You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (12)

مەسئۇت ئەپەندى (12)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۈگۈن ئەدىرنە شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا ھېچ بۇلۇت يوق بولۇپ، بەئەينى ئۆزىنىڭ تۇمشىقى چىلىشىپ تۇرىدىغان ئەگە دېڭىزىدەك شۇنچىلىك كۆپ كۆك ئىدى. ئاسماندىكى قارا بۇلۇتلار ئاللىقاياقلارغا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. غەربتە بۇلغارىيە، شىمالدا گىرېتسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان بۇ زېمىن ئوسمان ئىمپېراتورلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۇپراقلاردىن بىرى ئىدى. 88 يىل ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى(1365-1453) بولغان بۇ شەھەر بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا(بىرىنچى بالقان ئۇرۇشى 1912-يىلى 8- ئۆكتەبىر باشلىنىپ 1913- يىلى 10-ئاۋغۇستتا ئاخىرلاشقان) بۇلغارىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان بۇ ئېغىزى ئۆز تېررىتورىيەسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىملەر پۈتۈلگەن قەغەزلەرنىڭ سىياسىي قۇرىماي تۇرۇپلا، ئىككىنچى قېتىم بالقاندا ئۇرۇش پارتلىغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشنى پۇرسەت بىلگەن دانا قوماندان ئەنۋەر پاشا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە 1913- يىلى 7- ئاينىڭ 21-كۈنى ئەدىرنەنى قايتىدىن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسى قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئىدى. ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشنى ئارقا – ئارقىدىن باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن ئەدىرنە خەلقىنىڭ ئۇرۇشتىن قالغان جاراھەتلىرى تېخى ساقايمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا روھلۇق، ئۈمىدۋار كۆرۈنەتتى. بولۇپمۇ بۈگۈن جۈمە كۈنى بولغاچقا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان سەلىمىيە جامەسى جامائەت بىلەن تولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ جامائەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن تۇتۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە جۈمە نامىزىنى قىلىش ئۈچۈن ئوبۇلھەسەن ھاجى، مەسئۇت سابىرى، سابىت مۇساباي، ئەخمەت كامال  قاتارلىقلار بۈگۈن جۈمەنىڭ ئالدىدىراق ئەدىرنەگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

ئەسلىدە ئەخمەت كامال باشچىلىقىدىكى مەسئۇت سابىرى قاتارلىق تۈركىستانلىق زىيارەتچىلەر كېلىشىۋالغان بويىچە پەيشەنبە كۈنى سەھەردىلا ئىستانبۇلدىن ئىككى چىلان رەڭلىك ئارغىماق قوشۇلغان پەيتون بىلەن، يولغا چىققان ئىدى. تەجرىبىلىك پەيتونچى تولا ھارۋا ھەيدەپ گەردىش بولۇپ كەتكەن قوللىرى بىلەن مايلانغان تاسما ياندۇرۇقتا ئاتلارنى ئوبدان باشقۇرۇپ، پەيتوننىڭ تۆت چاقىنى جالاق – جۇلۇقسىز يولغا سېلىپ، ئات تۇياقلىرىنى تىنچىتماي قەدەم ئالدۇرۇپ، پەقەت  ئارىلىقتا بىر قونۇپلا بۈگۈن جۈمەدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ۋالىي مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. مېھمانلار ۋالىينىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە شەخسەن ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شەھەر مەركىزىدىكى كاتتا مېھمانخانىلارنىڭ بىرىگە ئورۇنلاشتى. ھازىر ئۇلار ياتاقلىرىغا كىرىپلا، ھاردۇقمۇ ئالماي ئالدىراپ – تېنەپ شەخسىي تازىلىقلىرىنى قىلىپ، ئۈستباشلىرىنى چىرايلىق يەڭگۈشلىۋالغاندىن كېيىن، تاماقمۇ يېمەي، جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئۇدۇل سەلىمىيە جامەسىگە قاراپ ماڭغان ئىدى. «يول ئازابى، گۆر ئازابى» دەپ، ئۇلار قاتتىق چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەيۋەتلىك جامەنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ھارغىنلىقى ئۇچۇپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنى پادىشاھ سەلىم سالدۇرغان سەلىمىيە جامەسى ئىدى. ۋالىينىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇشى 1568- يىلى باشلىنىپ 1574- يىلى پۈتۈپ، رەسمىي جامائەتنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئوسمانلى تارىخىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم قۇرۇلۇشلاردىن بىرى ئىكەن. بۇ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئەخمەت جامەسىنى لايىھەلىگەن بىناكارلىق مۇھەندىسى مىمار سىناننىڭ 84 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا ئەڭ ئېسىل بىناكارلىق ھۈنەر- سەنئەت ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئەسىرى ئىكەن. ئەينى يىللاردا بۇ قۇرۇلۇشتا قوللىنىلغان تېخنىك ۋە ئۇسۇل بولسا، ھېچقانداق بىر بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا قوللىنىپ باقمىغان بىناكارلىق تېخنىكىسى ۋە ھۈنەر- سەنئەت ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. جامەنىڭ ئۈستى بولسا، ئېگىزلىكى 43 مېتىر، دىيامېتىرى 31 مېتىر كېلىدىغان يېرىم شار شەكىلدىكى بىر گۈمبەز بىلەن يېپىلغان. گۈمبەز بولسا، پەقەت 8 تۈرك تىرەپ تۇرىدىغان چەمبەر شەكىلدىكى تامنىڭ ئۈستىگە دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازان شەكىلدە قوپۇرۇلۇپ ياسالغان ئىكەن. دەرۋەقە، مىمار سىنان بۇنداق ئاجايىپ بىناكارلىق تېخنىك ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، جامەنىڭ ئىچىنى ناھايىتىمۇ كەڭ ۋە ناھايىتى بەھەيۋەت كۆرۈنىدىغان قىلىپ ياساپ چىققان. جامەنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا تۆت مۇنار ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھەربىر مۇنارنىڭ كۆككە تۇتاشقان ئېگىزلىكى 84 مېتىر، دىيامېتىرى 3،80 مېتىر كېلىدىكەن ۋە ھەربىرىدە ئەزان ئوقۇلىدىغان پەشتاقتىن ئۈچى بار ئىكەن. زاتەن بۇ جامەگە بىر كۆز ئاتقان ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغىنى ئاشۇ ھەيۋەتلىك گۈمبەز شەكىلدىكى ئۈستى بىلەن تۆت تەرىپىدىكى ئېگىز تۆت مۇنارىسى بولۇپ، قۇببەنىڭ تۆت تەرىپىگە تىكلەنگەن تۆت مۇنار خۇددى كۆككە تۇتاشقاندەك شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ۋالىينىڭ يول باشلىشى بىلەن جامەنىڭ قورۇسىغا، ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ ئارقىسىدىنلا قەدەم باسقان مەسئۇت سابىرى جامەنىڭ ئىچىگە كىرمەي تۇرۇپ، قورۇسىغىلا ھەيران قالغان ئىدى. نامازغا تېخى ۋاقىت بار بولغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت تېخى كەلمىگەن ئىدى. ئۇلار ئازادە قورۇنى بىر قۇر ئايلاندى. جامەنىڭ شىمال تەرىپىگە، جەنۇب تەرىپىگە ۋە ھويلىسىغا قاراپ ئىچىلىدىغان ئۈچ ئىشىكى بار ئىدى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەرەت ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان ئۈستى گۈمبەز شەكىلدە يېپىلغان ۋە مەرمەر تاشتىن ياسالغان، جۆمەكلىرىدىن سۈپسۈزۈك سۇلار تامچىپ تۇرىدىغان تۇرۇبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان شادىرۋان ياسالغان ئىدى. تاشقى قورۇسىدا تالىپ بالىلارغا قۇرئان ۋە ھەدىس دەرسلىرى ئۆتۈلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. مەسئۇت سابىرى جامە قورۇسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك جاي-جايىغا ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئوسمانلى بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن يۈكسەكلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئوقۇدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئەقلى بىر نەرسىگە تازا يەتمىگەن بولغاچقا، ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋالىيغا قاراپ – ۋالىي بەگ، مەن جامەنىڭ ئىچىگە تېخى قەدەم تەشرىپ قىلماي تۇرۇپلا، ئىچىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى مۇشۇ قورۇسىغا قاراپلا قىياس قىلىپ بولدۇم. مەن ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا، سۇلتان ئەخمەت جامەسىنى كۆرۈپمۇ بۇنچىلىك ھەيران قالمىغان ئىدىم. چۈنكى ئىستانبۇلنىڭ نامى جاھانغا مەشھۇر، شۇڭا ئۆزۈمچە ئىچىمدە «بۇنداق كاتتا شەھەرگە، مۇشۇنداق كاتتا جامە يارىشىدۇ!» دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمدى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى كىچىككىنە بۇ شەھەرگە، بۇ كاتتا جامە ھەقىقەتەن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا شۇنچىلىك يارىشىپتۇ. مەن يەنە بىر قېتىم ئۇستاز مىمار سىناننىڭ بىناكارلىق ماھارىتىگە، تېخنىكىسىغا ۋە ئۇنىڭ يۈكسەك ئەقىل -پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم. ئەمما مېنىڭ بىر نەرسىگە تازا دېتىم يەتمىدىمۇ قانداق ھېچ بىلەلمىدىم،- دەپ قولى بىلەن، يەرلىرى يېڭىلا ئاغدۇرۇلغان كىچىك باغچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ – ئاشۇ مەزىنلەر ۋە جامە خىزمەتكارلىرى يىغىلىپ تۇرغان سەينانىڭ يېنىدىكى باغچىنىڭ ئورنى تازا جايىدا بولمىغانمۇ قانداق؟ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ ئەيتاۋۇر بىلەلمىدىمغۇ تاڭ؟، – دەپ سورىدى. ۋالىي بولسا يېشى 50 لەرگە تاقاپ قالغان، تەققى – تۇرقىدىن  ھەربىيلەرگە خاس جەسۇرلۇق يىغىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ھەربىي ھالەتتە تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن جىددىي تۇرۇقلۇق، بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، ئاتايىتەن ئەخمەت كامال باشلاپ كەلگەن تۈركىستانلىق مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئەدىرنەنىڭ تارىخىنى، ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە بۇ جامەنىڭ پۈتۈن تارىخىنى بىر- بىرلەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ گېروي كەلگەن بەستىگە خويمۇ ياراشقان ئىنچىكە ئاق يولى بار قاراكۆك سارجىدىن تىكىلگەن كاستۇم – بۇرۇلكىسىنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان قارا سوكنى پەلتوسىنىڭ تۈگمىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى بىر تۈگمىسىنى ئېچىۋېتىپ، ئاپاق كۆينىكىگە تاقىۋالغان زەڭگەر رەڭ گالىستۇكىنى ئوڭ قولى بىلەن تۈزەشتۈرۈپ قويدى. ئۇ بۇ ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقاندا خۇددى بىر ئىشنى شۇنچىلىك تېز ئەسكە ئېلىشقا تىرىشتىمۇ قانداق پارقىراپ تۇرغان ئەگمە بۇرۇتلىرىنىڭ ھاۋاغا قاراپ تۇرغان ئۇچى سەل – پەل مىدىرلىغاندەك بولدى. ئاندىن ئۇ شۇنچىلىك يېقىملىق كۈلۈپ كەتتى ۋە – مەسئۇت بەگ سىزنىڭ پەرق ئېتىش تۇيغۇڭىزغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن. ئاڭلىسام غۇلجىلىقلارنىڭ قورۇ مەدەنىيىتىمۇ ئاجايىپ يۈكسەك ئىكەن. ھەربىر قورۇنىڭ بېغى ۋە كىچىك بولسىمۇ گۈلزارلىقى بولىدىكەن. بولۇپمۇ گۈللەرنىڭ ئىچىدە ئەتىرگۈلنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. جامەلەرنىڭ قورۇسىغا ئەتىرگۈل باغچىلىرىنى قىلغاندىن سىرت، تام ياقىلىرىغا شېرىنگۈل كۆچەتلىرىنى تىكىۋېتىدىكەن. شۇڭا بۇ ماكاننى «بۇلبۇللار ماكانى»دەپ ئاتىغان ئىكەن. مەن غۇلجا توغرۇلۇق ئەنە شۇ گۈزەل تەرىپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، شۇ ئاتا يۇرتلارغا قىزىل گۈلگە ئاشىق بولغان بۇلبۇلدەك ئۇچۇپ بارغۇم كەپ كەتكەن ئىدى. مانا بۈگۈن شۇ گۈزەل يۇرتلاردىن كەلگەن سىلەرنى كۆرۈپ، شۇ ئاتا يۇرتلارنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ سىزنىڭ بۇ سورىغان سوئالىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قېنىمىز بىر بولۇپلا قالماي يەنە، تۇرمۇش-ئادەتلىرىمىزدىن تارتىپ تا ئوي – پىكىرلىرىمىزگىچە ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم. ئۆز ۋاقتىدا مەن بۇ جامەنىڭ قورۇسىغا بىرىنچى قېتىم كىرگىنىمدىمۇ، بۇ باغچىنى پەرق ئەتكەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ جامەنىڭ تارىخىنى ئوبدان بىلىدىغان كونىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان چاغدا، خۇددى سىزنىڭ سوئالىڭىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سوئالنى مەنمۇ سورىغان ئىدىم. دەرۋەقە، سىز ئويلىغىنىڭىزدەك بۇ لالە باغچىسى ماڭىمۇ ئەپسىز، تەتۈر بىر يەرگە ياسالغاندەك بىلىنگەن ئىدى. كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ باغچىنىڭ شۇنداق ئەپسىز بىر يەرگە، ئىنشا قىلغانلىقىنىڭمۇ بىر ھېكايىسى بار ئىكەن. بۇ باغچىنىڭ ئىسمى «لالىزارلىق» بولۇپ، خۇددى غۇلجىلىقلار ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرگىنىدەك بۇ يەرنىڭ خەلقلىرىمۇ لالەنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەر باھاردا باشتا ئىچىلىدىغان گۈل يەنىلا لالە. باھار كېلىشى بىلەن بۇ بىر پارچە يەر قىپقىزىل لالىلەر بىلەن چىرايلىق ياسىنىدۇ. ئەينى چاغدا سۇلتان سەلىمنىڭ ئەمرى بىلەن مىمار سىنان بۇ دۆڭلۈككە جامە سالماقچى بولۇپ، يەر ئىگىلىرىدىن يەرلەرنى سېتىۋالغان ئىكەن. لېكىن يەر ئىگىلىرىدىن بىرسىنىڭ دەل ئاشۇ يەردە بىر لالىزارلىق بار ئىكەن. ئۇ ئادەم ئاشۇ لالىزارلىق «بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دەپ ئويلاپ، يېرىنى سېتىپ بېرىشكە ئۇنىماپتۇ. مىنار سىنان ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:«سېنىڭ بۇ بىر پارچە يېرىڭگە جامە سالىمىز. بۇ سەن ئۈچۈنمۇ ساۋابلىق بىر ئىش. جاھىللىق قىلماي يېرىنىڭ سېتىپ بەر. شۇنچە ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشنى باشلاش، پەقەت سېنىڭ ئېغىزىڭدىن چىقىدىغان بىر ئېغىز لەۋزىڭگە قاراشلىق بولۇپ قالدى. پادىشاھمۇ مېنى ئالدىرىتىۋاتىدۇ. قېنى قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيت، ئورۇنلاشقا مەن تەييار، مەن ئورۇنلىمىسام جاھان سوراۋاتقان سۇلتان سەلىم ئورۇنلايدۇ» دەپتۇ. ئاندىن بۇ بىر پارچە يەرنىڭ ئىگىسى بولغان دېھقان باش سېلىپ تۇرۇپ ئۆز تەلەپلىرىنى بۇنداق ئىبارىلەپتۇ:«مېنىڭ بۇ يېرىمدە سىلى ئۆزلىرى كۆرۈپ تۇرغانلىرىدەك، ئەنە شۇ قىپقىزىل لالىلەر بىلەن تولغان لالىزارلىقىم بار. مەن باشقا نېمىگە ئۆكۈنمەيمەن. ئاشۇ لالىزارلىقىمنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە ئىچ – ئىچىمدىن ئۆكىنىمەن». بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان مىمار سىنان:«سېنىڭ ئۇ لالىزارلىقىڭنىڭ كارى چاغلىق. مەن جامەنى سالغاندا، سېنىڭ يۈز-خاتىرەڭنى قىلىپ، بىر لالىزارلىق ياسىتىمەن. بۇ لالىزارلىق مەن ياسىغان جامە بىلەن تەڭ ئەسىرلەر بويى ھېچ بۇزۇلماي، جامە بىلەن بىرگە ياشايدۇ. سەن بۇنىڭدىن خاتىرجەم بول» دەپتۇ. شۇنداق قېلىپ دېھقان يەرنى سېتىپ بېرىپتۇ ۋە جامە قۇرۇلۇشىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭلا باشلىنىپتۇ. جامە پۈتكەندىن كېيىن، مىمار سىنان ئاشۇ يېرىنى سېتىشقا ئۇنىماي تەتۈرلۈك قىلىپ تۇرۇۋالغان دېھقاننىڭ يۈز- خاتىرىسى ئۈچۈن جامە قورۇسىنىڭ ئەنە شۇنداق ئەپسىز، تەتۈر يېرىگە لالىزارلىقنى بىنا قىلغان ئىكەن،- دەپ ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قويغان ۋالىي، جامە ئىشىكىنى ئىشرەت قىلىپ تۇرۇپ –  قېنى مېھمانلار ئىچىگە كېرىپ ئورۇن ئالغاچ تۇرايلى.- دېدى. ۋالىينىڭ سۆزىگە مەسئۇت سابىرى بىلەن تەڭ قۇلاق سالغان ئوبۇلھەسەن ھاجى- دەرۋەقە، بۇ ئالەمدە، ھەممە نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە بىر سەۋەب ۋە ئۇ نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ھېكايىسى بار، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاشۇ ھېكايىلەرگىمۇ ئاجايىپ ھېكمەتلەر سىڭگەن بولىدۇ. ئەنە شۇ كىچىككىنە لالىزارلىقنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ھېكايىسى بار ئىكەن. بۇ قىسقىغىنا ھېكايىدە بىرەر داستاندىمۇ كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ ھېكمەت بار ئىكەن،- دېدى ۋە ھەممىسى كۆتۈرەڭگۈ روھ، ئازادە كەيپىيات بىلەن جامەنىڭ ئىچىگە قاراپ يورىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top