ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇھاكىمە يىغىنى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن باشلاندى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە يالې مەكمىلەن مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدىن Yale University يالې (يېيىل) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇتۇش بىلەن باشلاندى.
12-ئۆكتەبىر كەچتە يىغىن قاتناشقۇچىلارغا بېرىلگەن زىياپەتتە مېزىلىك ئۇيغۇر تاماقلىرى سۇنۇلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كېيىم-كېچەكلىرى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت رەسىملەر بىلەن خەتتات ۋە فوتوگراف ئابلېكىم ئەمەت ئەپەندىمنىڭ ھۆسىنخەتلىرى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرە رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

