You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئېچىلدى

20-مارت يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل سەفاكۆيدا 3-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدا لوبىچىلىق ۋە تەشكىلاتچىلىق ئۈستىدە ئۆز ئارا تەجرىبە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر داۋاسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان جامائەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلار بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى قاتناشتى.

يېپىق شەكىلدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا تەشكىلاتچىلىق ۋە لوبىچىلىق ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە تەجرىبە قازانغان دوكتور سۇئات كىر ۋە رەجەپ سەييار قاتارلىق تۈرك مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە تەشكىلاتچىلىق ۋە لوبىيچىلىق ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە بەردى.

چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەشكىلات مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا تەشكىلاتچىلىق ۋە لوبىيچىلىق ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىدا تەشكىلاتچىلىق ۋە لوبىچىلىقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئابدۈشۈكۈر ئەپەندىم يەنە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنى زاتلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك» مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللا كۆسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا كېرەكلىك تايانچ كۈچلەرنى يىتىشتۈرۈشتىكى رولى ۋە پايدىسى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەت ۋە تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەسىرىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبە ۋە ئىلمىي جۇغلانمىسىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.

مەنبە: ر ف ئا ئۇيغۇرچە بۆلۈمى

بۇ خەۋەرنىڭ ئاۋازىنى بۇ يەردىن ئاڭلىيالايسىز: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/turkiyede-uyghur-mesilisi-03222022215317.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top