى ئىپتىخارلىق بىلەن ياد ئىتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنگە قەدەر كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز!
مەرھۇمنىڭ ماكانى جەننەت ۋە روھى شاد بولسۇن!
چۇڭقۇر قايغۇ ۋە ئېھتىرام بىلەن دوكتور رىشات ئابباس (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى)
2023-يىلى 8-دېكابىر