ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەتقىقات، تەرجىمە ۋە تەشۋىقات تۈرى
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى ياردەم چاقىرىقى ۋە ئاكادېمىيە تەتقىقات، تەرجىمە ۋە تەشۋىقات تۈرىگە ئايرىلغان بولۇپ، ۋەتەن ۋە مىللەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تېمىلاردا تەتقىقات قىلىش، دوكلات تەييارلاش، ماقالە ۋە كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە ھەر خىل مەزمۇنلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، چەتئەل تىلىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش، ھەم شۇنداقلا مۇھىم بولغان تېمىلاردا مىللىتىمىزگە ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋە چەتئەللىكلەرگە قارىتا تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر.
بۇ سۆھبەتتە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ، ھەم شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ رولى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇشنى خالىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.
قوشۇمچە: https://ug.uyghuracademy.org/?p=167350 ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى ياردەم چاقىرىقى
ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
+90-5306677851
bilgi@ug.uyghuracademy.org
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى