مەسئۇت ئەپەندى (6)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئۇ بىر پەس تىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:
– سادىر پالۋان ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاشۇ يىلدىن باشلاپ رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىدۇق. بۇ چاغلارنى ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىق مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ يامان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. راستىنى ئېيتسام كىم كېلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلسا قىلسۇن بەرىبىر بىز دېھقان ھەق دېگەننىڭ تۇرمۇشىدا ئانچە زور ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئەمما ئۆزۈڭنىڭ خانى، ئۆزۈڭنىڭ سۇلتانى بولسا، ئادەم دېگەن باشقىچە بىر روھى ئوزۇققا ئىگە بولۇپ قالىدىكەن. ئۆز يۇرتۇڭدا تۇرۇپ يات ئەلدىن كەلگەن بىرسىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىساڭ ئادەمگە بەكمۇ ھا كېلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاق ئورۇسلارمۇ بىزنى ئون يىلدەك باشقۇرغاندىن كېيىن يەنە شۇ ئۇزۇن چاچلىق خىتاي دەمدۇق، مانجۇ دەمدۇق ئىشقىلىپ شۇ قارا خىتايلار بىلەن ئۆزئارا كېلىشىپ، بىزنى خۇددى ئۆزىنىڭ ھۆددىگە ئېلىۋالغان مېلىدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتتى. مانا ھازىرغا كەلگۈچىلىك ھېسابلىساڭ ئون ئالتە يىل بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن، مۇشۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتىمىز.
ئاق ئورۇستىن قۇتۇلۇپ قارا خىتاينىڭ قولىدا ئېزىلىپ، قۇل بولۇپ كۈنىمىز ئۆتۈۋاتىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى سابىرنىڭ خېلى ئېپى بار نەرسىكەن، ئەپلەپ بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ، خېلى ئوبدانلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى، ئىش – كۈچى زورايدى. ھازىر مانا چوڭ ئاكاڭ شەھەردە تىجارەت قىلىپ، بېيىپ قالدى. دېھقان بولىمەن دەپ ئولتۇرغان بولسا چاپىنى تىزىدىن ئاشماي، خىجالەتچىلىكتە ئۆتكەن بولاتتى. مەنمۇ مانا سابىرنىڭ يۈگۈر – يېتىم ئىشلىرىغا مۇشۇ ھارۋام بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، كۈنۈمنى يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈپ كېتىۋاتىمەن. ئامما يەنە ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك دېھقانلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەي! قالغىنى ئاللاھ كەرىم. ساڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ كۆڭلۈڭنى ئالىمەن دەپ، نېمە گەپلەرنى قىلىپ يۈردۈم ھۇي، ئۇخلاپ قالمىغانسەن تاي!، – دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. مەسئۇت بولسا قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، توختى ھارۋىكەشنىڭ ئاباياتىندىن بېرى سۆزلەۋاتقان گەپلىرىنى بىرمۇ- بىر ئاڭلاۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ھېچ تىۋىش چىقارماي، توختى ھارۋىكەشنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە نېمە پاراڭلار بولاركىن دەپ ئولتۇرغان ئىدى.
مەسئۇت – توختىكا ھەممە گېپىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن. ھەقىقەتەن بېشىڭدىن كۆپ ئىشلار ئۆتۈپتىكەن، ھەمدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىكەنسەن. خۇددى ئوقۇغان ئادەملەردەك. ئابدۇراخمان موللام دائىم ماڭا «ياخشى ئوقۇغىن، ياخشى ئوقۇغان ئادەم كۆپ ئىشلارنى بىلىدىغان بولىدۇ، كۆپ ئىشلارنى بىلگەن ئادەم ھەم ئۆزىگە ھەم ئەل – رەئىيەتكە ياردەم قىلالايدۇ» دەيدىغان. سەن ئوقۇماي تۇرۇپ، خۇددى ئوقۇغان ئادەملەردىنمۇ بەكرەك ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن. شۇڭا مەنمۇ زېرىكىپ قالمىدىم. مەن ئۆتمۈشتىكى ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، – دەپ توختى ھارۋىكەشنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. كىچىك بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، خوش بولغانلىقىنى كۆرسە ئالەمچە خوش بولۇپ كېتىدىغان بۇ ساددا ھارۋىكەش:
-مەسئۇت بۇ دۇنيادا سەنلا ئوقۇپ، سەنلا ئالىم بولمايسەن. بىزدەك ھارۋىكەشلەردىنمۇ ئالىملار چىقىدۇ جۇمۇ. نېمىشكە دېسەڭ، بىز ھارۋىكەشلەر باغۇ كۆپ شەھەر كۆرگەن. ھارۋىمىز بىلەن بەزىدە بىرە موللام بىلەن يولغا چىقىپ قالىمىز، بەزىدە بىرە ئالىم بىلەن، يەنە بەزىدە بىرە مۇھىم شەيخ ياكى قارىلار بىلەن يولغا چىقىمىز، بەزىدە تېخى مەستلەر بىلەن، ئوغرىلار بىلەن يەنە تېخى ساراڭلار بىلەن يولغا چىققان چاغلىرىمىزدا يوق ئەمەس. شۇڭا بۇ ئۇزۇن يوللاردا يولۇچىلار بىلەن بەزىدە تاغدىن باغدىن پاراڭ قىلىشىپ ماڭساق، بەزىدە ئابايقىدەك بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ ماڭىدىغان گەپ. تېخى تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ بىرە ئالىم بىلەن مېڭىپ قالساق، يولدا ناخشىمۇ ئېيتماي، ئاشۇ ئالىمنىڭ ئېغىزىنى تاتىلاپ گېپىنى ئاڭلاپ ماڭىدىغان گەپ. شۇڭا بىز كىتاب ئوقۇمىغان بىلەن قۇلاق موللىسى بولۇپ كەتتۇق دېگىنە. مەن تېخى سېنىڭ شەھەردە يېڭى ئېچىلغان «تائالىيە مەكتەپ» تە نېمىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىغىڭنىمۇ بىلىمەن،- دېيىشىگە مەسئۇت دەرھال – ھە، نېمە ئۆگىنىدىكەنمەن؟-، دەپ سورىدى.
توختى ھارۋىكەش پو ئېتىپ دەپ قويغان بۇ گېپى ئۈچۈن سەل پۇشايمان قىلغاندەك قىلىپ، قولىدىكى قامچىسىنىڭ سېپى بىلەن قويۇق، ئۆسكىلەڭ قاشلىرى بېسىپ تۇرغان مالىخېيىنى يۇقىرىغا ئىتتىرىۋېتىپ، – نېمە دەيتتى، داداڭ ئادەمنىڭ تىلىمۇ كەلمەيدىغان بىر گەپلەرنى قىلغاندەك قىلىۋېدى. ھە راست، ئالگېبرا، جۇغراپىيە يەنە ھە ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاش دەرسلەرنى ئۆگىنىدىغان ئوخشايسەن. تېخى ياخشى ئوقۇساڭ ئامال قىلىپ سېنى چوڭ شەھەرلەردە ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇتىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا ياخشى ئوقى. بىزدەك ھارۋىكەش بولۇپ قالما، سەنچۇ بايقوزى ئائىلىسىنىڭ قۇياشى بولىسەن. قۇياش يورۇتمىسا ھېچقايسىمىز قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلالمايمىز جۇمۇ. داداڭ بىلەن بىز قېرىپ، چىرايلىرىمىز ئۆزگىرىپ كەتكىنى بىلەن، بىز دېھقانلارنىڭ تەقدىرى ئۆزگەرگىنى يوق. شۇڭا سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئېغىر، بۇ تەقدىرنى سەن ئۆزگەرتىسەن، ساڭا يەنە قايتىلاپ تەكىتلەيدىغىنىم ياخشى ئوقۇ! – دەپ بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىۋاتقان ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا قولىدىكى قامچىسىنى ھاۋادا بىر سىلكىپلا «قاس» قىلغان ئاۋازنى چىقىرىۋىدى، ئات بىر ئىرغىپلا، ھارۋىنى شۇنداق تېز سۆرەشكە باشلىدى. ئاندىن ئۇ – مەسئۇت، پاراڭ بىلەن بولۇپ يولىمىزمۇ خېلى ئوبدان ئاۋۇدى جۇمۇ. قارا، يەنە ئازراق ماڭساقلا ئالدىمىزدىكى يېزىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بىر سامسىپەز كۆرىمىز. شۇ يەردە توختاپ قورساقنى راسا تويغۇزىمىز ۋە ئاۋۇ ئاكاڭ بەرگەن قوغۇندىن بىرنى پىچىپ يېگەچ، ئاتقا بوغۇزىنى بېرىپ دەم ئالدۇرغاندىن كېيىن، ناخشىنى توۋلاپ بىر ماڭساق كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن شەھەرگە يېتىپ بارىمىز. ئەمدى سەن ئازراق ئارام ئېلىۋال، مەن ناخشامنى باشلاي،- دەپ يەنە ناخشىسى توۋلىدى:
ئامان بولسۇن، ئامان بولسۇن،
دوستلارىم ئامان بولسۇن.
دوستلارىمغا قەست قىلغان،
يەر بىلەن يەكسان بولسۇن.
كىيدىم كېپىنەك توننى،
گۈلخاندا ياتارمەن دەپ.
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى،
دۈشمەننى ئاتارمەن دەپ.
مەسئۇت توختى ھارۋىكەشنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن، ناخشىلىرىدىن، ئۆزىگە قىلغان نەسىھەتلىرىدىن يېزا دېھقانلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا چاقنىغان يورۇقلۇقنىڭ جىلۋىسىنى ۋە بۇ جاپالىق ھاياتقا بولغان جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى بايقىۋالغان ئىدى. مەسئۇتتا ھېچ ھارغىنلىقنىڭ ئالامىتى يوق ئىدى. ئۇ ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. ئازغانلار، تۈۋى كۆرۈنۈپ قالغان چىغتىماقلار ۋە نېرىسىدا ئۆسكەن بولۇق ئوت – چۆپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قاڭقىپ چىققان بوز تورغايلار بۇلۇتسىز كۆك ئاسماندا ۋىچىرلاپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئوڭ تەرەپتىكى كەڭ بوز دالىدا بۇغدايلىرى ئورۇۋېتىلگەن تاختا – تاختا ئېتىزلىقلار قۇياشنىڭ ئاتەشتەك نۇرلىرىدا غەرق بولۇپ ياتاتتى. قۇياشنىڭ ھارارىتى كۈچەيگەنسېرى ئاشۇ ئېڭىزلار «پۇۋ»لا دېسە گۇپ قىلىپلا ئوت كېتىدىغاندەك ۋىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى. سول تەرەپتىكى پەسلىكتە كۈمۈش ئارقاندەك سوزۇلغان ئىلى دەرياسى يىراق- يىراقلاردا ۋالىلداپ چاقناپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئەنە شۇ يوللارنى بويلاپ ماڭغان ھارۋا غۇلجىنىڭ بوسۇغىسى يېتىپ كەلگەن ئىدى.
بۇ سەپەر بولسا، مەسئۇتنىڭ ئون يىللىق ئۆمرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئەڭ ئۇزۇن سەپەر بولۇپ ھېسابلىناتتى. ھەمدە بۇ قېتىم ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىش ئۈچۈن بۇنداق سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بىلىم ئېلىش. ئىنسان ھاياتىدا بىلىم ئېلىشتىن ئېسىل، ئۇلۇغ ۋە بەختلىك بىر ئىش بولمىسا كېرەك. چۈنكى بىلىم ئىنساننى ھەقىقەتكە يەتكۈزىدىغان ئۇلۇغ يولدۇر. ئادەم قانچە بىلىملىك بولسا، ھەقىقەتنى شۇنچە روشەن تونۇپ يېتىدۇ. ھەقىقەتكە تۇتۇشىدىغان ئەڭ قىس يول بىلىمنىڭ يولىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق شاھانە ئەسىرىدە بۇنداق ئالتۇن قۇرلارنى تىزغان:
بىلىملىك، ئىدراكلىق كىشى – ھەقىقىي كىشىدۇر،
ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھايۋانغا باراۋەر!
بارلىق چىگىش تۈگۈنلەر بىلىم بىلەن يېشىلىدۇ،
بىلىم ئىگىلە، ئىدراكلىق بول، ئەقىل بىلەن ياشا.
بىلىم بىلەن ئىش قىل، يەنە تىلىڭنى توغرا تۇت!
يەنىمۇ ئۆگەن، كۈنۈڭ بىھۇد ئۆتمىسۇن.
مانا بۈگۈن مەسئۇت مۇشۇ يولدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى دادىسىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قان كېچىپ جەڭ قىلغان بىر باھادىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ ئاشۇ گۈزەل سىيماسىنى ئەسكە ئالدى، ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئالەمچە بەختىيار بولدى. ئۇ ساپ ھاۋالىق بۇ گۈزەل زېمىننى تاماشا قىلىپ، سادىر پالۋان توغرۇلۇق نۇرغۇن ھېكايە، قوشاقلارنى ئاڭلىۋالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئاددىي بىر ھارۋىكەش دەپ بىلگەن ئاشۇ بىر پۇتى «توكۇر» ئادەمنىڭ شۇنچە ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ھەمدە دادىسى بىلەن شۇنچە جەڭلەرگە قاتناشقان باھادىر ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆزى سەل خىجىل بولغاندەك بولدى ۋە توختى ھارۋىكەشكە نىسبەتەن ئۆزىدە بىر خىل سىرلىق ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يول بويى ئېيتىپ كەلگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئاشۇ تەسىرلىك ھېكايىلەر ئۇنىڭدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغان ئىدى. توختى ھارۋىكەشنىڭ ساپ، چىن دىلىدىن قىلغان سۆزلىرى، ھېكايىلىرى، ناخشىلىرى مەسئۇتقا قىلغان ھەققى ياشلىق، ھەققى تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ قىلغان سەمىمىي دۇئا بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«ھەقىقىي ياخشىلىق چىنلىق ۋە توغرىلىقتۇر، ياخشىلىقنىڭ ئۆزى ھاياتلىقتۇر» دېگەن ئەمەسمىدى.
ئىنسان ئۈچۈن، ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ باش بېكىتى ھېسابلىنىدىغان بالىلىق دەۋردىن باشلاپلا، قۇياش پارقىراپ تۇرغان ئاشۇ كۆك قۇببەنىڭ ئاستىدا بىلىم ئېلىشنى ئۇلۇغ مەقسەت ۋە نىشان قىلىپ، بۇنداق بىر سەپەرگە ئاتلىنىشنىڭ ئۆزى نېمە دېگەن بەختلىك جەريان ھە! يول بويى يېڭى – يېڭى نەرسىلەرنى كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، قەلبىڭ بىلەن سىزىسەن، ئەقلىڭ بىلەن بىلىسەن. چەكسىز كەتكەن كائىناتنىڭ بىر پارچىسىدا يول ئېلىپ، ئاجايىپ ھېكايىلەرنى ئاڭلايسەن ۋە ئۇنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇڭدا جانلاندۇرۇپ ئاشۇ تارىخىي قەھرىمانلارنى ئۆز روھىڭنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى قىلىپ تىكلەيسەن. بۇنداق يولنىڭ يولۇچىسى ھەقىقەتەن تەلەيلىك بىر يولۇچىدۇر!
غۇلجا شەھىرى ھەيۋەتلىك تاغلار، ياپيېشىل ئېدىرلار بىلەن ئورالغان گۈزەل بىر زېمىن. بۇ زېمىن بولۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلەر ۋە رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن يايلاقلار، ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار بىلەن ئورالغان گۈزەل بوستانلىق. غۇلجا شەھىرى ھەرخىل شېرىن تەملىك مېۋىلەر بىلەن تولغان باغلار، ھەسەل ھەرىلىرى گىژىلداپ تۇرىدىغان چىمەنلىكلەر بىلەن تولغان ئۆزگىچە گۈزەل تەبىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە گۈزەل بىر ماكان. ئۇنچە – مەرۋايىتتەك يامغۇرلىرى شەھەر ئىچىدىكى تال چىۋىقلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان ئەۋرىشىم تاللارغا شايى – جۇلا مۇنچاقلارنى ئېسىپ، پۈتۈن گۈل – گىياھلارنى ياشارتىپ، بۇ شەھەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ. ئەلمىساقتىن بۇيان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى مۇشۇ گۈزەل ئانا زېمىننى بارىغا بېسىپ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس سەجدىگاھى قىلىپ، مول تارىخىي قىممەتكە ئىگە شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ، ئۆز شېھىتلىرىنىڭ قانلىرى بىلەن بۇ تۇپراقلاردىكى ھەربىر گىياھنى سۇغۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئانا يۇرتى قىلىپ كەلگەن. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ گۈزەل ماكان ئانا ۋەتەننىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ئانا ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىدۇ.
توختى ھارۋىكەشنىڭ ئات ھارۋىسى بۈگۈن نەچچە يېزا- قىشلاقلارنى ئېشىپ، نەچچە ئۆستەڭ كېزىپ، دەل- دەرەخ ۋە گۈل – گىياھلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. مانا سالقىن كەچتە گۈر-گۈر چىقىۋاتقان سەلكىن شامال غۇلجا شەھەرنىڭ قورۇ – قورۇلىرىدىن چىققان ئەتىر گۈلنىڭ شېرىن پۇراقلىرىنى ئۇچۇرۇپ ئەكېلىپ، مەسئۇتنىڭ دىمىقىغا ئەكېلىپ ئۇرماقتا. شەھەر كوچىلىرىنىڭ ياقىسىدىكى قاتار-قاتار سۆگەتلەرنىڭ ئەۋرىشىم تالچىۋىقلار بەللىرىنى ئېگىپ ئۇنىڭغا تازىم قىلماقتا. ساڭگىلاپ تۇرغان تاللارنىڭ ئاستىدا ئېقىۋاتقان ئېرىقلار يەڭگىل شىرىلداپ مەسئۇتنى «خۇش كەلدىڭ!» دەپ قارشى ئالماقتا. ھازىر كەچ كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كوچىلاردا ئادەملەر شالاڭ ئىدى. سەھەر دۇكانلىرى تاقالغان بولۇپ، رەستىلەر قۇرۇق ئىدى. ھارۋا شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن شەرقتىن غەربكە قاراپ كېسىپ ئۆتۈپ، دۆڭ مەھەللىنىڭ تۆۋىنىدىكى بوستان كوچىسىدىكى يېڭىلا كۆك سىردا سىرلانغان ئىككى قاناتلىق يىپيېڭى چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
غۇلجا شەھىرىدە خۇددى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا، كۈن ۋە ئايلار ئارقا – ئارقىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. مانا ئەمدى ۋاقىتنىڭ سېھىرلىك كۈچى سابىر ئائىلىسىنى يېزىدىن شەھەرگە كۆچۈرۈپ ئەكىرگەن ئىدى. رەھىمسىز ۋاقىت سابىر بىلەن ئايسىخاننى قېرىتىپ، چىرىتىپ مېڭىۋاتقان بولسا، مەسئۇتنى بارغانسېرى يېتىلدۈرۈپ، ئۆستۈرۈپ قاتارغا قوشۇۋاتاتتى ۋە ئايسىخان بىلەن سابىردىن يۇلۇپ ئالغان كۈچ – قۇۋۋەتنى مەسئۇتنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەكېلىپ قوندۇرۇۋاتاتتى. بەجايىكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى كېچە – كۈندۈز دېمەي بايقال كۆلىگە قاراپ ئاققاندەك، ۋاقىتمۇ ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتاتتى. ئىلى دەرياسى نارات، قاش ۋە ئابرال تاغلىرىنىڭ يۈرەك قىنى بولغىنىدەك، ۋاقىتمۇ ئىنسان يۈرىكىنىڭ ئۆمۈر قېنىدۇر. ئىلى دەرياسى باھار، ياز، كۈز ۋە قىشتا ئۆز ۋادىسىدىكى گۈل – چېچەكلەرنى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئېچىلدۇرۇپ، قۇرۇتۇپ، چىرىتسا، ۋاقىتمۇ ئىنسان ئۆمرىنىڭ شۇنداق ياشنىتىپ، ئۆستۈرۈپ ۋە ئاخىرى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇتۇپ، چىرىتىدۇ. دەرۋەقە ۋاقىت توختاۋسىز ئۇلۇغ ئېقىن، ئۇنى ھېچقانداق بىر كۈچ، ھېچقانداق بىر توغان تىزگىنلىيەلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن ۋاقىت تەڭرىنىڭ ئىلكىدىكى چەكسىز كۈچ. گەرچە ۋاقىت چەكسىزلىككە ئىگە بولسىمۇ، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ ئىنسانغا تەقسىم قىلىپ بەرگىنى چەكلىك. پەقەت ئىنسان ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن چەكلىك دائىرىسى ئىچىدىلا ھايات ياشىيالايدۇ. بۇ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىنسان مۇشۇ ماكانغا ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ، ياكى ھېچبىر ئىز قالدۇرالماي، بىر ئۆمۈر مەنىسىز ھاياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەبەدىيلىك ئالىمىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى تاللاش ئىنساننىڭ ئۆز ئىلكىدە.
تەڭرى ئىنساننى بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئۆزگەرتىشنى ئەقىل – ئىدراكىغا قالدۇرغان. ئادەم تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەپ، ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ قۇدرىتى، ئىرادىسىنىڭ كۈچى بىلەن داۋاملىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئەگەر مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولسا، چوقۇم ئۆز قوۋمنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىگە شېرىك بولۇشى، ئۆزىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن بىر قوۋمنىڭ زۇلمەتلىك تەقدىرى، ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئۆمۈربويى كۈرەش قىلىشى شەرت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قوۋمنىڭ پەرزەنتلىرى باشقا قوۋمنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدە تىرىشچان، ئالاھىدە ئىرادىلىك ۋە ئالاھىدە بىلىملىك، ئىمانلىق بولۇشى زۆرۈرىيەتتۇر. مىللەتنىڭ روھى مۇشۇنداق پەرزەنتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، توختاۋسىز ئىزدىنىشىدىن ئوزۇق ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مىللىي روھ تېخىمۇ جۇلالىنىپ شۇ مىللەتنىڭ بۇ ئالەمدە ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مەسئۇتتەك بالىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە باشقىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر. بۇنداق بالىلارنىڭ بارلىق سۆز- ھەرىكىتى ئاشۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە مەركەزلەشسە ۋە شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا چىن دىلىدىن ئىخلاس قىلسا، پۈتۈن ئالەم بۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. چۈنكى ئىشەنچ ئەڭ مۇھىم.
ئالدى بىلەن ھەركىم ئۆزىنىڭ دەۋاسىغا ئۆزى ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۆزى ئىشەنچ قىلغان داۋاغا باشقىلارنى ئىشەندۈرگىنى بولىدۇ. ھېچقانداق نام ۋە شۆھرەت ۋە ياكى ھېچبىر ماددىي مەنپەئەت ئىستىمەي ئۆزىنىڭ دەۋاسىغا ئىشەنگەن ئادەمنىڭ يولى ئوچۇق بولىدۇ ۋە بۇنداق ئادەم كۈرەش يولىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىشارەتلەرنى كۆرەلەيدىغان روشەن كۆزگە ئىگە بولىدۇ. پەقەت ئاشۇ ئىشارەتلەرنى كۆرەلىگەنلەر ئاداشماي نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ ۋە ھەربىر باسقان قەدىمىدە ھاياتنىڭ مەنىسىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ھايات ئۇلار ئۈچۈن ھەر زامان گۈزەل تۇيۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەننىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق مەسئۇتقا ئوخشاش بالىلارنىڭ تەقدىرى بىلەن بىرگە تۈگۈلگەن. بۇنداق تۈگۈلگەن پارلاق تەقدىر يالغۇز بىلىم بىلەن ئەمەس، بەلكى يەنە ھەقىقىي ئېتىقاد كۈچىگە تايانغان ئىشەنچ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا ماڭغان يولۇڭغا ئىشەن!
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)