You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (1)

ھىجران يولى (1)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

زامان پۈتۈنلەي ئاينىدى،

ئوسال كىشىلەر تەۋرىدى،

پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،

دۇنيا بېگى يوقۇلۇپ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن.

يول، يول يوق يەرلەردە ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ مەيلى تاغ جىرالاردا،  مەيلى دەشتى – چۆللەردە ۋە ياكى يانتاق قاپلىغان تۈزلەڭلىكلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە ھامان ئادەم ماڭىدۇ. شۇڭا ئادەملەر ھامان ئۆزى ماڭىدىغان يولنى ئۆزى تاپىدۇ. بۇ، ئىلگىرىمۇ شۇنداق بولغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق داۋاملىشىدۇ، ھەتتا بۇ يولنىڭ ئاخىرى ھىجران بىلەن نەتىجىلەنسىمۇ. شۇ ۋەجىدىن ئىنسانلار ھەرگىز يولسىز قالمايدۇ، غېرىپلىق ئىچىدە يولچىلىقتىنمۇ قىلىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ھاياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھامان بىر ياخشى يولنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىلەن بىرگە يولچىلىقمۇ مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ، يەنى، تاكى ئادەم ئۆلگۈچە ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قىيامەتكىچە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەبەيدۇللاھ ئەكەلگەن قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىككى ئىنىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. چۈنكى، ئۇ ئەبەيدۇللاھ كېلىشنىڭ ئالدىدىلا يەركەندىن كەلگەن خەۋەرچىلىرىدىن يېڭىسارنىڭ تەلتۆكۈس تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇ يەردىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ نەقەدەر ھەددىدىن ئاشقان بىر ۋەھشى قەتلىئام بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى. ئۇ بۇ چاغدا يىغلىمىدى، بىراق، ئۇنىڭ روھى سەدپارە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىچىدە: «تەۋبە، تەقدىر – قىسمەتنى ئەجەپمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن – ھە! بۇ ھايات بىزگە نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك رەھىمسىزلىك قىلىدۇ؟ قاراپ تۇرۇپ ئىككى ئىنىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، يەنە كېلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز قالدىم ۋە ئاجىزلىق قىلدىم» دەپ قاتتىق ھەسرەت چېكىپ، كۆڭلى پەرىشان بولۇۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىر يولباشچى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماي، ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ، جالالىدىن رۇمىنىڭ: «پۇتۇڭغا تىكەنلەر پاتسىمۇ قايغۇرما، بەلكى ئۇ سەن ئىزدىگەن گۈلنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. قولۇڭ سۇنسىمۇ قايغۇرما! بەلكى ئاللاھ ساڭا قانات بېرىدىغاندۇ!» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئەسكە ئالدى. ئەمما، مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھەرقانداق بىر سۆز، ھەرقانداق بىر جۈملە، ھەرقانداق بىر دەريا ئۇنىڭ يۈرىكىدە يانغان ئازابلىق ئوتنى ھەرگىز ئۆچۈرەلمەيتتى. ئۇ ئاخىر دەرھال بىر قارارغا كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى ئارقىغا سېلىپ يەركەن يولىغا قاراپ ئات سالدى. ئۇنىڭ مەقسىدى يەركەندە تۇرۇۋاتقان خوجانىياز ھاجىم بىلەن بىرلىشىپ، زور قوشۇن بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى.

ناۋادا بۇ ئويلىغانلىرى ئەمەلگە ئاشماي قالسا، سابىت داموللامنىڭ قوللىشى ئاستىدا، يەركەندىكى ئۆز قوللىغۇچىلىرىنى تىنچ بىر يول بىلەن خوتەنگە قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، ئەڭ بولمىغاندا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» نى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنىڭ يەركەنگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يېزىلغان بىر پارچە خەت بىلەن خەۋەرچىسىنى تۈنۈگۈن يەركەنگە ماڭغۇزىۋېتىپلا، مانا بۈگۈن بامدات نامىزىدىن كېيىن يەركەنگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى. ئىككى سائەتتىن بېرى ھېچ تىنماي داۋام قىلغان بۇ يولچىلىق مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى ئۆز خىياللىرىدىن يىراق قىلالمىدى. ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت – ماكان، ئانا تۇپراقلار ئارىسىدىن يورغا ئاتنىڭ يورغىلىشىغا تەڭكەش قىلىپ خىيال بىلەن كېتىۋاتقاندا، ئۇ ئۆزىدە بار دەپ ھېسابلىغان كۈچتىنمۇ بەتتەررەك بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى. ئەلۋەتتە، بۇ كۈچ جىسمانىي بىر كۈچ بولماستىن، بەلكى روھىي جەھەتتىكى كۈچى ئىدى. زاماننىڭ توختاۋسىز ئۆتۈشى ۋە ماكانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى بىلەن دەرتلەرنىڭ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنىڭ قوغلىشىپ كېلىپ يۈرەكنى مۇجۇشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ روھى كۈنساناپ تاۋلىنىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ بۇ يولچىلىقنى جىددىي بىر يولچىلىق دەپ سانىغان بولسىمۇ، ئەمما رېئاللىقتىكى يولچىلىقتىن بەكرەك خىيال دۇنياسىدىكى يولچىلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتاتتى.

ئاپرېل ئايلىرى بولغاچقا ئەتراپتا باھارنىڭ ئالامەتلىرى كۆزىگە تاقىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا زوق بىلەن قارايدىغان ھېچبىر كۆز يوق ئىدى. ئەنە، ئاپرېل ئايلىرىنىڭ قۇياشى كۈندىن – كۈنگە ئىسسىۋاتاتتى، ئۈستىدە قارا بۇلۇتلارنىڭ ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى سەزمىگەن بۇ ئانا يۇرت يېشىللىققا پۈركىنىپ، ئۆزىنىڭ ئانىلىق مېھرى بىلەن پۈتۈن جان – جانىۋار، ئۇچار – قۇشلارغا قۇچاق ئېچىپ، كۆڭلىنى چاغ قىلىۋاتاتتى. يول ياقىسىدىكى جىگدە كۆچەتلىرىنىڭ ئېچىلاي دەپ قالغان غۇنچىلىرى ئۆزىنىڭ تازا مېزىلىك پۇراقلىرىنى كەڭ كەتكەن زېمىنغا تارقىتىپ، ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر شاخلىرىنى شىلدىرلىتىپ ئۆز كۈيىدىن، ئۆز پۇراقلىرىدىن زوقلانماقتا. ياپيېشىل قويۇق ئۆسكەن بىدىلىكنى ماكان قىلغان بۆدۈنىلەر تىنماي يېقىملىق سايراشماقتا. بىراق، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئەنە شۇنداق سېخىيلىق بىلەن قىلىۋاتقان شاپائىتىنى كۆرىدىغان نە كۆز، ئاڭلايدىغان نە قۇلاق، بىلىدىغان نە ھېس بار دەيسىز. چۈنكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان ئەردەم، ئەبەيدۇللاھ قاتارلىق خوتەن باھادىرلىرىنىڭ يۈرەكلىرىدىكى ھال – مۇڭى، ئازابى، ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، ئەتراپتىكى بۇ تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى تۇيغۇدەك ھاللىرى قالمىغان ئىدى. ۋەھالەنكى، تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ قوينىدىكى بارلىق مەخلۇقلارمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ بۇنچىلىك مۇرەككەپ، بۇنچىلىك قانلىق ئۇرۇشلار بىلەن تولغان، ياخشلىق بىلەن يامانلىق دائىم تىركىشىپ تۇرىدىغان بىر ھايات ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئەقىل ۋە ئىدراكقا ئىگە بولغان ئىنسانلار ئۆز ئۆزىنى بىلىش جەريانىدا بىر – بىرلىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھابىل بىلەن قابىلدىن تارتىپ تا بۈگۈنگە قەدەر مەزلۇملارنىڭ زالىملاردىن مەغلۇپ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىسمەتنى بىلەلمەيۋاتقان چاغدا، بۇ سېخىي تەبىئەت، بۇ مەرت باھار نەدىن بىلسۇن.

ئەنە شۇنداق يوللاردا كېتىۋاتقان قوشۇننىڭ ئالدىدا، بىردىنلا يىراقتىن قاتار – قاتار چوقچىيىپ كېلىۋاتقان قوڭۇر تۆگىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كېلىۋاتقان تۆگە كارۋىنى ئۇنچىلىك كىچىك كارۋانلاردىن ئەمەس بولۇپ، سانى تەخمىنەن يۈزگە يېتىپ باراتتى. ھەممە تۆگىنىڭ ئۈستىگە ئېغىر يۈكلەر ئارتىلغان بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا بىرەر شەھەرنىڭ خەزىنىسىنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇقداپ، مۇشۇ تۆگىلەرنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ ماڭغاندەك بىر ئالامەت، ئۇلارنى ھەيدەپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى ئۈركەكلىكتىن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. بۇ كارۋاننى كۆرگەن خوتەن ئەسكەرلىرى جىددىلىشىپ، دەرھال ئۆزلىرىنى رۇسلاپ، ھېلى قويۇۋەتسىلا كارۋانغا قاراپ ئېتىلىدىغان ئارسلانلاردەك تەل بولۇپ تۇرۇشتى. ئەمما، بۇ كارۋاننىڭ خوجانىياز ھاجىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، كارۋانغا قەتئىي چېقىلماسلىق توغرىسىدا ئەردەمگە ئەمر قىلدى. ئەردەمنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەرمۇ جىددىي بىر ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى پەملەپ، كارۋانلارنىڭ يانلىرىنى ياقىلاپ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئۈن چىقارماي قاراپ تۇرۇشتى. قاتار – قاتار ماڭغان تۆگىلەر بويۇنلىرىدىكى كولدۇرمىلىرىنىڭ بوم ئاۋازلىرىنى ئەتراپقا يېيىپ، كەڭ ھەم ئېغىر تاپانلىرى ئاستىدىن چاڭ – توزانلارنى چىقىرىپ، ئۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدىن پاراتتىن ئۆتكەندەك ئۆتۈپ، پوسكام تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

خوتەن ئەسكەرلىرى يەنە ئالاھەزەل بىرەر سائەت يول ماڭغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قارا ئارغىمىقىغا مىنىپ، ئارقىسىغا ئىككى يۈزگە يېقىن ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان خوجانىياز ھاجىم بىلەن يول ئۈستىدىلا دوقۇرۇشۇپ قالدى. خوجانىياز ھاجىمنىڭ ھالى ھال ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى بەھەيۋەت قىياپەت بىلەن ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇشلىرىدىن زەررىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ خۇددى ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوۋچىدىن قېچىپ ھالى قالمىغان ياۋا بۆكەندەك، شۇنچىلىك چارچاپ كەتكەن بىر ھالدا ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئوۋچىنىڭ قولىدىكى قۇشنىڭ يۈرىكىدەك شۇنچىلىك تېز – تېز سوقۇۋاتقان بولغاچقىمىكىن تاڭ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سالامىنىمۇ ھۇدۇقۇش، قورقۇنچ بىر ھال بىلەن ئارانلا ئىلىك ئالدى. ئەسلىدىلا دوست بولغان بۇ ئىككى يولباشچىنىڭ كونا يولدىكى بۇ ئۇچرىشىشى، خۇددى كىشى تەسەۋۋۇرىدىكى رەقىبلەرنىڭ تار كوچىدىكى ئۇچرىشىشىنى ئەسلىتەتتى.  ئىككىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى بىر – بىرىگە دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى دېيىشىۋېلىشنىڭ سورۇنى، مانا بۈگۈن مۇشۇ يول ئۈستىگە راسلانغاندەك قىلاتتى. ئۇلار سوغۇق سالاملىشىشلاردىن كېيىن، يولنىڭ ياقىسىدىكى سۇسىز ئېرىقنىڭ قىرىغا سېلىنغان تېكمەتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، جىددىي مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ھەر كىم ئۆزىنىڭ قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ، قارشى تەرەپنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا  ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايلا، بىۋاستە گەپنىڭ پوسكاللىسىغىلا كۆچتى:

–  مېنىڭ بۇنداق ئالدىراپلا يەركەنگە يولغا چىقىشىمدىكى مۇددىئايىم، مەن سىلە بىلەن ئۆزئارا كېلىشكەندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، تۇڭگانلارنىڭ ئۈستىگە جازا يۈرۈشى قىلىش ئىدى. ئەمما، سىلە مېنىڭ كەلمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىپ، ئالدىراپلا بۇ سەپەرگە چىققاندەك تۇرىلا. تېخى تۇڭگانلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە پارلاق كېلەچەكلىرىنى ئويلاپ، يەركەن خەزىنىسىدىكى بارلىق جاۋاھىراتلارنى بىراقلا ئېلىپ مېڭىپتىلا. مەن سىلە بىلەن بۇنداق بىر كۆڭۈلسىز ۋەزىيەتتە، بۇ توپىلىق يولدا ئۇچرىشىشنى ئەسلا ئەقلىمگە كەلتۈرمىگەن ئىدىم. شۇنداقتىمۇ يەنە ئۈمىدىمنى ئۈزمەي، سىلىگە بولغان ھۆرمىتىمنى ساقلاپ، يۈرەك سۆزۈمنى ئۆز ئاغزىم بىلەن دەي. مۇشۇ كەمگىچە ھەر ئىككىلىمىز زالىملارغا قارشى باش ئەگمەي كۈرەش قىلىپ كەلدۇق. خائىنلار ئىچىمىزگە سوقۇنۇپ كىرسىمۇ ئەمما يەرگە يىقىلمىدۇق. بىزنى يوقاتماقچى بولغانلار بىلسۇنكى، بىز شاھادەت يولىدا ماڭغان يولچىلار بىز. شۇڭا بۇ يولدا ئالدىمىزغا چىققان قىيىنچىلىقلارنى بال دەپ بىلدۇق. شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ھازا ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي يەنە جەڭگە ئاتلاندۇق. شۇڭا بۈگۈنكىدەك جىددىي بىر ھايات – ماماتلىق پەيتتە كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرسەك، بىزگە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ.

ئەگەر نىيەتنى خالىس قىلىپ بۇ يولدا ئارقىغا يانماي ماڭىدىغانلا ئىش بولسا، قۇتلۇق دەۋايىمىز يولىدا قارا تۇپراققا بەرگەن ھەر يىگىتىمىز تىرىلىش چىنارىغا بەرگەن جان سۈيىمىز بولۇپ قالىدۇ. تۇپراققا بىر يىگىت تىكسەك مىڭ يىگىت ئۈنۈپ چىقىپ، قوشۇنىمىز زورىيىپ، خەلقىمىز بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگىشىدۇ. خەلقىمىز ھازىر بىزدەك يولباشچىغا بەكمۇ موھتاج. شۇڭا دەيدىغىنىم شۇكى، سىلە ئارقىغا چېكىنمەي مېنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىغا قاراپ ماڭسىلا! بۇ يولدا ئۆلسەك بىللە ئۆلەيلى، ھايات قالساق، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرايلى. مەن سىلىگە موھتاج، خەلقىمىز سىلىگە موھتاج. ھەر ئىككىلىمىزدە جاسارەت دەيدىغان نەرسە بار، ھازىرغىچە مەندىكى بۇ جاسارەت مېنى تېخى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتمىدى، سىلىنىمۇ ھەم شۇنداق. مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىمۇ مەندىكى ئاشۇ جاسارەت سىلىگە مۇشۇ گەپلەرنى دېيىشكە جاسارەتلەندۈردى. بۇ جاسارەت بىلەن يا بىز ئۆلۈمىز، يا تۇڭگانلار.

بۇ سۆزلەرنى جىددىي بىر قىياپەت بىلەن ئاڭلىغان خوجانىياز ھاجىم سۆز باشلاشنىڭ ئالدىدا بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى بىلەن قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تەپەككۇرى ئارىسىدا ھەقىقەتەن نەچچە قەۋەت تاش تامنىڭ بارلىقىنى قەشقەردىكى چاغلىرىدىلا پەملىيەلىگەن ئىدى. خوجانىياز ھاجىم ئۇيغۇرىستاندىن گەپ قىلسا، ئۇلار ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىن سۆز ئاچاتتى. خوجانىياز ھاجىم سوۋېت ئىتتىپاقى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشتىن سۆز ئاچسا، ئۇلار سوۋېت بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن سۆز ئاچاتتى. خوجانىياز ھاجىم ياخشى دېگەننى ئۇلار ئەسكى دەيتتى، خوجانىياز ھاجىم بولمايدۇ دېسە، ئۇلار، ھە بولىدۇ، بىزنىڭ يۈزدە يۈز توغرا، بۇنىڭغا ئاللاھ كېپىل دەيتتى. خوجانىياز ھاجىم بىز ئۇيغۇرلار يېڭى ئىزم پەيدا قىلىدىغان مىللەت ئەمەس، بىز ئىزمسىز بىر بىتەرەپ ئىدىيەدە ئۆزىمىزنىلا ئويلايلى دېسە، ئۇلار پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىن ۋە پۈتۈن تۈركىستاندىن سۆز ئاچاتتى.

شۇ سەۋەبتىن خوجانىياز ھاجىم ئۇنداق جاسارەتلىك سۆزلەرگە تويۇپ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم راست دېگەندەك يەركەن خەزىنىسىدىكى بارلىق بايلىقنى ئېلىپ، پوسكامغا ماڭغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى ئېنىق بولۇپ، سوۋېت بىلەن كېلىشىش قارارىغا ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان، ھەتتا بۇ توغرىسىدىكى قارارىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك خاس ئادىمى مەھمۇد مۇھىتىغا ئېيتىپ، ئۆزى كەتكەندىن كېيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا ئاللىقانداق مەخپى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى. دەرۋەقە، بۇ قېتىم ئۆزى سەل ئىككىلىنىش ئىلكىدە ۋىجدان ئازابى چەككەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما، قارارىدا يەنىلا ھەرگىز ئارىسالدىلىق ئالامىتى كۆرۈلمەيتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ قارارلىرىنىڭ توغرىلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز سۆزىنى «ئەقىل» دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىلەن باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقاندەك قىلىپ مۇنداق دېدى:

‐ دۇنيادا قۇدرەتلىك ئىككى نەرسە بار. بىرى، قىلىچ؛ يەنە بىرى، ئەقىل. ئەمما ئەقىلنى يېڭىدىغان قىلىچ تېخى ئىجات بولغىنى يوق.  بىز تۇڭگانلارنى قىلىچ بىلەن يېڭەلمىگەندىكىن، ئەمدى ئەقىل بىلەن يېڭىشىمىز لازىم. ھازىر مۇھىم بولغان نەرسە دۈشمەننىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆز   بىلەن كۆرۈش ئەمەس، بەلكى ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، ھېسلىرىمىز بىلەن سېزىپ، پىلانلىق ئىش قىلىشتىن ئىبارەت، ئۇشبۇ سەۋەبتىن بىز قەلبىمىزدىكى ئىمانغا، ئەقلىمىزدىكى چۈشەنچىگە ئىشىنىپ، ۋەتەننى ئازات قىلىشىمىز لازىم. ھازىر بولسا ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئوبدان ھېساب – كىتاب قىلىپ، ئاندىن تەدبىرلىرىمىزنى ئالىدىغان چاغ. مېنى ھازىر چېكىنىشكە يۈزلەندۈرگەن مەجبۇرىيەت، دەل ئۈستۈمگە ئالغان مەسئۇلىيەتتىن بولغان. چۈنكى، چىققان تېغىمىز ئېگىز بولسا، ئاتقان تاشلىرىمىز ئۇزۇنغا يېتىدۇ. مەن سىلىگە مىسال قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا قايسى بىر ئۇستازدىن ئاڭلىغان «ئۈچ بېلىقنىڭ ھېكايىسى» نى قىسقىلا قىلىپ ئېيتىپ بېرەي. ئەسلىدىغۇ ھازىر ھېكايە ئېيتىپ، گەپ ساتىدىغان ۋاقىت ئەمەس، لېكىن، گېزى كەلگەچكە بۇ ھېكايىنى ئېيتىش ئويىغا كېلىپ قالدىم:

«زاماننىڭ زامانىسىدا بەكمۇ چوڭ بىر كۆل بولغان ئىكەن. كۆلنىڭ ئاخىرقى ئۇچى دەرياغا تۇتىشىدىكەن. دەريا ئېقىپ دېڭىزغا قۇيۇلىدىكەن. بىر كۈنى بىرقانچە بېلىقچى بۇ كۆلنىڭ بويىغا كەپتۇ. ئۇلار كۆلگە شۇنداق نەزەر سالسا، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگىدەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال بېلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن تورلىرىنى تەييارلاشقا كىرىشىپتۇ.

بۇ كۆلدە بىرى ئەقىللىق، بىرى چالا ئەقىللىق، يەنە بىرى، دۆت بولغان ئۈچ بېلىق دوست بولۇپ ياشايدىكەن. كۆلدىكى بۇ ئۈچ بېلىق ۋەزىيەتنىڭ چاتاقلىقىنى پەرەز قىپتۇ. بېلىقلارنىڭ ئەقىللىقى ئۈزۈش تەس بولغان دېڭىز تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپتۇ ۋە: ‹مەن بۇ توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىپ ئولتۇرمايمەن، چۈنكى، قارارىمدىن يېنىشنى خالىمايمەن. ئۆز جايىمغا كۆنۈپ قالغان بولساممۇ، لېكىن سەپەر قىلىشىم كېرەك، سەپەر قىلىش ئۈچۈن جاسارەتلىك بولۇش زۆرۈر. ۋەتەن سۆيگۈسىنى باھانە قىلماڭلار، بىلىشىڭلار لازىمكى، ھەقىقىي ۋەتەن سۇدا ئەركىن ئۈزەلەيدىغان جايدۇر› دەپ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ئۈزۈپ كېتىپتۇ. بۇ بېلىق شۇنداق ئۇزۇن ئۈزۈپ دەرياغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىرى دەريا ئارقىلىق دېڭىزغا چۈشۈپتۇ. بۇ بېلىق يوللاردا نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتقان بولسىمۇ، ئەمما بىپايان دېڭىزدا خاتىرجەم ئەركىن ئۈزۈپ ياشاپتۇ. قالغان ئىككى بېلىق ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، بېلىقچىلار تورلىرىنى ھازىرلاپ، كۆلگە تاشلاشقا باشلاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن چالا ئەقىللىق بېلىق جىددىيلىشىشكە باشلاپ: ‹ئاپلا، مەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپتىمەن. ئۇ ئەقىللىق بېلىققا يولداش بولغان بولسام بوپتىكەن.

ئۇ ھازىر بىخەتەر جايغا يېتىپ بولدى. ئارقىسىدىنلا ماڭغان بولسام ياخشى بولاتتى. بوپتۇ، ئۆتكەن ئىشقا پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ، ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرغاننىڭ تېخىمۇ پايدىسى يوق. شۇڭا ئەمدى بولسىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىم كېرەك. ئۇ قېرىندىشىمىز دېڭىزغا يېتىپ بېرىپ خەتەردىن قۇتۇلدى. شۇنداق بىر ياخشى دوستۇم مېنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇنى ئويلاپ ئولتۇرماستىن، دەرھال يالغاندىن ئۆلۈكتەك بۇلۇۋالاي. سۈنىڭ ئۈستىدە قورسىقىمنى ئاسمانغا قىلىپ لەيلەپ تۇراي. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈش كەتمەيدۇ، خۇددى چۆپتەك سۈنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئاقساملا بولدى. ئۆلۈكتەك سۇغا تەسلىم بولسام نېمە بولاتتى؟ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ئۆلۈش ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بېلىق ئۆلۈكتەك بولۇۋېلىپ، قورسىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ سۇ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. ئۇ سۇ دولقۇنلىرىنىڭ كۈچى بىلەن ئاستا ئېقىپتۇ.

بۇ بېلىق گەرچە بېلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بېلىق بولسىمۇ، ۋەھالەنكى بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بېلىقچىلار ئۇ بېلىققا ئېرەنشىمەپتۇ. ئۆلۈكتەك بولۇۋالغان چوڭ بېلىق بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىدىن خۇش بولۇپ: ‹تورلىرىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قۇتۇلدۇم› دەپ، سۇنىڭ ئېقىشىغا ئەگىشىپ ئېقىپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا، بېلىقچىلار بىر بېلىقنىڭ بىپەرۋالىق بىلەن ئۈزۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە دەرھال تورنى ئېتىپ، ئەخمەق بېلىقنى تۇتۇۋاپتۇ. بۇ ھاڭۋاقتى بېلىق تورنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇياق – بۇياققا پىلتىڭلاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى قۇتقۇزالماي، بېلىقچىلارنىڭ گۈلخان ئوتىدا كاۋاپ بوپتۇ. ئوتتا ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىق قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ، پىژىلداپ كۆيۈپتۇ ۋە قاتتىق ئاغرىق ئازابىدا: ‹ئەگەر مۇشۇ ئوتتىن قۇتۇلىدىغان بىر ئىش بولسا، ھەرگىز كۆلنى ماكان قىلمايمەن. يا ئاقار دەريانى ياكى چەكسىز دېڭىزنى ماكان قىلىمەن. ئۆز جېنىڭنىمۇ قوغدىيالمىغان يەردە، قانداقمۇ ئەركىن ياشىغىلى بولسۇن!› دەپ، نادامەت ياشلىرىنى تۆكۈپتۇ» دەپ ھېكايىنى ئاخىرلاشتۇرغان خوجانىياز ھاجىم، سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا:

‐ مەن يەنە بۇ ھەقتە، جالالىدىن رۇمىنىڭ مۇنداق ھېكمەتلىك سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم: ئويلاش، پاراسەتلىك بولۇش، تەپەككۇر قىلىش، تارىخنى ئەسكە ئېلىش قاتارلىقلار ئەقىلگە ئائىت خۇسۇسىيەتلەردۇر. ئەقىل بولسا يولنى ئايدىڭلاتقان مۇسانىڭ ھاسىسىدۇر، دەرغەزەپ، ئۆچمەنلىك، ۋەھىمىگە چۈشۈش، تەمتىرەپ يۈرۈش دەل پىرئەۋننىڭ قەھرىدۇر. ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەقىلنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئەقىل ئۇنۇتقاقلىق پەردىسىنى يىرتىپ تاشلايدۇ، پەرۋانىدا ئەقىل بولمىغاچقا، ئۇنۇتقاقلىقىدىن دائىم ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدۇ»- خوجانىياز ھاجىم ئۆزۈمچىللىك قىلىپ تۇرۇپ، جاھىللىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن سەل مەغرۇلانغاندەك قىلىپ، كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا بىر قارىۋالدى – دە،  سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:

‐ بىز ھازىر بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن، تۆلىگەن بەدەللەردىن ئىبرەت ئالماي، داۋاملىق ئۆزىمىزنىڭ جاسارىتىنى كۆپتۈرۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئاۋۇندۇرساق، ئۇ ھالدا زۇلمەتلىك تۈنلەر دەل شۇ يەردىن باشلىنىپ كېتىدۇ. بىز بىر قۇش بولمىغاندىكىن، يانىڭ بويىغا كەلگەندە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا مېنىڭ قارارىم ئېنىق: ئەگەر ۋەزىيەت يار بەرسە ئۆزۈم ئاقسۇغا بېرىپ، مېنى كۈتۈۋاتقان سوۋېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىمەن ۋە قولۇمدىكى بارلىق مال – دۇنياغا تۇچلۇق ئوق – دورا،  قورال – ياراق سېتىۋالىدىغان ئىشنى قىلىمەن، ئاندىن ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتىمەن.

خوجانىياز ھاجىم سۆزىنىڭ ئاخىرقى جۈملىلىرىنى تولۇق چۈشۈرۈشكە جاسارەتسىزلىك قىلىپ، دېمىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. بۇ ھاللارنى كۆرۈپ بىر نېمىلەرنى تۇيغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، بىر جەھەتتىن خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئۆزۈمچىللىكىگە ئاچچىغى كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە شۇملۇقلارنىڭ ياتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولالماي، بىقارار بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ، «شەرقىي تۈركىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان بۇ ئادەمنىڭ ئالغان  قارارلىرىغا قاراپ، ئۇ ئۆزىنى باسالمىدى ۋە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا مۇنداق دېدى:

‐ سىلە بۇياققا قەدەم باسقاندىن بۇيان، «بۆرىنىڭ ئورتاق، قۇزغۇننىڭ دەرەخ بېشىدا» دېگەندەك، ئۆزلىرى ھەممە نەرسىمىزگە ئورتاقلاشتىلا، ھەتتا يەركەننىڭ خەزىنىسىدىن تارتىپ ئالدىلا. ئەمما بۈگۈن خەلقنىڭ بېشىغا تۇڭگاندىن ئىبارەت بۇ بالا كەلگەندە، ئالدى – كەينىلىرىگە قارىماي ئۆزلىرىنى دانا، ئەقىلدانلاردىن چاغلاپ قاچقانلىرى مېنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۇردى. سىلە بىلەن پاراڭلاشقانسېرى ئۆزۈمنى بىر ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. سىلىنى تونۇغانسېرى باشقىدىن تونۇۋاتىمەن. سىلە بىلەن بىر يولدا مېڭىشقا ھەرگىزمۇ كۆزۈم يەتمىدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، سىلىمۇ ئۆز قارارلىرىدىن يانماي يوللىرىغا راۋان بولسىلا. مەنمۇ ئالدىمغا قاراپ يول ئالاي. ئەمما مېنىڭ ئالدىمدا ئىمكانسىز دەيدىغان بىر ئىش يوق. ۋاقتى كەلگەندە ئەقىللىق بولۇپ بۇ رەزىل دۇنيادا ھايات ياشىغاندىن، ساراڭدەك ئۇرۇش قىلىپ ئۇ دۇنياغا شېھىت كەتكەن ياخشى. مۇشۇ ساراڭلىقىم بىلەن ئۇدۇل بېرىپ، يا تۇڭگانلاردىن قان  قىساسىمنى ئالىمەن، ياكى بۇ يولدا جېنىمنى پىدا قىلىمەن. ماڭا بۇنىڭدىن باشقا ئۈچىنچى بىر تاللاش يوق. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا سىلە بىلەن مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئورتاقلاشقۇم كېلىپ قالدى. قېنى گېپىمگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوبدان قۇلاق سالغايلا، بەلكى، بۇندىن كېيىن بۇنداق بىر پۇرسەت تا قىيامەتكىچە بولماسلىقى مۇمكىن:

«ھەزرىتى سۇلايمان جاھانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زامانلاردا، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى زېمىنلارنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولۇپ، ئۇچار گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ھاۋادا ئۇچۇپتۇ. ئۇ  گىلەمنىڭ ئۈستىدە غادىيىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن كارامەتلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، زېمىنغا نەزەر تاشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئۇچار گىلەم سۇلايمان پادىشاھنىڭ بۇ كىبىرلىكىدىن نارازى بولۇپ، ئاستا – ئاستا ئىگىلىشكە باشلاپتۇ. ئەھۋالنىڭ اتاقلىقىنى  كۆرگەن ھەزرىتى سۇلايمان:

‐ ئەي گىلەم، سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇم ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشىڭ كېرەك. قەددىڭنى رۇسلاپ، تۈز ئۇچ! –  دەپتۇ.

ئۇچار گىلەم تېخىمۇ بەتتەر ئىگىلىشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ھەزرىتى سۇلايمان يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ:

‐ ھەي گىلەم ساڭا بۇيرۇق قىلىۋاتىمەن، دەرھال تۈز بول! – دەپتۇ.

بۇ چاغدا ئۇچار گىلەم دەرھال زۇۋانغا كېلىپ، مۇنداق خىتاپ قىپتۇ:

‐ ھەي سۇلايمان! سەن تۈز بول! ھەممە نەرسىنى مەن ئۆزۈم قىلدىم، مېنىڭلا توغرا دېمە»

بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن دەيدىغىنىم شۇكى، بىر نەرسىنى ئەگرى كۆرگەن چاغلىرىمىزدا ياكى بىر ئىشلارنىڭ خاتا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قارايلى ۋە ئۆزىمىزگە سوئال قويايلى. زادى خاتالىق كىمدە؟ نەدە؟ مەغرۇرلانماي، ئەتراپلىق ئويلىنىپ ھۆكۈم چىقىرايلى. باسقان قەدىمىمىزنى يالغۇز ئەقلىمىزنىڭ ھۆكۈمىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە يۈرىكىمىزنىڭ سوقۇشىغا ۋە ۋىجدانىمىزنىڭ ئاۋازىغا ماسلاشتۇرايلى. چۈنكى بىز ھەزرىتى سۇلايمان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇچار گىلىمىمىزمۇ يوق. مېنىڭ ئەمدى خەقتىن مەدەت تىلەپ، ئۇلارنىڭ قولىغا قاراپ، پۇت – قولۇم باغلاغلىق ئولتۇرۇشقا تاقىتىم ھېچ يوق. يەنە خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىدىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالغۇممۇ يوق. بولۇپمۇ مىڭبىر مۇشەقەتتە، نەچچە مىڭلىغان شېھىتلارنىڭ قان بەدىلىگە قۇرغان «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى»دىن ئايرىلغۇممۇ يوق. تېخى ئەمدى چېھرى كۈلگەن خوتەن خەلقىنىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىد – ئارزۇلىرىنىڭ بىردەمدىلا سىلىنىپ كېتىشىگە مەن ھەرگىز يول قويالمايمەن.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خوجانىياز ھاجىمنىڭ بىردىنلا جۇدۇنى تۇتتى بولغاي، دەرغەزەپ بولۇپ ئورنىدىن دەس تۇردى- دە:

‐ مەن سىلىدەك قاراملىق قىلىپ، قول ئاستىمدىكى باھادىرلىرىمنى ئۆز قولۇم بىلەن ئوتقا ئىتتىرەلمەيمەن. قارارىم قارار، سىلىگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن نۈسرەت تىلەيمەن. دېيىشىدىغان باشقا بىر ئىش بولمىغاندىكىن مەن دەرھال يولغا چىقاي، ئائىلەم پوسكامغا كەلگىنىگە ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ، تېخىچە دىدار كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولمىدى. مەن ئۇلارنىڭ يەنە يولۇمغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇشىغا سەل قارالمايمەن، – دەپ، تېزرەك بۇ يەردىن كېتىشنىڭ كويىغا چۈشتى. بۇ ھالنى كۆرگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئەمدى ئەسلا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، گەپنى يەنە ئۇزارتىشنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلىپ:

‐ «ھاجىم! تاغ تاغقا قوۋۇشماس، ئادەم ئادەمگە قوۋۇشۇر» دەيدىغان ئاتىلىرىمىزنىڭ سۆزى بار، ئاللاھ نەسىپ قىلسا، جېنىمىز تەندە ئېسەن بولسىلا يەنە كۆرۈشۇپ قالارمىز، – دەپ چىرايلىق ئاقيول تىلەپ، يولىغا راۋان بولدى. خوجانىياز ھاجىممۇ ئاسانلا قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، ئەسكەرلىرى بىلەن تەڭ ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي پوسكام يولىغا ئات سالدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توپا – چاڭلار يولنى قاپقارا تۇمانلار بىلەن قاپلاپ، خۇددى قارا بۇلۇتلاردەك ھاۋادا لەيلەپ يۈرەتتى. ئەتراپتا بۇلارنى ئۇچۇرۇپ ئەكەتكۈدەك سەلكىنمۇ يوق ئىدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top