ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمىئىيىتى، ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى (كانادا)، ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمىئىيىتى (كانادا)، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھەر ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر، تۈركىيەلىك ۋە چەتئەللىك 100 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 17- ۋە 18-كۈنلىرى ئىستانبۇل مەرتەردىكى گىرىن پارك مېھمانخانىسىدا سىرىتقا يېپىق شەكىلدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.
دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، مەزكۇر يىغىننى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 11 تەشكىلاتقا كۆپتىن كۆپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 7 دۆلەت ۋە قىتئەدە تارمىقى بولغان، 2 ئىنستىتۇت ۋە بىر كومىتېتتىن تەركىپ تاپقان 100 لەرچە ئۇيغۇر زىيالىينىڭ بىر گەۋدىگە ئويۇشقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل ئامبىرىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ھايات-ماماتلىق مىللىي مەۋجۇتلۇق كىرىزىسلىق بىر مەزگىلدە ئېچىلىۋاتقان بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە مىللىتىمىزگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى ۋىدىئولۇق تەبرىك سۆزى نەق مەيداندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يەتكۈزۈلدى.
ئاخىرىدا ئىيى پارتىيەنىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى، ئىيى پارتىيەنىڭ كونيا پارلامېنىت ئەزاسى فەھرەتتىن يۇقۇش ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيەسى تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىم ئەپەندى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېت ئەزاسى مەرت كايا ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پارتىيەلەر ئۈستى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشىپ ئۆتتى.
يىغىن خۇلاسىسى
يىغىننىڭ 1-كۈنىدە 21 نەپەر ئۇيغۇر، تۈركىيەلىك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇر سوتى ھۆكۈمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭغا قارشى چارە – تەدبىرلەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات سۇندى.
يىغىننىڭ 1-بۆلۈمىدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇر سوتى ھۆكۈمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ دوكلاتلار سۇنۇلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېىتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى باشقۇردى.
1 – بۆلۈمدە، يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېىتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلايمان دوغان ئەپەندى «خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى نوقتىسىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندىرى كىلايمەس ئەپەندى «شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ھالقىلىق مەسىلىلەر – دېموكراتىك دۇنيا بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؟» دېگەن تېمىدا، كېلەچەك پارتىيەسى تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى باشئەلچى ئۈمىت ياردىم ئەپەندى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى دىپلوماتىيە ۋاستىسى بىلەن تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟» دېگەن تېمىدا، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى «تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشى قىلالايدىغانلىرى» ھەققىدە،
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى «ئۇيغۇر سوتى ھۆكۈمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش» دېگەن تېمىلاردا دوكلات سۇندى. دوكلاتتىن كېيىن دوكلات بەرگۈچىلەر 25 مىنۇت ئەتراپىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
يىغىننىڭ 2-بۆلۈمىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭغا قارشى چارە – تەدبىرلەر» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ دوكلاتلار سۇنۇلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تۈركىيە مەسئۇلى ۋە دۇنيا قۇرۇلتىيى ۋەخپى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى دوختور مەمەتئېلى ھاپىز ئەپەندى باشقۇردى.
2 – بۆلۈمدە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دېرىكتورى روشەن ئابباس خانىم «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى ۋە تېپىش ئۇسۇلى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر ئانا تىل پروجېكتى تەتقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندى «ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى» ھەققىدە، پائالىيەتچى ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر ئەپەندى «خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرى» دېگەن تېمىلاردا دوكلات سۇندى. بۇ بۆلۈم ئاخىرىدا دوكلات بەرگۈچىلەر 15 مىنۇت ئەتراپىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
چۈشتىن كېيىن يىغىننىڭ 3-بۆلۈمىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ھەققىدە» مۇھاكىمە» ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى باشقۇردى.
3 – بۆلۈمدە، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېىتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى» ھەققىدە، دۇنيا قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى دوكتور دىلشات بارىشچى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتى» دېگەن تېمىدا، دۇنيا قۇرۇلتىيى ۋەخپى مۇتەۋەللى ھەيئىتى ئەزاسى ئەلى ئەكبەر نۇرلۇق ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنىڭ يەر-جاي ناملىرى بىلەن ئىسپاتى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇندى. بۇ بۆلۈم ئاخىرىدا دوكلات بەرگۈچىلەر 10 مىنۇت ئەتراپىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
يىغىننىڭ 4 – بۆلۈمىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈش ھەققىدە» مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى پروگرامما مەسئۇلى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى باشقۇردى.
4 – بۆلۈمدە، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دېرىكتورى ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا چۈشەندۈرۈش» ھەققىدە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئۆمەر قۇل ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيەگە ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك دۇنياسىغا قانداق ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرەلەيمىز؟» دېگەن تېمىدا ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەرەب دۇنياسى مەسئۇلى مۇھەممەت ئىمىن ئۇيغۇر ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەرەب دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى» ھەققىدە دوكلات سۇندى. بۇ بۆلۈم ئاخىرىدا دوكلات بەرگۈچىلەر 20 مىنۇت ئەتراپىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
1-كۈنىدىكى دوكلاتلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يېپىلىش سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ 1-كۈنىنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى، دوكلات سۇنغۇچىلارغا ۋە قاتناشقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ھەر بىر بۆلۈم ئاخىرىدا دوكلات سۇنغۇچىلارغا تەشەككۈر پىلاكىتى تارقىتىپ بېرىلدى.
1 – كۈنى يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر قىسىم لاگىر شاھىتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «100 لاگېر گۇۋاھلىقى» ناملىق ئىنگلىزچە كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2 – كۈنى
يىغىننىڭ 2-كۈنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپى نامىدىن كۆپچىلىككە قىزغىن سالام بەردى. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ پەۋقۇلاددە بىر ۋەزىيەتتە ئېچىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىممىسىگە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر يۈكنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى، ئەمدى خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى تونۇشى ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئالدىنقى سەپتە مىللەتنى يىتەكلەپ ھەم قەلەم بىلەن ھەم ئەلەم بىلەن كۆرەش قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن يىغىننىڭ 2 – كۈنىنىىڭ دوكلاتلىرى باشلاندى. 18-سىنتەبىر كۈنى يىغىندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش، جازا لاگىرلىرىنى تاقاتقۇزۇش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بىكار قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى، لوبىچىلىق ھەرىكىتى ۋە ئىقتىساد مەنبەسىنى كۈچەيتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ كونكىرت چارە-تەدبىرلىرى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىننىڭ 2 – كۈنى 5 – بۆلۈمدە، شىۋىتسارىيە تېلىكوم ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى ۋە ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېىشت ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى» ھەققىدە يېرىم سائەت دوكلات سۇندى.
دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلاتىدا، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ چەت ئەل بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى پائالىيەت-ھەرىكەتلەر ماھىيەت ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى دەپ، چەتئەلدىكى كۆرەش ئاساسەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلانغاندا ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىگە پايدىلىق بولىدۇ، دېگەن نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئۈچۈن دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق ئىستىراتېگىيەنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە خەلقئارا سىياسەتنى، خەلقئارا ۋەزىيەتنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى، خەلقئارا تىجارەتنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى ياخشى بىلىشىمىز، تۈرلۈك ساھەلاردىن پايدىلىنىپ مىللىي كۆرەشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيەلىك پىلاننى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ مىللىي كۆرەش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دوكلات ئاخىرىدا دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 20 مىنۇت شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
يىغىننىڭ 6 – بۆلۈمىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش، جازا لاگىرلىرىنى تاقاتقۇزۇش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بىكار قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى» ھەققىدە مۇزاكىرە بولدى.
بۇ بۆلۈمدە، چېخ پالاكى ئۇنىۋېرىستېتى ئاسىيا تەتقىقاتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رۇنى سىتىنبېرگ ئەپەندى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جازا لاگىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئەمەلىي نېمىلەرنى قىلالايمىز؟» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى باش كاتىبى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەمەلىي يوللىرى» ھەققىدە، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى تور ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ھەرىكەت يوللىرى» ھەققىدە، ئادۋۇكات جەۋلان شىرمۇھەممەت ئەپەندى «خەلقئارا قانۇن نوقتىسىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ قىلالايدىغانلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇندى.
يىغىننىڭ 7 – بۆلۈمدە، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى سابىق رەئىسى پروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى، لوبىچىلىق ھەرىكىتى ۋە ئىقتىساد مەنبەسىنى كۈچەيتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى» مۇزاكىرە قىلىندى.
بۇ بۆلۈمدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «يېڭى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» دېگەن تېمىدا، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقىي ئالاقە ئىشخانىسى خادىمى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دېرىكتورى روشەن ئابباس خانىمغا ۋاكالىتەن بابۇر ئىلچى ئەپەندى «غەرب دۇنياسىدا لوبىچىلىق قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دېرىكتورى ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ لوبىچىلىق ھەرىكىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟» دېگەن تېمىدا، ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى دوتسېنت بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ئىقتىساد مەنبەسىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى» ھەققىدە دوكلات سۇندى.
يىغىننىڭ 8 – بۆلۈمىدە، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇدىرى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى» دېگەن تېما مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل پروجېكتى مۇدىرى دوتسېنت راھىلە قەشقىرى خانىم «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر» دېگەن تېمىدا، مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى مۈتەۋەللىي ھەيئەت ئەزاسى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشتا قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر» ھەققىدە، ئىتتىپاق گېزىتى باش مۇھەررىرى ۋە ياۋرۇئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئەپەندى «قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلار خىزمەتلەر» ھەققىدە، سۇلايمان دېمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ياۋرۇئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بۆلۈمى مۇدىرى دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا خانىم «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلار خىزمەتلەر» ھەققىدە دوكلات سۇندى. ئاخىرىدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاتناشقۇچىلار دوكلات سۇنغۇچىلاردىن يۇقارقى بۆلۈمدىكى تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراشتى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى بۆلۈمى بولغان 9 – بۆلۈمدە، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكولتېتى تەتقىقاتچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ياشلار بۆلۈمى مۇدىرى دوكتور بارات ئاچىنۇق ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ كونكىرت چارە-تەدبىرلىرى» مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا، تۈركىيە تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ئىزباسار ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئۇسۇللىرى» ھەققىدە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىلىم-كۈچ ژۇرنىلى مەسئۇل مۇھەررىرى دوكتور نامەتجان مەمەت ياغما ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ياشلارنى نوقتىلىق تەربىيەلەش» ھەققىدە، كانادا ئالبىرتا ئۇيغۇر جەمىئىيىتى رەئىسى مۇكەررەم قۇربان خانىم «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي كۆرەش سېپىمىزگە جەلپ قىلىشنىڭ يوللىرى» ھەققىدە دوكلات بەردى. ئاخىرىدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا قاتناشقۇچىلار دوكلات سۇنغۇچىلاردىن يۇقارقى بۆلۈمدىكى تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراشتى.
يىغىن ئاخىرىدا ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يېپىلىش نوتۇقى سۆزلىدى. ئۇ نوتۇقىدا، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمەنىڭ 2 كۈنلۈك جاپالىق ئەمما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى، مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەنگەندە زىيالىيلارنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ خىتايغا زەربە بېرىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا ھەر قانچە قېيىنچىلىق ۋە ئېغىر كۈنلەردىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىتسىزلىككە پاتماسلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشخالچى خىتايغا قارشى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىسىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقىدەك ئالتۇن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولى ئوينىشى ئۈچۈن ئاكادېمىيەنىڭ تېخىمۇ تېرىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى دەپ، دوكلات سۇنغۇچىلارغا ۋە قاتناشقۇچىلارغا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر، تۈركىيەلىك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر:
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن؛
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قىلغان جىنايەتلىرىنى تېخى ئىتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى ھۆكۈمىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، غەرب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش،
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن چەتئەل تىللىرىدا تاراتقۇلارنى ئۈنۈملۈك قوللىنىش، مۇتلەق توغرا مەلۇمات بىلەن تەمىنلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ۋە ۋىدىيولارنى كۆپلەپ ئىشلەپ مەشھۇر يۇتيۇبىرلار ئارقىلىق تارقىتىش
خىتاينىڭ ۋە خىتاي كومنىست پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا چوڭ بىر تەھدىد ۋە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قايىل قىلارلىق ئىلمىي پاكىتلار ئاساسىدا دۆلەت ئەربابلىرىغا، سىياسىي شەخىسلەرگە ۋە چوڭ شىركەتلەرگە چۈشەندۈرۈش
خىتاي خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى ۋە خىتاي ماللىرىنى بويقۇت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى شەخىسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە دوكلات سۇنۇش قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش
خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاتقۇزۇش ۋە مەجبۇرى ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئۈچۈن؛
ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە ئالاقىدار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ۋە قانۇن چىقىرىشقا قىستاش،
ب د ت نىڭ ئالاقىدار نىزامنامىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسى بولغان مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش
ئاگاھلاندۇرۇشقا ئېتىبار بەرمىگەن خىتاينىڭ يېغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى خەلقئارالىق چوڭ مېدىيالار ئارقىلىق پاش قىلىش
ب د ت نىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە ئالاقىدار دوكلات ھازىرلىشى ئۈچۈن لوبىچىلىق ھەرىكىتى بىلەن بىرگە پاكىت سۈپىتىدە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش
شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن؛
ب د ت نىڭ مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەملىكە رايۇن سۈپىتىدە خىتاي نوپۇسى كۆچۈرۈش، يەر بايلىقلىرىنى تامامەن يۆتكەپ كېتىش، شۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرىگە قىلغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتلەردىكى مۇئامىلىلىرىگە دائىر دوكلات تەييارلاش
1864-يىلى ياقۇپبەينىڭ قەشقەردە قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە كېلىشىمنامىلەر ئىمزالىغان، ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تېرىتورىيەسىنى ئاساس قىلغان قەشقەرىيەنىڭ مۇستەقىل دولەت ئىكەنلىكى ۋە ئوسمانلىغا بەيئەت قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ۋە دەلىل سۈپىتىدە ئىشلىتىش
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە، يىللارغا قارىتا شۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرىنىڭ نوپۇس مەلۇماتلىرى ۋە خىتاي ئەسكەر سانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئېشىپ بېرىشى قاتارلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇرۇن مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنى، 1883-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ مۇستەملىكە قىلغان ۋە بېسىۋالغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش
شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن؛
خىتاينىڭ ۋە خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا بولغان تەھدىتى، ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرى ۋە خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىنى مېدىيا ئارقىلىق مۇسۇلغان ئاممىسىغا توغرا بىر شەكىلدە چۈشەندۈرىش،
تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يېغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى ئاكادېمىك سەۋىيەدە يېزىش، تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئاكادېمىكلەرگە بۇ ھەقتە ئىسپات خارەكتىرلىك ماتېرىيال تەمىنلەش،
تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى داڭلىق شەخىسلەر، تەتقىقاتچىلار، تونۇلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتا تەشۋىقات ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش، شۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنى خىتايغا قارشى قوزغاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر قىلىش،
شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى، لوبىچىلىق ھەرىكىتى ۋە ئىقتىساد مەنبەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن؛
خىتاي كەلگۈسىدە پارچىلانغاندا ياكى ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن تېنىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىشنى تەكلىپ قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى خىتاي تۇزىقىغا قايتا چۈشمەسلىك ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەخسۇس ئالدىن تەييارلىق قىلىش
لوبىچىلىق ھەرىكىتىدە توغرا مەلۇمات، دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېتىبار بېرىشىمىز، دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ، شۇڭا لوبىچىلىق ھەرىكىتىمىزدە خىتاينىڭ قىلغان جىنايەتلىرىنى توغرا ۋە پاكىتلىق شەكىلدە مۇھىم شەخىس ۋە ئورگانلارغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ۋە خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىنى تۇتۇشىمىز زۆرۈر
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر بىر قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلەرنى تۈر قۇرۇلۇشى شەكلىگە كەلتۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىش
ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئۈچۈن؛
ئالدى بىلەن مۇھاجىرەتتە پىداگوگ، تىلشۇناس، ئەدىب، تارىخچى ۋە پىسخولوگلاردىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئۆلچەملىك يۈرۈشلۈك ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزۈش، بىرلا كىشى دەرسلىك كىتاب تۈزۈشتەك خاتالىققا خاتىمە بېرىش
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە توردا ئانا تىل ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان بىر سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقىم ۋە كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىر، كەچلىك مەكتەپلەر ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت كۇرسلىرى ئېچىش بىلەن بىرگە، مۇھىم ۋە ئالاھىدە كۈنلەردە ئۆزلۈكسىز ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈش
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقلىرىدا كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى ئۆزلۈكسىز نەشىر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش
شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ئىز باسار ياشلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن؛
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىشىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ياشلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىنى ئېچىشى، بۇ ئارقىلىق ياشلارنى تونۇش، سىناش ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش،
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشقا يېتەكلەش، ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق كەسپلەرگە نىشانلىق قىلىپ تەربىيەلەش
غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ياتلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە ئۇيغۇرلۇقىنى يۇقىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئائىلەلەردە ئۇيغۇر مىللىي روھى بىلەن يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش
يىغىنىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر: