21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تىلشۇناس تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن خاتىرىلەندى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىىيىتىنى چەتئەلدە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق يەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى 9-ۋە 10-دېكابىردا ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتوندا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر يىغىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان خىرىسلارنىڭ بىرى چەتئەل تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بوغۇنلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قانداق ۋە قانچىلىك ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى.
چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىق كۈنتەرتىپتە ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە 2023-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 20- كۈنى ئانا تىل گۈلزارى سەھىپىسىنىڭ 4- قېتىملىق پىروگراممىسى ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان سۆيۈملۈك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئامېرىكا ۋىرجىنىيە ئانا تىل مەكتىپى مۇدىرى سۈرەييا ئابلىمىت قەشقىرى خانىم، لوندون ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى ھەمراگۈل يۈسۈپ، ئىستانبۇل ئوقۇغىن ۋەخپى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئابىدە ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇدىرى تىل تەتقىقاتچىسى دوتسېنت راھىلە قەشقىرى خانىملار بىلەن مۇھاجىرەتتە ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، ئانا تىل دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئائىلەدە ئانا تىلدا سۆزلەش قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئۇلار ئانا تىل خىزمىتى جەريانىدىكى ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىلىرىدىن ئېرىشكەن ھاسىلات ۋە قىممەتلىك تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئانا تىل گۈلزارى سەھىپىسىنىڭ 4- قېتىملىق پىروگراممىسىنى يۇقاردىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2023-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 21- كۈنى ئاكادېمىيە سۆھبىتى پروگىراممىسىدا دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيەدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، پروفېسسور ئەركىن ئەمەت، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى ۋە قازاقستاندىن دوكتور رۇسلان ئارزىيەۋ ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغان ۋە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ يېڭى مېتوتلار بىلەن يېزىلىشىدا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇركولوگىيە ساھەسىگە تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر تىلى پىدائىيسى تىلشۇناس مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
ئانا تىل پىدائىيلىرى: تىلشۇناس ئۇستاز مەرھۇم خەمىت تۆمۈر سۆھبەت پىروگراممىسىنى يۇقاردىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.

