You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (7)

مەسئۇت ئەپەندى (7)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەسئۇت ھەر زامان ئۆز يولىدا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن مېڭىۋاتاتتى. بولۇپمۇ مۇئەللىمى ئابدۇمۇتائالى خەلىپە ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. مۇشۇ سىتەمكار جەمئىيەتتە مەسئۇتتەك بىلىمگە ئاشىنا بولغان بالىلارنىڭ ياخشى بىر ئۇستازغا يولۇقۇپ، ئۆزلىرى تەشنا بولغان بىلىمنى ئۆگىنىشى ئاشۇ بالىلار ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ بۈيۈك تەلەي بولسا كېرەك. بۇنداق ئۇستازلار خۇددى چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇلاققا ئوخشايدۇ. چۆلدىكى يولۇچى بۇنداق بىر بۇلاقنى تاپتىمۇ ئۇنىڭدىكى سۇنى ئىچىپ – ئىچىپ قانمايدۇ.  مەسئۇت يېزىدىن كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنە شۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچىشكە باشلىغان ئىدى.

ئابدۇمۇتائالى خەلىپە ئوتتۇز ياشلارغا كىرگەن، بويى ئېگىز، ئۆزى ئورۇق كەلگەن سۆلەتلىك كىشى ئىدى. ئۇنىڭ نۇرلۇق يۈزىدىكى ياغاق سۆڭىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. چوڭقۇرراق كەلگەن كۆز ئۇۋىسىغا جايلاشقان قارا كۆزلىرىدە مەنىۋى بىر ئۆتكۈرلۈك بالقىيتتى. ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قويۇۋالغان قىسقا ساقال – بۇرۇتلىرى دائىم مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ كىشىگە يېقىن تۇغقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدىغان ياخشى بىر مۇئەللىمىم ئىدى. بالىلارغا تىل -ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەندە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال – تەمسىل، ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ۋە ھەرخىل سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ دەرس ئۆتەتتى.

بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلىرىگە ئىنتايىن باي ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرەتتى. بولۇپمۇ ھەر دائىم ئەدەبىياتنىڭ بىر قوۋمنىڭ روھىنى تىرىلدۈرۈشتە نە قەدەر مۇھىم بىر پەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيتتى. ئۇ كەسكىن قىلىپ: «قەدىمدىن تارتىپ ئەدەبىيات دائىم بىزگە غايە ۋە ئۈمىد بېغىشلاپ كەلدى. ئۇ يىغىمىزغا يىغا، كۈلكىمىزگە كۈلكە قاتتى. ئۇ بىزگە يالغۇز ئوقۇش ۋە يېزىشنىلا ئۆگىتىپ قالماي يەنە چىدام، غەيرەت بەخش ئەتتى ۋە بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتتى. چۈنكى بىز ئەدەبىيات داستانلىرى ئارقىلىق ئۆز تارىخىمىزنى ئۆگەندۇق، مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگەندۇق، كۆڭۈل خاھىشىمىزنى، ئىستەكلىرىمىزنى، روھىمىزنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىزھار قىلدۇق. شۇ ۋەجىدىن ئەدەبىيات بىزنىڭ بارلىق كۈلتۈرىمىزنىڭ پۈتۈن بىر گەۋدىسى. بىر قوۋمنىڭ كۈلتۈرىنىڭ چوڭراق مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى، تەرەققىي قىلىشى ئەدەبىياتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئەدەبىيات تەرەققىي قىلغان قوۋملەرنىڭ تىلى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ ۋە  كۈچلۈك، قۇدرەتلىك تىلغا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق تىل ئەبەدىي يوقالمايدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئۆز ئانا تىلىنى سۆيگەندە، مىللىي ئەدەبىياتىنى مۇشۇ ئانا تىل ئۈستىگە بەرپا قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئەركىنلىككە، تەرەققىياتقا، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. تىلنىڭ كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، كىم تىلغا باي بولسا، شۇ توغرا تەپەككۇر قىلالايدۇ، توغرا تەپەككۇر قىلغان توغرا ئىش قىلىدۇ«دېگەن ئىدى.

ئوقۇغۇچىلارغا تارىخ دەرسى ئۆتكەندە، تۈرك قوۋملىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ قەدىمى ماكانلاردا شانلىق ئىمپېراتورلۇقلارنى قۇرغانلىقىنى، شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي روھىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. ئۇ، بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقان بۇ كائىناتتا ھەر بىر مەۋجۇداتنىڭ ۋە شۇ مەۋجۇداتلارغا ئائىت بولغان ماكاننىڭ ئۆز تارىخى كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاشۇ مەۋجۇداتلار ئىچىدە ئەقىلگە ساھىب بولغان ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەقىل پاراسىتى بىلەن بەرپا قىلغان شۇ ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ تارىخى بولىدۇ. جۈملىدىن شۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى بەرپا قىلغان قوۋملەرنىڭمۇ ئۆز تارىخىي بولىدۇ. شۇنىڭدەك شۇ قوۋمگە ئائىت بولغان ھەربىر شەخسنىڭمۇ ئۆز تارىخى كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ. مەيلى ناۋاي، مەيلى تۆمۈرچى، مەيلى مۇئەللىم، مەيلى دېھقان، مەيلى ئالىم ۋە شائىر، يازغۇچى ۋە جاھان سورىغان پادىشاھ بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئۆلۈش ئارىسىدىكى جەرياننىڭ تارىخىي بولىدۇ. ئەنە شۇ تارىخ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ، قوۋمنىڭ ۋە شەخسنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقى ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇپ بىر باغلىنىش ھاسىل قىلىپ، كەلگۈسىمىزنى بەلگىلەيمىز.

ئۆز ئەجدادىنى بىلمىگەننىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى قاراڭغۇ بولۇپ، ئىقبالى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قوۋمدا مىللىي روھ ئۆلگەن بولىدۇ، مىللىي روھ ئۆلگەن قوۋم باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ ياشايدۇ ۋە ئاخىرى بېقىندىلىق ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئالەمدە ھەممە نەرسىنىڭ ۋە بارلىق ھادىسىلەرنىڭ تارىخىي بىر- بىرى بىلەن زەنجىرسىمان باغلانغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ زەنجىرنىڭ بىر ھالقىسى ھېسابلىنىدىغان نەرسىنىڭ تارىخىي بولمىسا، زەنجىر ئۈزۈلىدۇ – دە، بۇنداق قوۋم ئۇزۇنغا بارماي ھالاك بولىدۇ. دەرۋەقە، ئۆز قوۋمنىڭ تارىخىنى دەسلەپكى كېلىپ چىقىشىغا قەدەر ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ ۋە بۇ ئالەمدىكى تۇنجى بايقىلىش جەريانلىرىدىن تارتىپ بىلىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىدا يوقالغان روھقا قايتا ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى ئەنە شۇ تارىختىن ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا ئۆز قوۋمنىڭ ئەپسانىلىرى، چۆچەكلىرى، داستانلىرى ۋە ھېكايىلىرى، شېئىرلىرى، مۇزىكا – ناخشىلىرى قوشۇلۇپ شۇ قوۋمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋىيىتى تولۇق بارلىققا كېلىدۇ. مەنىۋىيىتى يۈكسەك قوۋمنىڭ مىللىي روھى يۈكسەك بولىدۇ. مۇنۇ ئالدىمدا ئولتۇرغان سىلەر ئەنە شۇ مەنىۋىيەتنى يارىتىش ئۈچۈن يولغا چىققان يولۇچى ۋە كەچمىشىمىز بىلەن كەلگۈسىمىزنى ئۇلايدىغان زەنجىرنىڭ بىرىدىن – بىر ھالقىسى بولىسىلەر. سىلەر بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئالالايدىغان ئاۋانگارت قوشۇن.شۇڭا تارىخنى ياخشى ئۆگىنىشىڭلار ۋە ئۆزۈڭلار تارىخ يارىتىپ، تارىخ يېزىشىڭلار لازىم«.

ئابدۇمۇتائالى خەلىپە «ياخشى بىر مۇئەللىم ئىنسان روھىنىڭ مۇھەندىسى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ھەققىنى ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆتەۋاتقان بىلىملىك مۇئەللىم ئىدى.  ئۇ، جۇغراپىيە دەرسلىرىنى ئۆتكەندە ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق قىتئەلەرنى ۋە ئۇلارغا جايلاشقان ئاساسلىق دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ پايتەختلىرىنىڭ ئىسىملىرى، ئۇ يەرلەردە ياشايدىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، ھاۋا كىلىماتى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇۋېتەتتى. ئالگېبرا دەرسىدە، تۆت ئەمەلنى ئىشلەشتىن باشقا بىر- ئىككى نامەلۇملۇق تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىمۇ ئۆگىتەتتى. بۇنداق يېڭىچە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى «ئۇسۇل جەدىت» دەپ ئاتايتتى. ئابدۇمۇتائالى خەلىپە بالىلىق دەۋرلىرىدىن باشلاپلا ئىلىم ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردا شائىر موللا ئېلى ھاجى، مەشھۇر ئىشان ۋە شائىر نىزامىددىن ئاخۇنۇمدىن ئىلىم ئالغان. كېيىن ياركەنتتە ئابدۇراخمان داموللام دېگەن تاتار ئالىمىنىڭ مەكتەپ ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، ياركەنتكە بېرىپ ئۇ ئالىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۇسۇل جەدىت بويىچە يېڭىچە مائارىپتا تەربىيەلىنىپ، زامانغا خاس بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرگەن.

مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ 1895- يىلى ئانا ۋەتەندە بىرىنچى بولۇپ ئۇسۇلى جەدىتچە 40 بالىنى يېغىپ ئوقۇتقان. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە بۇنى كۆرگەن ئىلغار پىكىرلىك يۇرت چوڭلىرى ۋە قول- ئىلكىدە بار مۇنەۋۋەر بايلار ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ۋە ئىلىم – مەرىپەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان مەرىپەتپەرۋەر غۇلجا خەلقىنىڭ ھىمايىسىدە ئاستى- ئۈستى تاختايلىق تۆت سىنىپى بار چىرايلىق بىر مەكتەپ سالغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى «تائالىيە» دەپ ئاتىغان. ھازىر مەسئۇت ئەنە شۇ يېڭىلا پۈتكەن يوپيورۇق سىنىپتا، يالتىراپ تۇرغان يىپيېڭى پارتىلاردا ئولتۇرۇپ ئۇستازى ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ئاڭلاۋاتاتتى. بۇ مەكتەپ پۈتكەندە ئەل – رەئىيەت ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنى مۇدىر قىلىپ سايلىغان ئىدى. شۇندىن مۇقەددەم پۈتۈن غۇلجا خەلقى بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ، «ئابدۇلمۇتائالى خەلىپە» دېگەن مۇبارەك نام بىلەن ئاتاشقا باشلىغان ۋە بۇ نامنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ كەلمەكتە. دەرۋەقە، دۇنيادا ئۆز خەلقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ھىمايىسىگە، ھۆرمىتىگە ۋە قايىللىقىغا ئېرىشىشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك.

تائالىيە مەكتىپىدىكى مۇئەللىملەرنى بولسا، «خەلپەت» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ مەكتەپتە ھازىر 200 دىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتاتتى. مانا ھازىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا تېخى بۇنچىلىك كۆپ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان ۋە ئىلغار مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئۇسۇل جەدىت مەكتىپى تېخى يوق ئىدى. مەسئۇت ئەنە شۇنداق بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئالەمچە بەختىيار ئىدى. ئۇنىڭ بىلىمى كۈندىن – كۈنگە چوڭقۇرلىشىپ، مۇكەممەللىشىپ، يۈكسىلىشكە باشلىغان ئىدى. تۈنۈگۈن كۆزىگە قاپقاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق كۆرۈنگەن نەرسىلەر بۈگۈن ئۇنىڭغا ئايدىڭ، چىرايلىق ۋە يېقىملىق كۆرۈنمەكتە ئىدى.ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ ۋەزىنلىك، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقان ھەربىر ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرى ۋە دىنىي دەرسلەردىكى سۆيۈملۈك مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات تارىخىغا ئائىت تارىخىي ھېكايىلەر مەسئۇتنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشىغا، مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىسيانكار روھىنى ئويغىتىشقا ۋە ئىلىم – مەرىپەتكە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

ئۆز ئۇستازىنىڭ: «بەخت ۋە دۆلەت يىراقتىكى غايىۋى ماكاندا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ تائالىيە مەكتەپتە. مۇشۇ ئانا يۇرتتىكى مەكتەپتە ئىلىم ئۆگىنىپ، ئاندىن ئۆگەنگەن بىلىمىنى ئەل – ئاۋامنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئىشلەتسە، بۇ قىلغان ياخشىلىقتىن ئەلمۇ رازى، ئاللاھمۇ رازى بولىدۇ. ئاللاھنى سۆيگەن، بىلىمنى سۆيىدۇ. بىلىمنى سۆيگەن، ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ. بىلىملىك كىشى دوزاخ ئىشىكىنى چەكمەيدۇ! ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ‹بىلىمسىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىگە قارىغاندا، بىلىملىكنىڭ ئۇخلىقىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرىدۇر › دېگەن. مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ بىرىنچى ۋەھىيسى سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ‹ئوقۇ› دېگەن خىتاب بىلەن كەلگەن. يەنى مۇقەددەس كىتابىمىز ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ ئەلەق سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتىدە بۇنداق دەيدۇ: ‹ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى.

ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى›. دېمەك بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق بىر مۇسۇلمانلارنى جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە بۇيرۇيدۇ. ئىنسانلارنى قەلەم بىلەن يېزىشقا ۋە ئىلىم – مەرىپەتتە ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ. بىرىنچى ۋەھىينىڭ ‹ئوقۇ!› دېگەن بۇيرۇق بىلەن كېلىشى ھەمدە ئىككى قېتىم تەكرارلىنىشى ئوقۇشنىڭ ۋە بىلىمنىڭ دىنىمىزدا ۋە ئىنسان ھاياتىدا نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە 4-5- ئايەتلەردە قەلەمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى قولۇڭلاردا تۇتۇپ تۇرغان ئاشۇ قەلەمدە سىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭلاردىكىدىنمۇ كۈچلۈك قۇدرەت بار ۋە سىلەر ئويلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە بۈيۈك پايدا بار. ئاشۇ قەلەمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار، پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلار، ئالىملار ۋە مۇئەللىپلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھېكمەتلىرى، كۆزقاراشلىرى، ئىدىيەلىرى، مەتىنلىرى پۈتۈلىدۇ، خاتىرىلىنىدۇ ۋە كىتاب قىلىپ نەشرگە تەييارلىنىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالىدۇ.

قەلەم بىلەن پۈتۈلگەن ئاشۇ كىتابلاردىكى بىلىم – ھېكمەتلەر ئارقىلىق ئەۋلادلار ھەم دىنىي ھەم پەننىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ يېتىشتۈرۈلىدۇ. دېمەك ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارغا ئاشۇ كىچىككىنە قەلەم ئارقىلىق بىلمىگەن نەرسىلىرىمىزنى ئۆگىنىشكە ۋە يېزىشقا دەۋەت قىلىپ، قاراڭغۇلۇقتىن، جاھىلىيەتتىن قۇتۇلۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇڭا كىتاب بىلەن قەلەم، ئوقۇش بىلەن يېزىش ھېچبىر ۋاقىت بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس. يېزىقچىلىق ئوقۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ئوقۇغان يازالايدۇ. يازالىغان بۇ ھاياتتا ئىز قالدۇرالايدۇ. ئەۋلادلار ئاشۇ ئىزلارنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاشۇ ۋەھىي كەلگەندە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىنسانلار ئىلىم – مەرىپەتتىن ئىنتايىن يىراق ئىدى. باي بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ پەرقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. ئۈستۈن تەبىقىدىكىلەر تۆۋەن قاتلامدىكى كەمبەغەللەر ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلاتتى.

ئەخلاق پۈتۈنلەي بۇزۇلغان بولۇپ، ھەممە جايدا ھەرخىل ناشايان ئىشلار ئەۋجىگە چىققان چاغ ئىدى. ھەتتا ئاياللار تاۋارغا ئوخشاش ئېلىپ – سېتىلاتتى، ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزلارنى ئۆز قولى بىلەن ئوتتەك يېنىپ تۇرغان قۇملارنىڭ ئاستىغا تىرىك پېتىلا كۆمۈۋېتەتتى. ئىنسانلاردا بىر- بىرىگە بولغان سۆيگۈ- مۇھەببەت ۋە مۇرۇۋۋەتتىن زەررىمۇ يوق ئىدى. ھەممە ئادەم ئۆزىنىلا ئويلايتتى. دادا ئۆزىنى ئويلاپ قىزىنىڭ قاتىلىغا ئايلانغان ئىدى. دېمەك ئىلىم – مەرىپەتتىن يىراقلاشقان ئىنسانلارنىڭ ھايۋاندىن ھېچ ھېچبىر پەرقى بولمايدۇ. بۇنداق ئىنسانلاردىن مەنىۋى روھنىڭ بارلىقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەنە شۇنداق زۇلمەت قاراڭغۇسى باسقان جەمئىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ‹ئەمىن› دەپ پۈتۈن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە سازاۋەر بولغان ھەزرىتى مۇھەممەدكە پەيغەمبەرلىك نائىل بولۇپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ قاراڭغۇ دىلىغا نۇرلۇق چىراغ يىقىلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ‹ئوقۇ!› دېگەن خىتاب بىلەن بىرىنچى ۋەھىي كەلگەندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىز ۋەھىي ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھىرا غارىدىن چىقىپ، ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ياتىدۇ ھەمدە قورققىنىدىن تىترەشكە باشلايدۇ ۋە ‹مېنى چۈمكەپ قويۇڭلار، مېنى چۈمكەپ قويۇڭلار!› دەيدۇ.

پۈتۈن مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزنى ئۈستىنى يېپىپ چۈمكەپ قويىدۇ. شۇ چاغدا ‹ ئى، كىيىمگە چۈمكىۋالغۇچى پەيغەمبەر!› دېگەن خىتاب بىلەن باشلانغان مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايىتى نازىل بولىدۇ. يەنى ‹ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى(پەيغەمبەر!) تۇر!(ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا. كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول› دېگەن ئايەتلەر ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا ۋە باشقىلارنى تۇرغۇزۇشقا چاقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەنە ئۆزى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. مانا بۇ ئىلاھى بۇيرۇقلاردىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈستىگە نەقەدەر ئېغىر يۈكنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز ھەمدە يەنە ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك مۇقەددەس ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ‹كىيىمىڭنى پاك تۇت› دېگەن بۇيرۇق بىلەن ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنى ماددىي جەھەتتىن ئۈستى-بېشىنى ھەرخىل نىجاسەتلەردىن، مەينەتچىلىكتىن پاكىز تۇتۇشنى بۇيرىسا، مەنىۋى جەھەتتىن گۈزەل ئەخلاققا ماس كەلمەيدىغان ھەرخىل ئىش – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشنى ۋە نەپسىنى ھەرزامان پاك تۇتۇشنى بۇيرۇغان.

مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە بۇ ئىككى سۈرىدىكى جەمى ئون ئايەتنى چۈشەندۈرۈشىمدىكى ئاساسى مۇددىئايىم شۇكى، سىلەر ئوقۇشتىن سەل سويۇپ قالغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ‹ئوقۇ!› دېگەن بۇيرۇقنى ئۆزۈڭلارغا تەبلىغ قىلىپ، دەرھال كىتابنى قولۇڭلار ئېلىپ ئوقۇشۇڭلار ۋە قەلەمنى قولۇڭلارغا ئېلىپ يېزىشىڭلار ئۈچۈندۇر ۋە  سەھەرلىرى ئىسسىق يوتقانغا چۈمكىلىپ يېتىپ، قوپۇشقا خوش ياقمىغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ‹تۇر!› دېگەن خىتابىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈپ دەرھال يوتقىنىڭلارنىڭ ئىچىدىن ئىرغىپ چىقىپ، ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇپ، بىر كۈنلۈك پائالىيىتىڭلارنى باشلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر مىللىتىمىزنىڭ سەرخىل بالىلىرى، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىد چولپانلىرى، شۇڭا بىلىم ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ھەر ۋاقىت يۈرۈش – تۇرۇشۇڭلارغا دىققەت قىلىشىڭلار، كىيىم – كېچىكىڭلارنى پاكىز، رەتلىك كىيىپ يۈرۈشىڭلار لازىم. مەن سىلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، دىيانەتلىك بىر ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭلارنى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمدىن تىلەيمەن! سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار، ۋىجدانىڭلار،ئەقلىڭلار ۋە بىلىمىڭلار، ئەخلاقىڭلار، قىسمىتىڭلارنىڭ ھەممىسى رېئال بۇ دۇنيادا ھەر دائىم ۋەتىنىڭلار، مىللىتىڭلار، يۇرتۇڭلار ۋە ئائىلەڭلارنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىڭلاردىكى تىرىشچانلىقىڭلار، ئىزدىنىشىڭلار بولسا ۋەتەن، مىللەت، يۇرت ۋە ئائىلىنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ. سىلەر بۈگۈندىن باشلاپ ئەنە شۇ گۈزەل ئىقبال ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشقا ئات سېلىڭلار! سىلەر ئۇسۇل جەدىت مەكتىپىدىكى توزۇماس گۈلدەستە!» دېگەن ئالتۇندىن قىممەتلىك ھېكمەتلىك ئۈگۈتلىرى ۋە مۇقەددەس كىتابىمىزدىكى ئاشۇ ئۇلۇغ ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېزىپ ئىچكۈزگەن ئاشۇ مەنزىرىلەر مەسئۇتنىڭ كۆز ئالدىدىن ھېچ كەتمەيتتى. ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ پىكىر دېڭىزى چوڭقۇر بولغاچقا، ھەر بىر سۆزى مەسئۇتنىڭ قەلبىدە رەڭگارەڭ مارجانلاردەك چاقنايتتى.

خۇشاللىق بىلەن قايغۇ، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم، ئارزۇ بىلەن ئارمان، مۇھەببەت بىلەن ھىجران ئارىلىشىپ كەتكەن ھاياتتىن نىجاتلىق ئىزدەپ، ئۇلۇغ ئېقىنلىرىدا ئۈزۈپ، ئۆگىنىشنىڭ قاينىمىدا پىرقىراۋاتقان مەسئۇتقا  سەھەر بىلەن كەچنىڭ ئارىلىقى شۇنچىلىك قىسقىراپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئەنە شۇ قىسقا زامان بىلەن ماكان دائىرىسىدە مانا ئۇ، بۇ يىل ئون يەتتىگە كېرىپ قالغانتى. ئۇ بۇرۇن ئېتىبار بەرمىگەن، سەل قارىغان ۋە ئىزدەنمىگەن ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا باشلىغان ئىدى.مەسئۇت ئەمدى ئېگىز بوي تارتىپ، خەت تارتقان بۇرۇتلىرى تەرلەپ، يۇمران تېرىلىرى ئەيلىنىپ، كۆزلىرى تېخىمۇ نۇرلىنىپ چوپچوڭلا يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇشەققەتلىك يولىدا ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ۋىجدان تارازىسى ۋە ئەخلاق مىزانىنىڭ يىمىرىلمەس قورالى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى قاراڭغۇ رۇجەكلەرنى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇشۇ قاراڭغۇ جەمئىيەتنى ئايدىڭلىتىشقا بەل باغلىغان ئىدى. ئۇ بۇ يولدا يالغۇزمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزى بىلەن بىرگە تائالىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ساۋاقدىشى ھەم ئەڭ يېقىن دوستى ئابدۇراخمان شاھىدى بار ئىدى. مانا بۇ ئىككى يىگىت ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top