ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى كۈچەيتىش كۇرسى ئېچىلىدۇ
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگلىزچە، تۈركچە، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە كۈچەيتىش كۇرسى ئېچىلىدۇ
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارلىق، ۋەتەن -مىللەتكە ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىمىز ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون سەفاكۆيگە مەكتەپ دەرسلىرىنى كۈچەيتىش سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى.
بۇ يىل 24-ماي باشلانغان كۇرسلىرىمىز بىر قارار تاماملانغىنىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئىنگلىزچە، تۈركچە، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دەرس تەكرار قىلىش سىنىپلىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ قېتىم ئېچىلماقچى بولغان كۇرسلىرىمىزدا دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپ دەرسلىرىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان ماتىماتىكا، تۈركچە، ئېنگىلىزچە، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە كۈچەيتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سىنىپلىرىمىزدا بالىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ماس ھالدا قىزىقارلىق ۋە ئۈنۈملۈك مىتودلار بىلەن دەرس تەكرار قىلدۇرۇلىدۇ ۋە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسلەر ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلدۇرۇلۇپ مەكتەپتىكى نەتىجىسنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىلىدۇ. ئېنگىلىزتىلى كۇرسىمىز باشلانغۇچ سەۋىيەدىن باشلىنىدىغان بولۇپ يېڭى سۆزلەر، دىئالوگ، جۈملە تۈزۈش، گىرامماتىكا بىلەن بىرگە ئېغىز تىلى كۈچەيتىش، سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىشكە ياردەمچى بولىدىغان ۋىدىيولۇق دەرسلەر ۋە ھەرخىل كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەر ئويۇشتۇرىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن مەكتەپتە بېرىلگەن تاپشۇرۇقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
ئېنگىلىز تىلى كۇرسىمىز ھەپتە ئاخىرىدىكى شەنبە كۈنى بالىلارنىڭ يېشى ۋە سەۋىيەسىگە قارىتا گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ ئۆتۈلىدۇ.
دەرس ھەر شەنبە كۈنى 3 سائەت بولۇپ، 1-گۇرۇپپا سائەت 10:00 دا باشلىنىپ 13:00 تە ئاياغلىشىدۇ. 2-گۇرۇپپا سائەت 14:00 تە باشلىنىپ 17:00 دە ئاياغلىشىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئەتىگەنلىك ۋە چۈشتىن كېيىنلىك سىنىپلاردىن تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ.
كۇرس باشلىنىشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن سىنىپقا تەقسىملىنىشى ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىنىپ سىنىپقا ئايرىلىدۇ.
مەكتەپ دەرسلىرى كۈچەيتىش سىنىپلىرىمىز ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئىككى سائەت بولۇپ 18:00 دە باشلىنىپ 19:50 دە ئاياغلىشىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شەنبە سائەت 17:00 گىچە
تىزىملىغۇچى: ئابىدە نەسرىن (905525818000+ ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىغا كېلىشى كېرەك.)
تىزىملىتىش ئادرىسى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسى، كارتالتەپە مەھەللىسى، مەركەز كوچىسى، 3 يىلدىز تار كوچىسى، 2-نۇمۇر، 3-قەۋەت، سەفاكۆي، ئىستانبۇل (سەفاكۆي تاش قاسساپ قارشىسىدا)
Adres: Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Pamuklar İş Merkezi, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى
