You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3 – نۆۋەتلىك كېڭىشى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3 – نۆۋەتلىك كېڭىشى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

16- سىنتەبىر جۈمە كۈنى ئىستانبۇل مەرتەردىكى گىرىن پارك مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيە تارماقلىرىدىكى ھەيئەتلەر ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى ھەيئەتلىرىدىن 40 كىشى بىرلىكتە ئاكادېمىيەنىڭ 3 – نۆۋەتلىك كېڭىشى يىغىنىدا 13 يىللىق خىزمەت مۇساپىسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، ئاكادېمىيەنىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمى شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

ئالدى بىلەن ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاكادېمىيەنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، 2015-يىلىدا 3-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئابدۇلھەمىد قاراخان باشچىلىقىدىكى ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پەخىرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈسىتىگە ئالغانلىقدىن كېيىن ئاكادېمىيەنى قانداق قىلىپ خەلقئارالاشتۇرۇش، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئاكادېمىيە قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا ۋە ئاكادېمىيە تارماقلىرىنى ئېچىشقا قارىتا ئەمىلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 2021-يىلى 11-دېكابىردا ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، تۈركىيە سىرتىدا ئاكادېمىيە تارماقلىرىنى قۇرۇشنى تاماملىغانلىقىنى دەپ، ئاكادېمىيە كەلگۈسىنىڭ ناھايىتى پارلاق بىر ئىلمىي ئورگان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ 13 يىللىق كەچمىشكە ئىگە ئەقىل ئامبىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رولىنىڭ ئالاھىدە چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن ئاكادېمىيە باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ 13 يىللىق مۇساپىسىنى خۇلاسىلاپ، ئۆتمۈشتە ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئىلمىي خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ھازىر ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ ئەزا سانىنىڭ 130 غا يېقىنلاشقانلىقىنى، 2018 – يىلىدىن 2021 – يىلىغىچە ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، كانادا ۋە ياپۇنىيەدە تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە، 2019-يىلىدا ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ۋە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۇ يەنە ئاكادېمىيىنىڭ كېيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەتەن مۇستەقىللىق كۈرىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقاتچى زىيالىيلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە 10 يىللىق ياش تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرىدىغان خىزمەت تۈرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى كېڭەش يىغىنىغا كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل باش كونسولخانىسى ۋە ئافىنا ئەلچىخانىسىدىن 5 كىشى كېلىپ يېرىم كۈن ئاكادېمىيەنىڭ 13 يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە كەلگۈسى خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات ئالدى. ئاكادېمىيە ئەزالىرىنىڭ خالىس ۋە پىداكارلىق بىلەن قىلغان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

كېڭەشتە ھەر قايسى تارماق ئاكادېمىيەلەر، ئىنىستىتۇتلار ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دوكىلاتلىرىنى سۇندى. ئارقىدىن سىۋوت (SWOT) ئانالىزى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ئانالىز قىلىندى. ئاكادېمىيە خىزمەتلىرىنى پىروجېكت شەكلىدە ئېلىپ بېرىش ۋە ئاكادېمىيەنىڭ قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ياشلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە قارار ئېلىندى.

بۇ قېتىملىق كېڭەشتە چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە ئېلىنغان بىر قىسىم قارارلار:

ئاكادېمىيە تەشكىلىي خىزمەتلىرى ھەققىدە: 

ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان تارماق ئاكادېمىيەلەر، ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ ئۆز رايۇن ۋە دۆلەتلىرىدە ئۆزىگە خاس خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئاكتىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا باش ئاكادېمىيە ئىجرائىيە كومىتېتى ياردەمدە بولۇش

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئەزالارنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ئۈچۈن ئورتاق قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار فوندىنى كۈچلەندۈرۈش

ئاكادېمىيە ئەزالىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاكادېمىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش،

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق ساھەلەرنى نىشان قىلىپ، ھەرخىل مەخسۇس تېمىلاردا تور لىكسىيەلىرىنى كۆپەيتىش

پەن-مائارىپ ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە: 

ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىشىپ تۈزگەن ئۆلچەملىك يۈرۈشلەشكەن ئانا تىل دەرسلىك كىتابلىرىنى تەييارلاش

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى زىيالىيلار ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مەدەنىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش

ئالىي مەكتەپ ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا تەتقىقات مىتودى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش ھەققىدە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش

تولۇق بولغان شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر پىسخولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك كىتابلارنى تەييارلاپ چىقىش

تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى ئۇيغۇرچە تەييارلاپ كىتاب قىلىپ بېسىپ چىقىرىش،

بىر قىسىم نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش

تۈركىيەدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش

ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ھەققىدە:

ھەر قايسى دۆلەتلەردە مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە دىنىمىزنى ئۆگىتىدىغان مەركەزلەرنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش،

غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى يازلىق تەتىلدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇرلۇق مۇھىتىدا تەربىيەلەپ مىللىي روھنى سىڭدۈرۈش،

ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش،

سىياسىي خىزمەتلەر ھەققىدە:

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ھەر خىل مەسىلىلەردە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى داۋاملىق ئېچىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ توغرا يۈنىلىشتە ئىلگىرلىشىنى قوغداپ قېلىش

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى توغرا ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئاڭلىتىپ، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش،

غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى بويىچە ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، كۆرەش سېپىدىكى ئاكتىپ ياشلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش،

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى خەلقئارا چۈشەندۈرۈش ۋە ئىتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىش،

تەيۋەن مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ياپونىيە، كورىيە، مالايسىيا، ھىندىنوزىيە، بىنگال ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمەلىي قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش …

ئاكادېمىيەنىڭ 3-قېتىملىق كېڭىشى يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر:

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top