You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە «1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىگە قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە «1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىگە قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى 30-سېنتەبىر جۈمە كۈنى 18:30 دە ئەنقەرە خانساراي ئۇيغۇر رېستورانىدا «1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىگە قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ، ئەلخا خەۋەر ۋە BBN تۈرك تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

ئالدى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە دۆلەت شېئىرى ئېيتىلدى، ئاندىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتى توغرىسىدىكى ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى.

ئاندىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە 73 يىللىق ئىشغالىيەت جەريانىنى چۈشەندۈردى.

ئاخىرىدا، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيىسىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتكە مەسئۇل رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيىيەسىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مۇناسىۋەتلەر مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى بۇراك توپالئوغلۇ ۋە ئىيى پارتىيىسىنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ پارتىيەلەر ئۈستى مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بالدۇرراق چېكىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇتۇقتىن كېيىن، قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇر تامىقى ئىنئام قىلىندى، تاماقتىن كېيىن چاي سۆھبىتىدە شەرقىي تۈركىستان قانداق قىلىپ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلالايدۇ؟ دېگەن تېمىدا مۇزاكىرە بولدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top