You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى قاتارلىق 6 شەرقىي تۈركىستان ۋەقىپلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەنقەرەدە ژۇرنالىست، ئاكادېمىك، يازغۇچى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ تەشرىپ قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «1933 – ۋە 1944 – يىللىرى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى» غا 200 گە يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق، غەربىي تۈركىستانلىق ۋە تۈركىيەلىك سەرخىل كىشىلەرنىڭ قاتناشتى.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ مىللىي مارشلىرى ئورۇنلاندى.

ئېچىلىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىگە ۋاكالىتەن دوكتور دىلشات بارىشچى ئەپەندى، سابىق دۆلەت مېنىستىرى فارۇق بال ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كەسەر ئەپەندى ۋە ئىيى پارتىيە كونيا پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىلەر ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەم شۇنداقلا يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قايتا مۇستەقىللىققە ئېرىشىدىغانلىقىنى نوتۇقلىرىدا ئىپادە قىلىشتى.

ئېچىلىشتىن كېيىن 11 ياشلىق ئۇيغۇر ئوغلانى سۇتۇق بۇغرا قاراخان «شەرقىي تۈركىستانىم ساقلاپ تۇر!» دىگەن تۈركچە شېئىرنى ناھايىتى تەسىرلىك ۋە جانلىق دېكلىماتسىيە قىلدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. يەنە بىر ئۇيغۇر ئوغلانىمىز نادىر ياغمامۇ «بىز كىملەرمىز؟» دىگەن تۈركچە شېئىرنى دېكلىماتسىيە قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئېچىلىش ئاخىرلىشىپ، يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسمى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ھەم شۇنداقلا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «تاشقىي كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى ھەم شۇنداقلا بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئاياللار» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

مەزكۇر پائالىيەت تولىمۇ جوشقۇنلۇق ئىچىدە ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە خانساراي ئۇيغۇر رېستۇرانىدا ئۇيغۇر تائاملىرىدىن زىياپەت بېرىلدى.

يىغىندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر: 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top