ھىجران يولى (2)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تېزرەك يەركەنگە يېتىم بېرىشقا ئالدىراپ، دەممۇ ئالماي كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە شۇنچىلىك خۇنۇك كۆرۈنەتتى. يول ياقىسى كەڭ كەتكەن ئوچۇقچىلىق بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىگە چېلىققۇدەك بىرەر نەرسە يوق ئىدى. ماڭغانسېرى ئالدى تەرەپتە دېھقانلارنىڭ كونا ئۆيلىرى، ئاندا – ساندا دەل – دەرەخلەر ۋە پاكار سوقما تاملار بىلەن ئورالغان باغلار كۆزگە چېلىقتى. بۇلاردىن ئۆتۈپ يەركەنگە يېقىنلاشقانسېرى ھەممە نەرسە خارابىلىققا ئايلانغاندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەتراپتىكى تورۇسلىرى كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن ئۆيلەر، شاخلىرى كۆيۈپ كۆسەيدەك قارىيىپ كەتكەن دەرەخلەر كىشىگە ۋەھىمە سالاتتى. يول ياقىسىدىكى زومچەك – زومچەك چاتقاللار ئادەمنىڭ كۆزىگە قەبرىستانلىقتەك كۆرۈنەتتى. ناگان – ناگاندا ئادەمنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان بۇغدايلىقلاردىكى ياۋا ئوتلارنىڭ بۇغداي بولۇش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىپ بوي تارتىشلىرى، كىشىنى تەئەججۇپلەندۈرمەي قالمايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يولمۇ ئوبدانلا ئاۋۇدى. ئەمدى كۈن بارا – بارا پەسلىمەكتە ئىدى. قاراقۇرۇم تاغلىرى بىپايان زېمىننىڭ غۇۋا كۆلەڭگىسى ئۈستىدە يەنىلا ھال رەڭ نۇر چاقنىتىپ تۇراتتى. يول بەكمۇ ئەسكى بولۇپ، ھەممىلا يېرى ئېرىققا ئوخشاش چاق ئىزلىرى ۋە سېرىق تۇپراق قاتلىمىدا ھارۋىلار قالدۇرۇپ كەتكەن چوڭقۇر كاتاڭلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەنە شۇنداق ناچار يوللاردا تولا مېڭىپ چارچىغان، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشلىرىنى ۋە يوللاردا سەپەرداشلىرىنىڭ خائىنلىق قىلىشلىرىنى كۆرۈپ ھالسىرىغان ئىدى. ئۇ شۇنچە ياش قىز – يىگىتلەرنىڭ ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاشۇ كۆكتە ئۇچۇپ يۇرگەن قۇشلارنىڭ ئۆمرىدىنمۇ قىسقا بولۇشلىرىغا قاراپ ئىزتىراپ چېكەتتى.
بۇ ھايات يوللىرىنىڭ ھەر دوقمۇشىغا ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرۇلغان پۇسۇلارنى، پىستىرمىلارنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپ قان يۇتاتتى. ئۇ يېنىدا ھېچبىر قېرىنداشلىرىنىڭ يوقلۇقىدىن، خۇددى يەردە ئۆمىلەپ يۈرگەن يالغۇز كەسلەنچۈكتەك بۇ ئەسكى يوللاردا قاتراپ يۈرۈشلەردىن ھارغان، شامالدەك گۈررىدە كېلىپ ئۆزىنى ئورۇۋالغان دەرد – ئەلەملەرنىڭ دەستىدىن ھەقىقەتەن جاق تويغان ئىدى. يوللاردا نەگە بارىدىغانلىقى، نەدە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدىغان سەپداشلىرى ئۇنىڭغا ھەسرەت قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى يېڭى بىر دەرت، يېڭى بىر ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاشلاردىن تويغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئازابلارنى تارتىشقا، بۇ يوللارنى مېڭىشقا ماجالى قالمايۋاتاتتى. ھەي! بۇ زېمىندا شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇكى، بەزىدە، خۇدانىڭ بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن يول قويۇۋاتقانلىقىغا ئۇ ھەيران قېلىۋاتاتتى. لېكىن نە چارە، ئۇ چوقۇم يەنە بۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى، بۇ يولنىڭ ئاخىرى ئازاتلىققا، ئەركىنلىككە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ يولنىڭ يولباشچىسى، شۇڭا، مەيلى ھەرقانداق قاراڭغۇ زۇلمەت بۇ مىللەتنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ياغسىمۇ، مەيلى ھەرقانداق پىكىر ئېقىملىرى ئۇنىڭ ئالدىنى توسسىمۇ، مەيلى ھەرقانداق پاجىئە بۇ يۇرتتا يۈز بەرسىمۇ، مەيلى ھەرقانداق زوراۋان كۈچ بۇ مىللەتكە قەبىھلىك قىلىپ، دەپسەندە قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز ھىمايىچىلىرىنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، ئەركىنلىك، ھۆرلۈككە ئاپىرىدىغان بۇ يوللاردىكى تىكەنلەرنى دەسسەپ، ئالغا قاراپ كېتىۋېرىشكە ئىرادە باغلىغان ئىدى. ئەركىنلىك، ئازاتلىققا پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن مۇشۇ ئەسكى يوللاردا مېڭىش ئارقىلىق ئاندىن ئېرىشكىلى بولاتتى. چۈنكى، چىن ئىرادە بىلەن باسقان بۇ يولدا ئەركىنلىك، ئازاتلىقنىڭ ئىزلىرى بار، بۇ يوللارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ھۆرلۈك مەنزىلى ئىدى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يەركەنگە يېرىم كېچىدە ئاياق باسقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھاردىم – چارچىدىم دېمەي مەسلىھەتدىشى سابىت داموللام بىلەن باش قوشۇپ، بۇندىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئەمما، كونكرېت ئىشلار توغرىسىدا ئۇلار ئېنىق بىر قارارغا كېلەلمىدى. چۈنكى، ئەسكىرىي كۈچنىڭ ئاساسلىقىنى ئىگىلىگەن مەھمۇد مۇھىتى خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەمرى بىلەن ئىش قىلىدىغان قوماندان بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرلىكسەپ تۈزۈپ تۇڭگانلارغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئىمكانىيىتى يوق دىيەرلىك ئىدى. كۆزگە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ قاتمال سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشقا ھازىر سابىت داموللاممۇ چارىسىز قالغانىدى. شۇڭا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆزىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىشنى ئويلاپ، دەرھال قوماندانلىق شىتابىنى يېڭىشەھەردىن كونا شەھەرگە يۆتكىدى. سابىت داموللام ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ شەھەر تېشىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئادەملىرىدىن ئالغان ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خوجانىياز ھاجىمنىڭ ھەقىقەتەن نىيىتىنى بۇزغانلىقىنى، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى كۆزلەپ، تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئورنىغا سابىت داموللام ۋە ئۆزىنى قولغا ئېلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالدى.
دېمەك، خوجانىياز ھاجىم ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەقلى بويىچە ئىش قىلىش يولىنى تاللىغان بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاغدەك ئىشەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاشقا بويۇن ئەگكەن بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋاللار كېيىنكى كۈنلەردە، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا تۇتقان پاسسىپ مەيدانىدا روشەن ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يەنىلا ئۆزىنى ئوتقا ئېتىپ، قولىدىكى بار كۈچتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ۋە مەھمۇد مۇھىتى بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئالىمادىس ئىچكى ئۇرۇش كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەرھال خوتەنگە قايتىپ، ئۆز يۇرتداشلىرى بىلەن قۇرغان «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى»نى قوغداپ، خوتەندە بولسىمۇ مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەتنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز پىكرىنى سابىت داموللامغا ئادەم ئەۋەتىپ يەتكۈزدى ۋە سابىت داموللامنىڭ كونا شەھەرگە دەرھال كېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما سابىت داموللام كونا شەھەرگە ھازىرچە كىرمەيدىغانلىقىنى ۋە ئەھۋالنى كۆزىتىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، زادى ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا تۇرىۋەردى. بۇ دەل، 1934-يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئىدى.
ئەپسۇس شۇ كۈنى كەچتە مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئەمرى بىلەن ھاپىز تەنجاڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، سابىت داموللامنىڭ تۇرالغۇسىنى قورشۇۋالدى ۋە سابىت داموللامنى تۇتۇپ پۇت قولىغا كىشەن سېلىپ، دۈشكەلەپ ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللامغا ھەقىقەتەن ھار كەلدى. ئۇنىڭ پولتايغان كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى ئۆچكەن، چۇۋۇلغان سەللىسىنىڭ ئۇچى مەيدىسىگە چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇ بارلىق ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش شۇنچىلىك تەشۋىش ئىچىدە قالغان بولۇپ، خۇشاللىقى دەردكە ئۆزگىرىپ، سۈكۈناتى بېشىغا بالا بولغانىدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇلىرى، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرى كەچ كۈزنىڭ ئاچچىق شاماللىرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن غازاڭلاردەك، ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئاياق ئاستىدا چەيلىنىپ، خازان بولۇپ كەتكەن ئىدى. شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ قەلبىدە دولقۇنلاۋاتقان ھېسلىرىدىن پەيدا بولغان ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ جاننى ئازابلايدىغان ئاچچىقى، ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ يۈرىكىنى چوغدەك قىزارغان داغمال بولۇپ داغلىماي قالمايتتى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىنى ئويغىتىپ ئۇنىڭ قەلبىگە ئۈمىد مايسىلىرىنى تىككەن بۇ زاتنىڭ قول – پۇتلىرىنىڭ بۇنداق شىددەتلىك كىشەنلىنىشى، ھەق قۇياشىنىڭ نۇرىدىن ئەسلىدىلا زەررىچىلىكمۇ بەھرىمەن بولالمىغان بەزى نائەھلىلەرنىڭ ئامىتىگە ئامەت قوشتى ئېچىنارلىقى، ئەزەلدىن بولۇپ كېلىۋاتقان ئەقىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئەسكىلەر غالىپ كېلىپ ياخشىلار مەغلۇپ بولغان، زالىملار يېڭىپ مەزلۇملار ئۇتتۇرغان ئىدى. مۇنداق تېز قىلىنغان بىر ھەملە بىلەن يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بولۇپ، بۇندىن كېيىن بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمەيتتى. چۈنكى، بۇ سىياسىي ھەملەدە مىللەتنىڭ شاھ تومۇرى كېسىلگەن ئىدى. دېمەك، «ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماس» دېگەندەك، بەختىيار چاغلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولدى. خەلق ئەمدىلەتىن ئۆز دۆلىتىنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ نەچچە ئاي بولا – بولمايلا، قورقۇنچلۇق قارا كۈنلەر يەنە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. تۇماندەك قارا بۇلۇتلار كۆك ئاسماننىڭ يۈزىنى قاپلىغان بولۇپ، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان خوتەن دەرياسىمۇ ئۆزىنىڭ شاپائەت قولىنى بۇ زېمىنغا سۇنالماي چارىسىز قالغانلىقتىن، غەزەپ بىلەن دولقۇنلاپ تاغلار ھاسىل قىلدى. قاراڭغۇ تۈن بىلەن يورۇق كۈن روبىرو تۇتاشقان گىرۋەكلەرنى يورۇتۇپ تۇرغان ھىلال ئاي، زۇلۇمنىڭ ئىزناسىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بۇ ئانا يۇرتنى يورۇتۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەزىز پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ ئەلەم – ھەسرىتى ئىچىدە نىقاپلىنىپ غايىپ بولدى. پۈتۈن ئانا يۇرت قارا تۈن ئىلكىدە ئېغىر تولغاق ئازابىدىن ئىڭراۋاتقان ئانىدەك قاتتىق سىلكىنىپ، ئازابلىق نىدا قىلماقتا، ھەر جاينى ھۇقۇشلار قاپلاپ، پەنەرى ئۆچكەن يولچىلار يولدىن ئازماقتا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ تۆمۈر تاپىنىدا ئېزىلمەكتە ئىدى.
سابىت داموللامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۇنىڭ ھاياتىدىن خاۋاتىرلىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇ مەھمۇد مۇھىتىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، بۇ ئورۇنلۇق ھەققانى تەلەپ مەھمۇد مۇھىتى تەرىپىدىن قەتئىي رەۋىشتە رەت قىلىندى. پەقەت سابىت داموللامنى قويۇپ بېرىش رەت قىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە كونا شەھەردىكى ئەسكەرگاھىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىمۇ قولغا ئېلىش پەيلىنىڭ يوق ئەمەسلىكى، ئايغاقچىلار تەرىپىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى. ئەگەر مەھمۇد مۇھىتى خوجانىياز ھاجىمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كونا شەھەردىكى خوتەن كۈچلىرىنىڭ ئەسكەرگاھىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ئىش راستىنلا يۈز بېرىدىغان بولسا، بولغۇلۇق يەنىلا ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە بولاتتى. يات دۈشمەن بوسۇغىغا ئاياق باسقان بۇنداق نازۇك بىر ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىپ قان تۆكۈلسە، بۇ قانلار بىلەن تارىخ تەزكىرىسىنىڭ ئاق بەتلىرىگە مەڭگۈلۈك نومۇسنىڭ سەتىرلىرى پۈتۈلەتتى. چۈنكى سابىت داموللامنىڭ بىر جېنى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئاز دېگەندە مىڭلىغان باھادىر يىگىتىنىڭ قانلىرى دەريا بولۇپ ئاقاتتى. ئەگەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالماي غەزەپلىك قەھرى قۇتراپ، مەھمۇد مۇھىتىغا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشى ئېلىپ بارسا، خۇددى ئۆز زەھىرى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن چاياندەك ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالاتتى. ئەمما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز زەھىرى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغان چايانلاردىن ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇ تەلىم – تەربىيە كۆرگەن بىر قوماندان ھەم سىياسەتچى ئىدى.
تەلىم – تەربىيە ئىنسان روھىنىڭ نۇرى بولسا، سۆز – ھەرىكەت بۇ نۇرنىڭ جۇلاسى. شۇڭا، ئۇ بۇ ھەقىقەتكە ئاساسەن دەرھال ئۆزىنىڭ ھېسسى تۇيغۇلىرىنى تىزگىن ئاستىغا ئېلىپ، ئەقىل ۋە مەنتىق بىلەن سۆز – ھەرىكەت قىلىشنى تاللىدى. ئۇ بۇ جىددىي ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ، قول ئاستىدىكى غاپپار ھاجى، تۇرسۇن باقى خان ۋە مۇھەممەد ئىيسا قاتارلىقلار قوماندانلىرى بىلەن باش قوشۇپ، ئەمدى قانداق قىلىش ۋە قانداق تەدبىر ئېلىش توغرىسىدا ئەھلى كېڭەش ئېلىپ باردى. ئەھلى كېڭەش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇھەمەد ئىمىن بۇغرا مەھمۇد مۇھىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئورنىغا دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن يەركەندىن خوتەنگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار ئارقىلىق ئۆزئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزئارا بىرلىكسەپ قۇرغان، ئۆزئارا ئىشەنگەن، ئۆزئارا قول بېرىشكەن ئادەملىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئويلاپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۈمىدلىرى، ئارزۇلىرى، ئۇلارغا بولغان كۆڭلى تامامەن سۇنغان، قەلبى زەخىمناك بولغان ئىدى. ئۇ بۇلارنى ئويلاپ ئاچچىق كۈلدى، ئاندىن خوتەن يولىغا قاراپ قەھرى بىلەن ئات سالدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ يولچىلىقى ئارقىلىق خوتەننى يىمىرىلمەس قورغانغا ئايلاندۇرۇپ، بىر تەرەپتىن خوتەن دىيارىنى تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قىلىشنى ئويلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئۆزىنى تۇتۇش ۋە خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ، خوتەن خەزىنىسىگە چاڭ سېلىش پىلانىنى بىتچىت قىلغان ئىدى. دېمەك، دۇنيادىكى ئىشلار خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئاتىلىرىمىز ئېيتقاندەك، «بىر تۈلكىنىڭ تېرىسى ئىككى قېتىم سويۇلمايدۇ» – دە.
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.
(داۋامى بار)