خىتاي تاراتقۇلىرىدا رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرشى
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم مەخسۇس خىتاي تاراتقۇلىرىدا رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرشىغا ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ۋە دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرشى، بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى، رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئېقىم مەسىللىرىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى