ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى پىداكار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس مۇھاجىرەتتىكى پىداكار ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئايرىلغان بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى