ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سايلام قائىدە – پىرىنسىپلىرى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سايلام قائىدە – پىرىنسىپلىرى
1) سايلام شەكلى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەيئەت ئەزالىرى «ئاكادېمىيە رەئىسلىك سايلىمى» غا نەخ مەيداندا ياكى تور ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى «تارماق ئاكادېمىيەلەرنىڭ رەئىسلىك سايلىمى» غا مەزكۇر ئاكادېمىيە دائىرىسىدىكى ئاكادېمىيە ئەزالىرى نەخ مەيداندا ياكى تور ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىك سايلىمى» غا مەزكۇر ئاكادېمىيەگە قاراشلىق ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ ھەيئەت ۋە تەتقىقاتچىلىرى نەخ مەيداندا ياكى تور ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
2) سايلام كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى: سايلام ۋاقتىدىن ئەڭ ئاز 3 ھەپتە بۇرۇن ئۆزلىرىنى رەئىسلىك نامىزاتىغا كۆرسەتمىگەن «ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى»، «تارماق ئاكادېمىيە باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى» ياكى ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ ھەيئەتلىرى» تەرىپىدىن ئەڭ ئاز 3 كىشىلىك «سايلام كومىتېتى» تەشكىللىنىدۇ. سايلامنىڭ ئادىل ۋە دېمۇگراتىك بولۇشىغا ئاكادېمىيە باش تەپتىشىنىڭ نازارەتچىلىكىدە سايلام كومىتېتى كاپالەتلىك قىلىدۇ. كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە سايلام كومىتېتى ئەزالىرى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر سايلامدا ئادالەتسىزلىك ۋە دېمۇگراتىك بولمىغان ئەھۋال بايقالغاندا، مەۋجۇت سايلام ئەمەلدىن قېلىپ، قايتا سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3) رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتى: باش ئاكادېمىيە، تارماق ئاكادېمىيەلەر ياكى ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلار» دا دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىدا رەسمىي ھەيئەت ياكى زاپاس ھەيئەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ئەڭ ئاز 2 يىلغا توشقان ۋە ئوقۇش تارىخى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ماگېستىر دەرىجىسىدە بولغان كىشىلەر رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتلىقىغا ئۆزىنى كۆرسەتسە ۋە سايلامغا قاتناشسا بولىدۇ.
4) رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتىنىڭ بېكىتىلىش ئۇسۇلى: رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتى بولۇشنى خالايدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ياكى ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ ھەيئەتلىرى» سايلامدىن ئەڭ ئاز 7 كۈن بۇرۇن ئۆزىنى ۋە تەشكىللىمەكچى بولغان دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى ئەزالىرىنى «سايلام كومىتېتى» غا بىلدۈرۈشى ۋە كەلگۈسى 3 يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. «سايلام كومىتېتى» رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرىنى سايلامدىن ئەڭ ئاز 4 كۈن بۇرۇن ئاكادېمىيە ئەزالىرىغا يەتكۈزىشى كېرەك.
5) رەئىس ياكى مۇدىرلەرنىڭ سايلىنىش پىرىنسىپى: دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن كىشى باش ئاكادېمىيە رەئىسى، تارماق ئاكادېمىيە رەئىسى ياكى ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلار» نىڭ مۇدىرلىرى بولۇپ سايلىنىدۇ. سايلامدا دېمۇگراتىك پىرىنسپلار ئاساسىدا سايلانغان باش ئاكادېمىيە رەئىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدىكى بارلىق ئاكادېمىيە تارماقلىرى ۋە ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلار» نىڭ بىۋاستە مەسئۇلى بولىدۇ.
باش ئاكادېمىيە رەئىسى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئاكادېمىيە رەئىسلىرى ۋە ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلار» نىڭ مۇدىرلىرى بىلەن كېڭەشكەن ئاساستا بارلىق ئاكادېمىيەلەر بىلەن ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلار» نى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ھوقۇقلۇقىغا ئىگە.
6) رەئىس ياكى مۇدىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە سايلىنىش قېتىم سان چەكلىمىسى: سايلانغان رەئىس ياكى مۇدىر ھەر بىر نۆۋەتتە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. رەئىس ياكى مۇدىر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتى بولۇپ سايلامغا قاتنىشالايدۇ. ئەگەر 3-قېتىم ئۆزىنى رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولسا، بىر نۆۋەت يەنى 3 يىل كۈتىدۇ، 4-نۆۋەتتە ئاندىن رەئىس ياكى مۇدىر نامىزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلىپ سايلامغا تەكرار قاتناشسا بولىدۇ.
7) دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىش پىرىنسىپى: ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى ياكى مۇدىر ئۆزى بىلەن بىرگە 7 ياكى 9 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتنى ئەزالار ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما ئاكادېمىيە رەئىسى، تارماق ئاكادېمىيەلەر رەئىسى ياكى ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلار» نىڭ مۇدىرلىرى نەخ مەيداندا ئۆزىدىن باشقا 6 ياكى 8 كىشىنى سايلامغا قاتناشقۇچىلارغا بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇشى ۋە تونۇشتۇرۇلغان كىشىلەرمۇ ۋەزىپە ئېلىشتا ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك.
يەنە بىر تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇرۇنقى خىزمەتلەر ۋە شەخىس-ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقە قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ داۋامىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يېڭى سايلانغان رەئىس ياكى مۇدىر ئۆزىدىن باشقا 6 ياكى 8 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت ئىچىگە ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ياكى باش كاتىبلاردىن مۇۋاپىق بىرسىنى مۇئاۋىن رەئىس ياكى باش كاتىبلىققا تەكلىپ قىلىشى كېرەك.
يۇقارىقى ئەھۋاللار ئەمەلىيلەشكەن شەرت ئاستىدا، يېڭىدىن سايلانغان رەئىس ياكى مۇدىر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن دائىمىي ھەيئەتلەر ئاكادېمىيە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ، شۇنداقلا ئەڭ ئاز 51 % ئاكادېمىيە ئەزالىرى ياكى ئاكادېمىيەگە قاراشلىق «ئىنستىتۇت ۋە كومىتېت ھەيئەت ۋە تەتقىقاتچىلىرى» نىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان بولۇشى كېرەك.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتى
2021-يىلى 11-دېكابىر
