ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆيدە يېڭى ئىشخانىسى ئېچىلدى
بۈگۈن 28 – يانۋار شەنبە چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆيدە يېڭى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قەدەم تەشرىپ قىلدى ۋە يېڭى ئىشخانىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەيىرلىك خىزمەتلەرگە سەۋەب بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتى.
يېڭى ئىشخانىمىزدا ھەرخىل دەرس ۋە پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان بەش سىنىپمۇ بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئېھتىياجلىق تېمىلاردا ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شوغۇللىنىشنى 2023-يىللىق خىزمەت پىلانى ئىچىگە كىرگۈزدى.
ئاكادېمىيەنىڭ 2023-يىلىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا قىلالايدىغان ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە ياشلىرىمىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئالدۇق. ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بەرگىنىچە ياشلىرىمىزنى مىللىي كۆرەش سېپىمىزدە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى 2023-يىلى ئاساسلىقى ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئالاقىدار تېمىلاردا ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر چوڭلارغا ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە پايدىلىق ھەر خىل كۇرسلارنى ئېچىش، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش، تۈركلەرگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تەھدىدىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لوبىيچىلىق پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزدى.



