مەسئۇت ئەپەندى (5)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
توختى ھارۋىكەشنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان مەسئۇتقا ئەمدى جان كىرگەن ئىدى. ناخشىنىڭ ئاخىرى چۈشۈش بىلەن تەڭ مەسئۇت ئۆز يېشىغا ماس كەلمەيدىغان بىر ۋەزىن بىلەن – ۋاھ، ۋاھ توختىكا، ناخشىنى ئەجەبمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىڭ جۇمۇ. سېنىڭ بۇنچىلىك پەيزىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتۇق،- دەپ ئورۇق گەۋدىسىنى سەل مىدىرلىتىپ، ئۆزىنى رۇسلاپ ئولتۇردى. مەسئۇتتىن كۈتۈلمىگەن بۇ ماختاش، ئىلتىپاتلارغا ئېرىشكەن توختى ھارۋىكەش ساددا مەغرۇر قىياپەت بىلەن، مەسئۇتقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يولنىڭ سول تەرىپىدىكى مۇشۇ زېمىننىڭ تومۇرىدەك كۆپكۆك كۆرۈنۈپ تۇرغان، سۈپسۈزۈك سۇرلىرى ھارۋىغا ئەگىشىپ شىرىلداپ ئېقىپ كېلىۋاتقان ئۆستەڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-كۆردۈڭمۇ ئاۋۇ قىرلىرىنى زەڭگەررەڭ ئېچىلغان كاككۇك گۈللەر چۆنكەپ كەتكەن ئۆستەڭنى، ياش چاغلىرىمىزدا داداڭ سابىر بىلەن بىرگە ئاشۇ ئۆستەڭلەرنى بىز چاپقان. يۇقىرىدىكى يېزىلارغا تومۇردەك يامراپ كەتكەن تارماق – تارماق ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى مېنىڭ دادام بىلەن سېنىڭ بوۋاڭلار چېپىپ، مۇشۇ زېمىننىڭ مۇشۇنداق ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرۇشىغا، ئاشۇ تاختا – تاختا ئېتىزلاردىكى بۇغداي – قوناقلارنىڭ ئالتۇندەك باشاقلارنى تۇتۇشىغا، مۇشۇ زېمىندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز رىزقىنى ئۆزى تېپىپ يېشىشىگە ۋەسىلە بولغان. ئەمما لېكىن ئۆز رىسقىمىزنى ئۆزىمىز يېيىشكە زالىملار ھېچبىر زامان يول قويمىدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ زېمىننى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەجدادلىرىمىز بىلەن بىرگە ئاز بەدەل تۆۋلىمىدۇق. بىر چەتتىن ئېغىر ئەمگەكنىڭ مۇشەققەتلىرىنى تارتساق، يەنە بىر چەتتىن تاجاۋۇزچى مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قول – چوماقچىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھاشارلىرىنىڭ دەردىنى ئۆلگۈدەك تارتتۇق.
ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ يالغۇز ئۆزىمىزنىڭ يەرلىرىنى سۇغىرىدىغان ئۆستەڭلەرنى چېپىپ قالماي، يەنە ئىلى جاڭجۇنىڭ بىكارتاماق چېرىكلىرىنىڭ قارنىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن زىرائەت تېرىشقا ئېچىلغان تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرى ھالدا ئۆستەڭ چاپتۇق ۋە بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن ئېغىر ھاشارلارغا تۇتۇلدۇق. كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە 1762- يىللىرى تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى كۈرەدە ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. ئىلى جاڭجۈنىگە قاراشلىق مەنچىڭ چېرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مۇستەملىكىچى خىتاي مۈلكى، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئوزۇق – تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىلى دېھقانلىرىنى مەجبۇرى بوز يەر ئاچقۇزۇپ، ئېرىق – ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان ئىكەن. بولۇپمۇ ئەڭ دەھشەتلىك ھاشارلارنىڭ بىرى قەلئە ياساش، سېپىل سوقۇش ۋە ئۆي – ئىمارەت سېلىش ئۈچۈن سېلىنغان ئەمگەكلەر ئىكەن. ھۆكۈمرانلار ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن «دارخانلىق تۈزۈمى» دېگەن بىر تۈزۈمنى يولغا قويغان ئىكەن. بۇ تۈزۈمگە ئاساسەن ئىلى دېھقانلىرى ھەر ھەپتىدە ئالتە كۈن بىكارغا ئىشلەپ، ئاران بىر كۈن ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىكەن. ئەنە شۇ چاغلاردا ئىلى خەلقى بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاقلار توقۇغان ئىكەن:
پۇتى بارلا ئادەمنى تىنچ تاپقۇزماس بۇندا،
سالغۇزىدۇ ئۆي – ئىمارەت، سېپىل، باغ – ھويلا.
يېتىم – يېسىرلار خىجالەت، تەڭگىسى يوق قولىدا،
بارئۇڭا باش قېتىقچىلىق، كۈندە يۈزمىڭ خىل غوۋغا.
ئەنە شۇ ھاشارلار ھەقسىز بولغاننى ئاز دەپ، كۈنلەپ كۈنلەپ دەم ئالماي ئىشلەيدىغان ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بولغاچقا نۇرغۇن دېھقانلار ئېغىر جىسمانىي زۇلۇم چەككەندىن سىرت يەنە بۇ ھاشارلارغا باش بولغان زالىملارنىڭ قامچىلىرى ئاستىدا خورلىنىپ جان ئۈزگەن ئىكەن. ئەنە شۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۆستەڭ چېپىش ئەمگىكىدە بېلى پۈكۈلگەن دېھقانلار ئۆزىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى، ئاھۇ- زارلىرىنى، ئۆستەڭ ناخشىسى بىلەن مۇنداق ئىزھار قىلغان ئىكەن،- دەپ ئۆستەڭ ناخشىسى باشلىۋەتتى:
ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ.
زالىم توڭچىسى بەگلەر،
بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ.
ئۆستەڭنىڭ تېگى لايدۇر،
دەسسىسە لىغىرلايدۇ.
زالىملار چىقىپ كەلسە،
يۈرەكلەر جىغىلدايدۇ.
توختى ھارۋىكەش «ئۆستەڭ ناخشىسى»نىڭ ئارقىسىغا ئۇلاپلا «ئالۋان» ناخشىسىنى ئېيتتى.
ئالۋان ھوسۇلۇم تولا،
قوياي دېسەم ئېشىم يوق.
بۇ ھوسۇلنى قۇيمىسام،
تىرىكلىكتە بېشىم يوق.
ئاخشىمى ياتار چاغدا،
ساللارغا كىگىز قېنى،
بۇ جاندىن ئۆتۈپ كەتتى،
زالىملارنىڭ قىلغىنى.
ناخشىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان توختى ھارۋىكەش، بىر «ئۇھ» تارتىۋەتكەندەك كېيىن:
-قارا مەسئۇت ئوغلۇم، بىز دېھقانلارنىڭ ھال – ئەھۋالى ھېچبىر زامان ياخشى بولۇپ باققان ئەمەس. شۇ يىللاردا بىز ھازىرقىدىن بەتتەررەك ھۆكۈمەتكە غەللە – پاراق ئاشلىقى تاپشۇراتتۇق. بۇ تاپشۇرغان ئاشلىقنى «ئالۋان» ياكى «ھوسۇل» دەپ ئاتايتتى. ئۇ چاغلاردا ئالۋاننىڭ دەستىدىن دېھقانلار كۈن ئېلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. ئالۋان تۆلەيمىز دەپ ھېسابسىز سورۇقچىلىقلارنى تارتقان، ھەتتا بېرىدىغان ئاشلىقلىرى قالمىغاندا زالىملار ئۆيلىرىمىزدىكى قازان – قومۇچ، ئاستىمىزغا سالىدىغان كىگىز- بورىلارنى، ھەتتا ئۇچىمىزدىكى كىيىم – كېچەكلەرنىمۇ سېتىشقا مەجبۇرلاپ، ئالۋاننى تۆلەشكە زورلىغان ئىدى. ئاباي ئېيتقان ئاشۇ ناخشا ئەنە شۇ چاغلاردا ئاشۇ كۈلپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دېھقانلارنىڭ يۈرەك باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان نىدالىرىدىن تىزىلغان بېيىتلاردۇر. ئەنە شۇنداق ئېغىر كۈلپەتلىك كۈنلەرنىڭ بېرىدە،- دەپ، بېشىغا قىڭغىر كىيىۋالغان مالىخېيىنى سول قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىدىكى قامچىسى بىلەن تەسكەي تەرەپنى كۆرسىتىپ – ئاشۇ تەرەپتىكى موللىتوختىيۇز دېگەن يېزىدا «سادىر پالۋان» دەپ نام ئالغان، ئەل ئىچىدىن چىققان ھەققانىيەتچى باتۇر قوماندان ۋە ئۇستا قوشاقچى سادىر ئاكا، ئېزىلگەن دېھقانلارغا باش بولۇپ تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ باشلاتقان ئىدى.
بۇ قوزغىلاڭ بارا – بارا كېڭىيىپ پۈتۈن ئىلى تەۋەسىنى زىلزىلغا كەلتۈرۈۋەتتى. بىزمۇ بۇ قوزغىلاڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىچ – ئىچىمىزدىن خوش بولدۇق ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشماقچى بولدۇق. ئۇ چاغلاردا داداڭ سابىر بىلەن مەن ئون يەتتە، ئون سەككىز ياشلاردا ئىدۇق. بىزنىڭ تازا ئىلىكىمىز توشۇۋاتقان، كۈچ – قۇۋۋىتىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ناھەقچىلىكلەرگە چىدىماي، ئۈسسۈيدىغان تام تاپالماي يۈرگەن چاغلىرىمىز ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىمىزگە ئات چاپتۇرۇپ ئوندەك ئادەم كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېشىغا مېنىڭكىدەك تارانچى دېھقانلىرىنىڭ مالىخېيىنى كىيىۋالغان، ئېگىز بويلۇق، كەڭ غوللۇق، بويۇنلىرى سېنىڭ بېلىڭچىلىك بار، ئۆزى شۇنچىلىك قاۋۇل، ئات ئۈستىدىكى تەققى – تۇرقىدىن غەيرەت – جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان چىراي بىر كىشى بار ئىدى. بۇ كىشى دەل سادىر پالۋان ئىدى.
سادىر پالۋان ئاتايىتەن بىزنىڭ ئارۇزغا كېلىپ، دېھقانلارنى مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قېتىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە داداڭ بولۇپ ئونغا يېقىن ياش بالىلار شۇ كۈنىلا ئات – ئۇلاغلىرىمىز بىلەن سادىر پالۋاننىڭ ئارقىسىدىن غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتۇق. بىز شەھەرنىڭ بوينىكېسىك دېگەن جايغا كەلگىچە سادىر پالۋاننىڭ ئارقىسىدىكى قوشۇن 3000 دىن ئېشىپ كەتتى. بىز غۇلجىنى مۇھاسىرىغا ئېلىپ جەڭ قىلدۇق، ئون كۈنلۈك قانلىق جەڭدىن كېيىن غۇلجىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلدۇق ۋە ئازادلىق، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق دېگەننىڭ تەمىنى شۇ چاغدا تېتىدۇق. ئازاقلىق، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق دېگەننىڭ تەمى ئاجايىپ بىرتەمكى، ئۇنىڭ تەمىنى بىر تېتىپ قالغان ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا پىدا قىلىدۇ. بىز غۇلجىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەر خەلقى بىلەن شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە ئۇرۇش غەلىبىسىنى تەن – تەنە قىلدۇق. خۇددى ھەممە يەردىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق كۆزلىرىدەك، كوچىلارغا ئۆي – ئۆيدىن چىققان ئۇششاق بالىلار، خوتۇن – قىزلار قىنى – قىنىغا پاتماي تەن – تەنە قىلىشتى. يېزا – يېزىلاردىن شەھەرگە سەلدەك ئاققان دېھقانلار ئازادلىق تەنتەنىسىنى غۇلجا ئاھالىسى بىلەن بىرگە تەبرىكلەپ، ھەممە يەر جانلاندى، خۇشاللىققا چۆمۈلدى. شۇ چاغدا سادىر پالۋاننىڭ نامى، شۆھرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. بىزمۇ ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى جەڭچىلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنچىلىك ئۆزىمىزدىن پەخىرلەندۇق.
جاي – جايلاردىن كەلگەن ياش يىگىتلەرنىڭ بەزىلىرى ئات – ئۇلاغلىرى بىلەن، بەزىلىرى چوماق – توقماقلىرى بىلەن سېپىمىزگە كېلىپ قوشۇلدى. ئاز كۈن ئۆتمەيلا بىزنىڭ قوشۇنىمىز زورىيىپ، ھەيۋەتلىك، قۇدرەتلىك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. ئاندىن يۇرت چوڭلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننى بىرە قۇر تەرتىپكە سالدى. ئازراق ۋاقىت ئۆتە ئۆتمەيلا چىلپەڭزە قەلئەسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتلاندۇق. بۇ ئۇرۇشقا سادىر پالۋان دەللىڭ ئۆزى باش بولدى. بىزمۇ سادىر پالۋاننىڭ يول باشچىلىقىدا چىلپەڭزە قەلئەسىنى مۇھاسىرىغا ئېلىش جەڭلىرىگە قاتناشتۇق. دەيۈز خىتاي چېرىكلىرى زەمبىرەك، مىلتىقلىرىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ئۈزۈپ، قەلئەنى بىزدىن قوغدىدى. شۇ چاغدا جاھاننى قويۇق ئىس – تۈتەك قاپلاپ، ئوق – دورا ھىدىدىن ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ تەسلىشىپ كەتكەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق قىيىن جەڭ شارائىتىدا سادىر پالۋان ئەقلىنى ئىشلىتىپ، شۇنچىلىك ئەپچىل بىر چارىنى ئويلاپ تاپتى. «جەڭ دېگەننىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ» دېگەن گەپكە شۇ چاغدا ئىشەنگەن ئىدىم. يەنى «قانداق ئامال تاپتى؟»دېمەمسەن قارا، ئۇ مەغرۇر قىياپەتتە بىزگە قاراپ:
بىنەمنىڭ شامالى بار،
بۇغداينىڭ سامانى بار.
غەم قىلما قېرىنداشلار،
سادىرنىڭ ئامالى بار.
-دەپ قوشاق قېتىپ تۇرۇپ، بىزگە بۇيرۇق بېرىپ، چىلپەڭزە قەلئەسىگە سۇ كىرىدىغان ئېرىقنى پۈتۈنلەي ئەتتۈرۈۋەتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتە – ئۆتمەيلا قەلئە ئىچىدىن مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ داد – پەريادلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، شۇنداق داد – پەريادلار كۆتۈرۈلۈۋاتقان كېچىدە، سادىر پالۋاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەيەرلەردىندۇر تېپىپ ئەكەلگەن توپ – توپ ئۆچكىلەرنىڭ مۈڭگۈزىگە ياغقا چىلانغان نۆكچە باغلاپ، ئاندىن ئۇلارنى بىر- بىرلەپ تۇتاشتۇردۇق ۋە ھەممىمىز قولىمىزغا بىر تالدىن مەشئەل تۇتۇپ، ئۆچكىلەرنى ئاستا ھەيدەپ قەلئەگە يېقىنلاپ كەلدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىر ئادەم ئون بولۇپ كۆرۈنۈپ، ئەتراپنى ھەيۋەتلىك يالجىپ يېنىۋاتقان مەشئەللەر بىلەن ھۇررا سادالىرى قاپلاپ كەتتى. بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى كۆرگەن ۋە چۇقان – سۈرەنلەرنى ئاڭلىغان قەلئە ئىچىدىكى ئامبال ۋە چېرىكلەر ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىچىدە دىر- دىر تىترەپ، دەرھال ئاق بايراق چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قەلئە دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتتى. بۇ قېتىمقى غەلىبىنى بىرىنچى بولۇپ مۈڭگۈزىگە نۆكچە باغلانغان ئۆچكىلەر مەرەپ تۇرۇپ تەبرىكلىدى. ئۇلار دەرۋازىدىن مەرەشكەن پېتى قەلئە ئىچىگە كىرگەندە، ئامبال ۋە چېرىكلەر ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن پېتى تۇرغان جايىدا مىدىر- سىدىر قىلماي تۇرۇپ قىلىشقان ئىدى. ئاندىن قوزغىلاڭچى قوشۇن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ مەركىزى قەلئەسى بولغان باياندايغا ھۇجۇم باشلىدۇق. ئەمما نەچچە قېتىم قورشاپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولساقمۇ، بۇ قەلئەنى ئېلىشقا ئامالسىز قالدۇق.
ئەنە شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا يەنىلا سادىر پالۋان بىر ئەپچىل چارىنى ئويلاپ تاپقان ئىدى. يەنى نەچچە كېچە – كۈندۈز جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە سېپىلنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارىدىغان خەندەك كولاپ چىققان ئىدى. ئاندىن سېپىلنى پارتلاتقۇچ دورا بىلەن پارتلىتىپ، قەلئەنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىدىغان ئېغىزنى ئاچقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن 5000 دىن ئوشۇق قوزغىلاڭچى قوشۇن قەلئە ئىچىگە باستۇرۇپ كېرىپ، قەلئەنى ئازاد قىلغان ئىدۇق. بۇ قېتىمقى جەڭ ئاجايىپ دەھشەت بولغان ئىدى. زەمبىرەكلەر گۈمبۈرلەيتتى، ئوق چۈشكەن يەرلەر قومۇرۇلۇپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ قار ئۇچقۇنلىرىدەك ئاپاق بولۇپ ھاۋادا توزۇيتتى. بىز كىندىكىمىزگە كېلىدىغان ئورەكلەردىن «ھۇررا !» دېگەن سادا بىلەن تەڭ ئىرغىپ چىقىپ، ھوشۇقىمىزغىچە قىپقىزىل قاننى كېچىپ ئالغا يۈگۈردۇق، بۇ مەنزىرە خۇددى بىر- بىرىنى قوغلىشىپ قىرغاققا ئۇرۇلۇۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايتتى. توساتتىن ئالدىمدا «گۈمبۈر» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ موللاق ئېتىپ يېقىلغان ئىدىم. پارتلىغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ بىر پارچىسى ئوڭ پۇتۇمغا تېگىپ كېتىپ، ئېغىر يارىلانغانتىم. ئەنە شۇ چاغدا داداڭ سابىر مېنى دەرھال جەڭ مەيدانىدىن سۆرەپ چىقمىغان بولسا، قانسىراپ ئۆلگەن بولاتتىم. شۇڭا داداڭ سابىر مېنىڭ جان – جىگەر ئاغىنەملا بولۇپ قالماي، بەلكى يەنە جېنىمنى قۇتقۇزغۇچى، مۇشۇ كۈنلەرگە يېتىم كېلىشىمگە سەۋەب بولغان رەھنەمايىم بولىدۇ.
ئەنە شۇ جەڭدىن كېيىن مەن بىر پۇتۇمنى ئاقساپ ماڭىدىغان توكۇر بولۇپ قالدىم. سەن ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، مەھەللىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى مېنى «توختى توكۇر» دەپمۇ ئاتايدۇ. لېكىن مەن بۇنداق ئاتاشقا كۆنۈپ كەتكەن،ھەم ھېچ خاپا بولۇپ كەتمەيمەن. «توكۇر» دېگەن بۇ لەقەم مەن ئۈچۈن بىر شەرەپنامىدەك بىلىنىدۇ. چۈنكى ھەرقېتىم بۇنداق چاقىرغان ئاۋاز قۇلىقىمغا ئاڭلانغاندا، ئاشۇ قېتىمقى بايانداي سېپىلىنى ئېلىشتىمكى جەڭدە پارلاۋاتقان زەمبىرەك ئوقلىرىغا قارىماي ئالدىغا «ھۇررا » دەپ، چۇقان – سۈرەنلەر بىلەن دۈشمەن ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلغان مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم باشقىچە روھلىنىپ، خۇددى پۇتۇمنىڭ توكۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ، تۈپتۈز مېڭىۋاتقاندەك بىر روھى ھالەتكە كېلىپ قالىمەن. شۇڭا بۇ لەقەمنى مېنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئەيىبىمگە ئەمەس، بەلكى مېنىڭ شۇ قېتىمقى جەڭدىكى باتۇرلۇقۇمغا بېرىلگەن شەرەپلىك مېدال دەپ بىلىمەن.
دەرۋەقە، بەزىلەر مېنىڭ چىشىمغا تېگىمەن دېگەندەك قىلىپ «توختى توكۇر» دېگەن چاغلىرىدا، خۇددى مېنى «توختى پالۋان»، «توختى ھۇررا » دەپ چاقىرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، يۈزۈمدە تەبەسسۇم پەيدا بولىدۇ – دە، دەرھال يەنە «سادىر پالۋان» ئاكىمىز ۋە شۇ جەڭگە قاتناشقان شائىر موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ يادىمغا كېلىدۇ، – دەپ چوڭقۇر تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئاقساق پۇتىنى ئاستا سىلاپ قويدى. ئاندىن پوتىسىغا قىستۇرۇۋالغان ناسۋال قاپىقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئاغزىنى ئاچتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ چوڭقۇر ئۇششاق سىزىقچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئالىقىنىغا توق يېشىل رەڭلىك ناسۋال دانچىلىرى تۆكۈپ، پەملەپ تۇرۇپ ئاغزىغا ئاتتى ۋە ئاستا كالپۇكى بىلەن چىش مىلىكىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ، شۇنچىلىك بىر ھۇزۇر ئىچىدە جىممىدە خۇرسىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. دېمىسىمۇ شۇ قېتىمقى جەڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇستەملىكىچى مانجۇ بىلەن خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بارغان غازاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ شېھىتلەرنى بەرگەن ۋە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر قېتىملىق مەشھۇر مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئىدى. ئەنە ئاشۇ جەڭگە شائىر موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمىمۇ ئاكىسى بىلەن بىرگە قاتناشقان ۋە ئاكىسى جالالىدىن شۇ قېتىمقى جەڭدە شېھىت بولغان. شائىر نازىمى ئاكىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەپ بۇنداق بېيىت يازغان:
قېرىندىشىم غەمى قىلدى ئېلىپتەك قامىتىمنى دال،
ئۆزىگە كەتتى مېنى تاشلاپ جالالىدىن قارا قاشىم.
شائىر موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى ئۆزىنىڭ ئاشۇ غازاتقا ئاتاپ يازغان «غازات دەر مۈلكى چىن» ناملىق مەشھۇر داستانىدا ئاشۇ قېتىمقى جەڭ مەنزىرىلىرىنى بۇنداق بېيىتلار ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن:
ئۆلۈككە تولۇپ يول بولالماي راۋان،
كى ئاتلار تۇۋاقى بولۇر ئېردى قان.
كى مۇمىن قوپارىب ئۆلۈكتىن مۇنار،
خىتايدىن ھالاك بولدى كۆپ تاجدار.
كى مۇمىن بولۇپ شىرغۇرران سۈفەت،
نەدۇر شىر بەلكى نەرىمان سۈفەت.
– گېپىمگە قۇلاق سال! مەسئۇت بالام،- دەپ يەنە سۆز ئالدى توختى ھارۋىكەش – ئوغۇل بالا دېگەن ئۆز ئۆمرىدە بىرە قېتىم ئەنە شۇنداق ياۋلار بىلەن ئېلىپ بارغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ قويغىنى ياخشى. بولمىسا بۇ ھاياتنىڭ قىممىتى نەدە قالىدۇ دەيسەن. ئەنە شۇ جەڭلەرگە قاتناشقاچقا ئەل – رەئىيەت بىزنى توكۇر دەمدۇ، ھارۋىكەش دەمدۇ، پەرۋايىمىز پەلەك. مۇھىمى ئەل – يۇرتنىڭ ئالدىدا مەيدىمىزنى كۆتۈرۈپ ياشاپ كېلىۋاتىمىز ۋە سېنىڭدەك ئەقىللىك تايلارغا ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ، ئۇزۇن يوللارنى قىسقا قىلىپ كېتىپ بارىمىز. ئەنە شۇ چاغدا سادىر پالۋان ئاشۇ قوزغىلاڭنى قىلغاچقا ۋە شۇ جەڭلەردە شېھىت بولغان مىڭلىغان باھادىرلارنىڭ ئىسسىق جانلىرىنىڭ بەدىلىگە، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇپ، مۇستەقىل ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغان ئىدى. لېكىن مىڭ ئەپسۇس بۇ سۇلتانلىقنى قۇرۇش ئۈچۈن باشتىن – ئاياق كۈرەش قىلغان ئابدۇرسۇل بەگدەك ئېسىل يول باشچىلار سۇيىقەستكە ئۇچرىدى ۋە سادىر پالۋان ھېچكىمنىڭ ئارپىسىنى خام ئورىمىغان تۇرۇقلۇق بەزى بىر ئەمەلدار سىنىپلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ كەمچىلىكى بار دېيىلسە مىجەزى تۈز، ئاغزى ئىتتىك، ناھەقچىلىككە ھېچ تەخىرى يوق ئادەم بولغانلىقى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىركىمنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى كۆرمىۋىدۇق.
ئۇ شۇنداق پەم – پاراسەتلىك پالۋان بولۇپلا قالماي يەنە شۇ قەدەر پاك ئىدىكى «شۆھرەتپەرەسلىكنى ئۆگىنىپ، ھارام تاماقلارنىڭ يولىغا كىرىپ كەتمەي» دەپ ئۆزىنى ئۆزى سوراپ يېزىسىغا چىقىپ كەتتى. بۇ دۇنيادا كىمنىڭ پەزىلىتى ئېسىل، پاك بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆپ كىشى دوست بولۇش بىلەن بىرگە يەنە شۇنچىلىك كۆپ كىشى دۈشمەن بولىدىكەن ۋە دۈشمىنى بولمىغىچە ئەرنىڭ مەردلىكى، نامى ۋە جاسارىتى ئايان بولمايدىكەن. سادىر پالۋان ئەنە شۇنداق دوستىمۇ كۆپ دۈشمىنىمۇ كۆپ پالۋان ئىدى. كېيىن مېنىڭمۇ پۇتۇم سەل ساقىيىپ، سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سابىر ئىككىمىز «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» دەپ ئارۇزغا يېنىپ كەلدۇق. دەرۋەقە شۇ چاغلاردا ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ھال – كۈنى بىر ئاز ياخشىلىنىپ، خېلى يىللارغىچە ئالۋان-سېلىقلار ئازىيىپ ئوبدانلا راھەت ياشىدۇق. لېكىن بۇ سۇلتانلىقمۇ ئاران ئالتە يىلدەك ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن، رۇسلار ئىلىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئاغدۇرۇۋەتتى. خۇددى «كۈزنىڭ ئاپتىپى ئۇزاققا بارمايدۇ، ھەرقانچە تىمەن قېرىمۇ يىقىلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ھېكمىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ئىلى سۇلتانلىقنىڭ ئاغدۇرۇلغان يىلى سادىر مەۋلانمۇ كېسەل بىلەن بۇ ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ چاغدا مەن سابىر بىلەن موللىتوختىيۇزگە بېرىپ سادىر پالۋاننىڭ يەتتە نەزىرىگە قاتناشقان ۋە تۇپراق بېشىغا بېرىپ ياسىن ئوقۇپ، دۇئا قىلغان ئىدۇق. شۇندىن بۇيان سادىر پالۋاننىڭ قوشاقلىرىنى ئاجايىپ بىر مۇڭ بىلەن ئېيتىدىغان بولۇۋالدىم. بۇ ناخشىلار بىلەن نۇرغۇن داۋانلار ئاشتىم، نۇرغۇن شەھەرلەرنى كۆردۈم، – دەپ، سادىر پالۋاننىڭ قوشاقلىرىنى مۇڭ بىلەن ئېيتىشقا باشلىدى:
غالجات، چېلەك، توقماق،
قەدەم جايىمىز بېسىپ ئۆتكەن.
نەرە تارتىپ ياۋنى يوقاتتۇق،
يامان نىيەت ئوي پۈككەن.
كۆرگەن بىر تۈپ تېرەكنى،
كېرەك قىلدۇق بىر باشقا.
ئاق ئورۇسنىڭ ئىتلىرى،
مىنىۋالدى كۆكتاشقا.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)