You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

1997-يىلى 5-فېۋرال، رامىزان ئېيىدا قەدىر كېچىسىدە يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا 2023-يىلى 5-فېۋرال يەكشەنبە تۈركىيە ۋاقتى سائەت 13:00 تە ئەنقەرە ئۇلۇس ئاتاتۈرك ئابىدىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى بولدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدا 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا شەھىد بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلىدۇق. بۇ مەتبۇئات بايانات يىغىنىدا سۆز قىلغان «ئىيى» يەنى «ياخش» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىردى.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا پارلامېنت ئەزالىرى، «ياخش» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى ۋە «يېڭى رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار قولىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ۋە كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا شوئار توۋلاشتى. ئالدى بىلەن «ياخش» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«5-فېۋرال تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستانلىقلار داۋاملىق قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. غۇلجا قىرغىنچىلىقىمۇ بۇندىن 26 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى يتەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تۈركىي خەلقلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى ئۇنۇتمايمىز ۋە خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سورايمىز».

يەنە شۇ كۈنى كەچ سائەت 18:00 دە ئەنقەرەدىكى خانساراي ئۇيغۇر رېستۇرانىدا 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا شەھىد بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى مەخسۇس خاتىرىلەش يىغىنى بولدى. مەزكۇر شېھىتلارنى خاتىرىلەش يىغىنىغا  «ياخش» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى ۋە «يېڭى رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، تۈرك ئوجاقلىرى قاتارلىق مۇھىم تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنىدا 5-فېۋرال قاراڭغۇ كۈنىنى ۋە ئۇ كۈندە شېھىت بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلىدۇق، ھەم شۇنداقلا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارىتا قانداق تەدبىر ئېلىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top