مەسئۇت ئەپەندى (11)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
مانا ھازىر ئىستانبۇل بوغۇزلىرىدا ھېچبىر ۋاقىت كۆرۈلۈپ باقمىغان، جەھەننەمنىڭ تۇرخۇنلىرىدەك چوڭ تۇرخۇنلىرىدىن قاپ – قارا ئىس – تۈتەك چىقىرىپ تۇرغان ئەجنەبىي پاراخوتلىرى ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولدى. توپ ساراينىڭ ئۈستىگە توپلانغان يامغۇرلۇق قارا بۇلۇتلار بارغانسېرى قارا كۆرۈنىدىغان، ئاسماننىڭ يۈزىنى بۇرۇنقىدەك بەكرەك قارا پەردە بىلەن يېپىۋالىدىغان بولۇۋالدى. شۇڭا ئەنۋەر ۋە تەلەت پاشالاردەك ۋەتەنسۆيەر گېنېراللار ئۆز ۋەتىنىنىڭ ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ ئاتا يۇرتلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، تۈركىستان خەلقلىرىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشلىرىمۇ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان ئىدى. ئەنۋەر پاشا بىلەن تەلەت پاشا تۈركىستان ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلىغان ھامان، دەرھال ھەل قىلىش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ سەرپ قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئاجرىتاتتى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىمۇ ئۇلارنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىپ، تىرىشىپ ئوقۇۋاتاتتى.
بۇ ئىككى ياش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر بولغان ھەممە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تىرىشاتتى ۋە ئىككى پاشانىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۆزلىرىنى تۈركچىلىك ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنىڭ كىملىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزلۈك ئېڭى كۈنسايىن ئېشىپ، ئۆزلىرىدە ئىشەنچ، ئىرادە ۋە ئىلھام پەيدا بولۇۋاتاتتى. بولۇپمۇ تۈرك زىيالىيلىرىدىن زىيا گۆكئالپنىڭ ئەسەرلىرى مەسئۇت سابىرىغا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىلىرى «ھىلالى ئوسمانى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ھامان، ناھايىتى ھاياجان بىلەن ئوقۇيتتى. بۇ گېزىت بولسا، ئەخمەت كامال ئەپەندىنىڭ تەھرىرلىكى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا چىقىدىغان «ئىتتىھات ۋە تەراككى»نىڭ ئىدىيەلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەسئۇت سابىرى تېببىي بىلىملىرى، تەبىئىي پەن بىلىملىرى ۋە ھەربىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىمۇ ئالاھىدە يۈكسەك ئىدى. بولۇپمۇ ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەگە بولغان مۇھەببىتى ئالاھىدە يۈكسەك بولۇپ، خۇددى يېڭى تىلى چىققان بالىغا ئانىسىنىڭ ھەممە سۆزى ھەقىقەت بولۇپ تۇيۇلغىنىدەك، زىيا گۆكئالپنىڭ ماقالىلىرىدىكى ھەر بىر سۆز ۋە جۈملىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بىباھا بىلىم ۋە ھەقىقەت بولۇپ ھېسابلىناتتى. مەسئۇت سابىرى يەنە ياش نەشرىياتچى ئەخمەت كامال بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. مەيلى مەسئۇت سابىرى بولسۇن، مەيلى ئەخمەت كامال بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىزدىنىۋاتقان ياشلاردىن ئىدى. ئۇلار ئىزدەنگەنسېرى تېخىمۇ سەگەكلىشىپ كېتىپ باراتتى. سەگەكلەشكەنسېرى ئۆزىنى يايلاقتا ئەركىن چېپىۋاتقان ئارغىماقتەك شۇنچىلىك راھەت، شۇنچىلىك ئەركىن ھېس قىلىپ، تاغلار، داۋانلار، جىلغىلاردىن ئاشقۇسى كېلەتتى. ئۆز ئاتا يۇرتىغا قاراپ چاپقۇسى كېلەتتى. مانا بۇ ئىنسان روھىنىڭ تاكاممۇللىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلار مۇھەببەت ۋە ئۈمىد بىلەن ۋەتىنىنىڭ، مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقان ئىزدىگۈچىلەردۇر.
ئەخمەت كامال ئىستانبۇلغا كەلگىنىگە ئۈچ يىلدەك بولۇپ قالغان ئىدى، ۋاقىت جەھەتتىن ھېسابلىغاندا مەسئۇت سابىرى ئىستانبۇلنىڭ كونىلىرىدىن ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئەخمەت كامال ئۆز يۇرتى ئوسمانلى زېمىنىدىكى ئارال شەھەر رودوستىن ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن چاغلىرىدا، تەلەت پاشانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەسئۇت سابىرى بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئەخمەت كامال يىگىرمە بەش ياشلاردىكى تازا قىيامىغا يېتىپ، ئېگىز بوي تارتقان چىناردەك تەققى – تۇرقى شۇنچىلىك قاملاشقان يىگىت ئىدى. ئۇ، كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىلىم – مەرىپەتكە ئاشىنا بولغان بولۇپ، ئەدەبىيات ۋە تارىخ كىتابلارنى ئوقۇشقا ئالاھىدە قىزىققان. ئون ئالتە يېشىدا ئەدلىيە ئىدارىسىدا كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، بۇ خىزمەتكە ئۆزىنىڭ تازا رايىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، مۇئەللىملىك ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئون سەككىز يېشىدا مۇئەللىم بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئاشۇ كىچىك ئارال شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىپلا قالماستىن يەنە ساۋاتسىز ئەسكەرلەرگە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. بولۇپمۇ ئۇ، ئوقۇغۇچىلىرىغا مىللىي روھنى ئويغىتىدىغان دەرسلەرنى ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «بىرلىك ۋە تەرەققىيات» تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغاتقان ۋە تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. شۇندىن مۇقەددەم ئەخمەت كامال بۇ تەشكىلاتتىكىلەر بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە ئۇلارنىڭ يىغىنلىرىدا نۇتۇقلار سۆزلىگەن ھەمدە ماقالىلەرنى يېزىشقا باشلىغان.
كۆڭلىگە ئۇلۇغ غايىلەرنى پۈككەن ئەخمەت كامال 1911- يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ دۆلەتلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ ئىستانبۇلغا دەسلەپكى كەلگەن چاغلىرىدا مەسئۇت سابىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ پۈتۈن كوچىلىرىنى بىر- بىرلەپ كەزگەن، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدىكى تارىخى يەرلەرنى، موزېيلارنى ۋە ئەينى يىللاردا مىمار سىنان سالغان ھەيۋەتلىك جامەلەرنى زېرىكمەستىن، چارچىماستىن زىيارەت قىلغان. گۈزەل ئىستانبۇل ئۆز ۋاقتىدا مەسئۇت سابىرىنى ئۆزىگە قانچىلىك مەھلىيا قىلغان بولسا، ئەخمەت كامالنىمۇ شۇنچىلىك مەپتۇن قىلغان. ئاياسوفىيا، سۇلتان ئەخمەت، توپقاپى ۋە قاپالى چارشى قاتارلىق تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى، ئەسەر – ئەتىقىلەرنى كۆرۈپ ئىنسانىيەت تارىخىدا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان مىللەتلەرگە، جۈملىدىن مىمار سىناندەك بىناكارلىق ئىنژېنېرلىرىنىڭ سەنئەت قابىلىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئېستېتىك تۇيغۇلىرىغا، ئەقىل – پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىغان. ئۇ، دارىل مۇئەللىملىك ئىمتىھانىدىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاقسارايدىكى «رەھبەر ئىتتىھادى ئوسمانى» ناملىق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىرىنى بەرگەن. كېيىن ئۇ، قوشۇمچە «ئاپتاپ» ناملىق ژۇرنال ۋە «ھەق» ناملىق گېزىتلەردە ئىشلىگەن ۋە كېيىن مەكتەپتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ «ھىلالى ئوسمانى» گېزىتىنىڭ كۈندىلىك ماقالىلەرنى يېزىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان ۋە ئۆز قەلىمى بىلەن بۇ گېزىتتە نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.
ھازىر بولسا، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى بويىچە «بىرلىك ۋە تەرەققىيات» جەمئىيىتىنىڭ قارمىقىدىكى بەشىكتاش رايونلۇق مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ۋە قوشۇمچە جەمئىيەت ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىمەكتە. مانا بۈگۈن شۇ جەمئىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تۈركىستانلىق مېھمانلار ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە، ئىچكى ئىشلار نازىرى تەلەت پاشا بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. تەلەت پاشا بولسا، تۈركىستاندىن ھەجگە بارغان ۋە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ، تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباينى ئەدىرنەگە زىيارەتكە ئاپىرىپ كېلىشنى بۇيرىدى ۋە ئەدىرنە ۋالىيسىغا ئۆز قولى بىلەن يازغان مەكتۇپنى ئەخمەت كامالغا بېرىپ تۇرۇپ:«بۇ مەكتۇپنى ۋالىيغا بېرىڭ، ئۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن پائالىيىتىڭلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەدىرنەگە ئامال بار ئەتىلا يولغا چىقىڭلار. مەن مەخسۇس پەيتون ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، سىلەرنى ئەتە سەھەردە سابىت بەگنىڭ تاكسىمدىكى ئۆيىدىن ئالىدۇ. چۈنكى ئەتە پەيشەنبە، ئەتە يولغا چىقساڭلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئەدىرنەدىكى سۇلتان سەلىم جامەسىدە ئوقۇشقا ئۈلگۈرىسىلەر. ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە جامەدە جۈمە نامىزى ئوقۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بىز تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنچىلىك بولسىمۇ مېھماندوستلۇقىمىزنى كۆرسەتمىسەك قانداق بولىدۇ؟ بۇ زىيارەتكە غۇلجىلىق مەسئۇت سابىرىمۇ سىلەر بىلەن بىرگە بارىدۇ. ئۇلار ئەتىدىكى سەپەردىن خەۋەردار، ئۇلارغا خەۋەرچى يوللىدىم. ھە راست ئوبۇلھەسەن ھاجى توغرىسىدا، قولىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن سىزگە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
بۇ زات تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ بايلاردىن بولغان ئاكا – ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ. ئوبۇلھەسەن ھاجى 1856- يىلى ئاتۇشتىكى ئېكساقتا تۇغۇلۇپ، ئېكساق ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىستە دىنىي بىلىم ئالغان. 1880- يىللىرى، ئىككىنچى ئاكىسى باۋۇدۇنباي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇفا دېگەن شەھىرىگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇ مەزگىلدە يېڭى (جەدىت) مەكتىپىدە ئوقۇپ، بوغالتىرلىق كەسپىنى ئۆگەنگەن ھەم بىر شىركەتتە بوغالتىرلىق كەسپى بويىچە پىراكتىكا قىلغان. نەتىجىدە مالىيە ھېسابات ئىلىملىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن. بۇ زات بۇ جەرياندا رۇس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 1895- يىلى دادىسى مۇسا ھاجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاكىسى باۋۇدۇن بەگ رۇسىيەدىكى «مۇساباي بۇرادەرلەر شىركىتى»نىڭ سودىسىغا مەسئۇل بولغاندا، ئوبۇلھەسەن ھاجىنى شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ۋە موسكۋا، پېتىربورگ قاتارلىق جايلارنىڭ سودا ۋاكالەتچىسى قىلغان. شۇ يىللاردا موسكۋادا مەخسۇس رۇس، ئالمان (نېمىس) تىلىنى ئۆگەنگەن. ئوبۇلھەسەن ھاجى رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 20 يىلچە تۇرۇپ سودا قىلىش جەريانىدا، رۇسىيەدىكى خەلقئارالىق يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق كۆپلىگەن دۆلەت ۋە ئەللەرنىڭ سودا – سانائەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تونۇشقان.نۇرغۇن سانائەت خام ئەشياسى، يەرلىك توقۇلما، خام يىپەك، بۇغا – بۆكەن مۈڭگۈزى، ئەلتېرە، ئۈنچە – مەرۋايىت، قاشتېشى، خىلمۇخىل جاۋاھىرىيات، قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرى بىلەن يەرمەنكىلەرگە قاتناشقا ۋە جاھان بازارلىرىدا سودا قىلىپ، شۆھرەت قازانغان.
ئوبۇلھەسەن ھاجى 1905- يىلى رۇسىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن سودا ساھەسىدىن ھالقىپ سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان. 1905- يىلى رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەسىس قىلغان‹كالتە چاپانلار تەشكىلاتى›، 1906- يىلى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ‹تەرەقىيپەرۋەرلەر تەشكىلاتى› غا قاتناشقان. ئۇ ئالمانىيە(گېرمانىيە) ۋە فىرانسىيە قاتارلىق جايلاردا سودا ۋە سەيلە-ساياھەت قىلىپ، دۇنيانى جۈملىدىن باشقا ئەللەرنى چۈشەنگەن. ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى بىزنىڭ تەشىلاتىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا بىز ئورتاق نىشان، ئورتاق مەقسەت، ئورتاق ئىرادە ئۈچۈن، ئۇ زات بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئويلايمىز ھەمدە ئۇ زاتنىڭ بىزدىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىغا ۋە قانداق تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىمىز. شۇڭا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ قېتىمقى ئەدىرنە سەپىرىڭلار بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. بۇ ھەقتە سىزگە دەيدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك، ئەمدى بېرىپ ياخشى دەم ئېلىپ، ئەتە ۋاقتىدا يول چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭ، مەن سىلەرگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئاق يول تىلەيمەن!» دېگەن ئىدى.
دەل مۇشۇ دەقىقىلەردە مەسئۇت سابىرى قاپالى چارشىدىن ئايرىلىپ، تاكسىمدىكى ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ يول بويى ئەتە يولغا چىقىدىغان ئەدىرنە سەپىرىنى خىيال قىلىپ مېڭىپ گالاتا كۆۋرۈكىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەيلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرى بىردىنلا فوسفور بوغۇزنىڭ دولقۇنلۇق سۈيى ئۈستىدە بىر پەسلەپ بىر قاڭقىپ ئۇچۇپ يۈرگەن سان – ساناقسىز ئاپاق چايكىلارنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشلىرىغا چۈشتى. ھاۋانىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئەپ بىلەن سۇ يۈزىنى كۈزىتىپ، ئۆز رىزقىنى پەملىگەن ھامان سۈزۈلۈپ ئۇچۇپ كەلگەن پېتى، سۇغا باشچىلاپ شۇڭغۇپ كىرىپ، بېلىق ئوۋلايدىغان بۇ قۇشلار ھەقىقەتەن ئەركىن بىر مەۋجۇدات ئىدى. ئۇنىڭ ئەركىنلىكى مەيلى ھاۋادا، مەيلى سۇ يۈزىدە بولسۇن ناھايىتى روشەن رەۋىشتە نامايان بولۇپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ چىقارغان ئاۋازلىرىمۇ شۇنچىلىك ئەركىن ۋە يېقىملىق ئىدى. چايكىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ كۆڭلى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ، غەم – غۇسسىدىن بىردەم بولسىمۇ خالى بولماي قالمايتتى. مەسئۇت سابىرى دائىم بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە چايكىلارنىڭ ھەرىكىتىگە سەپسالماي قالمايتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىۋالغۇسى كېلەتتى.
مۇبادا بۇ دېڭىز قۇشلىرىنىڭ تىلىنى بىلىۋالالىسا، بەلكى بۇ دېڭىز ئۇنىڭغا، بۇ ھاياتنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويار ئىدى. دېڭىز بوغۇزىدا شامال ئەسمەيدىغان چاغ بولمايتتى. ھازىر تېخى باھار كەلمىگەن چاغ بولغاچقا بوغۇزدىن كېلىۋاتقان شامالنىڭ ئاچچىقى ئوبدانلا كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا مەسئۇت سابىرى پەلتوسىنىڭ ياقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەڭزىگە دالدا قىلدى. ئەمما كۈچلۈك شامال يەنىلا چىرايلىق ياسىتىۋالغان بۇرۇتى خويمۇ ياراشقان نۇرلۇق يۈزىگە كېلىپ ئۇرۇلۇۋاتاتتى. دېڭىز شامىلى ئۆزى بىلەن بىرگە ئەكەلگەن پۇراق خۇددى ئۇنىڭغا يىراق – يىراقلاردا قالغان يۇرتى ئارۇزنىڭ يار ئۈستىدە ئوتلاۋاتقان قويلىرىنىڭ يۇڭلىرىنىڭ ھىدىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ يەنە پەلتوسىنىڭ ئۆرە تۇرغان ياقىسىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، مەغرۇر بىر قىياپەت بىلەن قەدەم تاشلاپ ماڭدى ۋە چاققانراق ئۆيىگە يېتىپ بېرىۋېلىشى ئۈچۈن قەدەملىرىنى تېز- تېز ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەتراپتىكى كىشىلەرگە قارىدى. ئاندىن ئۇنىڭ كۆزى يەنىلا چايكا ۋە بوغۇزنىڭ سۈيىگە چۈشتى. ئىككى دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان بوغۇز سۈيى ئۇنىڭ ئەتىدىكى سەپىرىگە تىلەكداش ۋە ھەمنەپەسلىكىدىن دالالەت بەرگەندەك، دولقۇنلىرىنى قىرغاققا ئۇرۇپ، بۇژغۇنلىرىنى ئەتراپقا چاچماقتا ئىدى. قۇياشمۇ كەچكى شەپەقتە ئاناردەك قىزىرىپ، مەغرىبكە تېز چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا دېڭىز دولقۇنلىرىدەك داۋالغۇماقتا ئىدى. ئەتراپتىكى ئادەملەر خۇددى يامغۇر ئالدىدىكى ئىشچان چۈمۈلىلەردەك نەرسە – كېرەكلىرىنى يۈدىشىپ تېز ئۆيلىرىگە يېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش كېتىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا چۆرگۈلەۋاتقان بۇ دۇنيا ئۇنىڭغا تامامەن يوچۇن ئەمەس، شۇنچىلىك تونۇش ئىدى، ئۇنى ھېچبىر زامان نە بۇ گۈزەل ئىستانبۇل، نە بۇ بوغۇز، نە بۇ شەھەرنىڭ ئاۋام خەلقى رەت قىلغان ئەمەس. ئۇنى ھەر دائىم ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ياتسىراشلاردىن نېرى قىلغانتى.
ھەممە ئادەم ئۆزى كەلگەن، ئۆزى تۇرغان، ئۆزى ياشاۋاتقان يەردە ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى، ئۆزىنىڭ شۇ يەرگە مەنسۇپ بولۇشىنى، ئاشۇ بىر پۈتۈنلۈكنىڭ بىر زەررىچىسى بولۇپ، شۇنىڭغا ئائىت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق ئارزۇ پۈتۈن ئىنساننىڭ روھىدا ئەسلىدىلا مەۋجۇت. شۇ ۋەجىدىن مەسئۇت سابىرىمۇ بۇ شەھەرگە، شۇ دېڭىزغا، ئەتراپتىكى ئاۋامغا ئائىت بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ھەمدە بۇ ئارزۇسى تامامەن ئەمەلگە ئاشقانتى. ئاجايىپ سىرلارغا، قالتىس ھېكمەتلەرگە تولغان ۋە شاھانە تارىخلارنى يازغان ئىستانبۇل بىلەن فوسفور بوغۇزى ئۇنى ئۆزىنىڭ مېھىرلىك قوينىغا باسقان ئىدى. دەرۋەقە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەربىر كۈنىنى ھېچ يالغۇزلۇق ھېس قىلماي ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنىڭ غولىچى تۈگەپ، غېرىچى قالغان ئىدى. ھېلىھەم دەرستىن چۈشۈپ، تازا چارچىغان چاغلىرىدا، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان ئىھلامۇر پۇراقلىرى كېلىپ تۇرىدىغان چايخانىلاردا چاي ئىچكەچ ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، ھېچ يېگانىلىق، زېرىكىشلىك ھېس قىلماي كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە. بەختىيارلىق ئىلكىدە، ئۇنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى نۇرانە ئىستانبۇلنىڭ خىسلىتى بىلەن ئاستا – ئاستا ئەمەلگە ئاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قاشغەردىكى ھۈسەيىن باي بىلەن باۋۇدىن باينىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلغان ئۈمىدلىرى ئەمەلگە ئاشىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. چۈنكى تەلەت پاشانىڭ ئوبۇلھەسەن ھاجىغا قىلغان مۇساپىرپەرۋەرلىكى بۇلاردىن بېشارەت بېرىۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئەتە پەيشەنبە سەھەردە يولغا چىقىپ، جۈمەگە ئۈلگۈرۈپ يېتىپ بارىدىغان ئەدىرنەدىكى زىيارىتىمۇ، ئەنە شۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن بېسىلىدىغان يوللارنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىناتتى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)