You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى ۋەقىپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى ۋەقىپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى 19-مارت يەكشەنبە كۈنى ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىدا يىغىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە پات ئارىدا قىلىش پىلانلانغان خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ئىدارە ۋە تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 20 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ۋە 4 بۆلۈمگە بۆلۈنگەن شەكىلدە خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ۋەقىپ ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

ۋەخپىمىزنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت كومىتېتىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت راھىلە قەشقىرى خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى، شۇنىڭ بىرگە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت نامەتجان مەمەت ئەپەندى مالىيە بۆلۈمى مەسئۇللىقىنى، ساغلىق بىلىملەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت ئابدۇۋەلى خانىم ۋەخپىمىزنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

يىغىندا پات ئارىدا رامىزان ئېيىدا ۋە يىل ئاخىرغىچە قىلىش پىلانلانغان خىزمەتلەرنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتى مۇناسىۋەتلىك ھەيئەتلەرگە تەقسىملىنىپ بېرىلدى. 2023-يىل چىقىپ كەتكۈچە تۈركىيەدە ئاكادېمىيە ۋەخپىگە ئاۋاز قوشقان زىيالىيلارنىڭ سانىنى يۈزدىن ئاشۇرۇش قارار قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top