You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

5-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ تەشكىللىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەنقەرە ھامامئۆنىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسمىلياتسىيەگە قارشى قۇرالى – 5 – ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت ئاسمىلياتسىيەسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى» غەلبىلىك ئۆتتى.

يىغىنغا ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى فەھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىگە، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل رەئىسى ئەلى كەسەر ئەپەندىگە ۋە كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوتسېنت دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىگە، ھەم شۇنداقلا تۈرك ئۇچاقلىرى مۇئاۋىن رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئائىشە فىلىز ياۋۇز خانىم قاتارلىق تۈرك تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

5-ماي كۈنى ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كېسەر ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، بىر قىسىم مۇخبىرلار ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. «5-ماي دوپپا بايرىمى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» ماۋزۇلۇق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوختۇر ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسى بايان قىلىنغان سىنالغۇ لىنتىسى كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن مەتبۇئات باياناتىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى، مۇخبىرلار ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، بۈگۈن بۇ يەردە 5-ماي دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى يوق قىلىش سىياسىتى ۋە 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلىدا رۇسلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئىدى. 1955-يىلى ئاپتونوم رايونغا ئايلاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان پۈتمەس-تۈگىمەس چەكلىمە، بېسىم ۋە زۇلۇم ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر رايونغا ئايلاندى. خىتاي بۇ يەردىكى بېسىم سىياسىتىنى ‹شەرقىي تۈركىستان›‚ دېگەن سۆزنى چەكلەش بىلەن باشلىغان. خىتاي سىياسىتىنى ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش، سوۋېت رىۋىزىيونىزمچىلىرىغا قارشى تۇرۇش› دېگەندەك شوئارلار بىلەن داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› مەزگىلىدە ئەقىلغا سىغمايدىغان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ‹سىرتقا ئېچىۋېتىش› سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى بىرئاز نەپەس ئالغان بولدى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى قايتا كۈچەيگەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغان. بىز شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى، شۇنداقلا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇش جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق بولىدۇ».

ئارقىدىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى دوپپا بايرىمى دەپ ئېلان قىلىنغان كۈن. بۇ كۈننى خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە ‹بايرام› دەپ قۇتلاشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ كېيىن رۇخسەت قىلىنمىغان. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىشىنىمۇ چەكلىگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان پارتىيەلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. لېكىن بىز ‹ئىيى› پارتىيەىسى پارلامېنت ئەزالىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ مىللىي مەسىلىمىزدۇر.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم دوپپىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر سىمۋول ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلھەمىت پامىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5-ماي دوپپا بايرىمىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، بۇ بايرامنىڭ خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەدەنىيەت كۈرىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئاخبارات يىغىنى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سىياسىي پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر دوپپىسىنى سوۋغات قىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.

مەنبە: ر ف ئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى، تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلىنىشىتىن ئاڭلاڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/doppa-bayrimi-05052022153612.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top