ھىجران يولى (3)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
1934- يىلى 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، تۇڭگان قىسىملىرى توختاۋسىز ئىلگىرىلەپ يەركەننىڭ بوسۇغۇسى بولغان كۆك رابات دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. مەھمۇد مۇھىتى بولسا يەركەندە قالغان بىر قىسىم خوتەن ئەسكەرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ قولىدىكى قوشۇن بىلەن بىرگە تۇڭگانلارغا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلىشنىڭ ئورنىغا، يەركەن شەھىرىنى پۈتۈنلەي بوشىتىپ، پوسكامنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەشكەنت دېگەن جايدا تۇرۋاتقان خوجانىياز ھاجىمنى پاناھ تارتىپ، ئۆز قوشۇنىنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن يەركەندىكى خوتەن ئەسكەرلىرىمۇ تۇڭگانلار بىلەن روبىرو ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇدۇل خوتەنگە قاراپ ماڭدى. بۇنىڭ بىلەن خورىكى ئۆسكەن تۇڭگانلار بىر پاي ئوق ئاتماستىنلا، يەركەن شەھىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشغال قىلىۋالدى. ئەمما بولغۇلۇق يەنىلا قولى قىسقا، تىرىكچىلىك يولىنى تاپالماي تاسقاقچىلىق تارتىپ يۇرگەن يەركەن خەلقىگە بولدى. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق، ئۆزلىرىگە بولۇشىدىغان باشپاناھىمۇ يوق، يەنە كېلىپ شاپائەتچىسىدىن ئايرىلغان يۇرت – مەھەللە ئەھلىنىڭ روھى چۈشۈپ، ئۈمىد يۇلتۇزلىرى ئۆچۈپ، غەلىيانچى تۇڭگانلارنىڭ تالان – تاراج قىلىشى ئالدىدا يېتىم قوزىدەك تىترەپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. قورال – ياراغلارنى تەخلەپ، جەڭ سېپى تۈزۈپ، يۇرتنىڭ ئامان – ئېسەنلىكى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان قوماندان – ئەسكەرلىرى بولمىغان، يولباشچىلىرى چەتلەپ كەتكەن، ھەيۋىسى سۇنغان خەلقتە يەنە نېمە چارە بولسۇن دەيسىز. شۇنداق، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا زوراۋانلار ئۇتقان ئىدى. ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغىنىدەك، زوراۋانلارنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نىزامنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان ئىدى.
بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن ئاجايىپ بولىدىكەن، تارىخ رەھىمسىز ئىكەن. ھەممىدىن بەتتەر رەھىمسىز، ھەممىدىن بەتتەر زالىم كىشىلەر شەۋكەتلىك بولۇپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلىدىكەن. خەلقنىڭ قانلىرىنىڭ تۆكۈلىشىگە سەۋەب بولغان ۋە ئەھلى مەھەللىنىڭ قانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ قىلىچلىرى بىلەن دەريا – دەريا ئاققۇزغان سەركەردە، ھۆكۈمران ۋە غەلىيانچىلارنىڭ قانلىق ئۇرۇشلىرىنى جەڭنامىلەردە كۆپتۈرۈپ ماختايدىكەن. بۇلارنى تېخى نومۇس قىلماستىن شىجائەتنىڭ روھى دەپ ئاتىشىدىكەن ھەمدە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا قوشاق توقۇپ يادلايدىكەن، ئۇلارنىڭ شاراپىتىگە تۇغ – ئەلەملەر كۆتۇرىدىكەن. نەتىجىدە، بەختسىزلەرنىڭ پاجىئەلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بەختىيارلارنىڭ شېرىن ھېكايە – داستانلىرى ئاپىرىدە بولىدىكەن. دېمەك، ئەبەدىلئەبەد تارىخنىڭ بۇ قانلىق دەرياسىنىڭ يوللىرىنى ئەبەدىلئەبەد ھېچكىم بۇرالمىسا كېرەك. بۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئادەمزاتى تولىمۇ پەسكەش مەخلۇقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئەل – يۇرتقا خائىنلىق قىلغانلار ئۆزلىرىنى قالتىس ئىش قىلىۋەتكەندەك كارامەت چاغلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇنداق جەمئىيەت ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك بىلەن بېزەلگەن سىتەمكار جەمئىيەت بولۇپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق پەزىلەتسىز جەمئىيەتتە، كىم ئەسكى بولسا ئۆز ئەسكىلىكى بىلەن يۇقىرىغا قاراپ يۈكسىلىدۇ. ئەمما، ئۇ ھامان بىر كۈنى ئۇ يۈكسەكلىكتىن تۆۋەنگە شۇنچىلىك قاتتىق چۈشىدۇ. مانا بۇ، ئىلاھىي ئادالەت! ئۇلۇغ رەببىم ئىنسانىيەتنى بۇ پەسكەشلىكلەر ئىچىدە غەرق بولۇپ كەتمىسۇن دەپ، مانا شۇنداق قاباھەت ۋە ئەسكىلىكلەر ئىچىدە گۆھەردەك يالتىراپ تۇرىدىغان روھىيەت دۇنياسىغا ئىگە پەيغەمبەرلەرنى، يول باشچىلارنى، داھىيلارنىمۇ يوللىغان ئىكەن. ئۇلۇغ ئىگەم بىزنىڭمۇ شۇ زۇلمەت باسقان دۇنيادىن قۇتۇلىشىمىز ئۈچۈن، بارلىق خەلقىمىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان روھىيەت دۇنياسىغا ئىگە داھىيلارنى يوللىغاي! ئىشىنىڭلار ماڭا، ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مېھرىباندۇر!
بۇ يوللار دۇنيادىكى ئەڭ ناچار يوللار بولسا كېرەك. سابىت داموللام بىلەن زېرىپ قاراجىمنى سېلىپ ئاقسۇغا يالاپ ماڭغان ئات ھارۋىسى ئەنە ئاشۇ ئەڭ ناچار يوللاردا كېتىۋاتاتتى. ھارۋا ئىككى ياققا ئىغاڭلاپ، سابىت داموللامنى ئىككى تەرەپكە ئۇرۇپ ھېچ ھالىنى قويمىغان ئىدى. سابىت داموللام ئىچ ئەزالىرىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتكەندەك ناھايىتىمۇ بىئارام كۆرۈنەتتى. ھارۋا بۇ ئوڭغۇل – دوڭغۇل يوللاردا بىر دۆڭگە چىقسا بىر پەسكە چۈشۇپ، چاقى بىر ئازگالغا چۈشۈپ، بىر چىقىپ، يانتۇ يوللاردا ھېلىلا يۇمىلاپ كېتىدىغاندەك ماڭماقتا ئىدى. سابىت داموللام ئۆزىمۇ نەگە كەلگەنلىكىنى قىياس قىلالماي ئۆز ھالى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىدىكى خىياللار شۇنچىلىك قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. كەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاستا – ئاستا غەربكە پېتىۋاتقان ماي ئايلىرىنىڭ قۇياشى، ئۆزىنىڭ ئىسسىق ھارارىتىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ پىنھان زېمىنغا چېچىۋېتىش ئۈچۈن، تازا قىيامىغا يېتىپ ئوتقاشتەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. غەرب تەرەپتە يىراقلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تاغلارنىڭ ئاسماننى تىرەپ تۇرغان تىك چوققىلىرىمۇ، مەشۇقىنى كۆرۈپ يۈزى قىزىرىپ كەتكەن قىزنىڭ يۈزىدەك قىپقىزىل تۇسكە كىرگەن ئىدى. قۇياشنىڭ پېتىشىنى كۈتۈپ تاقىتى تاق بولغان يۇلتۇزلارمۇ گۇگۇم تۈسىگە كىرىۋاتقان ئاسماندا بىر – بىرلەپ كۆرۈلۈپ، ئوۋ ماراپ ياتقان كۆك بۆرىنىڭ كۆزلىرىدەك ئۆتكۈر چاقناشقا ئاز قېلىۋاتاتتى.
سابىت داموللام تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خىيالچان كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ خىيال سۈرەتتى: «ھەي، بۇ دۇنيا ئاجايىپ تىلسىماتلار بىلەن، بۇ ھايات ئاجايىپ ۋەقە – ھادىسلەر بىلەن ئورالغان ئىكەن. ئاشۇ چەكسىز كائىنات ۋە ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدىكەن. قۇياش ۋاقتى كەلگەندە پاتىدىكەن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ۋاقتى توشقاندا ھامان چىقىدىكەن. بۇنىڭغا ھېچكىم ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىكەن. ئەنە شۇ ئالەمنىڭ بىر زەررىچىسى بولغان ئادەممۇ بەئەينى تەقدىرنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئوخشايدىكەن. ئادەم بارلىق جانلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ ئۇلۇغ جاندار بولسىمۇ، يەنىلا تەقدىرنىڭ قىسمىتىدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايدىكەن. ئادەمنىڭ پىلانلىرى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئالدىدا بويۇن ئىگىدىكەن. مانا قارىمامدىغان، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۆز خەلقىمنى ئۆلۈمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىمەن دەپ كۈرەش قىلغان ئادەم، بۈگۈن ئۆلۈمنىڭ زەنجىرى بىلەن كىشەنلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن» ئەنە شۇ خىياللار ئىچىدە ئولتۇرغان سابىت داموللامنىڭ كۆزىگە يىراقتىن بىر يېزا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. پاكار – پاكار ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن چىقىۋاتقان قويۇق ئىسلار تولغىنىپ ھاۋاغا ئۆرلەۋاتاتتى. يېزىغا كەلگەنسېرى ھەممە يەرنى قىزىللىق قاپلىدى. قىزىل دېڭىزدەك پارقىراپ قىمىلداپ تۇرغان بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرۇق چۆپلەر ئۈستىگە داموللامنىڭ سايىسى چۈشكەن ئىدى. سايىدىكى داموللامنىڭ بېشى ھارۋا بىلەن تەڭ يول ئالاتتى.
ھارۋا ئەنە ئاشۇنداق مېڭىپ يۈرۈپ، يېزىغا يېتىپ كەلدى. ھارۋا بىر شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ چۈشەي دېگەن ئۇ ئەسكى پاكار ئۆيلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، سابىت داموللانىڭ دىمىغىغا تېزەكنىڭ پۇرىقى كېلىپ ئۇرۇلدى. بۇ پۇراق سابىت داموللامغا شۇنچىلىك مەززىلىك پۇراپ كەتتى. سابىت داموللامنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىنلا، «ئوچاقنىڭ يانلىرىدا ئولتۇرۇپ قۇرۇق سۇ قايناۋاتقان قازانغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ چېكەتكىنىڭكىدەك كۆزلىرى ۋە ئوچاققا تېزەك قالاۋاتقان ئانىنىڭ چارىسىزلىق ئىچىدە، ئۈمىدى سۇنغان كۆزلىرىنى بالىلىرىغا تىكىپ، ياشارغان كۆزلىرىنى يېرىلىپ كەتكەن قوللىرىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈركەۋاتقان» مەنزىرلەر كەلدى. ئۇ يەنە كوچىلاردا يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ يۈرگەن، ئىككى بېقىنى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بىر نەچچە ئىتنىڭ ئۇ يەر – بۇ يەرلەرنى پۇراپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئارىلاپ ئارىلاپ يەردىن باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، قاۋاشنىڭ ئورنىغا ئاجايىپ غەلىتە ئاۋازلارنى چىقىرىپ قوياتتى. بۇ ئاۋازلار شۇنداق بىر ئاۋاز ئىدىكى، خۇددى ئۇزۇن – ئۇزۇن ئويلىغاندىن كېيىن سۆزلىگەن چوڭقۇر مەناغا ئىگە سۆزلەرگە ئوخشايتتى. ئالدىدا ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ كېتىۋاتقان ئەسكەر بىلەن يېنىدا مۈگىدەپ ئولتۇرغان يەنە بىر ئەسكەرنىڭ يېنىدىن بىردىنلا سېسىق بىر پۇراق داموللامنىڭ بۇرنىغا كېلىپ ئۇرۇلدى. بەلكى، بۇنداق تەر پۇرىقى سابىت داموللامغا ھېچ بىر ۋاقىت بۇنچىلىك تەسىر قىلمىغان بولغىيتتى. چۈنكى، بۇ پۇراق كاللىسىغا بىر كېلىپ، بىر كېتىۋاتقان ئىرماش – چىرماش خىياللار بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنى ئىنتايىن بىئارام قىلىۋېتىپ باراتتى. سابىت داموللامنىڭ ئىچى لەختە – لەختە قان ئىدى. ئىچىدىكى دەرد يارىلىرىنىڭ قانىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچى قانغا تولغانىدى. ئەمما، ئۇ يەنىلا پۈتۈن قەلبى بىلەن خوجانىياز ھاجىمغا ئىشەندى ۋە ھازىر ئۇنى يەنە ئەسكە ئالدى:
«خوجانىياز ھاجىم شۆھرەتكە، بايلىققا ۋە كۈچكە ئانچە مايىل بولمىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ روھى ئىلغار پىكىرگە ۋە يېڭى ئىدىيەلەرگە ئاچ ئىدى. ئۇ بۇ ھاياتتا بىزنىڭ چوقۇم بىر دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىدىغان بىر چۈشەنچىگە ئاچ ئىدى. شۇڭا ئۇ شۇ پىكىر – ئىدىيە ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ئارقىسىدىن چېپىپ، بىزگە ئىشەنمىدى. ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى، تەجرىبىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يۈكسېلىدىغان، پەرۋىش قىلىنىدىغان ۋىجدان قىممىتى، بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ يۈرىكىگە بىر دۆلەت قۇرماي تۇرۇپ ئىنسانچە ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ ئوتىنى سالىدۇ. شۇڭا مەن ھەر خىل پىكىرلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان دوستلۇقنى سۆيىمەن. مەن بۇ ھاياتتا بىپەرۋالىق قىلىپ قويغانلىقىمدىلا مەغلۇپ بولدۇم. بىز بەزىلەرنىڭ ئارقىنىغا ئېسىلىپ قۇدۇققا چۈشۇشكە ئۇرۇندۇق ۋە كۆپ ھاللادا ياتلارنىڭ ئارقىنى بىلەن قۇدۇققا چۈشتۇق. ئەمما بۇنى قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشكەندىن كېيىن بىلدۇق. بىز بۇ قېتىممۇ بۇنداق قاراڭغۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۇشكەن بولساقمۇ، بىرەر كارۋان كېلىپ خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى قۇتۇلدۇرغاندەك قۇتۇلدۇرۇۋالمىدى. كاشكى، بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، يۈسۈپنى قۇل قىلىپ ساتقاندەك مىسىرنىڭ قۇل بازارلىرىدا ساتقان بولسا، بەلكى بىزنىڭمۇ ئامىتىمىز كېلىپ ۋەزىر بولۇپ، ئۆز دۆلىتىمىزنى باشقۇرار ئىدۇق.
مانا ئەمدى بىزنى ئۆز ئادەملىرىمىز كىشەنلەپ، دۈشمەننىڭ ئالدىغا يالاپ ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئادەم بالىسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر جاندارغا بېرىلمىگەن بۇ پۇشايمانلىق ھېسسىياتى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مېنى ئازابلاۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ يولنىڭ مەنزىلى ئۆلۈم. ياق، ئۆلۈمدىن قورقۇشقا نە ھاجەت! ئەلۋەتتە، بىز بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم ئۆلىمىز. ئادەم تۇغۇلۇش بىلەن تەڭ، ئۆلۈم ئۇنىڭغا ھەرۋاقىت ھەمرا. بۇ ھايات يولىدا ئۆلۈم بىزدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمەلىيەتتە ھاياتنىڭ بىر پارچىسى. بۇ كۈرەشكە بىز شۇ ئۆلۈمنىڭ ھەمرالىقىدا ئاتلانغان ئەمەسمۇ. ئەگەر بىز ئۆلۈمدىن قورقساق ئۆلۈم ۋەھىمىسى روھىمىزغا تېخىمۇ سالجىدەك يېپىشىدۇ، بىزنىڭ خاتا قارارلارنى ئېلىشىمىزغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا ئۆلۈمنى نەزىرىمىزگە ئېلىپمۇ قويماي، بەلكى ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا يول ئېلىشىمىز كېرەك. نەۋاقىت ئەجەل يەتسە، شۇ چاغدا بۇ جاننى ئۆلۈمگە تەسەددۇق ئېتىمىز، ئەلۋەتتە. ھەي! ئىچىمدە سۆزلىگۈدەك شۇنچىلىك كۆپ گەپلىرىم بار ئىدىكى، ئەمما يېنىمدا ئۇلارنى ئاڭلىغۇدەك ئادەم يوق، غېرىپتىن بەتتەر غېرىپ مەن» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللارنى قىلىپ، يول بويى ئۆز ئىچىدىكى ۋە روھىدىكى يولدا يۈرۈپ، ئەقلىگە ۋە تەپەككۇرىغا قاراپ يول ئالغان ئىدى.
سابىت داموللامنىڭ ئۇدۇلىدا تاتىرىپ، تەشۋىش ئىلكىدە ئولتۇرغان زېرىپ قاراجىم بىردىنلا تىك قىيانىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ھارۋىنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەك ئەندىكىپ، يۈزلىرى تاتىرىپ، يۈرىكى ناھايىتى تېز سوقۇشقا باشلىغان ئىدى. كىم بولسا بولسۇن، بىر ئادەمنىڭ ياشاش بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدىكى يولدا كېتىۋېتىپ ۋەھىمە ئىچىدە قېلىشى، ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق بىر ئىش. زېرىپ قاراجىم شۇ ۋەھىمىلەردىن ئۆزىنى ئازات قىلىش ياكى قېچىشنىڭ بىر پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن، سابىت داموللام بىلەن پاراڭلاشماقچى ئىدى. ئەمما، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ سۆزىنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي، ئۆزىگە ئوخشاش خىياللار قاينىمىدا بىر چۆكۈپ بىر چىقىۋاتقان، مېڭىسىنى بىر – بىرىدىن مەجھۇل سوئاللار مالىمان قىلىۋاتقان سابىت داموللامغا قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ بارلىق جاسارىتىنى توپلاپ، ئېغىزىنى پىچاق ئاچقۇزۇشقا جۈرئەت قىلالىدى – دە:
‐ داموللام، چوڭقۇر خىيالغا پېتىم كەتتىلىغۇ، مېنىڭ ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. تازىمۇ تىنىمسىز، ۋەھىمىلىك يولچىلىق بولدى – دە، بۈگۈن. گەپ قىلغاچ يول ئالساق ئوبدان بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن، – دېدى. ئۇدۇلىدىن تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغان سابىت داموللام دەرھال زېھنىنى مەركەزلەشتۈردى – دە، زېرىپ قاراجىمنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەردى:
‐ ھەي، ئويغا پاتقانسېرى تېگى يوق ھاڭغا شۇڭغىغاندەك بولۇپ قېلىۋاتىمەن. ئويلىماي دېسەممۇ كاللامدىن ھېچ چىقىرالمىدىم بۇ ئويلارنى. بۇ ئىرماش – چىرماش بولۇپ كەتكەن پىكىر – خىياللىرىمنى يېشىمەن دەپ تېخىمۇ چىگىش قىلىۋەتتىم. شۇڭا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن.
‐ داموللام ئويلىرىنى ئېيتىۋەرسىلە، نەدىن باشلىسىلا شۇ يەردىن باشلىسىلا، ھالىمىز بۇ تۇرسا، بۇنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار دەيلا. قارىسىلا، پۇت – قولىمىزدا كىشەن. شۇڭا ئىچىلىرىدىكى گەپلىرىنى تېشىغا ئاتسىلا، سېلىمۇ ياخشى بولۇپ قالىلا، مەنمۇ ئىچىمنىڭ سىقىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالارمەن.
‐ مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم، زېرىپ قاراجىم! دەرھەقىقەت، بۇ قېتىم ئىنقىلابىمىز مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىزدىن بىر دۆلەت قالدى. يەنى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتسام، بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇق نامى قالدى، كۆك بايراق قالدى ۋە بىز بېسىپ ماڭغان يوللاردا بىر قانلىق تارىخنىڭ ئىزنالىرى قالدى. بۇ دۆلەت نامى ۋە ئىزلارنى قالدۇرۇشمۇ بىزگە ئاسانغا توختىمىدى. مانا ئۆزلىرى دېگەندەك، بىزمۇ بۇ نام ئۈچۈن جانلىرىمىزنى پىدا قىلماقچى بولۇۋاتىمىز. شېھىتلىك مەرتىۋىسى ئۈچۈن، پۇت – قوللىرىمىزدا كىشەن بىلەن بۇ ۋەيرانە يوللاردا ماڭماقتىمىز. بىزدىن قالغان ئاشۇ دۆلەت نامى، قۇربان بولغان يىگىتلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە يېتىم قالغان نارىسىدە بالىلارنىڭ ئاھۇ – زارلىرى ئۈچۈن بىز بۇ يولغا ئاتلاندۇق. شۇڭا يولنىڭ ئاخىرىدا بىزنى قانداق بىر قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچ ئىككىلەنمەسلىكىمىز لازىم. ئەمدى خوجانىياز ھاجىمغا كەلسەك ئۇنىڭدىن ھېچ ئاغرىنمايمەن. چۈنكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ھەقلىق تەرەپلىرى بار. ئەگەر بىز چىن نىيىتىمىز بىلەن بۇ جېنىمىزنى قۇتۇلدۇرىمىز دېگەن بولساق، ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرالايتتۇق. لېكىن بۇنىڭ بىلەن خوجانىياز ھاجىمنى ئوسال بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولاتتۇق. ئۇنىڭ شۆھرىتى ۋە شۇنچە يىلدىن بېرى قان كېچىپ قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى خۇددى ئىسسىق ئاپتاپتا قالغان مۇز پارچىلىرىدەك بىراقلا ئېرىپ، قارا تۇپراققا سىڭىپ كېتىشكىمۇ ئۆلگۈرەلمەي ھەممىسى پارغا ئايلانغان بولاتتى.
بىز خوجانىياز ھاجىمنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئالدىدىكى لەۋزىنىڭ يەردە قالماسلىقى ئۈچۈن، بىلىپ تۇرۇپ بۇ يولغا چىققان بىز. چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ خوجانىياز ھاجىمغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشىغا ئازراق بولسىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن بولىمىز. بۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز بىر مەزگىل كۈننىڭ نۇرىنى كۆرىدىغان بولىدۇ. بۇ قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، ئەلۋەتتە ھازىر بۇنىڭغا ھېچقايسىمىز بىرنېمە دېيەلمەيمىز. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئەڭ ئاخىرىدا بىز يەنىلا مەغلۇپ بولغۇچىلار قاتارىدا تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالىمىز. ئورۇن ئالغۇچىلارنىڭ بېشىدا ئەلۋەتتە خوجانىياز ھاجىممۇ بار بولىدۇ. دەرۋەقە ھازىر بۇنىڭدىن باشقا بىر يولىمىزمۇ يوق. شۇڭا، خوجانىياز ھاجىمنى ئازراق بولسىمۇ ئىنقىلابنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشتۇرۇش ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى چوڭ بالادىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئەسكى ئات ھارۋىنىڭ ئۈستىدەبىز. بولمىسا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دېگىنىنى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىدى زادى ئېنىق. ئۇلار بىزنىڭ تۈركچىلىك ۋە ئىسلام نامىدا قۇرۇلغان دۆلىتىمىزنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ بېقىنىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. مەن باشتىلا بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ بەزى پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساممۇ، ئەمما تۈركچىلىك بىلەن ئىسلامىزم تەرەپدارلىرى يەنىلا كۈچلۈك تەرەپنى ئىگىلىدى. مەن يالغۇز ۋە چارىسىز قالدىم. ئەسلىدە، بۇنداق بىر تارىخىي پەيت كەلگەن چاغدا قوشنىلار نېمە دېسە ھە دەپ، شۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە بىر دۆلەت قۇرۇۋالغان بولساق، مۇسۇلمانچىلىق ئاستا – ئاستا دەپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىمىز ئەڭ ئارزۇ قىلغان غايىگە يېتىپ بارالايتتۇق. سەپداشلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى دۆلەتتىن بەتتەر «ئىزم»لارنى بەك ئۇلۇغ بىلدى. ئۇلار «قۇياش يىراق بولسىمۇ، ئاپتىپى يېقىن» دېگەن تەمسىلنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىدى.
ھازىر مانا يولنىڭ بېشىدىلا مەغلۇپ بولدۇق. ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاننى ھەرگىز ئويلىمىدۇق. بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، دۇنيادا كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان قوشنىمىزنىڭ پەشۋاسى بىلەن بۇرنىمىزنى قاناتتۇق. بۇ ئىشلاردا ئەلۋەتتە مەندىنمۇ كۆپ سەۋەنلىكلەر ئۆتتى. بۇ سەۋەنلىكنىڭ بەدىلىنى مانا ئەمدى جېنىم بىلەن تۆلەيدىغان ئوخشايمەن. بەلكى بۇمۇ تەقدىرنىڭ بىر قىسمىتىدۇر. شۇڭا مەن بۇ يولغا جېنىمنى تىكتىم. مۇشۇنداق بولغاندا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، جاھان ئازراق بولسىمۇ تىنجىپ، خوجانىياز ھاجىم ئۆزى ئويلىغانلىرى بويىچە بىر ئىشلارنى قىلار، قالغىنى ئاللاھ كەرىم. كېيىنكى ئەۋلادلار بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن شۇ سەۋەنلىكلىرىمىزنى تەكرارلىماي، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ئىش قىلار ئىنشائاللاھ. ئەمما مۇشۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكىمۇ سەۋىيە، بىلىم ۋە سىياسەت كېتىدۇ. بۇنىڭغا بىر توغرا پىكىر، بىر توغرا مەپكۇرە لازىم بولىدۇ. قانداق بىر پىكىر، قانداق بىر مەپكۇرەنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا بولسىمۇ، مۇشۇ زېمىندا ئۇيغۇرنىڭ بىر دۆلىتىنى قۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. ئەپسۇس بىز بۇ قېتىم ئۇنداق قىلالمىدۇق. ھەممىمىز ئورتاق بىر پىكىر، ئورتاق بىر مەپكۇرە بىلەن يولغا راۋان بولماي، ئەكسىچە، ھەممىمىز يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈۋېلىپ، ھارۋىنى ئۆزىمىز بىلگەن تەرەپكە تارتتۇق. ئاخىرى ھارۋىنى سۆرەپ قىيانىڭ لېۋىگە ئەكەلدۇق – دە، ھەممىمىز بىراقلا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ ئۆزى بىلگەندە چىڭ تۇردى، خوجانىياز ھاجىمۇ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولغا ھارۋىنى تارتتى. ئاخىرىدا خوجانىياز ھاجىم كۈچلۈك كەلدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا يان تاياق بولغان سوۋېتلەر بار. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر مەزگىل تۇرغان ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستانچىلىق ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى، ئۇيغۇر نامىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رېسپۇپلىكىلاردەك قىلىپ بىر رېسپۇپلىكىنى قۇرۇپ چىقىش. ئەمما بۇ مېنىڭ كاللامنى قوچۇۋاتىدۇ. ئەگەر راستىنلا سوۋېتنىڭ ھىمايىسىدىكى ئاشۇنداق بىر ئۇيغۇرىستان رېسپۇپلىكىسى قۇرۇلۇپ قالىدىغانلا ئىش بولسا، ھازىر يەنە مەيلى. خەلق يەنىلا خىتاينىڭ زۇلمىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭغا ئېرىشمەكمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. خىتايلار بۇ گۆھەر زېمىندىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ. شۇڭا بىز يەنىلا بىر تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىگە موھتاج. مېنىڭچە، ھازىر خوجانىياز ھاجىم مانا شۇ كۈچكە تايىنىپ، ئاستا – ئاستا نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى، ئاخىرى مۇستەقىل ئۇيغۇرىستاننى قۇرۇپ چىقماقچى.
گەرچە ھازىر بۇ يول پۈتۈنلەي خاتادەك كۆرۈنسىمۇ، كىم بىلىدۇ، كۈنلەر كېلىپ بۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى تارىخ ئىسپاتلامدۇ تېخى. بۇ يول زاھىرەن تۈركچىلىكتىن، ئىسلامدىن سەل يىراقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۈركلىكى ئۇنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا تەقدىرىگە پۈتۈلگەن. ئۇنىڭ قېنى يەنە شۇ تۈرك قېنى. بۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى گەرچە ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار سۇتۇق بۇغراخانغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى زىنھار قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمانلىقتىن ھەرگىز ئايرىمايدۇ. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى، ھازىر قانداق بولسا بولسۇن، بىر دۆلەت قۇرۇۋېلىش يولىدا مېڭىش. دۆلەت بولغاندىن كېيىن ھەممە ھەقلەر كاپالەتكە ئىگە بولدى. دۆلەت بولمىسا مۇسۇلمانچىلىققىمۇ، تۈركچىلىككىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا ھازىر تەقدىرىمىزنىڭ مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خوجانىياز ھاجىمنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتتە قىلغان سىياسىتىگە ئەلھۆكمۇلىللاھ دېمەي ئىلاجىمىز يوق. يەنە كېلىپ بىزگە باشقا بىر چىقىش يولىمۇ يوق. بۇ يولنى سىناپ مېڭىپ باقمىغىچە بىلەلمەيمىز. بۇ يولدا ماڭساق، ئەڭ بولمىغاندا خەلقىمىزگە تەجرىبە بولسىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن بولىمىز. بىزنىڭ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلىرىمىز، يەردە يۈرۈۋاتقان تانكىلىرىمىز يوق. ئىشلىتىۋاتقان مىلتىقلىرىمىز توققۇز ئاتارلىق قوغۇشۇن ئوقلۇق ئىپتىدائىي مىلتىقلار بولۇپ، بەش پاي ئوق ئاتار ئاتمايلا ستۋولى يا قىززىپ كېتىدۇ، يا قويۇق ئىستىن ئىتىلىپ قالىدۇ – دە، جەڭنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئېتىلمايدۇ. مانا مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بىز بۇ ئىنقىلابنى ئىماننىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئېلىپ باردۇق ۋە قىسمەن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئاجىز كېلىپ، ئامال يوق مەغلۇپ بولدۇق.
يەنە بىر جەھەتتىن، بىز ئوكيان ئاتلاپ كەلگەن ئەجنەبىيلەرنىڭ گەپلىرىگە بەك ئىشىنىپ، ئۇلاردىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتتۇق. ئاخىرى ئىش چىڭىغا چىققاندا، ئۇلار بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ھەممىسى بىردىنلا ئوتتۇرىدىن غايىپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن ھەممە بالا يەنە بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ياغدى. ئەمما خوجانىياز ھاجىم يېنىمىزدىكى قوشنىمىزغا ئىشەندى، ئۇنىڭدىن ئىلغار قورال – ياراقلارنى ئالدى، كۈچلۈكلەر تەرەپتىن ئورۇن تۇتتى. ئەگەر سوۋېتلەر ئىتتىپاقى راستىنلا لەۋزىدە تۇرسا، خەلقىمىز ئازراق بولسىمۇ ئەمىنلىككە ئىگە بولۇپ، ئەڭ بولمىغاندا پەننىي مائارىپىمىزنى، سانائىتىمىزنى ۋە سەھىيە ئىشلىرىمىزنى بولسىمۇ راۋاجلاندۇرۇۋالساق، مىللىتىمىز پىكىر جەھەتتىن ئوبدانلا تاكامۇللىشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ يول سېلىۋالىدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزىمۇ نۆۋەتتىكى بىر غەلىبە. شۇڭا بىز ئىنقىلابىمىزنىڭ پۈتۈنلەي مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى شۇ كىچىككىنە ئۈمىد يولىدا قۇربان قىلىشىمىز لازىم. دېمەككى، بۇ ئەسكى يوللارنى خوجانىياز ھاجىمنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ئۈچۈن مېڭىۋاتىمىز. ئەگەر خوجانىياز ھاجىممۇ ئالدانغان بولسا، ئۇ چاغدا بىزنىڭ قانچىلىك ئاجىز، قانچىلىك بەختسىز بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىز تارىختا ئىسپاتلانغان بولىدۇ. بۇ قانلىق تراگېدىيە تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز ساۋاق بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسى نەسىل بۇلاردىن ئىبرەت ئالماي قالمايدۇ.
ھەي ئېست! ئورتاق بىر پىكىر بىرلىكى، ئورتاق بىر ئىدىئولوگىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن پۈتۈن مىللەت بىر بايراق ئاستىغا جەم بولماي تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنى باشقا ئەپ چىقىش بىزدەك ئاجىز مىللەتلەر ئۈچۈن نە قەدەر تەس – ھە! پىكىر بىرلىكىنىڭ بولماسلىقى يەنىلا پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغان. بۇ ئومۇمىي ساپانىڭ تۆۋەنلىكى بىزدىكى زامانغا ئۇيغۇن بولغان مائارىپنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىقان. شۇڭا، زامانىۋىيلاشقان بىر مائارىپ سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش بىزدىن كېيىنكى نەسىلنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. مۇشۇنداق بولغاندىلا، بىلىم قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولغان يېڭى زامانغا لايىق زىيالىيلار قاتلىمىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۈتۈن مىللەتنى ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن يولغا سالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. بىز بولساق مۇشۇ زامان، مۇشۇ ماكاندا ئۆز تارىخىي بۇرچىمزنى ئادا قىلىپ بولدۇق. قولىمىزدىن كېلىدىغىنى مۇشۇنچىلىك، بۇنىڭدىن ئوشۇقىغا قۇدرىتىمىز يەتمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. شۇڭا، تارىخنىڭ بىزگە توغرا باھا بېرىشىنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن نىياز ئەيلەيمەن!
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.
(داۋامى بار)