ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش تۈرى
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى ياردەم چاقىرىقى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش تۈرىگە ئايرىلغان بولۇپ، ۋەتەن ۋە مىللەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ سۆھبەت پروگىراممىسىدا، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاقارتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 13 يىللىق مۇساپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلارغا بولغان تەسىرى، شەرقىي تۈركىستان مىىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ياشلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە سېستىمىلىق تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە بولدى.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.
قوشۇمچە: https://ug.uyghuracademy.org/?p=167350 ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى ياردەم چاقىرىقى
ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
+90-5306677851
bilgi@ug.uyghuracademy.org
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى